65
خۇدانىڭ دۇئاغا بەرگەن جاۋابى •••• «يېڭى ئىشلار»، يېڭى ئاسمان-زېمىن
ئەزەلدىن مېنى ئىزدىمىگەنلەرگە مېنى سوراش يولىنى ئاچتىم؛
مەن ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم.
مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالمىغان يات بىر ئەلگە مەن: ــ «ماڭا قارا، ماڭا قارا» ــ دېدىم.
بىراق يامان يولدا ماڭىدىغان،
ئۆزىنىڭ پىكىر-خىيالىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان،
ئاسىيلىق قىلغۇچى بىر خەلققە بولسا مەن كۈن بويى قولۇمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم.
يەنى باغلاردا قۇربانلىق قىلىپ،
ئۇلارنى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ،
كۆز ئالدىمدىلا زەردەمگە تېگىدىغان بىر خەلق؛
ئۇلار قەبرىلەر ئارىسىدا ئولتۇرىدۇ،
مەخپىي جايلاردىمۇ تۈنەپ ئولتۇرىدۇ؛
ئۇلار چوشقا گۆشىنى يەيدۇ،
قازان-قاچىلىرىدا ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ شورپىسى بار.
ئۇلار: «ئۆزۈڭ بىلەن بول،
ماڭا يېقىنلاشقۇچى بولما؛
چۈنكى مەن سەندىن پاكمەن» ــ دەيدۇ؛
مۇشۇلار دىمىغىمغا كىرگەن ئىس-تۈتەك،
كۈن بويى ئۆچمەي تۇرىدىغان ئوتتۇر!
6‏-7 مانا، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈكلۈك تۇرىدۇكى: ــ
مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ
بەلكى ھەم سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلارنى،
شۇنداقلا تاغ چوققىلىرىدا ئىسرىق ياققان،
دۆڭلەر ئۈستىدىمۇ مېنى ھاقارەتلىگەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىرلىكتە قايتۇرىمەن،
ــ شۇلارنى ئۆز قۇچاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛
بەرھەق، مەن ئىلگىرىكى قىلغانلىرىنى ئۆز قۇچاقلىرىغا ئۆلچەپ قايتۇرىمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
ساپاق ئۈزۈمنىڭ «سارقىندى شىرنە»سى كۆرۈنگەندە،
خەقلەرنىڭ: «ئۇنى چەيلىۋېتىپ ۋەيران قىلمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت تۇرىدۇ» دېگىنىدەك،
مەن ئۆز قۇللىرىمنىڭ سەۋەبىدىنلا شۇنداق قىلىمەنكى،
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلمايمەن.
شۇنداق قىلىپ مەن ياقۇپتىن بىر نەسىلنى،
يەھۇدادىنمۇ تاغلىرىمغا بىر ئىگىدارنى چىقىرىمەن؛
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تاللىغانلىرىم زېمىنغا ئىگە بولىدۇ،
مېنىڭ قۇللىرىم شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ.
10 مېنى ئىزدىگەن خەلقىم ئۈچۈن،
شارون بولسا يەنە قوي پادىلىرىغا قوتان،
ئاخور بولسا كالا پادىلىرىغا قونالغۇ بولىدۇ.
11 بىراق پەرۋەردىگارنى تاشلاپ،
مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغۇچى،
«تەلەي» دېگەن بۇت ئۈچۈن داستىخان سالغۇچى،
«تەقدىر» دېگەن بۇت ئۈچۈنمۇ ئەبجەش شارابنى قۇيۇپ قاچىلارنى تولدۇرغۇچىسىلەر،
12 مەن سىلەرنى قىلىچقا «تەقدىر» قىلدىم،
سىلەرنىڭ ھەممىڭلار قىرغىنچىلىقتا باش ئېگىسىلەر؛
چۈنكى مەن چاقىردىم، سىلەر جاۋاب بەرمىدىڭلار؛
مەن سۆز قىلدىم، سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار؛
ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلىۋاتىسىلەر،
مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىغانسىلەر.
13 شۇڭا، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
مانا، مېنىڭ قۇللىرىم يەيدۇ،
سىلەر ئاچ قالىسىلەر؛
مانا، مېنىڭ قۇللىرىم ئىچىدۇ،
بىراق سىلەر ئۇسسۇز قالىسىلەر؛
مانا، مېنىڭ قۇللىرىم شادلىنىدۇ،
سىلەر شەرمەندىلىكتە قالىسىلەر؛
14 مانا، كۆڭلىدىكى شاد-خۇراملىقتىن قۇللىرىم ناخشا ئېيتىدۇ،
سىلەر كۆڭۈلدىكى ئازابتىن زار-زار يىغلايسىلەر،
روھ-قەلب سۇنۇقلۇقىدىن نالە-پەرياد كۆتۈرىسىلەر.
15 ئىسمىڭلارنى مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا لەنەت بولۇشقا قالدۇرىسىلەر.
رەب پەرۋەردىگار سېنى ئۆلتۈرىدۇ،
ھەم ئۇنىڭ قۇللىرىغا باشقا بىر ئىسىمنى قويۇپ بېرىدۇ.
16 شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە بىر بەختنى تىلىسە،
«ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن ئاشۇ بەختنى تىلەيدۇ؛
كىمكى قەسەم ئىچمەكچى بولسا،
ئەمدى «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛
چۈنكى بۇرۇنقى دەرد-ئەلەملەر ئۇنتۇلغان بولىدۇ،
چۈنكى ئۇلارنى كۆزۈمدىن يوشۇردۇم.
17 چۈنكى قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمانلارنى ۋە يېڭى زېمىننى يارىتىمەن؛
ئىلگىرىكى ئىشلار ھېچ ئەسلەنمەيدۇ،
ھەتتا ئەسكە كەلمەيدۇ.
18 ئەكسىچە سىلەر مېنىڭ يارىتىدىغانلىقىمدىن خۇشاللىنىڭلار؛
مەڭگۈگە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار،
چۈنكى مەن يېرۇسالېمنى شاد-خۇراملىق،
ئۇنىڭ خەلقىنى خۇشاللىق بەرگۈچى قىلىپ يارىتىمەن.
19 ئۆزۈممۇ يېرۇسالېمدىن شاد-خۇراملىقتا بولىمەن،
شۇنداقلا ئۆز خەلقىمدىن خۇشاللىنىمەن؛
ئۇنىڭدا نە يىغا ئاۋازى،
نە نالە-پەريادلار ئىككىنچى ئاڭلانمايدۇ؛
20 ئۇنىڭدا يەنە بىرنەچچە كۈنلۈك چاچراپ كەتكەن بوۋاق بولمايدۇ،
ياكى ۋاقتى توشماي ۋاقىتسىز كەتكەن بوۋاي بولمايدۇ؛
يۈز ياشقا كىرگەن بولسا «يىگىت» سانىلىدۇ،
شۇنىڭدەك گۇناھكار يۈز ياشقا كىرىپ ئۆلگەن بولسا «خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان» دەپ ھېسابلىنىدۇ.
21 ئۇلار ئۆيلەرنى سالىدۇ، ئۇلاردا تۇرىدۇ؛
ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ، ئۇلاردىن مېۋە يەيدۇ؛
22 ئۇلار ياسىغان ئۆيلەردە، باشقا بىرسى تۇرمايدۇ؛
تىكىلگەن ئۈزۈمزارلاردىن، باشقا بىرسى مېۋە ئېلىپ يېمەيدۇ؛
چۈنكى خەلقىمنىڭ كۈنلىرى دەرەخنىڭ ئۆمرىدەك بولىدۇ؛
مېنىڭ تاللىغانلىرىم ئۆزلىرى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىدىن ئۆز ئۆمرىدە تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ.
23 ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ؛
ياكى ئۇلارنىڭ بالىلىرى تۇغۇلغاندا كېلەچىكى توغرۇلۇق ۋەھىمە مەۋجۇت بولمايدۇ؛
چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر،
ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ شۇنداق.
24 ۋە شۇنداق بولىدۇكى،
ئۇلار نىدا قىلىپ چاقىرماستىنلا،
مەن ئىجابەت قىلىمەن؛
ئۇلار دۇئا قىلىپ سۆزلەۋاتقىنىدىلا،
مەن ئۇلارنى ئاڭلايمەن.
25 بۆرە ھەم پاقلان بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ؛
شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ؛
يىلاننىڭ رىزقى بولسا توپا-چاڭلا بولىدۇ.
مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛
ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار.   
 
 
65:2 «يامان يولدا ماڭىدىغان...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ياخشى ئەمەس يولدا ماڭىدىغان...». 65:3 «(ئۇلار)... باغلاردا قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ...» ــ باغلار پات-پات «بائال» دېگەن بۇتقا چوقۇنىدىغان جايلار بولۇپ قالاتتى. قۇربانلىقنى بولسا پەقەت ئىبادەتخانىدىلا قىلسا بولاتتى؛ ئۇنىڭدىن باشقا «قۇربانگاھ»لارنى پەقەت تاشلار ياكى تۇپراق قاتارلىق تەبىئىي ماتېرىياللاردىنلا ياسىغىلى بولاتتى. «ئۇلارنى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ...» ــ ياكى «خۇشبۇينى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ». 65:4 «ئۇلار قەبرىلەر ئارىسىدا ئولتۇرىدۇ، مەخپىي جايلاردىمۇ تۈنەپ ئولتۇرىدۇ» ــ مۇشۇ كىشىلەرنىڭ مازارلاردا، «مەخپىي جايلار»دا ئولتۇرۇپ تۈنەشتىكى مەقسىتى، شۈبھىسىزكى، «ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ روھلىرى»غا دۇئا قىلىپ ئالاقىلىشىش، شۇنداقلا جىن-شەيتانلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئىدى. ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۇرۇنۇش تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. 65:6‏-7 «سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلارنى، شۇنداقلا تاغ چوققىلىرىدا ئىسرىق ياققان، دۆڭلەر ئۈستىدىمۇ مېنى ھاقارەتلىگەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىرلىكتە قايتۇرىمەن» ــ تاغلارنىڭ چوققىلىرى ياكى دۆڭلەر پات-پات بۇتقا چوقۇنىدىغان جايلار بولۇپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەيغەمبەر تاغ ياكى دۆڭلەر ئۈستىدە قۇربانلىق قىلىشنىمۇ مەنئى قىلغان. ئايەتتە كۆرسىتىلگەن مۇشۇ قىلمىشلىرى، شۈبھىسىزكى، بۇتپەرەسلىك ئىدى. «بەرھەق، مەن ئىلگىرىكى قىلغانلىرىنى ئۆز قۇچاقلىرىغا ئۆلچەپ قايتۇرىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بەرھەق، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆز قۇچاقلىرىغا قايتۇرۇۋېتىش مېنىڭ بىرىنچى ئىشىمدۇر». 65:8 «ساپاق ئۈزۈمنىڭ «سارقىندى شىرنە»سى كۆرۈنگەندە، خەقلەرنىڭ: «ئۇنى چەيلىۋېتىپ ۋەيران قىلمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت تۇرىدۇ» دېگىنىدەك،...» ــ قانائاندا (پەلەستىندە) ئۈزۈمدىن «ئۆزى چىققان» شىرنە بولسا ئىنتايىن ئەتىۋارلىنىدۇ؛ سەۋەبى، ئۇنىڭدىن ئىشلىنىدىغان شاراب ئىنتايىن مېزىلىك بولىدۇ. شۇڭا مەلۇم بىر ساپ ئۈزۈمدىن مۇشۇ «سارقىندى شاراب» چىققانلىقى بايقالسا، ئۇ باشقا ئۈزۈم ساپاقلىرى بىلەن قوشۇپ چەيلىۋېتىلمەيدۇ، «شىرنە چىققۇچە» ئايرىم قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۆزىگە سادىق بولغان «قالدىلار» ئىسرائىلدا بار بولسىلا، ئۇلارنى يوقاتمايدۇ. بىز يۇقىرىقى بابلاردىن بىلىمىزكى، مۇشۇ «ئىگىدار» نەسىل (9-ئايەت) دەل «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭكى، يەنى مەسىھنىڭ نەسلىدۇر. 65:9 «مەن ياقۇپتىن بىر نەسىلنى، يەھۇدادىنمۇ تاغلىرىمغا بىر ئىگىدارنى چىقىرىمەن» ــ دېمەك، خۇدا «قالدىسى»دىن، ئۆزىگە سادىق يېڭى بىر دەۋرنى چىقىرىدۇ، ئۇلارنى «مۇقەددەس زېمىن»غا ئىگە قىلىدۇ. 65:10 «شارون بولسا يەنە قوي پادىلىرىغا قوتان، ئاخور بولسا كالا پادىلىرىغا قونالغۇ بولىدۇ» ــ شارون بولسا پەلەستىننىڭ غەرب تەرىپىدە، ئەسلى ئىنتايىن مۇنبەت جاي ئىدى. شۇ رايون بەلكىم ئاسۇرىيە (ھەم كېيىنكى بابىللىقلارنىڭ) بۇلاڭچلىقلىرى تۈپەيلىدىن قاقاسلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئاخور بولسا شەرقىي تەرەپتە بولۇپ ئانچە مۇنبەت ئەمەس ئىدى. ئىسرائىللار ئاخوردا خۇداغا قاتتىق ئاسىيلىق قىلغانىدى (تەۋراتتىكى «يەشۇئا» 7-بابنى كۆرۈڭ). بىراق ھازىر ئۇ خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىماي، مۇنبەت بولۇپ كېتىدۇ. پەلەستىندىكى بۇ ئىككى جاي ھەم ئارىلىقىدىكى بارلىق پەلەستىن زېمىنلىرى غەربتىن-شەرققىچە پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، بەلكى تېخىمۇ ئاۋات ئەھۋالغا كەلتۈرۈلىدۇ، دېمەكچى. 65:11 «تەلەي»...«تەقدىر»... ــ (ئىبرانىي تىلىدا «گاد» دېيلىدۇ) سۇرىيەدىكى بىر بۇت. «تەقدىر» يەنە بىر بۇت ــ ئەسلى ئىبرانىي تىلىدا «مەنىي»؛ بۇنىڭ مەنىسى «تەقدىر» «تەقسىمات، سانىلىش» ئىدى. 65:16 «شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە بىر بەختنى تىلىسە، «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن ئاشۇ بەختنى تىلەيدۇ» ــ خۇدانىڭ ئۆز قۇللىرىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى (8-14-ئايەتتىكى) ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى كۆرگەن خەقلەر خۇدانى بولسا «ئامىن» دېگۈچى خۇدا (ياكى «ئامىن»نىڭ ئىگىسى خۇدا»)، يەنى مۆمىن بەندىلىرىنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلايدىغان خۇدا، دەپ بىلىدۇ. «ئامىن» دېگەن سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى توغرۇلۇق «تەبىرلەر»، شۇنداقلا «2كور.» 20:1نىمۇ كۆرۈڭ. «كىمكى قەسەم ئىچمەكچى بولسا، ئەمدى «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛ چۈنكى بۇرۇنقى دەرد-ئەلەملەر ئۇنتۇلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى كۆزۈمدىن يوشۇردۇم» ــ خۇدانىڭ سەلتەنىتىدە بولغانلار بۇرۇنقى (بولۇپمۇ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان) دەرد-ئەلەملەرنى ئېسىگە كەلتۈرمەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى ئۇلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. 65:19 ئۆزۈممۇ يېرۇسالېمدىن شاد-خۇراملىقتا بولىمەن، شۇنداقلا ئۆز خەلقىمدىن خۇشاللىنىمەن؛ ئۇنىڭدا نە يىغا ئاۋازى، نە نالە-پەريادلار ئىككىنچى ئاڭلانمايدۇ» ــ «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن، يېڭى يېرۇسالېم» توغرۇلۇق ئازراق توختىتايلى. ئىنجىلدىكى «ۋەھىي» دېگەن قىسىمغا ئاساسەن بىلىمىزكى، مەسىھ مۇشۇ دۇنيادا مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. شۇ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەھۋال يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بېشارىتىدەك بولىدۇ. ئۇ تېخى ئاخىرقى «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن» ئەمەس؛ چۈنكى مۇشۇ ئايەتلەرگە قارىغاندا، ئۆلۈم دېگەن ئىش (مەيلى ئادەملەر ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولسىمۇ) تېخى مەۋجۇت؛ گۇناھ تېخى مەۋجۇت؛ ئاخىرقى «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن» مەڭگۈلۈك بولىدۇ؛ ئۇلاردا ئۆلۈممۇ يوق، گۇناھ يوق. ئىنجىلدىكى «ۋەھىي» 21-22-بابلارنى كۆرۈڭ. مەسىھ مۇشۇ دۇنيادا مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن، يېڭى يېرۇسالېم» بىزنىڭ مەڭگۈلۈك «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن، يېڭى يېرۇسالېم»نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە زور ياردەم بېرىدۇ؛ بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاش يەرلىرى كۆپ (مەسىلەن، قورقۇنچ، دەرد-ئەلەم يوقىتىلغانلىقى)؛ خۇدا زامانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مىڭ يىللىق «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن، يېڭى يېرۇسالېم»نى مەڭگۈلۈك «يېڭى ئاسمانلار، يېڭى زېمىن، يېڭى يېرۇسالېم»غا ئايلاندۇرىدۇ. مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق سەلتەنىتى توغرىسىدا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. 65:20 «شۇنىڭدەك گۇناھكار يۈز ياشقا كىرىپ ئۆلگەن بولسا «خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان» دەپ ھېسابلىنىدۇ» ــ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى چوڭ ياشتىلا ئۆلىدىغان بولغاچقا، «يۈز ياشتا ئۆلگەن» بولسا، پەقەتلا «ناھايىتى بىر يىگىت» دەپ قارىلىدۇ؛ خەقلەر ئۇنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىنى بىلىپ قالسا، ئۇنى «شۇنچە ياش تۇرۇپلا ئۆلگەن، چوقۇم خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان بولسا كېرەك» دەپ قارايدۇ. 65:22 «ئۇلار ياسىغان ئۆيلەردە، باشقا بىرسى تۇرمايدۇ؛ تىكىلگەن ئۈزۈمزارلاردىن، باشقا بىرسى مېۋە ئېلىپ يېمەيدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشلىرىدا باشقىلار تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ تىككىنىدىن باشقىلار يەيدىغان ھالەت بولمايدۇ». «دەرەخنىڭ ئۆمرى» ــ ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئۇزۇن بولىدۇ؛ دەرەخنىڭ ئۆزى ئىنتايىن مۇقىم، پۇختا ياشايدۇ؛ سۆزلەر مۇشۇ جەھەتنىمۇ ئىچىگە ئالسا كېرەك. «...ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىدىن ئۆز ئۆمرىدە تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرى ئۆزى ئۇپرايدۇ» ــ دېمەك، پۈتۈن ئۆمرىدە تولۇق ئىشلىتىدۇ. 65:23 «چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر» ــ ياكى «چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان (زات)نىڭ نەسلىدۇر». مۇشۇ تەرجىمىسى توغرا بولسا «پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان (زات)» مەسىھنى كۆرسەتكەن بولىدۇ، ئەلۋەتتە. 65:25 «يىلاننىڭ رىزقى بولسا توپا-چاڭلا بولىدۇ» ــ ئېرەن باغچىسىدا خۇدا يىلانغا: «توپا-چاڭنى يەيسەن» دېگەن لەنەتنى چۈشۈرگەنىدى. بىراق ھازىر ئۇنىڭ يېگەنلىرى پەقەت توپا-چاڭ بولىدۇ؛ ئۇ ھېچ ئادەم ياكى باشقا ھايۋانغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. 65:25 يەش. 11‏:6، 7، 8، 9؛ مات. 18‏:3