9
ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلغۇچى بىر بالىنىڭ تۇغۇلۇشى ــ خۇش خەۋەر
بىراق، ھەسرەت-نادامەتكە قالغانلارغا زۇلمەت بولىۋەرمەيدۇ؛
ئۇ ئۆتكەن زامانلاردا زەبۇلۇن زېمىنىنى ۋە نافتالى زېمىنىنى خار قىلدۇرغان؛
بىراق كەلگۈسىدە ئۇ مۇشۇ يەرنى، يەنى «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» گالىلىيەگە، جۈملىدىن «دېڭىز يولى» بويىدىكى جايلار ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىغا شان-شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛
  
قاراڭغۇلۇقتا مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەر زور بىر نۇرنى كۆردى؛
ئۆلۈم سايىسىنىڭ يۇرتىدا تۇرغۇچىلارغا بولسا،
دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر پارلىدى.
  
ــ سەن ئەلنى ئاۋۇتتۇڭ،
ئۇلارنىڭ شادلىقىنى زىيادە قىلدىڭ؛
خەلقلەر ھوسۇل ۋاقتىدا شادلانغاندەك،
جەڭ ئولجىسىنى ئۈلەشتۈرگەن ۋاقىتتا خۇشاللىققا چۆمگەندەك،
ئۇلار ئالدىڭدا شادلىنىپ كېتىدۇ.
چۈنكى مىدىياننىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈنگە ئوخشاش،
سەن ئۇنىڭغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقنى،
مۈرىسىگە چۈشكەن ئەپكەشنى،
ئۇلارنى ئەزگۈچىنىڭ تايىقىنى سۇندۇرۇپ تاشلىۋەتتىڭ.  
چۈنكى لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتا كىيگەن ھەربىر ئۆتۈكلىرى،
قانغا مىلەنگەن ھەربىر تونلىرى بولسا پەقەتلا ئوت ئۈچۈن يېقىلغۇ بولىدۇ.
چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛
بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛
ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛
ئۇنىڭ نامى: ــ «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ.  
ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا،
شۇ چاغدىن باشلاپ تا ئەبەدىلئەبەدگىچە،
ئۇنى ئادالەت ھەم ھەققانىيلىق بىلەن تىكلەيدۇ، شۇنداقلا مەزمۇت ساقلايدۇ،
ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇلارنى ئادا قىلىدۇ.







  
 
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق»قا بولغان غەزىپى
رەب ياقۇپ جەمەتىگە بىر سۆز ئەۋەتتى،
ئۇ پات ئارىدا ئىسرائىلغا چۈشىدۇ،
بارلىق خەلق، يەنى ئەفرائىم ۋە سامارىيەدىكىلەر شۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ،: ــ
لېكىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ يوغىنلىق قىلىپ، ئۇلار: ــ
10 ــ «خىشلار چۈشۈپ كەتتى،
بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىغا يونۇلغان تاشلار بىلەن قايتا ياسايمىز؛
ئېرەن دەرەخلىرى كېسىلىپ بولدى،
بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىدا كېدىر دەرەخلىرىنى ئىشلىتىمىز» ــ دېيىشىدۇ؛
11 شۇڭا پەرۋەردىگار رەزىننىڭ كۈشەندىلىرىنى ئىسرائىلغا قارشى كۈچلەندۈردى،
ياقۇپنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوزغىدى.
12 شەرقتىن سۇرىيەلىكلەر، غەرەبتە فىلىستىيلەر،
ئۇلار ئاغزىنى ھاڭدەك ئېچىپ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالىدۇ.
ئىشلار شۇنداق دېيىلگەندەك بولسىمۇ،
ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ،
سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.
13 بىراق خەلق ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىنىڭ يېنىغا تېخى يېنىپ كەلمىدى،
ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيۋاتىدۇ.
14 شۇڭا پەرۋەردىگار بىر كۈن ئىچىدە ئىسرائىلنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقىنى،
پالما شېخى ۋە قومۇشىنى كېسىپ تاشلايدۇ؛
15 مويسىپىت ۋە مۆھتەرەملەر بولسا باشتۇر؛
يالغانچىلىق ئۆگىتىدىغان پەيغەمبەر ــ قۇيرۇقتۇر.
16 چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يېتەكچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ،
يېتەكلەنگۈچىلەر بولسا يۇتۇۋېلىنىپ يوقىلىدۇ.
17 شۇڭا رەب ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپمايدۇ،
يېتىم-يېسىرلىرى ۋە تۇل خوتۇنلىرىغا رەھىم قىلمايدۇ؛
چۈنكى ھەربىرى ئىپلاس ۋە رەزىللىك قىلغۇچى،
ھەممە ئېغىزدىن چىققىنى پاسىقلىقتۇر.
ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ،
ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ،
سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.
18 چۈنكى رەزىللىك ئوتتەك كۆيىدۇ،
ئۇ جىغان ۋە تىكەنلەرنى يۇتۇۋالىدۇ؛
ئۇ ئورماننىڭ باراقسان جايلىرى ئارىسىدا تۇتىشىدۇ،
ئۇلار ئىس-تۈتەكلىك تۈۋرۈك بولۇپ پۇرقىراپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ؛
19 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ دەرغەزىپى بىلەن زېمىن كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ،
خەلق بولسا ئوتنىڭ يېقىلغۇسى بولىدۇ، خالاس؛
ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنى ئاياپ رەھىم قىلمايدۇ.
20 بىرسى ئوڭ تەرەپتە گۆش كېسىپ يەپ، تويمايدۇ،
سول تەرەپتىن يالماپ يەپمۇ، قانائەتلەنمەيدۇ؛
ھەركىم ئۆز بىلىكىنى يەيدۇ؛
21 مەناسسەھ ئەفرائىمنى، ئەفرائىم بولسا مەناسسەھنى يەيدۇ؛
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسىمۇ يەھۇداغا قارشى تۇرىدۇ.
ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ،
ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ،
سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.
 
 
9:1 «ھەسرەت-نادامەتكە قالغان» ــ مۇشۇ ئىبارە، ئىبرانىي تىلىدا «ئايالچە رود»تىكى ئىسىم بولۇپ، ماتەم تۇتۇۋاتقان ئايالغا تەسەللى بەرگەندەك خۇدا نافتالىلار ۋە زەبۇلۇنلارغا تەسەللى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ««يات ئەللەرنىڭ ماكانى» گالىلىيە» ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، نافتالى، زەبۇلۇن ۋە باشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ كۆپ قىسىملىرى ئەسىرگە چۈشۈپ ئېلىپ كېتىلدى. بىر قىسىم كەمبەغەل، نامرات، قابىلىيەتسىز كىشىلەر قالدۇرۇلدى. ئاسۇرىيە پادىشاھى باشقا مىللەت-خەلقلەرنى ئېلىپ كېلىپ شۇ يەرگە، بولۇپمۇ گالىلىيەگە ئولتۇراقلاشتۇردى. مۇشۇ كىشىلەر قېپقالغان نامرات ئىسرائىللار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ، ئۆز-ئارا ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنغاچقا، گالىلىيە يەھۇدىيلار تەرىپىدىن ««يات ئەللەر» (يەھۇدىي ئەمەسلەر)نىڭ ماكانى گالىلىيە» دەپ كەمسىتىلىپ ئاتالغان. بېشارەتكە ئاساسەن، نۇر دەل شۇ يەردە پەيدا بولىدۇ. بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى ئىنجىل «مات.» 15:4-ئايەتتىن كۆرۈڭ. «دېڭىز يولى» ــ «گالىلىيە دېڭىزى»نىڭ غەربىي يەرلىرى. 9:1 مات. 4‏:15 9:2 «قاراڭغۇلۇقتا مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەر زور بىر نۇرنى كۆردى... دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر پارلىدى» ــ مۇشۇ ئايەتلەردىكى «نۇر» شۈبھىسىزكى، مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىدۇر (6-7-ئايەتنى كۆرۈڭ). بىز مۇشۇ بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئىنجىلدىن كۆرىمىز. مەسىھ ئەيسا دەل 1-ئايەتتىكى تۆت جايدا ئۇلۇغ خىزمىتىنى، يەنى خۇش خەۋەرنى تارقىتىش، مۆجىزىلەرنى يارىتىشنى باشلىدى. ئۇ خىزمەت قىلغان ئۈچ يېرىم يىل ۋاقىتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بەلكىم مۇشۇ جايلاردا ئۆتكۈزگەن. بۇ بېشارەتتىكى پېئىللارنىڭ ھەممىسى «ئۆتكەن زامان» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. بۇ خىل شەكىلدىكى بېشارەت «يەشايا»دا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ جەزمەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 9:2 مات. 4‏:15،16؛ ئ‍ەف. 5‏:14 9:3 «سەن ئەلنى ئاۋۇتتۇڭ، ئۇلارنىڭ شادلىقىنى زىيادە قىلدىڭ...» ــ مۇشۇ يەردە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىكى كۆپ باشقا بېشارەتلەرگە ئوخشاش، كەلگۈسىدىكى، تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلار ئۆتۈپ بولغان ئىشلاردەك تىلغا ئېلىنىدۇ. 9:4 «مىدىيان ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈن» ــ تەخمىنەن 500 يىل ئىلگىرى ئىسرائىل مىدىيانىيلارنىڭ ئاسارىتىدىن خۇدانىڭ كارامەتلىرى بىلەن قۇتۇلغان. 9:4 ھاك. 7‏:22؛ يەش. 10‏:26 9:5 «چۈنكى لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتا كىيگەن ھەربىر ئۆتۈكلىرى... پەقەتلا ئوت ئۈچۈن يېقىلغۇ بولىدۇ» ــ خۇدا ئۇلارغا شۇنداق بەرىكەتلەرنى بېرىدۇكى، مۇشۇ غەلىبە بولغاندىن كېيىن (ئۇلار ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن قىلغان غەلىبە) ئۇلار شۇ لەشكەرلەرنىڭ قانغا مىلەنگەن كىيىم-كېچەكلىرى كېرەك بولمايدۇ، ئۇلارنى پەقەت يېقىلغۇ ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. 9:6 «بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى» ــ بۇ بېشارەت گەرچە كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى پېئىللارنىڭ ھەممىسى «ئۆتكەن زامان» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. يۇقىرىقى 2-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» ــ ياكى «ئامان-خاتىرجەملىك بەرگۈچى شاھزادە». 9:6 يەش. 11‏:2؛ 22‏:22؛ لۇقا 2‏:10،11؛ يـۇھ. 4‏:10 9:7 «ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا... ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ...» ــ مۇشۇ ئىككى ئايەت (6-7-ئايەت) يۇقىرىقى «ئىممانۇئېل»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەرنى تەكرارلىساق: ــ (ئا) ئۇ ئىسرائىل ئۈچۈن قۇتقۇزغۇچىدۇر. بۇ بابتىكى 1-6-ئايەتتىكى غەلىبە ۋە بەخت بۇ بالا سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. (ئە) ئۇ پاك قىزدىن تۇغۇلىدۇ (7-باب، 14-ئايەت). (ب) ئۇ بەلكىم كەمبەغەل ۋە دۈشمەننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئەھۋالدا تۇغۇلىدۇ (7-باب، 15- ۋە 17-ئايەت). (پ) ئۇ داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرىدۇ. خۇدا داۋۇتقا ۋەدە بەرگەنكى، ئۇنىڭ بىر ئەۋلادى ئىسرائىلغا ۋە ئاخىرىدا پۈتكۈل دۇنياغا پادىشاھ بولىدۇ. (زەبۇر، 18-كۈي، 22-كۈي، 72-كۈيلەرنى كۆرۈڭ) (ت) بۇ بالىدا خۇدانىڭ تەبىئىتى بولىدۇ (6-ئايەت). ئۇ «قۇدرەتلىك تەڭرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىبرانىي تىلىدا «كارامەت» دېگەن سۈپەت، پەقەت خۇدا ۋە خۇدانىڭ قىلغانلىرى توغرۇلۇقلا ئىشلىتىلىدۇ. (ج) بۇ بالا ئاخىردا پۈتۈن ئالەمگە ئامان-خاتىرجەملىكنى يەتكۈزىدۇ. «ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ». بۇلاردىن سىرت مۇشۇ ئايەتلەردە نۇرغۇن ساۋاق-خەۋەرلەر بار، مۇشۇ يەردە سەھىپە چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە توختالمايمىز. بۇ بالىنىڭ كىم ئىكەنلىكى پەقەت ئىنجىلدىكى بايانلاردىلا ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ. ئۇ پاك قىز مەريەمدىن تۇغۇلغان مەسىھ ئەيسانىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا بىرى بولۇشىنىڭ قەتئىي مۇمكىنچىلىكى يوقتۇر. 9:7 2پاد. 19‏:31؛ يەش. 37‏:32 9:8 «رەب ... بىر سۆز ئەۋەتتى، ... ئىسرائىلغا چۈشىدۇ» ــ «ئىسرائىل» مۇشۇ ئايەتلەردە (8-21دە) شىمالىي پادىشاھلىقنى كۆرسىتىدۇ. «چۈشىدۇ» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ بىر جازاسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك. 9:10 «خىشلار چۈشۈپ كەتتى، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىغا يونۇلغان تاشلار بىلەن قايتا ياسايمىز...» ــ دېمەك، «پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيە جازاسى بولغان زىياننى تارتقان بولساقمۇ، بىز يەنىلا ئۇنىڭ تەربىيە جازاسىغا پىسەنت قىلماي، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشنى بەرپا قىلىمىز» (تاشلار خىشلاردىن، كېدىر دەرەخلىرى ئېرەن دەرەخلىرىدىن ياخشى، ئەلۋەتتە). يەروبوئام II پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا، خۇدا (شىمالىي) ئىسرائىلدا چوڭ بىر يەر تەۋرەشنى پەيدا قىلغان؛ «خىشلار چۈشۈپ كەتتى،... ئېرەن دەرەخلىرى كېسىلىپ بولدى،...» دېگەن سۆزلەر بەلكىم شۇ يەر تەۋرەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 9:11 «پەرۋەردىگار رەزىننىڭ كۈشەندىلىرىنى ئىسرائىلغا قارشى كۈچلەندۈردى...» ــ 7-بابتىكى مەزمۇنغا قارىغاندا، سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ئىسرائىل بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى. مۇشۇ سۆزگە قارىغاندا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن ئىتتىپاقى كېيىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئىسرائىلغا قارشى چىقىشى بىلەن ئۇمۇ ئىسرائىلغا قارشى قوزغىلىدۇ. 9:12 يەش. 5‏:25؛ 10‏:4 9:17 يەش. 10‏:6 9:18 يەش. 5‏:24؛ 24‏:6 9:19 «...ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنى ئاياپ رەھىم قىلمايدۇ» ــ يەروبوئام II ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغاندىن كېيىنكى 28 يىل ئىچىدە، كۆپ كىشىلەر تەختنى تالىشىپ ئۇرۇشتى. جەمئىي 6 پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان، ئىچكى ئۇرۇش-جېدەللەر كۆپ بولغانىدى. 9:21 «مەناسسەھ ئەفرائىمنى، ئەفرائىم بولسا مەناسسەھنى يەيدۇ...» ــ ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ بولسا ئىسرائىل پادىشاھلىقىدىكى ئىككى ئەڭ چوڭ قەبىلە. يۇقىرىقى ئىزاھاتتا كۆرسىتىلگىنىدەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش-جېدەللەر كۆپ ئىدى. ئۇنداق ئىشلار يەشايا دېگىنىدەك، «ئۆز بىلىكىنى ئۆزى يەيدىغان» ئىشتۇر.