8
ئاسۇرىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى توغرىسىدىكى يەنە بىر بېشارەت
پەرۋەردىگار ماڭا: ــ
«چوڭ بىر تاختاينى قولۇڭغا ئېلىپ، ئېنىق ھەرپلەر بىلەن: ــ «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ يازغىن» ــ دېدى.
مەن شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە «ئىشەنچلىك گۇۋاھچىلار» سۈپىتىدە مۇشۇنى خاتىرىلەشكە كاھىن بولغان ئۇرىيا ۋە يەرەبەقىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانى چاقىرىۋالدىم. ئاندىن مەن ئايال پەيغەمبەر بىلەن بىللە ياتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «ئۇنىڭ ئىسمىنى «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ ئاتىغىن؛ چۈنكى بالا «دادا، ئاپا» دەپ چاقىرىشنى بىلگۈچە، دەمەشق بايلىقلىرى ۋە سامارىيەدىكى ئولجا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن بۇلاپ ئېلىپ كېتىلىدۇ» ــ دېدى.
پەرۋەردىگار يەنە ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
«مۇشۇ خەلق شىلوئاھ ئۆستىڭىدىكى لەرزان ئېقىۋاتقان سۇلارنى رەت قىلىپ،
ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەزىن ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىدىن خۇرسەن بولغاچقا،
شۇڭا مانا، رەب ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دولقۇنلاپ ئاقىدىغان، ئەلۋەك ئەفرات دەرياسىنىڭ سۇلىرىنى، ــ يەنى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنى تولۇق ھەيۋە-شۆھرىتى بىلەن ئېلىپ كېلىدۇ؛
ئۇ دەريادەك بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلىرىدىن تېشىپ كېتىدۇ،
ھەممە قىرغاقلىرىنى بۆسۈپ تاشلايدۇ؛
ئۇ تاكى يەھۇداغىچە شىددەت بىلەن تېشىپ، ھەتتا بوينىغىچە كېلىدۇ؛
ئۇ قاناتلىرىنى يايغاندا پۈتكۈل زېمىنىڭغا سايە بولۇپ چۈشىدۇ، ئى ئىممانۇئېل!

 
ــ غەزەپلىنىۋېرىڭلار، ئى ئەللەر، بىراق سۇندۇرۇلىسىلەر!
جاھاننىڭ بارلىق چەت جايلىرى قۇلاق سېلىڭلار!
جەڭ ئۈچۈن بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر!
جەڭ ئۈچۈن بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر!
10 پىلانىڭلارنى تۈزىۋېرىڭلار، ئۇ بىكارغا كېتىدۇ؛
مەسلىھەتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، ئۇمۇ ئاقمايدۇ؛
سەۋەبى ــ ئىممانۇئېل!».
 
خۇدانىڭ يەشاياغا يوليورۇق بېرىشى
11 چۈنكى پەرۋەردىگار كۈچلۈك قولىنى ماڭا تەگكۈزۈپ،
مېنىڭ بۇ خەلقنىڭ يولىدا ماڭماسلىقىمغا يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق سۆز قىلدى: ــ
12 «مۇشۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلاردا «سۇيىقەست بار» دېسە، سىلەر بولساڭلار «سۇيىقەست بار» دەپ يۈرمەڭلار؛
ئۇلارنىڭ قورققىنىدىن سىلەر قورقماڭلار،
ياكى ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛
13 پەقەت ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛
ئۇ سىلەرنىڭ قورقىدىغىنىڭلار بولسۇن،
سىلەرنىڭ ۋەھىمەڭلار بولسۇن!
14 ئۇ بىر مۇقەددەس پاناھگاھ بولىدۇ،
ھەمدە ئىسرائىلدىكى ئىككى جەمەت ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش،
يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈچۈنمۇ قىلتاق ۋە تاپانتۇزاق بولىدۇ؛  
15 ئۇلاردىن كۆپلەر ئۇنىڭغا پۇتلىشىپ، يىقىلىپ، يانجىلىپ، قىلتاققا چۈشۈپ، ئەسىرگە ئېلىنىدۇ».
 
يەشايانىڭ ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە گەپ قىلىشى
16 ــ «بۇ گۇۋاھنامىنى يۆگەپ، تەۋرات قانۇنىنى مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئارىسىدا پېچەتلەپ قويغىن.
17 مەن بولسام، يۈزىنى ياقۇپ جەمەتىدىن يوشۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن؛
ۋە مەن ئۇنى تەلمۈرۈپ ساقلايمەن.
18 قاراڭلار، ماڭا ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بەرگەن بالىلارغا،
بىز زىئون تېغىنى ئۆز ماكانى قىلغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلدا نامايان قىلغان بېشارەت ۋە كارامەتلەرنىڭ سۈپىتىدۇرمىز».  
19 ــ باشقىلار سىلەرگە: ــ «بىز ۋىچىر-ۋىچىر، گۇدۇڭ-گۇدۇڭ قىلىدىغان «ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى»لار ۋە داخانلاردىن يول سورايلى» ــ دېسە، سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ «بىر خەلقنىڭ ئۆز خۇداسىنى ئىزدەپ يول سورىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ تىرىكلەرنىڭ ئۆلۈكلەردىن يول سورىشى توغرىمۇ؟!» ــ دەڭلار.
20 ــ تەۋرات قانۇنى ۋە گۇۋاھنامە ئاساس قىلىنسۇن! مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ سۆز قىلمىسا، ئۇلارغا تاڭ نۇرى چۈشمەيدۇ! 21 ئەكسىچە، ئۇلار قىسىلغان، ئاچ ھالدا زېمىننى كېزىپ يۈرىشىدۇ؛ ئاچ قالغان چاغدا، ئۇلار غەزەپلىنىپ ئاسمانغا قاراپ، پادىشاھىنى ھەم خۇداسىنى قارغاپ تىللايدۇ؛ 22 ئۇلار يەرگە قارىسا، مانا، جاپا-مۇشەققەت، قاراڭغۇ-زۇلمەت، ھەسرەت-نادامەت ۋە پاراكەندىچىلىك تۇرىدۇ؛
ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇققا ھەيدىۋېتىلىدۇ.   
 
 
8:1 «ماخار-شالال-خاش-باز» ــ «ئولجىغا ئالدىرا! ئوۋغا چاپسان بول!» دېگەن مەنىدە. سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، 3- ھەم 4-ئايەتنى كۆرۈڭ. 8:2 «كاھىن بولغان ئۇرىيا» ــ «كاھىن» دېگەن، مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى كىشى. «كاھىن بولغان ئۇرىيا ۋە يەرەبەقىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا» ــ ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇرىيا دېگەن كىشى كېيىن يەشايا پەيغەمبەرگە قارشى بولۇپ چىقىشى مۇمكىن («2پاد.» 10:16-16نى كۆرۈڭ). شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار تېخىمۇ «ئىشەنچلىك گۇۋاھلىق» سۈپىتىدە بولۇشى كېرەك ئىدى. 8:3 «.. مەن ئايال پەيغەمبەر بىلەن بىللە ياتتىم» ــ «ئايال پەيغەمبەر» يەشايانىڭ ئايالىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق نېمىشقا «ئايال پەيغەمبەر» دەپ ئاتىلىدۇ؟ ياكى ئۇ ئۆزى پەيغەمبەر بولدى ۋە ياكى ئۇنىڭ مۇشۇ ئوغلىنى تۇغقانلىقىنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى. 8:8 «...ئۇ قاناتلىرىنى يايغاندا پۈتكۈل زېمىنىڭغا سايە بولۇپ چۈشىدۇ، ئى ئىممانۇئېل!» ــ 6-8-ئايەت توغرۇلۇق چۈشەنچىمىز مۇنداق: يەھۇدادىكىلەر ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىن قورققىلى تۇردى. «شىلوئاھ» بولسا، يېرۇسالېمدىن ئۆتىدىغان لەرزان سۈپسۈزۈك بىر ئۆستەڭ ئىدى. خۇدا بۇ ئۆستەڭنى ئۆزىنىڭ خاتىرجەملىكى، ئىسرائىلغا بەرمەكچى بولغان ئامان-تىنچلىقىغا ئوخشىتىدۇ. ئەفرات دەرياسى بولسا، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىكى چوڭ دەريادۇر. شىلوئاھ ئۆستىڭىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە، بىراق مۇشۇ لەرزان ئاقىدىغان ئۆستەڭ خۇدانىڭ ھىمايىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى بولسا ھەيۋەتلىك نەرسىگە ئۈمىد باغلاشقا مايىلدۇر؛ يەھۇدا خەلقى بولسا ئىشەنچىنى خۇدانىڭ ھىمايىسىگە باغلىغان ئەمەس، بەلكى ئۇلار: «سۇرىيە بىلەن (شىمالىي) ئىسرائىلنىڭ ئىتتىپاقىنى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە بىر توسالغۇ» دەپ خاتىرجەم ۋە خۇشال ئىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچىنى خاتا قويغانلىقىنى ئۇلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئاسۇرىيە پادىشاھى سىلەرگە «بوينۇڭلارغا يەتكۈچە» تاجاۋۋۇز قىلىدۇ، دەيدۇ. «بويۇنغا يەتكۈچە» ــ ئاسۇرىيە پادىشاھى كەلگەندە، يەھۇدانىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، 46 شەھەرنى قولىغا ئالدى؛ پەقەت پايتەختى يېرۇسالېم شەھىرىنى ئىگىلىيەلمەي، ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئاخىردا ئۇ خۇدانىڭ بىۋاسىتە جازاسىغا ئۇچراپ ئاسۇرىيەگە قايتتى (37-36 بابنى كۆرۈڭ). 10-ئايەت بويىچە، ئىسرائىلنىڭ زېمىنى بولسا «ئىممانۇئېل»نىڭ زېمىنىدۇر؛ دېمەك، «ئىممانۇئېل» ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، خوجايىنىدۇر. 8:9 «غەزەپلىنىڭلار، ئى ئەللەر...!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «جەم بولۇپ ھۇجۇم قىلىڭلار، ئى ئەللەر...!». مۇشۇ ئايەتكە قارىغاندا، بېشارەت مۇشۇ يەردە پەقەت ئاسۇرىيەنىڭ ھۇجۇمىنى ئەمەس، بەلكى ئاخىرقى زاماندا جىمى خەلق-مىللەتنىڭ ئىسرائىلغا قىلىدىغان ھۇجۇمىنى كۆرسىتىدۇ. 8:10 «مەسلىھەتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىر سۆز قىلىشىڭلار». «سەۋەبى ــ ئىممانۇئېل!» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، «ئىممانۇئېل» پاك قىزدىن تۇغۇلغان (7-بابتىكى) بېشارەتلىك بالا، ئىسمى «خۇدا بىز بىلەن بىللە» دېگەن مەنىدە. 8:12 «مۇشۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلاردا «سۇيىقەست بار» دېسە...» ــ مۇشۇ يەردە «سۇيىقەست»نىڭ مەنىسى (بىزنىڭ قارىشىمىزچە): ــ خەلق ھەرخىل پىتنە-ئىغۋالارغا قۇلاق سېلىپ: «ئەتىراپىمىزدىكى باشقا دۆلەتلەر ياكى ئۆز ئىچىمىزدىكى خائىنلار سۇيىقەست قىلىۋاتىدۇ» دەپ قورقۇپ يۈرەتتى؛ مۇشۇ گەپلەرگە يەشايا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىخلاسمەن يەھۇدىيلار ھېچ قۇلاق سالماسلىقى كېرەك ئىدى. 8:13 «پەقەت... پەرۋەردىگارنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار» ــ ياكى «پەقەت... پەرۋەردىگارنىلا مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار». 8:14 «ئۇ بىر مۇقەددەس پاناھگاھ بولىدۇ» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۇ» بەلكىم «ئىممانۇئېل»نى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ «مۇقەددەس پاناھگاھ» ياكى «مۇقەددەس ئىبادەتگاھ»غا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ خۇداغا يېقىنلىشىش يولىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. «ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش» ــ بۇ ئىبارىنىڭ يەنە بىر مەنىسى «(ئادەملەر) يامان كۆرىدىغان قورام تاش». 8:14 يەش. 28‏:16؛ لۇقا 2‏:34؛ رىم. 9‏:33؛ 1پېت. 2‏:7 8:15 مات. 21‏:44؛ لۇقا 20‏:18 8:16 «بۇ گۇۋاھنامىنى يۆگەپ... قويغىن» ــ خۇدا مۇشۇ يەردە يەشايا ئارقىلىق ئۆزىگە ئەگەشكەن مۇخلىسلىرىغا يوليورۇق بېرىدۇ. يەشايا يازغان ھەم سۆزلىگەن گۇۋاھلىقلارنى، مۇساغا بېرىلگەن قانۇن ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن تەۋراتتىكى قىسىملارنى بىللە قوشۇپ، بىخەتەر ساقلاپ قويۇش كېرەك، دېگەن مەنىدە. شۇنداق قىلغاندا، بىرىنچىدىن، ھەرقانداق قالايمىقان ۋەزىيەتلەر ئاستىدا، ئۇلار مۇشۇ كىتابلار ئارقىلىق نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن بېشارەتلەرنى پېچەتلىگەن بولسا، ئۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن، گۇۋاھلىقلار ئالدىنئالا ئېيتقان نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەرگەندە، ئىسرائىل خەلقى مۇشۇ گۇۋاھلىقلار (بېشارەتلەر)نى توپ-توغرا ئىكەن، دەپ بىلىدۇ، شۇنىڭدەك بۇلاردا ھېچقانداق ئويدۇرمىلىق يوق، يەشايا ھەقىقىي پەيغەمبەر ئىكەن، دەپمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. 8:17 «ئۆز يۈزىنى ئىسرائىل جەمەتىدىن يوشۇرىدىغان پەرۋەردىگار» ــ خۇدا ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىلغا، گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ھېچ مۆجىزىنى كۆرسەتمەي، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن قوغدىمايدۇ. ھالبۇكى، يەشايا ۋە ئۇنىڭ گېپىگە كىرگەن خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئۈمىدسىزلەنمەي، يەشاياغا ئوخشاش «پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ ئۇنى ساقلىماقتا» ئىدى. 8:18 «قاراڭلار، ماڭا ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بەرگەن بالىلارغا، بىز ... نامايان قىلغان بېشارەت ۋە كارامەتلەرنىڭ سۈپىتىدۇرمىز» ــ مۇشۇ سۆزلەرنى قىلغۇچى بولسا يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى؛ بىراق «ئىممانۇئېل»مۇ ئۇ ئارقىلىق بېشارەتلىك سۆز قىلىۋاتىدۇ («ئىبر.» 13:2نى كۆرۈڭ). 8:18 ئىبر. 2‏:13 8:19 قان. 18‏:11 8:22 «ئۇلار يەرگە قارىسا، مانا، جاپا-مۇشەققەت ... ۋە پاراكەندىچىلىك تۇرىدۇ» ــ ئىسرائىللار ئاسماندىكى ياردەمنى رەت قىلغاندىن كېيىن، يەر-يۈزىدىن ھېچ ئۈمىد بولمايلا قالماي، ھەممىسى زۇلمەت بولىدۇ. 8:22 يەش. 5‏:30