5
ئېتىقاد «بۇ دۇنيا»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ
ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھەربىر كىشى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ؛ ۋە تۇغدۇرغۇچى ئاتىنى سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ.   بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرىنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىزدىندۇر. خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر؛ ۋە ئۇنىڭ ئەمرلىرىدە تۇرماق ئېغىر ئىش ئەمەستۇر. چۈنكى خۇدادىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ ۋە دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى كۈچ ــ دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر.   بۇ دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى زادى كىملەر؟ پەقەت ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئەمەسمۇ؟
ئۇ بولسا سۇ ۋە قان ئارقىلىق كەلگەن زات، يەنى ئەيسا مەسىھدۇر؛ ئۇنىڭ كېلىشى پەقەت سۇ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قان بىلەنمۇ ئىدى. ۋە بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولسا روھتۇر، چۈنكى روھ ئۆزى ھەقىقەتتۇر.
چۈنكى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار: ــ بۇلار روھ، سۇ ۋە قاندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىردۇر. ئەگەر بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلساق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى بۇلارنىڭكىدىن ئۈستۈندۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن ــ 10 (خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشىنىڭ ئىچىدە شۇ گۇۋاھلىق باردۇر؛ بىراق خۇداغا ئىشەنمىگەن كىشى ئۇنى يالغانچى قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئۆز ئوغلىنى تەستىقلىغان گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن) 11 گۇۋاھلىق دەل شۇدۇركى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى ۋە بۇ ھاياتلىق ئۇنىڭ ئوغلىدىدۇر. 12 شۇڭا ئوغۇلغا ئىگە بولغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ؛ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئىگە بولمىغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولمىغان بولىدۇ.
 
مەڭگۈلۈك ھايات
13 مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن يازدىم. 14 ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تولۇق ئىشەنچ-خاتىرجەملىكىمىز شۇنداقكى، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ھەرقانداق بىر ئىشنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ. 15 ئۇنى ھەرنېمە تىلىگىنىمىزنى ئاڭلايدۇ دەپ بىلگەنىكەنمىز، دۇئايىمىزدا ئۇنىڭدىن تىلىگىنىمىزگە ئېرىشتۇق، دەپ بىلىمىز.
16 بىرسى قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان بىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن؛ ۋە خۇدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۆلۈمگە مەھكۇم گۇناھمۇ باردۇر. ئۇنىڭ توغرىسىدىن تىلىسۇن، دېمەيمەن.
  
17 ھەممە ھەققانىيەتسىزلىك گۇناھتۇر؛ ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھمۇ بار. 18 خۇدادىن تۇغۇلغۇچىنىڭ گۇناھ سادىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز؛ چۈنكى ئەسلىدە خۇدادىن تۇغۇلغان زات بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ ۋە ئاشۇ رەزىل ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ.
  
19 ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ خۇدادىن بولغانلىقىمىز ئۆزىمىزگە مەلۇم؛ ئەمما پۈتكۈل دۇنيا بولسا ئۇ رەزىلنىڭ ئىلكىدىدۇر. 20 يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي بولغۇچىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يورۇتتى؛ ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز. ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر!  
21 ئەزىز بالىلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ھەرقانداق بۇتلاردىن ساقلاڭلار.
5:1 «...ۋە تۇغدۇرغۇچى (ئاتا)نى سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ» ــ بۇ سۆز بەلكىم شۇ دەۋردىكى بىر تەمسىل بولۇشى مۇمكىن ئىدى. «ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچى»لار ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى كۆرسىتىدۇ. 5:1 يـۇھ. 1‏:12. 5:3 مات. 11‏:30،29؛ يـۇھ. 14‏:15؛ 15‏:10. 5:4 «چۈنكى خۇدادىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ ۋە دۇنيانىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچى كۈچ ــ دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدۇر» ــ «بۇ دۇنيا» مۇشۇ يەردە خۇداغا قارشى چىقىدىغان پۈتكۈل دۇنيادىكى ئېتىقادسىزلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئەمەلىيەتتە «بۇ دۇنيادىكىلەر» شەيتاننىڭ ئىلكىدە مەركەزلەشكەن، خۇداغا قارشى بىر تۈزۈمدۇر. 5:4 يـۇھ. 16‏:33. 5:5 1كور. 15‏:57؛ 1يۇھ. 4‏:15. 5:6 «ئۇ بولسا سۇ ۋە قان ئارقىلىق كەلگەن زات، يەنى ئەيسا مەسىھدۇر؛ ئۇنىڭ كېلىشى پەقەت سۇ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قان بىلەنمۇ ئىدى. ۋە بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولسا روھتۇر، چۈنكى روھ ئۆزى ھەقىقەتتۇر» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى بىرنەچچە ساختا تەلىمگە قارىتا رەددىيە بېرىشتۇر. مۇئەللىپ قەتئىيلىك بىلەن شۇنى ئىسپاتلىماقچىكى: (1) ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي ئىنسان بولۇپ تۇغۇلدى؛ (2) ھەقىقىي ئىنسان بولۇپ، يەھيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن سۇدا چۆمۈلدۈرۈلدى؛ (3) ھەقىقىي ئىنسان بولۇپ كرېستتە ئۆلدى. بۇ رەددىيىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە سەل توختىلىمىز. 5:7 «چۈنكى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار...» ــ «ئۇنىڭ توغرۇلۇق» ــ مەسىھ توغرۇلۇق. 5:8 «بۇلار روھ، سۇ ۋە قاندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىردۇر» ــ بۇ ئايەت توغرۇلۇق ۋە 6-7-ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. بىرئاز كونا كۆچۈرۈلمىلەردە: ــ «چۈنكى ئۇ توغرۇلۇق ئەرشتە ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار: بۇلار ئاتا، كالام ۋە مۇقەددەس روھتۇر؛ بۇ ئۈچى بىردۇر. (8) يەر يۈزىدە ئۈچ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بار: بۇلار روھ، سۇ ۋە قاندىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى ئوخشاشتۇر» دېيىلىدۇ. 5:10 يـۇھ. 3‏:36؛ رىم. 8‏:16؛ گال. 4‏:6. 5:11 يـۇھ. 1‏:4. 5:13 يـۇھ. 20‏:31. 5:14 يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:8؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 15‏:7؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:2. 5:16 «بىرسى قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان بىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن؛ ۋە خۇدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۆلۈمگە مەھكۇم گۇناھمۇ باردۇر. ئۇنىڭ توغرىسىدىن تىلىسۇن، دېمەيمەن» ــ «ۋە خۇدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ» ياكى «ۋە خۇدا ئۇلارغا (يەنى گۇناھ سادىر قىلغانلارغا) ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ». «ئۆلۈمگە مەھكۇم گۇناھ» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 5:16 چۆل. 15‏:30؛ 1سام. 2‏:25؛ مات. 12‏:31؛ مار. 3‏:29؛ لۇقا 12‏:10؛ ئىبر. 6‏:4؛ 10‏:26؛ 2پېت. 2‏:2. 5:17 1يۇھ. 3‏:4. 5:18 «خۇدادىن تۇغۇلغۇچىنىڭ گۇناھ سادىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز؛ چۈنكى ئەسلىدە خۇدادىن تۇغۇلغان زات بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ ۋە ئاشۇ رەزىل ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ» ــ بىزنىڭچە «ئەسلىدە خۇدادىن تۇغۇلغان زات» ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە «تۇغۇلغان» بەلكىم مەسىھنىڭ ئىنسان بولۇشقا تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىشى كېرەك. باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «خۇدادىن تۇغۇلغۇچى بولسا (يەنى، ئېتىقادچى)، ئۇ (خۇدا) ئۇنى قوغداپ قالىدۇ؛ (2) خۇدادىن تۇغۇلغۇچى ئۆزىنى قوغداپ قالىدۇ». «ئاشۇ رەزىل» ــ ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ. 5:18 1يۇھ. 3‏:9. 5:20 «ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز» ــ «ھەقىقىي بولغۇچى» خۇدانى كۆرسىتىدۇ. «ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر!» ــ ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقانداق يەرلەردە «خۇدا ھاياتلىق» دېيىلمەيدۇ، لېكىن كۆپ يەرلەردە «ئەيسا مەسىھ ھاياتلىقتۇر»، دېيىلىدۇ. مەسىلەن «يۇھ.» 25:11، 6:14). 5:20 يەش. 9‏:5؛ 44‏:6؛ 54‏:5؛ لۇقا 24‏:45؛ يـۇھ. 20‏:28؛ رىم. 9‏:5؛ 1تىم. 3‏:16. 5:21 «ئەزىز بالىلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ھەرقانداق بۇتلاردىن ساقلاڭلار» ــ «بۇتلار» شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە پەقەت ئويما بۇتلارنى ياكى قۇيما بۇتلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئېتىقادچىلارنىڭ قەلبىدە خۇدانىڭ ئورنىنى تالىشىدىغان ھەرقانداق نەرسە ياكى ئىشتۇر. مەسىلەن، «كول.» 5:3نى كۆرۈڭ.