يۇھاننا «2»
1
«روسۇل يۇهاننا يازغان ئىككىنچى مەكتۇپ»
1‏-2 مەنكى ئاقساقالدىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ئەزىز بالىلىرىغا سالام! مەن سىلەرنى ھەقىقەتتە سۆيىمەن ۋە يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەنە ھەقىقەتنى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى بىزدە ياشاۋاتقان ۋە شۇنداقلا ئەبەدگىچە بىزگە يار بولىدىغان ھەقىقەتنى دەپ سىلەرنى سۆيىدۇ.
خۇدائاتىدىن ۋە ئاتىنىڭ ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھدىن شاپائەت، رەھىم-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە بولغاي!
بالىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا بىز ئاتىدىن ئەمر تاپشۇرۇۋالغاندەك ھەقىقەتتە ماڭغانلارنى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.
 
ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، ساختىلىقتىن ھېزى بولۇش
ئەمدى، ھۆرمەتلىك خانىم، مەن سەندىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى، دەپ ئۆتۈنىمەن. مېنىڭ ساڭا يېزىپ ئۆتۈنگىنىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ بىزدە بار ئەمردۇر (مېھىر-مۇھەببەت شۇكى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ مېڭىشتۇر). مانا بۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاپىلانغاندۇر.   چۈنكى نۇرغۇن ئالدامچىلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا چىقتى. ئۇلار ئەيسانىڭ دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە دەججالدۇر.   بىز ۋە ئۆزۈڭلار سىڭدۈرگەن ئەجىرنى يوقىتىپ قويماي، بەلكى تولۇق ئىنئامغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار. كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. 10 ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار.    11 چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر.
12 سىلەرگە پۈتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، خۇشاللىقىمىزنىڭ تولۇپ تېشىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىپ دىدار كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. 13 خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدەڭنىڭ بالىلىرىدىن ساڭا سالام!
1:1‏-2 «مەنكى ئاقساقالدىن (خۇدا تەرىپىدىن) تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ئەزىز بالىلىرىغا سالام!» ــ «ئاقساقال» مۇشۇ يەردە «جامائەتنىڭ ئاقساقىلى» ياكى پەقەت «مەن قېرىدىن...» دېگەن مەنىدىلا ئىشلىتىلىدۇ. «خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىم» ــ «خانىم» ھەقىقىي بىر ئايال خانىمنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، بولمىسا مەلۇم بىر جامائەتنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. «كىرىش سۈز»ىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك بىز ئۇنى ھەقىقىي مۆتىۋەر ئېتىقادچى خانىمنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. «ئەزىز بالىلىرى» دېگەن (1) جىسامانىي بالىلىرى؛ (2) «روھىي بالىلىرى»؛ (3) ھەم جىسمانىي ھەم روھىي بالىلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىز -3پىكىرگە مايىلمىز («روھىي بالىلىرى» بولسا بۇ خانىمنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ۋاسىتىسى بىلەن خۇدانىڭ يولىغا كىرگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. «كىرىش سۆز»ىمىزنى، 9-ئايەتنى، «3يۇھ.» 4-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). «مەنكى ئاقساقالدىن... سالام!» ــ بارلىق خەتلىرىگە ئوخشاش، روسۇل يۇھاننا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە كۆرسەتمەيدۇ. 1:3 «رەھىم-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە بولغاي!» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «رەھىم-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بىزلەرگە ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە بولغاي!» دەپ پۈتۈلگەن. 1:5 يـۇھ. 13‏:34؛ 15‏:12؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1پېت. 4‏:8؛ 1يۇھ. 2‏:7؛ 3‏:23؛ 4‏:21. 1:6 «مانا بۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاپىلانغاندۇر» ــ كۆزدە تۇتۇلغان ئەمر چوقۇم ئالدىنقى 5-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى». 1:6 يـۇھ. 15‏:10. 1:7 «چۈنكى نۇرغۇن ئالدامچىلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا چىقتى» ــ نېمىشقا «چۈنكى» دەيدۇ؟ بىزنىڭچە 5-7-ئايەت بىلەن باغلىقتۇر. ئالدامچىلار، ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر يول 5-7-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغاندەك خۇدانىڭ ھەمراھلىقىدا مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشاشتۇر. «ئۇلار ئەيسانىڭ دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ» ــ «ئىنسانىي تەندە» (ياكى «ئىنسان تېنىدە») گرېك تىلىدا «ئەتتە» بىلەن بىلدۈرىلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ». 1:7 مات. 24‏:24،5؛ 2پېت. 2‏:1؛ 1يۇھ. 4‏:1. 1:8 «بىز ۋە ئۆزۈڭلار سىڭدۈرگەن ئەجىرنى يوقىتىپ قويماي، بەلكى تولۇق ئىنئامغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار» ــ «بىز ۋە ئۆزۈڭلار سىڭدۈرگەن ئەجىر» بەلكىم يۇھاننا، شۇ خانىم ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە خۇدانىڭ يولىدا ئىشلەپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، باشقىلارنى خۇدانىڭ يولىغا باشلاش ئەجىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ئۇلارنىڭ خۇدا ئۈچۈن چىقارغان مېۋىسىنى يوقاتماقچى، ئەلۋەتتە. 1:9 «كىمكى مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، خۇدا ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ» ــ «تەلىمدىن ھالقىپ چىقىپ» گرېك تىلىدا «ئىلگىرى بېسىپ» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ بىر ھەجۋىي گەپتۇر. مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھېچقانداق سۆز-ئىدىيىلەر «ئىلگىرى تۇرمايدۇ»، ئەلۋەتتە. مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ھالقىپ ھەرقانداق باشقا سۆز-ئىدىيىلەرگە ئۆتۈش ھېچقانداق «ئىلگىرىلەش» ئەمەستۇر، ئەلۋەتتە. «لېكىن ئۇنىڭ تەلىمىدە چىڭ تۇرغۇچى بولسا، ئاتا ھەم ئوغۇل ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ» ــ «مەسىھنىڭ تەلىمى... ئۇنىڭ تەلىمى...» ــ ھەم مەسىھ ئۆزى بەرگەن تەلىم ھەم روسۇللار ئۇنىڭ توغرۇلۇق بەرگەن تەلىمنىمۇ تەڭ كۆرسىتىدۇ. 1:10 «ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ تەلىمىنى ئېلىپ كەلمەي سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار» ــ «ئۇنىڭ تەلىمى» گرېك تىلىدا «مۇشۇ تەلىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ ئۇ «مەسىھنىڭ تەلىمى». 9-ئايەتنى كۆرۈڭ. «ئۇنى ئۆيۈڭلارغا باشلىماڭلار ھەم ئۇنىڭغا سالاممۇ بەرمەڭلار» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى «سالام» (ئىبرانىي تىلىدا «شالوم»، گرېك تىلىدا «خائىر») دېگەن سۆز «ساڭا تىنچ-خاتىرجەملىك تىلەيمەن» دېگەن مەنىدە. شۇڭا مۇشۇنداق ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرگە «سالام» ئېيتىشقا بولمايدۇ. يۇھاننانىڭ بۇ دېگىنى ئۇلارغا ئەدەپسىزلىك قىلىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە، بەلكى ئۇلارغا سالام بېرىشنىڭ ئورنىغا ساختا تەلىمى ئۈچۈن تەنبىھ بېرىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. 1:10 رىم. 16‏:17؛ 2تىم. 3‏:5؛ تىت. 3‏:10. 1:11 «چۈنكى ئۇنداق ئادەمگە سالام بەرگەن كىشى ئۇنىڭ رەزىل ئەمەللىرىگە شېرىك بولغۇچىدۇر» ــ «سالام» توغرۇلۇق يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 1:13 «خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدەڭنىڭ بالىلىرىدىن ساڭا سالام!» ــ «ھەدەڭنىڭ بالىلىرى» روسۇل يۇھاننا تۇرغان جايدىكى جامائەتتىكى ئېتىقادچىلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.