10
سېغىز لاي كۇلالچى بىلەن سۆزلىشىدۇ
مەن ئۆز جېنىمدىن نەپرەتلىنىمەن؛
ئۆز دەردىمنى تۆكۈۋالاي؛
قەلبىمدىكى ئاھ-زارىمنى سۆزلىۋالاي.
مەن تەڭرىگە: «مېنىڭ گۇناھىمنى بېكىتمە؛ ماڭا كۆرسەتكىنكى،
سەن زادى نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالىشىسەن؟
ئادەمنى ئەزگىنىڭ،
ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭنى چەتكە قاققىنىڭ ساڭا پايدىلىقمۇ؟
يامانلارنىڭ سۇيىقەستىگە نۇر چاچقىنىڭ ياخشىمۇ؟
سېنىڭ كۆزۈڭ ئىنساننىڭكىدەك ئاجىزمۇ؟
سەن ئادەملەر كۆرگەندەك خىرە كۆرەمسەن؟
سېنىڭ كۈنلىرىڭ ئۆلىدىغان ئىنساننىڭ كۈنلىرىدەك چەكلىكمۇ؟
سېنىڭ يىللىرىڭ ئىنساننىڭ يىللىرىدەك قىسقىمۇ؟
6‏-7 سەن مېنىڭ رەزىل ئادەم ئەمەسلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ،
سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتۇلدۇرغۇدەك ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ،
نېمىشقا مېنىڭ خاتالىقىمنى سوراپ يۈرىسەن؟
نېمىشقا مېنىڭ گۇناھىمنى سۈرۈشتۈرىسەن؟» ــ دەيمەن.
ــ سەن ئۆز قوللىرىڭ بىلەن مېنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدە قىلىپ ياراتقانسەن؛
بىراق سەن مېنى يوقاتماقچىسەن!
سەن لاينى ياسىغاندەك مېنى ياسىغىنىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، دەپ يېلىنىمەن؛
سەن مېنى يەنە تۇپراققا قايتۇرامسەن؟
10  سەن ئۇستىلىق بىلەن مېنى سۈتتەك قۇيۇپ چايقاپ،
مېنى ئىرىمچىكتەك ئۇيۇتقان ئەمەسمۇ؟  
11  سەن تېرە ھەم ئەت بىلەن مېنى كىيىندۈرگەنسەن،
ئۇستىخان ھەم پەي بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مېنى توقۇغانسەن.
12  سەن ماڭا ھايات ھەم مېھىر-شەپقەت تەقدىم قىلغانسەن،
سەن سۆيگۈڭ بىلەن روھىمدىن خەۋەر ئالدىڭ.
13  بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭ قەلبىڭدە يوشۇرۇقلۇق ئىدى؛
بۇلارنىڭ ئەسلىدە قەلبىڭدە پۈكۈكلىكىنى بىلىمەن.
14  گۇناھ قىلغان بولسام، سەن مېنى كۆزىتىپ يۈرگەن بولاتتىڭ؛
سەن مېنىڭ قەبىھلىكىمنى جازالىماي قويمايتتىڭ.
15  رەزىل ھېسابلانغان بولسام، ماڭا بالا كېلەتتى!
ھەم ياكى ھەققانىي ھېسابلانساممۇ، قاتتىق نومۇسقا چۆمۈپ، ئازابقا چۆمگىنىمدە،
بېشىمنى يەنىلا كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم؛
16  ھەتتا بېشىمنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلساممۇ،
سەن ئەشەددىي شىردەك مېنىڭ پېيىمگە چۈشەتتىڭ؛
سەن ماڭا كارامەت كۈچۈڭنى ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتەتتىڭ.
17  سەن مېنى ئەيىبلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭنى قايتىدىن ئالدىمغا كەلتۈرىسەن؛
ماڭا قارىتىلغان غەزىپىڭنى زور قىلىسەن؛
كۈچلىرىڭ ماڭا قارشى دولقۇنلاپ كەلمەكتە.
18  سەن ئەسلىدە نېمىشقا مېنى بالىياتقۇدىن چىقارغانسەن؟
كاشكى، مەن چاچراپ كەتكەن بولسام، ھېچ ئادەم مېنى كۆرمەس ئىدى!
19  مەن ھېچقاچان بولمىغان بولاتتىم!
بالىياتقۇدىن بىۋاسىتە گۆرگە ئاپىرىلغان بولاتتىم!
20‏-22  مېنىڭ ئازغىنە كۈنلىرىم تۈگەي دېگەن ئەمەسمۇ؟
شۇڭا مەن بارسا كەلمەس يەرگە بارغۇچە،
ــ قاراڭغۇلۇق، ئۆلۈم سايە بولغان زېمىنغا،
ــ زۇلمەت بىر زېمىنغا، يەنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىغا،
ئۆلۈم سايىسىنىڭ زېمىنىغا،
تەرتىپسىز، ھەتتا ئۆز نۇرى قاپقاراڭغۇ قىلىنغان شۇ زېمىنغا بارغۇچە،
ماڭا ئازراق جان كىرىش ئۈچۈن،
ئىشىڭنى بىر دەقىقە توختات، مەندىن نېرى بول!».
 
 
10:3 «ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭنى چەتكە قاققىنىڭ ساڭا پايدىلىقمۇ؟» ــ ئايۇپ بەلكىم: ــ «سەن ماڭا ھەم پۈتۈن ئىنسانغا شۇنچە ياخشى ئەجرىڭنى سىڭدۇرگەنىكەنسەن، نېمىشقا بۇ ياخشى نەرسەڭگە شۇنداق زىيان يەتكۈزىسەن؟» دېمەكچى. ئۇ تۆۋەندىكى 8-12-ئايەتلەردە بۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى كېڭەيتىدۇ. 10:4 «سېنىڭ كۆزۈڭ ئىنساننىڭكىدەك ئاجىزمۇ؟» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سېنىڭ كۆزلىرى ئەتلىك كۆزلەرمۇ؟». 10:5 «سېنىڭ كۈنلىرىڭ ... چەكلىكمۇ؟ سېنىڭ يىللىرىڭ ئىنساننىڭ يىللىرىدەك قىسقىمۇ؟» ــ ئايۇپ بۇ جۈملىلىرىدە ھەممە ئىمكانىيەتنى ئوتتۇرا قويىدۇ؛ ئاندىن ئۇ ھەممىسىنى دېگۈدەك چەتكە قاقىدۇ ــ خۇدا ئادەمنى ئەزگىنىگە خۇشالمۇ-يا؟ ئۇ ئادەمدەك كالتە پەملىكمۇ-يا، ياكى ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ ئۆزىنى جازالاشقا ئۈلگۈرەلمەمدۇ-يا؟ (ئۇنداق بولمىسا، مەن زادى نېمىشقا شۇنداق ئازابقا قالدۇرۇلىمەن؟) دەپ ئويلايدۇ ئايۇپ. 10:9 يار. 2‏:7؛ 3‏:19 10:10 «سەن ... مېنى ئىرىمچىكتەك ئۇيۇتقان ئەمەسمۇ؟» ــ ئايۇپنىڭ «مېنى سۈتتەك قۇيۇپ چايقاپ، ...ئىرىمچىكتەك ئۇيۇتقان» دېگەن سۆزلىرى خۇدانىڭ ئۆز تېنىنى شۇنچە ئاجايىبلىق بىلەن مۇرەككەپ ياراتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 10:10 زەب. 139‏:16،15 10:12 «سەن سۆيگۈڭ بىلەن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سەن يوقلىشىڭ بىلەن...». «... سەن سۆيگۈڭ بىلەن روھىمدىن خەۋەر ئالدىڭ» ــ 8-12-ئايەتتە، ئايۇپ خۇدانىڭ ئىنساننىڭ تېنىنى شۇنچە كارامەت ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ياساپ، شەپقەت-سۆيگۈ كۆرسەتكەندىن كېيىن، خۇدانىڭ ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن ئۇلۇغ، كارامەت بىر پىلانى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بىراق ئايۇپ ئۆزىنىڭ ئىشىدا مۇنداق ئاجايىب پىلاننى كۆرەلمەي، ئەكسىچە خۇدانىڭ ئۇنىڭ بارلىقىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ: «بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭ قەلبىڭدە يوشۇرۇقلۇق ئىدى» (13-ئايەت) دەپ، خۇدا مېنىڭ دوستۇم ئەمەس، دۈشمىنىم بولۇپ چىققان دەپ گۇمانلىنىدۇ. ئايۇپنىڭ خۇدانىڭ دوستلۇقىدىن مەھرۇم بولغانمەن دېگەن ھېسسىياتى ۋە ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلىق سېزىمىنىڭ يوقلۇقى، شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئازابلىق ئىش ئىدى. 10:16 يەش. 38‏:13؛ يىغ. 3‏:10 10:17 «مېنى ئەيىبلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭ» ــ ئايۇپنىڭ بۇ دېگىنى، بەلكىم، خۇدانىڭ ئۇنى «سەن گۇناھ قىلدىڭ، شۇڭا جازالاندىڭ» دەپ ئەيىبلەيدىغان بىرنەچچە گۇۋاھچىنى ئورۇنلاشتۇرغان، دەپ كۆرسەتمەكچى؛ گۇۋاھچىلار بولسا، ئۇنىڭ ئۈچ دوستىنى، ئۆز بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلەرنى ھەمدە كېسەلنىڭ ئازابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك. 10:18 ئايۇپ 3‏:11