11
زوفارنىڭ بىرىنچى سۆزى ــ «ساختا ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى»
ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
«گەپ مۇنداق كۆپ تۇرسا، ئۇنى جاۋابسىز قالدۇرغىلى بولماس؟
سۆزمەن كىشى ئۆزىنى ئاقلىسا بولامدۇ؟
سېنىڭ سەپسەتەلىرىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىسا بولامدۇ؟
سەن مازاق قىلىپ سۆزلىگەندىن كېيىن، ھېچكىم بۇ ئىشنى يۈزۈڭگە سالمىسۇنمۇ؟
چۈنكى سەن: «مېنىڭ ئەقىدىلىرىم ساپتۇر،
مەن سەن خۇدانىڭ ئالدىدا پاكمەن» ــ دېدىڭ.
ئاھ، تەڭرى گەپ قىلسىدى!
ئاغزىنى ئېچىپ سېنى ئەيىبلىسىدى!
شۇنداق قىلىپ ئۇ دانالىقنىڭ سىرلىرىنى ساڭا ئېچىپ بەرسىدى!
چۈنكى دانالىق ئىككى تەرەپلىكتۇر!
تەڭرىنىڭ گۇناھىڭنىڭ خېلى بىر قىسمىنى كۆتۈرىۋېتىپ، ئۇلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپ قوي!
سەن تەڭرىنى ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تۈپتىن تونۇيالامسەن؟!
ھەممىگە قادىرنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەمسەن؟
بۇنداق دانالىق ئاسماندىن ئېگىزدۇر، ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە نېمە ئامالىڭ بار؟
ئۇ تەھتىسارادىن چوڭقۇردۇر، سەن نېمىنى بىلەلەيسەن؟
ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەر-زېمىندىن ئۇزۇندۇر،
كەڭلىكى دېڭىز-ئوكيانلاردىن كەڭدۇر.
10  ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئادەمنى قامىسا، ئۇنى سوراققا چاقىرسا، كىممۇ ئۇنى توسالىسۇن؟
11  چۈنكى ئۇ ساختا ئادەملەرنى ئوبدان بىلىدۇ،
ئۇ تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ئالدامچىلىقنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان.  
12  «ئىنسان تۇغۇلۇپ بىر ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئايلانغۇچە،
نادان ئادەم دانا بولۇر!».  
13  بىراق سەن بولساڭ، ئەگەر قەلبىڭنى توغرىلاتساڭ،
قولۇڭنى خۇداغا قاراپ سوزساڭ،
14  قولۇڭدىكى قەبىھلىكنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىلساڭ،
چېدىرلىرىڭدا ھېچ يامانلىقنى تۇرغۇزمىساڭلا،
15  سەن ئۇ چاغدا يۈزۈڭنى قۇسۇرسىز كۆتۈرۈپ يۈرىسەن،
تەۋرەنمەس، قورقۇنچسىز بولىسەن؛
16  جاپايىڭنى ئۇنتۇيسەن،
ھەتتا ئېقىپ ئۆتۈپ كەتكەن سۇنى ئويلىغاندەك ئۇلارنى ئەسلەيسەن؛
17  كۈنلىرىڭ چۈشتىكى نۇردىن يورۇق بولىدۇ،
سېنى ھازىر قاراڭغۇلۇق باسقىنى بىلەن، تاڭدەك پارلاق بولىسەن.
18  ئۈمىدىڭ بار بولغاچقا، سەن ھىمايىگە ئىگە بولىسەن،
سەن ئەتراپىڭغا خاتىرجەم قاراپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرىسەن.
19  راست، سەن ياتقىنىڭدا، ھېچكىمنىڭ ۋەسۋەسىسى بولمايدۇ،
ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېنىڭ ھىممىتىڭنى ئىزدەپ كېلىدۇ.  
20  بىراق رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرىدىن كېتىدۇ،
ئۇلارغا قېچىشقا ھېچ يول قالمايدۇ،
ئۇلارنىڭ ئۈمىدى نەپىسى توختاشتىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس».   
 
 
11:1 «نائاماتلىق زوفار» ــ ئايۇپقا سۆز قىلىدىغان ئۇنىڭ ئۈچىنچى دوستىدۇر. بىز ئايۇپنىڭ بۇ ئۈچ دوستىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئېلىفاز ئەدەبلىكرەك، باشقىلاردىن سەل مېھرىباندەك كۆرۈنىدۇ؛ سۆز قىلىش تەرتىپىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ يېشى بەلكىم ئەڭ چوڭ، ئاخىردا سۆزلەيدىغان زوفار ئەڭ كىچىك بولۇشى مۇمكىن. ئېلىفاز ئۆز تەجرىبىسىنى، يەنى ئۆزىنىڭ كۆرگەن غايىبانە ئالامىتىنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ؛ بىلداد بولسا ئەنئەنىچى بولۇپ، ئىلگىرىكى دەۋردىكىلەر مەيلى نېمە دېگەن بولمىسۇن، شۇ توغرا دەپ قارايدۇ؛ زوفار بولسا ھېسسىياتچان، قوپال، ئاممىباب ماقال-تەمسىللەرگە ئامراق، «جامائەتنىڭ پىكرى بەرىبىر توغرىدۇر» دەپ قارايدۇ (3-ئايەتتىمۇ «كۆپچىلىك» دېگەن سۆز تەكىتلىنىدۇ). بەزىدە ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن يامانلارنىڭ جازالىنىشىدىن ئۇنىڭ ناھايىتى ھۇزۇر ئالىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. 11:4 «مېنىڭ ئەقىدىلىرىم ساپتۇر» ــ ئەمەلىيەتتە ئايۇپ بۇنداق سۆز قىلمىدى. 11:6 «تەڭرىنىڭ گۇناھىڭنىڭ خېلى بىر قىسمىنى كۆتۈرىۋېتىپ، ئۇلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپ قوي!» ــ زوفارنىڭ بۇ سۆزلىرى: «خۇدا گۇناھلىرىڭنىڭ بىرنەچچىسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ، پەقەت ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى ساڭا چۈشۈرۈۋاتىدۇ»، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 11:11 «ئۇ تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ئالدامچىلىقنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان» ــ يەنە بىر خىل تەرجىمىسى: «ۋە ئادەملەر بايقىيالمايدىغان گۇناھىنىمۇ كۆرەلەيدۇ». 11:11 زەب. 10‏:11، 14؛ 35‏:21-23؛ 94‏:11 11:12 «ئىنسان تۇغۇلۇپ بىر ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئايلانغۇچە، نادان ئادەم دانا بولۇر!» ــ بۇ ئايەتنىڭ يەنە ئىككى خىل تەرجىمىسى: «نادان كىشى دانالىققا ئېرىشمەس، ئىنسان تۇغۇلغاندا ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئوخشاشتۇر، خالاس» ياكى «ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيى تۇغۇلۇپ ئىنسانغا ئايلانغۇچە، نادان بىر ئادەم دانا بولۇر». بۇ سۆز بەلكىم ئاشۇ دەۋردىكى بىر ماقال بولسا كېرەك. 11:12 ئايۇپ 5‏:8؛ 22‏:21؛ توپ. 3‏:18 11:17 زەب. 37‏:6؛ 92‏:14؛ 112‏:4؛ پەند. 4‏:18 11:18 لاۋ. 26‏:5 11:19 «... ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېنىڭ ھىممىتىڭنى ئىزدەپ كېلىدۇ» ــ مۇشۇ گەپنىڭ ئاجايىب يېرى شۇكى، ئاخىردا زوفارنىڭ ئۆزى ئايۇپنىڭ ھىممىتىگە ھاجەتمەن بولىدۇ (42-باب). 11:19 لاۋ. 26‏:6؛ زەب. 3‏:5-6؛ 4‏:8؛ پەند. 3‏:24 11:20 «ئۇلارنىڭ ئۈمىدى نەپىسى توختاشتىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس» ــ زوفارنىڭ بۇ سۆزى ئايۇپقا قارىتىلغان ھېچقانداق ھېسداشلىق بولمىغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ: «مۇنداق كېتىۋەرسەڭ، سەندە پەقەت نەپىسىڭنى توختىتىشتىن باشقا ئۈمىد قالمايدۇ» دېگەنلىك. 11:20 ئايۇپ 8‏:14،13؛ 18‏:14