12
ئايۇپ يەنە سۆز قىلىدۇ •••• «خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى، ئۇنىڭ ئادىللىقى ۋە كۆرۈنۈشتە بولغان ئادىلسىزلىقى»
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
سىلەر بەرھەق ئەل-ئەھلىسىلەر!
ئۆلسەڭلار ھېكمەتمۇ سىلەر بىلەن بىللە كېتىدۇ!
مېنىڭمۇ سىلەردەك ئۆز ئەقلىم بار،
ئەقىلدە سىلەردىن قالمايمەن؛
بۇنچىلىك ئىشلارنى كىم بىلمەيدۇ؟!
مەن ئۆز دوستلىرىمغا مازاق ئوبيېكتى بولدۇم؛
مەندەك تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، دۇئاسى ئىجابەت بولغان كىشى،
ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم مازاق قىلىندى!
راھەتتە ئولتۇرغان كىشىلەر كۆڭلىدە ھەرقانداق كۈلپەتنى نەزىرىگە ئالمايدۇ؛
ئۇلار: «كۈلپەتلەر پۇتلىرى تېيىلىش ئالدىدا تۇرغان كىشىگىلا تەييار تۇرىدۇ» دەپ ئويلايدۇ.
قاراقچىلارنىڭ چېدىرلىرى ئاۋاتلىشىدۇ؛
تەڭرىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغانلار ئامان تۇرىدۇ؛
ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلاھىنى ئۆز ئالقىنىدا كۆتۈرىدۇ.  
ئەمدى ھايۋانلاردىنمۇ سوراپ باق،
ئۇلار ساڭا ئۆگىتىدۇ،
ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ ساڭا دەيدۇ؛
ۋە ياكى يەر-زېمىنغا گەپ قىلساڭچۇ،
ئۇمۇ ساڭا ئۆگىتىدۇ؛
دېڭىزدىكى بېلىقلار ساڭا سۆز قىلىدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىلغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟
10  بارلىق جان ئىگىلىرى، بارلىق ئەت ئىگىلىرى،
جۈملىدىن بارلىق ئىنساننىڭ نەپىسى ئۇنىڭ قولىدىدۇر.
11  ئېغىزدا تائامنى تېتىغاندەك،
قۇلاقمۇ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى سىناپ باقىدۇ ئەمەسمۇ؟
12  ياشانغانلاردا دانالىق راست تېپىلامدۇ؟
كۈنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن يورۇتۇلۇش كېلەمدۇ؟
13  ئۇنىڭدىلا دانالىق ھەم قۇدرەت بار؛
ئۇنىڭدىلا يوليورۇق ھەم يورۇتۇش باردۇر.
14  مانا، ئۇ خاراب قىلسا، ھېچكىم قايتىدىن قۇرۇپ چىقالمايدۇ؛
ئۇ قاماپ قويغان ئادەمنى ھېچكىم قويۇۋېتەلمەيدۇ.
15  مانا، ئۇ سۇلارنى توختىتىۋالسا، سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ،
ئۇ ئۇلارنى قويۇپ بەرسە، ئۇلار يەر-زېمىننى بېسىپ ۋەيران قىلىدۇ.
16  ئۇنىڭدا كۈچ-قۇدرەت، چىن ھېكمەتمۇ بار؛
ئالدىغۇچى، ئالدانغۇچىمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇر.
17  ئۇ مەسلىھەتچىلەرنى يالىڭاچ قىلدۇرۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىدۇ،
سوراقچىلارنى رەسۋا قىلىدۇ.
18  ئۇ پادىشاھلار ئەل-ئەھلىگە سالغان كىشەنلەرنى يېشىدۇ،
ئاندىن شۇ پادىشاھلارنى يالىڭاچلاپ، چاتراقلىرىنى لاتا بىلەنلا قالدۇرۇپ شەرمەندە قىلىدۇ.
19  ئۇ كاھىنلارنى يالىڭاياغ ماڭدۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛
ئۇ كۈچ-ھوقۇقدارلارنى ئاغدۇرىدۇ.
20  ئۇ ئىشەنچلىك قارالغان زاتلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىدۇ؛
ئاقساقاللارنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ.
21  ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت تۆكىدۇ،
ئۇ پالۋانلارنىڭ بەلۋېغىنى يېشىپ ئۇلارنى كۈچسىز قىلىدۇ.  
22  ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى چوڭقۇر سىرلارنى ئاشكارىلايدۇ؛
ئۇ ئۆلۈمنىڭ سايىسىنى يورۇتىدۇ.
23  ئۇ ئەل-يۇرتلارنى ئۇلۇغلاشتۇرىدۇ ھەم ئاندىن ئۇلارنى گۇمران قىلىدۇ؛
ئەل-يۇرتلارنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارنى تارقىتىدۇ.
24  ئۇ زېمىندىكى ئەل-جامائەتنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛
ئۇلارنى يولسىز دەشت-باياۋاندا سەرسان قىلىپ ئازدۇرىدۇ.
25  ئۇلار نۇرسىزلاندۇرۇلۇپ قاراڭغۇلۇقتا يولنى سىلاشتۇرىدۇ،
ئۇ ئۇلارنى مەست بولۇپ قالغان كىشىدەك گالدى-گۇلدۇڭ ماڭدۇرىدۇ.
 
 
12:4 ئايۇپ 16‏:10؛ 17‏:2؛ 21‏:3؛ 30‏:1؛ پەند. 14‏:2 12:5 «راھەتتە ئولتۇرغان كىشىلەر... : «كۈلپەتلەر پۇتلىرى تېيىلىش ئالدىدا تۇرغان كىشىگىلا تەييار تۇرىدۇ» دەپ ئويلايدۇ» ــ ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. باشقا خىل تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن. 12:6 «ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلاھىنى ئۆز ئالقىنىدا كۆتۈرىدۇ» ــ دېمەك، ئۇلار بۇتپەرەسلار. باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «تەڭرى ھەتتا ئۇلارنىڭ قولىغا مولچىلىق بېرىدۇ». 12:6 ئايۇپ 21‏:7؛ زەب. 73‏:11، 12؛ يەر. 12‏:1؛ ھاب. 1‏:3، 4 12:11 ئايۇپ 6‏:30؛ 34‏:3 12:13 «ئۇنىڭدىلا» ــ خۇدادىلا، دېمەكچى. 12:14 ئايۇپ 9‏:12؛ 11‏:10؛ ۋەھ. 3‏:7 12:17 2سام. 15‏:31؛ 17‏:23،14؛ يەش. 19‏:12؛ 29‏:14؛ 1كور. 1‏:19 12:18 «ئۇ پادىشاھلار ئەل-ئەھلىگە سالغان كىشەنلەرنى يېشىدۇ، ئاندىن شۇ پادىشاھلارنى يالىڭاچلاپ، ... شەرمەندە قىلىدۇ» ــ مۇشۇ پادىشاھلار مۇستەبىت بولۇشى ناتايىن؛ ئۇلار پۇقرىلارغا سالغان كىشەنلەرنى بەلكىم ئادىللىق بىلەن سالغان بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن. 12:19 «كاھىنلار» ــ خەلققە ۋاكالىتەن قۇربانلىق قىلغۇچىلار، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلغۇچىلار. 12:20 ئايۇپ 32‏:9؛ يەش. 3‏:2، 3 12:21 «ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت تۆكىدۇ، ئۇ پالۋانلارنىڭ بەلۋېغىنى يېشىپ ئۇلارنى كۈچسىز قىلىدۇ» ــ مۇشۇ ئاقسۆڭەك، پالۋانلار ئەسلىدە مەلۇم بىر گۇناھ ياكى زالىملىقنى قىلغانلىقى ناتايىن. ئايۇپ بۇ يەردە: خۇدا تاشقى كۆرۈنۈشتە سەۋەبسىز ھالدا بۇ ئېسىلزادە كىشىلەرگە ھەرخىل كۈلپەت چۈشۈرىدۇ ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنى قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىدۇ، دېمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى «ئاقساقاللارنىڭ ئەقلى ئېلىپ كېتىلگەن» دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەسلىھەت بېرىدىغان ئادەملىرىنىڭمۇ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇ پالاكەتلەر مەلۇم بىر گۇناھدىن چىققان بولۇشىمۇ ياكى ئۇنداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئايۇپنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە قارىغاندا، 23-25-ئايەتلەردە دېيىلگەن ئاۋاتچىلىق ھەم كۈلپەتلەر ئوخشاشلا يۈز بەرگەندەك كۆرىنىدۇ. 12:21 زەب. 107‏:40 12:22 مات. 10‏:26؛ 1كور. 4‏:5 12:23 زەب. 107‏:38 12:24 زەب. 107‏:4-5، 40