23
ئايۇپ جاۋاب بېرىدۇ ــ ئىشەنچ-ئېتىقادنىڭ گۇمان بىلەن بولغان كۈرىشى
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
«بۈگۈنمۇ شىكايىتىم ئاچچىقتۇر؛
ئۇنىڭ مېنى باسقان قولى ئاھ-زارلىرىمدىنمۇ ئېغىردۇر!
ئاھ، ئۇنى نەدىن تاپالايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسامئىدى،
ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان جايىغا بارار ئىدىم!
شۇندا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەۋايىمنى بايان قىلاتتىم،
ئاغزىمنى مۇنازىرىلەر بىلەن تولدۇراتتىم،
مەن ئۇنىڭ ماڭا بەرمەكچى بولغان جاۋابىنى بىلەلەيتتىم،
ئۇنىڭ ماڭا نېمىنى دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتىم.
ئۇ ماڭا قارشى تۇرۇپ زور كۈچى بىلەن مېنىڭ بىلەن تالىشامتى؟
ياق! ئۇ چوقۇم ماڭا قۇلاق سالاتتى.
ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ھەققانىي بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشالايتتى؛
شۇنداق بولسا، مەن ئۆز سوتچىم ئالدىدا مەڭگۈگىچە ئاقلانغان بولاتتىم.
ئەپسۇس، مەن ئالغا قاراپ ماڭساممۇ، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛
كەينىمگە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن.
ئۇ سول تەرەپتە ئىش قىلىۋاتقاندا، مەن ئۇنى بايقىيالمايمەن؛
ئۇ ئوڭ تەرەپتە يوشۇرۇنغاندا، مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن؛
10  بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ؛
ئۇ مېنى تاۋلىغاندىن كېيىن، ئالتۇندەك ساپ بولىمەن.
11  مېنىڭ پۇتلىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرىگە چىڭ ئەگەشكەن؛
ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچ چەتنىمىدىم.
12  مەن يەنە ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتمىدىم؛
مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز كۆڭۈلدىكىلىرىمدىن قىممەتلىك بىلىپ قەدىرلەپ كەلدىم.
13  بىراق ئۇنىڭ بولسا بىرلا مۇددىئاسى باردۇر، كىممۇ ئۇنى يولىدىن بۇرۇيالىسۇن؟
ئۇ كۆڭلىدە نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولسا، شۇنى قىلىدۇ.
14  چۈنكى ئۇ ماڭا نېمىنى ئىرادە قىلغان بولسا، شۇنى بەرھەق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ؛
مانا مۇشۇ خىلدىكى ئىشلار ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇندۇر.
15  شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشىمەن؛
بۇلارنى ئويلىساملا، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن.
16  چۈنكى تەڭرى كۆڭلۈمنى ئاجىز قىلغان،
ھەممىگە قادىر مېنى ساراسىمىگە سالىدۇ.
17  ھالبۇكى، مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلمىدىم،
ۋە ياكى يۈزۈمنى ئورىۋالغان زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققىمۇ ھېچ سۈكۈت قىلمىدىم.
 
 
23:2 «بۈگۈنمۇ شىكايىتىم ئاچچىقتۇر» ــ بۇ ئايەتتىكى «بۈگۈن» دېگەن سۆز ئايۇپنىڭ دوستلىرى بىلەن بولغان مۇنازىرىلىرىنىڭ بىرنەچچە كۈن داۋاملاشقانلىقىغا ئىسپات بولىدۇ. ئېلىفاز 22-باب، 29-ئايەتتە «خۇدا چىرايى سۇنغانلارنى قۇتقۇزىدۇ» دېگەنىدى. ئايۇپ يەنە بۇ يەردە ئېلىفاز ئېيتقان «شىكايەت (ئەرز)» دېگەن سۆزىنى قەستەن ئىشلىتىپ ئۆزىنى «چىرايى سۇنغانلاردىن» ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. 23:8 «ئەپسۇس، مەن ئالغا قاراپ ماڭساممۇ، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛ كەينىمگە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق مەن شەرققە ماڭىمەن، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛ غەربكە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن». 23:9 «ئۇ سول تەرەپتە ... ئۇ ئوڭ تەرەپتە يوشۇرۇنغاندا، مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن» ــ ئايۇپ ئۆز ئەھۋالىدىن خۇدانىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ھېچقانداق ئىسپات كۆرەلمەيدۇ ۋە خۇدانىڭ ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن نېمىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. 23:10 «بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ» ــ بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ يەنە بىر خىل تەرجىمىسى: «ئۇ (خۇدا) ئۆزىنىڭ ماڭا بولغان يولىنى بىلىدۇ». شۈبھىسىزكى، ئايۇپنىڭ بۇنداق دېگىنى يەنىلا ئۇنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئەڭ پارلاق بايانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز يەنىلا ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز. 23:11 ئايۇپ 31‏:4-8 23:12 «ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز كۆڭۈلدىكىلىرىمدىن قىممەتلىك بىلىپ...» ــ ياكى «ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز نەپسىمدىن قىممەتلىك بىلىپ...». 23:13 زەب. 33‏:9؛ 115‏:3؛ 135‏:6 23:15 «بۇلارنى ، يەنى 14-ئايەتتىكى «مۇشۇ خىلدىكى ئىشلار»نى ئويلىساملا، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن» ــ ئايۇپ ئەمدى نېمىشقا خۇدا ئالدىدا بىئارام بولۇپ، ئۆز ئىشلىرىنى ئويلىسا قورقۇپ كېتىدۇ؟ 14-ئايەتتە ئۇ خۇدا ئۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئىشلار (يەنى ئۇنىڭ ھازىر تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر) توغرىسىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئۇ: «ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان مۇشۇنداق ئىشلار باردۇر» دەيدۇ ــ دېمەك، ئۇ: «مېنىڭ ھازىرغىچە تارتقان ئازابلىرىمدىن يەنە نۇرغۇن «مۇشۇنداق ئىشلار» ئالدىمدا بارمىكىن؟» دەپ ئىنتايىن قىينىلىدۇ. 23:17 «ھالبۇكى، مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلمىدىم، ۋە ياكى يۈزۈمنى ئورىۋالغان زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققىمۇ ھېچ سۈكۈت قىلمىدىم» ــ بۇ ئايەتنىڭ ئەسلى تەكىستىنى چۈشىنىش سەل تەس. يەنە بىر خىل تەرجىمىسى: «چۈنكى مەن قاراڭغۇلۇق چۈشكەندە جاندىن ئۈزۈلمىگىنىم بىلەن، ئۇ مېنىڭ يۈزۈمنى زۇلمەت-قاراڭغۇلۇقتىن قوغداپ قۇتقۇزمىغان».