24
مىسكىنلىك ۋە جىنايەت
ــ نېمىشقا ھەممىگە قادىر سوراق كۈنلىرىنى بېكىتمەيدۇ؟
نېمىشقا ئۇنى تونۇغانلار ئۇنىڭ شۇ كۈنلىرىنى بىكاردىن-بىكار كۈتىدۇ؟
مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ؛
ئۇلار زوراۋانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ پادىلىرىنى بۇلاپ-تالاپ ئۆزلىرى ئوچۇق-ئاشكارا باقىدۇ؛  
ئۇلار يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئېشىكىنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىدۇ؛
ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ.
ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن زېمىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۆكۈشۈۋالىدۇ.
مانا، ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك،
تاڭ سەھەردە ئولجا ئىزدەش «خىزمىتى»گە چىقىدۇ؛
جاڭگال ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ.
ئۇلار ياماننىڭ كالىلىرى ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ،
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىيدۇ؛
ئۇلار كېچىنى كىيىمسىز يالاڭ ئۆتكۈزىدۇ،
سوغۇقتا بولسا يېپىنغۇدەك كىيىمى يوقتۇر.
ئۇلار تاغقا ياغقان يامغۇرلار بىلەن سۈزمە بولۇپ كېتىدۇ،
پاناھسىزلىقىدىن تاشنى قۇچاقلىشىدۇ.
ئادەملەر ئاتىسىز بالىلارنى ئەمچەكتىن بۇلاپ كېتىدۇ،
ئۇلار مىسكىنلەردىن بوۋاقلارنى كېپىللىككە ئالىدۇ.
10  مىسكىنلەر بولسا كىيىمسىز، يېلىڭ ئۆتىدۇ،
باشقىلار ئۈچۈن بۇغداي باغلىرىنى كۆتۈرسىمۇ، يەنىلا ئاچ قالىدۇ؛
11  ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆيىدە زەيتۇنلارنى چەيلەپ ياغ چىقارغان بولسىمۇ،
ھويلىلىرىدا شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگەن بولسىمۇ،
يەنىلا ئۇسسۇزلۇقتا قالىدۇ.
12  شەھەردىن ئادەملەرنىڭ ئاھ-زارلىرى چىقىپ تۇرىدۇ،
قىلىچ يېگەنلەرنىڭ جانلىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛
بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ.
13  ــ نۇرغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدىغانلارمۇ بار؛
ئۇلار نۇرنىڭ يوللىرىنى بىلمەيدۇ،
ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە تۇرمايدۇ.
14  قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ،
كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛
كېچىدە ئۇ ئوغرىدەك يۈرىدۇ.  
15  زىناخورمۇ «مېنى ھېچ كۆز كۆرمەيدۇ» دەپ زاۋال ۋاقتىنى كۈتىدۇ،
باشقىلار مېنى تونۇمىسۇن دەپ ئايالنىڭ چۈمبىلىنى يۈزىگە تارتىۋالىدۇ.
16  قاراڭغۇلۇقتا ئوغرىلار ئۆينىڭ تاملىرىنى كولاپ تېشىدۇ؛
كۈندۈزدە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيىگە قاماپ قويىدۇ؛
ئۇلار نۇرنى تونۇمايدۇ.
17  ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ؛
ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى دوست تۇتىدۇ.
18  ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن!
ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغانكى،
شۇڭا ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمىسۇن!
19  قۇرغاقچىلىق ھەم تومۇز ئىسسىق قار سۇلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ؛
تەھتىسارامۇ ئوخشاشلا گۇناھ قىلغانلارنى يەپ تۈگەتسۇن!
20  ئۇنى، تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇسۇن!
قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن!
ئەسكە ھېچ ئېلىنمىسۇن!
شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيسىزلىق دەرەختەك كېسىلسۇن!
21  ئۇ بالىسى يوق تۇغماسلاردىن ئولجا ئالىدۇ،
ئۇ تۇل خوتۇنلارغىمۇ ھېچ شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ.
22  بىراق خۇدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇنداق كۈچ-ھوقۇقى بارلارنىڭ كۈنىنى ئۇزارتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ.
23  خۇدا يەنىلا ئۇلارنى ئامانلىقتا مۇقىملاشتۇرىدۇ،
شۇڭا ئۇلار خاتىرجەم بولىدۇ؛
ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟
24  ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى بىردەملىك ئۆستۈرۈلىدۇ،
ئاندىن ئۇلار يوق بولىدۇ؛
ئۇلار ئوڭدا قالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ؛
ئۇلار پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ.
25  بۇ ئىشلار مۇنداق بولمىسا، قېنى كىم مېنى يالغانچى دەپ ئىسپاتلىيالايدۇ.
مېنىڭ گەپلىرىمنى كىم قۇرۇق گەپ دېيەلەيدۇ؟».
 
 
24:2 «مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ» ــ مۇشۇ باب 1-12-ئايەتتىكى «ئادەملەر» بەلكىم چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان مىسكىن جىنايەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ (بولۇپمۇ 5-12-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). «...تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ» ــ ياكى «تاشلارنى يۆتكەپ كېتىدۇ». 24:2 قان. 19‏:14؛ 27‏:17؛ پەند. 22‏:28؛ 23‏:10 24:3 «ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ» ــ بۇ كالىسى بەلكىم ھەم سۈت ئۈچۈن ھەم يەر ھەيدەش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. 24:4 پەند. 28‏:28 24:5 «ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك،...» ــ بۇ يامان ئادەملەر شەھەر-يېزىلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن بولۇپ، دەشت-باياۋاندا جان بېقىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى. 24:6 «ئۇلار ياماننىڭ كالىلىرى ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىيدۇ» ــ روشەنكى، يەر ئىگىسى بولغان مۇشۇ رەزىل ئادەم بۇ «چۈپرەندىلەر»گە ئۆز ئاشلىق ھوسۇلىنى ئېلىشتا ياكى ئۈزۈم ھوسۇلىنى ئۈزۈشتە ھېچ ئىشەنمەيدۇ. 24:9 «ئۇلار مىسكىنلەردىن بوۋاقلارنى كېپىللىككە ئالىدۇ» ــ ياكى «ئۇلار مىسكىنلەردىن كېپىللىك ئالىدۇ». 24:10 لاۋ. 19‏:13 24:11 قان. 25‏:4؛ ياق. 5‏:4 24:12 «... بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ» ــ كېيىن ئايۇپ بۇ سۆزىدىن ھەم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا سۆزلىرىدىن توۋا قىلىپ: «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقىسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟» دەپ سۆزىدىن يانىدۇ (42-باب). بىراق بۇ بابتىكى 1-12-ئايەتلەردىن روشەن چۈشىنىمىزكى، ئۇ مۇنداق كىشىلەرنىڭ، ھەتتا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرغان ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ كۆڭۈل بۆلەتتى. 24:14 «قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ» ــ بەلكىم تاڭ سەھەردىكى غۇۋالىقتىن ھەم كىشىنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن زەربە قىلىپ بۇلاپ-تالايدۇ. 24:14 زەب. 10‏:8، 9 24:15 زەب. 10‏:10-11؛ پەند. 7‏:9، 8 24:16 ئايۇپ 38‏:15؛ يـۇھ. 3‏:20 24:17 «ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ» ــ ياكى «تاڭ سەھەر ئۇلار ئۈچۈن قاپ-قاراڭغۇلۇق بولىدۇ». 24:18 «ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن!» ــ 18-20-ئايەتلەردىكى پېئىللارنى بۇيرۇق شەكلىدە ياكى كەلگۈسى زامان شەكلىدە تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا 18-20-ئايەتلەرنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمايدۇ... قاتارلىق» بولىدۇ. بىراق بىز تەرجىمىمىزنى ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئالدۇق. 24:20 «قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن!» ــ ياكى: «قۇرت ئۇنىڭ جورىسى بولسۇن!». 24:22 «...ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ» ــ بۇ ئايەتتىكى ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. باشقا خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. 24:23 «ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟» ــ ئايۇپ مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ يامانلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقىنى بىلەن ئۇلارنى ئالاھىدە جازالىمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇلارنى ئادەتتىكىدەك ئۆلۈم كۈنىگە ساقلايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇشى مۇمكىن. 24:24 «ئۇلار ، يەنى يامانلار پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ» ــ ئايۇپ يەنىلا، يامانلارنىڭ ھېچ جازالانماي ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئاندىن پىشقان سەرخىل بۇغدايدەك ھېچ ئازابلانماي بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.