26
ئايۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى ــ بىلدادنى ئەيىبلەش
ئايۇپ بىلدادقا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
«ماغدۇرسىز كىشىگە قالتىس ياردەملەرنى بېرىۋەتتىڭ!
بىلەكلىرى كۈچسىز ئادەمنى كارامەت قۇتقۇزۇۋەتتىڭ!
ئەقلى يوق كىشىگە قالتىس نەسىھەتلەرنى قىلىۋەتتىڭ!
ۋە ئۇنىڭغا ئالامەت بىلىملەرنى نامايان قىلىۋەتتىڭ!
سەن زادى كىمنىڭ مەدىتى بىلەن بۇ سۆزلەرنى قىلدىڭ؟
سەندىن چىقىۋاتقىنى كىمنىڭ روھى؟
 
خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ ئايۇپنىڭ بايانى
ــ «ئەرۋاھلار، يەنى سۇ ئاستىدىكىلەر،
شۇنداقلا ئۇ يەردە بارلىق تۇرۇۋاتقانلار تولغىنىپ كېتىدۇ؛
بەرھەق، خۇدانىڭ ئالدىدا تەھتىسارامۇ يېپىنچىسىز كۆرۈنىدۇ،
ھالاكەتنىڭمۇ ياپقۇچى يوقتۇر.
ئۇ يەرنىڭ شىمالىي قۇتۇپىنى ئالەم بوشلۇقىغا سوزغان،
ئۇ يەر شارىنى بوشلۇق ئىچىدە مۇئەللەق قىلغان؛  
ئۇ سۇلارنى قويۇق بۇلۇتلىرى ئىچىگە يىغىدۇ،
بۇلۇت ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى بىلەنمۇ يىرتىلىپ كەتمەيدۇ.
ئۇ ئاينىڭ يۈزىنى ياپىدۇ،
ئۇ بۇلۇتلىرى بىلەن ئۇنى توسىدۇ.  
10  ئۇ سۇلارنىڭ ئۈستىگە چەمبەر سىزىپ قويغان،
بۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇق ھەم قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى بېكىتكەن.  
11  ئاسمانلارنىڭ تۈۋرۈكلىرى تەۋرەپ كېتىدۇ،
ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاڭلاپلا ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ.
12  ئۇ دېڭىزنى قۇدرىتى بىلەن تىنچلاندۇرىدۇ؛
ئۆز ھېكمىتى بىلەن راھابنى پارە-پارە قىلىپ يانجىۋېتىدۇ.  
13  ئۇنىڭ روھى بىلەن ئاسمانلار بېزەلگەن،
ئۇنىڭ قولى تېز قاچقان ئەجدىھانى سانجىيدۇ.
  
14  مانا، بۇ ئىشلار پەقەت ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر، خالاس؛
ئۇنىڭ سۆز-كالامىدىن ئاڭلاۋاتقىنىمىز ناھايىتى پەس بىر شىۋىرلاش، خالاس!
ئۇنىڭ پۈتكۈل زور قۇدرىتىنىڭ گۈلدۈرمامىسىنى بولسا كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟!».
 
 
26:6 زەب. 139‏:8، 11، 12؛ پەند. 15‏:11؛ ئىبر. 4‏:13 26:7 «ئۇ يەرنىڭ شىمالىي قۇتۇپىنى ئالەم بوشلۇقىغا سوزغان» ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «ئۇ شىمالىي تەرەپلەر ئالەم بوشلۇقىدا سوزغان». بۇ ئىبارىنىڭ يەرنىڭ شىمالىنى ئەمەس، بەلكى ئاسماننىڭ شىمالىدىكى تەرەپلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىنچىلىكىمۇ بار. «يەر شارى» ــ ئەينى تېكىستتە «يەر». بىراق خېلى روشەنكى، ئايۇپ يەر-زېمىننىڭ مۇتلەق ئايرىم تۇرىدىغان بىر جىسىم ئىكەنلىكىدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى. 26:7 زەب. 104‏:2 26:9 «ئۇ ئاينىڭ يۈزىنى ياپىدۇ» ــ ياكى «ئۇ تەختى بولغان ئەرشنىڭ يۈزىنى ياپىدۇ». 26:9 ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2، 3 26:10 «بۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇق ھەم قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى بېكىتكەن» ــ ئىلىم-پەن جەھەتتىنمۇ، بۇ سۆزلەرنىڭ توپ-توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. 26:10 يار. 1‏:9؛ ئايۇپ 38‏:8؛ زەب. 33‏:7؛ 104‏:5-9؛ پەند. 8‏:29؛ يەر. 5‏:22 26:12 «ئۇ دېڭىزنى قۇدرىتى بىلەن تىنچلاندۇرىدۇ» ــ «تىنچلاندۇرىدۇ» دېگەننىڭ ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: ــ «تىنچلاندۇرىدۇ» ياكى «دولقۇنلىتىدۇ». بىراق «دولقۇنلىتىدۇ» بولسا كېيىنكى ئايەت بىلەن ماسلاشمايدۇ. «راھاب» ــ «راھاب»نىڭ ئۈچ خىل مەنىسى بار. 9-باب، 13-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، دېڭىزدىكى ئاشۇ زور، قورقۇنچلۇق ھايۋاننى كۆرسىتىدۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ شەيتاننىڭ بىر كۆرۈنۈشىدۇر. بۇ ئايەت بەلكىم شەيتاننىڭ دەسلەپتە خۇداغا قارشىلىق قىلىپ ئىسيان كۆتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن خۇدانىڭ ئۇنى ئەرشتىن ھەيدەپ دېڭىزغا تاشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى بىتچىت قىلىۋېتىدىغانلىقىدىن بېشارەت قىلىدۇ. 13-ئايەتنى ھەم ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ. 26:12 يەش. 51‏:15 26:13 «تېز قاچقان» ــ ياكى «يورغىلىما». «تېز قاچقان ئەجدىھا» ــ بەلكىم يۇقىرىقى «لېۋىئاتان»نى (9-ئىزاھاتنى كۆرۈڭ) ياكى شەيتاننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئىككىنچى مەنىسى توغرا بولسا، بۇ تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» 3-بابتىكى بېشارەت بىلەن ئوخشايدۇ. دېمەك، ئاخىردا خۇدا ئۆز مەسىھى ئارقىلىق شەيتاننى پۈتۈنلەي مەغلۇب قىلىدۇ. بەزى ئالىملار: «ئۇ ئۆز قولى بىلەن «ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمى»نى ياسىغان» دەپمۇ تەرجىمە قىلىدۇ. 26:13 زەب. 33‏:6 26:14 «بۇ ئىشلار پەقەت ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر، خالاس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ ئىشلار پەقەت ئۇنىڭ يوللىرىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بۇرجىكى، خالاس». «ئۇنىڭ پۈتكۈل زور قۇدرىتىنىڭ گۈلدۈرمامىسىنى بولسا كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟!» ــ ئايۇپنىڭ بۇ ئۈچ دوستى خۇدا ھەممىدىن ئۇلۇغ ۋە ئالىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بىراق ئايۇپ ئۈچۈن (گۇمانلىق نۇقتىئىنەزەردىن ئەمەس، ئېتىقادنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن سۆزلىگەن ۋاقىتلاردا) خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ئۇنىڭ ئىنساننى پاكلاپ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن شادلىنىدۇ.