27
ئايۇپنىڭ قايتىدىن ئۆز ھەق-سەمىمىيلىكىنى بايان قىلىشى
ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ
«مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان تەڭرىنىڭ ھاياتى بىلەن،
جېنىمنى ئاغرىتقان ھەممىگە قادىرنىڭ ھەققى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
تېنىمدە نەپەس بولسىلا،
تەڭرىنىڭ بەرگەن روھى دىمىغىمدا تۇرسىلا،
لەۋلىرىمدىن ھەققانىيسىز سۆزلەر چىقمايدۇ،
تىلىم ئالدامچىلىق بىلەن ھېچ شىۋىرلىمايدۇ!
سىلەرنىڭكىنى توغرا دېيىش مەندىن يىراق تۇرسۇن!
جېنىم چىققانغا قەدەر دۇرۇسلۇقۇمنى ئۆزۈمدىن ئايرىمايمەن!
ئادىللىقىمنى چىڭ تۇتۇۋېرىمەن، ئۇنى قويۇپ بەرمەيمەن،
ۋىجدانىم ياشىغان ھېچبىر كۈنۈمدە مېنى ئەيىبلىمىسۇن!
مېنىڭ دۈشمىنىم رەزىللەرگە ئوخشاش بولسۇن،
ماڭا قارشى چىققانلار ھەققانىيسىز دەپ قارالسۇن.
چۈنكى تەڭرى ئىپلاس ئادەمنى ئۈزۈپ تاشلىغاندا،
ئۇنىڭ جېنىنى ئالغاندا،
ئۇنىڭ يەنە نېمە ئۈمىدى قالار؟
بالايىئاپەت ئۇنى بېسىپ چۈشكەندە،
تەڭرى ئۇنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلامدۇ؟
10  ئۇ ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنەمدۇ؟
ئۇ ھەردائىم تەڭرىگە ئىلتىجا قىلالامدۇ؟
11  مەن تەڭرىنىڭ قولىنىڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا سىلەرگە مەلۇمات بېرەي؛
ھەممىگە قادىردا نېمە بارلىقىنى يوشۇرۇپ يۈرمەيمەن.
12  مانا سىلەر ئاللىبۇرۇن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭلار؛
سىلەر نېمىشقا ئاشۇنداق پۈتۈنلەي قۇرۇق خىياللىق بولۇپ قالدىڭلار؟
13  رەزىل ئادەملەرنىڭ تەڭرى بېكىتكەن ئاقىۋىتى شۇنداقكى،
زوراۋانلارنىڭ ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان نېسىۋىسى شۇنداقكى: ــ
14  ئۇنىڭ بالىلىرى كۆپەيسە، قىلىچلىنىش ئۈچۈنلا كۆپىيىدۇ؛
ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نېنى يېتىشمەيدۇ.  
15  ئۇنىڭ ئۆزىدىن كېيىن قالغان ئادەملىرى ئۆلۈم بىلەن بىۋاسىتە دەپنە قىلىنىدۇ،
بۇنىڭ بىلەن قالغان تۇل خوتۇنلىرى ماتەم تۇتمايدۇ.
  
16  ئۇ كۈمۈشلەرنى توپا-چاڭدەك يىغىپ دۆۋىلىسىمۇ،
كىيىم-كېچەكلەرنى لايدەك كۆپ يىغسىمۇ،
17  بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەييارلىسىمۇ،
بىراق كىيىملەرنى ھەققانىيلار كىيىدۇ؛
بىگۇناھلارمۇ كۈمۈشلەرنى بۆلۈشىدۇ.
18  ئۇنىڭ ياسىغان ئۆيى پەرۋانىنىڭ غوزىسىدەك،
ئۈزۈمزارنىڭ كۆزەتچىسى ئۆزىگە سالغان كەپىدەك بوش بولىدۇ.
19  ئۇ باي بولۇپ يېتىپ دەم ئالغىنى بىلەن،
بىراق ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كېلىدۇكى،
كۆزىنى ئاچقاندا، ئەمدى تۈگەشتىم دەيدۇ.
20  ۋەھىمىلەر كەلكۈندەك بېشىغا كېلىدۇ؛
كەچتە قارا قۇيۇن ئۇنى چاڭگىلىغا ئالىدۇ.  
21  شەرق شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ؛
شىددەت بىلەن ئۇنى ئورنىدىن ئېلىپ يىراققا ئېتىپ تاشلايدۇ.
22  بوران ئۇنى ھېچ ئايىماي، بېشىغا ئۇرۇلىدۇ؛
ئۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھە دەپ ئۇرۇنىدۇ؛
23  بىراق شامال ئۇنىڭغا قاراپ چاۋاك چالىدۇ،
ئۇنى ئورنىدىن «ئۇش-ئۇش» قىلىپ قوغلىۋېتىدۇ».
 
 
27:2 «مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان تەڭرىنىڭ ھاياتى بىلەن...» ــ ئايۇپنىڭ مۇشۇ يەردە «(خۇدا) مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان» دېگىنى بەلكىم خۇدانىڭ ھېچ سەۋەبنى كۆرسەتمەي ئۇنى جازالاپ، ئۇنىڭدىن «ئادالەتكە بولغان ھەققى»نى ياكى ئۇنىڭ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق «دەۋالىشىش» پۇرسىتىنى «تارتىۋالغان»لىقىنى كۆرسىتىدۇ. 27:4 «مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان تەڭرىنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىمنى ئاغرىتقان ھەممىگە قادىرنىڭ ھەققى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ... لەۋلىرىم... تىلىم ئالدامچىلىق بىلەن ھېچ شىۋىرلىمايدۇ!» ــ بۇ قەسەم (2-4-ئايەت) بەلكىم پۈتكۈل مۇقەددەس كىتاب ئىچىدە ئەڭ ئاجايىب، ئەڭ غەلىتە قەسەم ھېسابلىنىشى مۇمكىن. ئۇ خۇدا ھەققىمنى تارتىۋالغان ھەم جېنىمنى ئاغرىتقان دېگىنى بىلەن، يەنىلا خۇدانىڭ ھەققىدە قەسەم ئىچىدۇ. كۆرۈنۈشتە چوڭ زىددىيەت باردەك قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىنىڭ تېگىدە ئۇنىڭ چوڭقۇر ئېتىقادى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. 27:6 «... ۋىجدانىم ياشىغان ھېچبىر كۈنۈمدە مېنى ئەيىبلىمىسۇن!» ــ 5- ھەم 6-ئايەتتىكى بايانلارنىڭ ئىككى مەنىسى بار: ــ بىرىنچىدىن، مەيلى يامانلارنىڭ يوللىرى ئاۋاتلاشقان بولسىمۇ، ئايۇپ دۇرۇس، دىيانەتلىك بولۇشقا ئىنتىلىشىنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ قارىشىچە «ھەممە گۇناھىنى خۇداغا ئېتىراپ قىلىپ توۋا قىلىش بىلەن ئۆز ۋىجدانىمغا خىلاپلىق ھېچ ئىش قالمىدى؛ ئەگەر شۇنداق قىلمىغان بولسام، يالغان ئېيتاتتىم» دېگەن ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ. 27:7 «ماڭا قارشى چىققانلار ھەققانىيسىز دەپ قارالسۇن» ــ ئايۇپ «مېنى ھەققانىيسىز دېگۈچىلەر (خۇدا ئادىل بولسا) ئۆزلىرى ھەققانىيسىز دەپ قارىلىشى كېرەك» دەپ تىلەيدۇ. كونا قانۇنلارغا ئاساسەن، بىرسى باشقا بىراۋغا يالغاندىن جىنايەت چاپلىسا، يالغانلىقى ئىسپاتلىنىشى بىلەن ئۇ دەل شۇ جىنايەتكە تېگىشلىك جازا بىلەن جازالىنىشى كېرەك ئىدى. خۇدا ئايۇپنى ھەققانىي دەپ ئىسپاتلىسا، ئۈچ دوستىنىڭ گۇناھى بار دېگەنلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆز ھەم ئۇنىڭ بىر تىلىكى ھەم دوستلىرىغا بولغان سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇپ قالىدۇ. 27:8 مات. 16‏:26؛ لۇقا 12‏:20 27:9 ئايۇپ 35‏:12؛ زەب. 18‏:41؛ 66‏:18؛ 109‏:7؛ پەند. 1‏:28؛ 28‏:9؛ يەش. 1‏:15؛ 16‏:12؛ يەر. 14‏:12؛ ئ‍ەز. 8‏:18؛ مىك. 3‏:4؛ يـۇھ. 9‏:31؛ ياق. 4‏:3 27:10 «رەزىل ئادەم ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنەمدۇ؟ ئۇ ھەردائىم تەڭرىگە ئىلتىجا قىلالامدۇ؟» ــ ئايۇپقا نىسبەتەن خۇدانىڭ ئۇنىڭ قېشىدا ھازىر بولغانلىقى، ئۇنىڭ خۇدا بىلەن ئالاقىدە بولۇشى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ بەختلىك ئىشتۇر. بۇ بايانىدا ئۇ يامانلاردا ئۇنداق خۇشاللىقنىڭ يوقلۇقىنى، مۇنداقلارنىڭ خۇداغا ئىلتىجا قىلالمايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇكى، ئايۇپ نۇرغۇن قېتىم خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ سۆزلەيدۇ، باشقىلارغا سۆز قىلىشتىن توختاپ تۇرۇپ خۇداغا بىۋاسىتە گەپ قىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئۈچ دوستى (ھەم ئاخىرىدا سۆزلىگەن ئېلىخۇ) بىر قېتىممۇ خۇداغا بىۋاسىتە سۆزلىمەيدۇ. 27:13 ئايۇپ 20‏:29 27:14 « رەزىل ئادەمنىڭ بالىلىرى كۆپەيسە، قىلىچلىنىش ئۈچۈنلا كۆپىيىدۇ؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نېنى يېتىشمەيدۇ» ــ ئايۇپنىڭ يامانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسۋىرلىگەن ھەم شۇنداقلا دوستلىرىنىڭ سۆزىگە سەل قوشۇلغاندەك پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن بۇ بايانى ئۇنىڭ بايانلىرى ئىچىدە چۈشىنىشكە ئەڭ تەس بولغان بايانلاردۇر. چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئېنىق بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى دېگەنلىرىگە قارىمۇقارشى بولۇپ چىقىدۇ. ئىلگىرى ئۇ: «يامانلار جازالانماسلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نېمىشقا شۇنچە كۆپ رەزىللەر ھېچ جازالانماي مىسكىنلەرنى خالىغانچە ئېزىدۇ؟ بەزىدە يامانلار پېشكەللىككە ئۇچرايدۇ، بىراق گۇناھسىزلارمۇ ئوخشاشلا ئۇچرايدۇ؛ ھېچقانداق تەرتىپنى بايقىغىلى بولمايدۇ» ــ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغانىدى. مانا بۇ بايانلاردا «ئۇنىڭ بالىلىرى كۆپەيسە، قىلىچلىنىش ئۈچۈنلا كۆپىيىدۇ؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نېنى يېتىشمەيدۇ...» دېگەن سۆزلەر ئېيتىلىدۇ. بۇ زادى قانداق گەپ؟ بىز بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن شۇنداق قارايمىزكى، ئايۇپنىڭ رېئاللىققا يۈزلىنىشتىكى جۈرئىتى مۇشۇ يەردە ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن سەل ئاجىزلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ ئىش توغرۇلۇق يەنە ئازراق توختىلىمىز. 27:14 قان. 28‏:41؛ ھوش. 9‏:13 27:15 «قالغان ئادەملىرى ئۆلۈم بىلەن بىۋاسىتە دەپنە قىلىنىدۇ» ــ «ئۆلۈم» مۇشۇ يەردە بەلكىم بىرخىل ۋابا ياكى بىرخىل ئېغىر كېسەلنى كۆرسىتىدۇ. «بىۋاسىتە دەپنە قىلىنىدۇ» ــ دېمەك، ھېچقانداق داغدۇغىسىز تېزدىن دەپنە قىلىنىدۇ. بەلكىم يۇقۇملۇق كېسەل ياكى ۋابا بىلەن ئۆلگەن بولسا كېرەك. «...قالغان تۇل خوتۇنلىرى ماتەم تۇتمايدۇ» ــ بەلكىم بالايىئاپەت ئۇلارغا يېقىنلىشىشى بىلەن ياكى ئوخشاش سەۋەب بىلەن رەسمىي ماتەم تۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايۇپنىڭ پەقەت بىر ئايالى بار ئىدى ھەم «بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق» بولۇشنى قۇۋۋەتلىگەن (29-بابنىمۇ كۆرۈڭ). ئۇنىڭ دېيىشىچە، يامانلار كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشى مۇمكىن. 27:15 زەب. 78‏:64 27:17 پەند. 28‏:8؛ توپ. 2‏:26 27:19 زەب. 49‏:16-20 27:20 «كەچتە قارا قۇيۇن ئۇنى چاڭگىلىغا ئالىدۇ» ــ ئايۇپنىڭ «قارا قۇيۇن»نى تىلغا ئېلىشى شۇنداق بىر قارا قۇيۇننىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى پۇرىتىدۇ. 38-بابتا بۇ قارا قۇيۇن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. 27:20 ئايۇپ 15‏:21؛ 18‏:11 27:21 «شەرق شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ» ــ پەلەستىندە «شەرق شامىلى» ئەۋجىگە چىققان ۋاقتىدا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، ئەشەددىي بولۇپ پۈتۈن دەرەخلەرنىمۇ يۇلۇپ يىراقلارغا تاشلىۋېتەلەيدۇ. 27:23 «بىراق شامال ... ئۇنى ئورنىدىن «ئۇش-ئۇش» قىلىپ قوغلىۋېتىدۇ» ــ «ئۇش-ئۇش قىلىش» مەسخىرە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.