37
ئېلىخۇنىڭ تۆتىنچى بايانىنىڭ داۋامى ــ خۇدانىڭ كارامەت ئەمەللىرىنى كۆرسەتكەنلىرىنى ئايان قىلىش •••• قارا قۇيۇننىڭ يېقىنلىشىشى
شۇنداق، يۈرىكىممۇ بۇنى ئاڭلاپ تەۋرىنىپ كېتىۋاتىدۇ،
يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەي، دېدى.
مانا ئاڭلىغىنا! ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى،
ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گۈلدۈرماما ئاۋازىنى ئاڭلا!  
ئۇ ئاۋازىنى ئاسمان ئاستىدىكى پۈتكۈل يەرگە،
چاقمىقىنى يەرنىڭ قەرىگىچە يەتكۈزىدۇ.
چاقماقتىن كېيىن بىر ئاۋاز ھۆركىرەيدۇ؛
ئۆز ھەيۋىتىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇ گۈلدۈرلەيدۇ،
ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەنلا ھېچ ئايانماي چاقماقلىرىنىمۇ قويۇۋېتىدۇ.
تەڭرى ئاۋازى بىلەن كارامەت گۈلدۈرلەيدۇ،
بىز چۈشىنەلمەيدىغان نۇرغۇن قالتىس ئىشلارنى قىلىدۇ.
چۈنكى ئۇ قارغا: «يەرگە ياغ!»،
ھەم ھۆل-يېغىنغا: «كۈچلۈك يامغۇر بول!» دەيدۇ.
ئۇ بارلىق ئىنساننى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلسۇن دەپ،
ھەممە ئادەمنىڭ قولىنى بۇلار بىلەن توسۇپ قويىدۇ؛
ياۋايى ھايۋانلار ئۆز ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىدۇ،
ئۆز قونالغۇسىدا تۇرغۇزۇلىدۇ.
بوران-چاپقۇن كوھىقاپتىن كېلىدۇ،
ھەم سوغۇق-زىمىستان تاراتقۇچى شاماللاردىن كېلىدۇ.
10 تەڭرىنىڭ نەپىسى بىلەن مۇز ھاسىل بولىدۇ؛
بىپايان سۇلار قېتىپ قالىدۇ.
11 ئۇ يەنە قويۇق بۇلۇتلارغا مول نەملىك يۈكلەيدۇ،
ئۇ چاقماق كۆتۈرىدىغان بۇلۇتنى كەڭ يېيىپ قويىدۇ.
12 ئۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىن يۈزىدە ئۇ بۇيرۇغان ئىشنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن،
ئۇنىڭ يوليورۇقلىرى بىلەن ھەرياققا بۇرۇلىدۇ.
13 ياكى تەربىيە تايىقى بولۇشى ئۈچۈن،
ياكى ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن،
ياكى ئۆز رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ بۇلۇتلىرىنى كەلتۈرىدۇ.  
14 ئى ئايۇپ، بۇنى ئاڭلاپ قوي،
تەڭرىنىڭ كارامەت ئەمەللىرىنى تونۇپ يېتىپ شۈك تۇر.
15 تەڭرىنىڭ بۇلۇتلارنى قانداق سەپتە تۇرغۇزغانلىقىنى بىلەمسەن؟
ئۇنىڭ بۇلۇتىنىڭ چاقمىقىنى قانداق چاقتۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلەمسەن؟
16 بۇلۇتلارنىڭ قانداق قىلىپ بوشلۇقتا مۇئەللەق تۇرىدىغانلىقىنى،
بىلىمى مۇكەممەل بولغۇچىنىڭ كارامەتلىرىنى بىلەمسەن؟
17 ھەي، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ يەر-زېمىننى جەنۇبدىكى شامال بىلەن تىنچلاندۇرۇپ،
سېنى كىيىم-كېچىكىڭنىڭ ئوتتەك ئىسسىتقىنىنى بىلەمسەن؟
18 سەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئاسماننى خۇددى قۇيۇپ چىقارغان ئەينەكتەك،
مۇستەھكەم قىلىپ يايغانمىدىڭ؟!
19 ئۇنىڭغا نېمىنى دېيىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە ئۆگىتىپ قويغىن!
قاراڭغۇلۇقىمىز تۈپەيلىدىن بىز دەۋايىمىزنى جايىدا سەپكە قويالمايمىز.
20 ئۇنىڭغا «مېنىڭ ساڭا گېپىم بار» دېيىش ياخشىمۇ؟
ئۇنداق دېگۈچى ئادەم يۇتۇلماي قالمايدۇ!
21‏-23 ئەمدى شاماللار كېلىپ بۇلۇتلارنى تارقىتىۋېتىدۇ،
بىراق بۇلۇتلار ئارىسىدىكى قۇياش نۇرىغا ئادەملەر بىۋاسىتە قاراپ تۇرالمايدۇ.
قۇياشنىڭ ئالتۇن رەڭگى شىمال تەرەپتىنمۇ پەيدا بولىدۇ؛
تەڭرىنىڭ ھۇزۇرىدا دەھشەتلىك ھەيۋەت باردۇر.
ھەممىگە قادىرنى بولسا، بىز ئۇنى مۆلچەرلىيەلمەيمىز؛
قۇدرىتى قالتىستۇر، ئۇنىڭ ئادالىتى ئۇلۇغ، ھەققانىيلىقى چوڭقۇر،
شۇڭا ئۇ ئادەملەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ.  
24  شۇڭا ئادەملەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؛
كۆڭلىدە ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارغا ئۇ ھېچ ئېتىبار قىلمايدۇ».
 
 
37:2 «ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گۈلدۈرماما ئاۋازى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان غۇرقىراشلىرى» ياكى «ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گۈرگىرەشلىرى». 37:2 زەب. 29‏:3-4 37:5 ئايۇپ 5‏:9؛ 9‏:10؛ 36‏:26 37:6 زەب. 147‏:16 37:7 «ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قولىنى بۇلار بىلەن توسۇپ قويىدۇ» ــ قار ياكى قاتتىق يامغۇر ياغسا، ئادەملەر خىزمەت قىلىشقا سىرتقا چىقالمايدۇ، ياۋايى ھايۋانلارمۇ چىقالمايدۇ. بىز بۇ ئاددىي ئىشتىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك. بىز «ھەممىگە قادىر» ئەمەسمىز، قولىمىز ھەم بىلىمىمىز چەكلىك، خۇدانىڭ زور كۈچ-قۇدرىتى ئالدىدا كەمتەرلەشكىنىمىز تۈزۈك. 37:9 «تاراتقۇچى شاماللار...» ــ بۇ سۆز بەلكىم مەلۇم بىر شامالنىڭ مەخسۇس ئاتالغۇسى بولۇشى كېرەك. باشقا بىر خىل تەرجىمىسى «سوغۇق-زىمىستان شىمالدىن كېلىدۇ». 37:10 ئايۇپ 38‏:29، 30؛ زەب. 147‏:17، 18 37:13 «ياكى تەربىيە تايىقى بولۇشى ئۈچۈن، ياكى ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن، ياكى ئۆز رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ بۇلۇتلىرىنى كەلتۈرىدۇ» ــ ئېلىخۇنىڭ «ياكى ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن» دېگەن بۇ ئىبارىسى سەل سىرلىق. ياغىدىغان يامغۇرنىڭ «تەربىيە تايىقى بولۇشى ئۈچۈن» ياكى «ئۆز رەھىمدىللىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن» دېگەننىڭ مەنىلىرى ئېنىق، بىراق «ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن» نېمىنى كۆرىسىتدۇ؟ خۇدانىڭ مەقسەتلىرى ئاۋۋالقى بىرىنچىسى ھەم ئىككىنچىسىدە ئىنسانلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، خۇدانىڭ «ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن» دېگەن مەقسىتىنى ئۇنىڭ ئۆز دۇنياسىدىن ھۇزۇر ئېلىشى ئۈچۈن دېسەك بولامدۇ-بولمامدۇ؟ خۇدانىڭ ھەربىر قىلىدىغان ئىشى ئىنسانلار ئۈچۈنلا بولۇشى كېرەكمۇ؟ ــ كېيىنكى بابلاردا خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق بىرقانچە ئىشلىرى تىلغا ئېلىنىدۇ. مۇنداق ئىشلارنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق سۆزلەيمىز. 37:13 مىس. 9‏:18،23؛ 1سام. 12‏:18،19؛ ئەزرا 10‏:9؛ ئايۇپ 36‏:31 37:14 «ئى ئايۇپ، بۇنى ئاڭلاپ قوي، تەڭرىنىڭ كارامەت ئەمەللىرىنى تونۇپ يېتىپ شۈك تۇر» ــ بەلكىم ئۇ ئايۇپنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى بوران-چاپقۇننىڭ كارامەتلىرىنى بايقاشقا ئۈندەيدۇ. 37:18 يار. 1‏:6 37:21‏-23 «ئەمدى شاماللار كېلىپ بۇلۇتلارنى تارقىتىۋېتىدۇ، بىراق بۇلۇتلار ئارىسىدىكى قۇياش نۇرىغا ئادەملەر بىۋاسىتە قاراپ تۇرالمايدۇ» ــ ئېلىخۇنىڭ بۇ سۆزىمۇ سىرلىق. تەرجىمە قىلىش تەس بولغىنى بىلەن، شەرھىمىزچە ئۇ ئايۇپنىڭ ئەھۋالىنى ھازىرقى بۇ بۇلۇتلۇق، تۇتۇق (بوران-چاپقۇنلۇق) كۈنگە ئوخشاتماقچى بولسا كېرەك. خۇدا بۇلۇتلارنى تارقىتىپ تۇيۇقسىز كۆرۈنسە، ئايۇپ قۇياشقا بىۋاسىتە قارىيالمىغانغا ئوخشاش ئۇنىڭغىمۇ قارىيالمايتتى، دېمەكچى. بىراق خۇدانىڭ ھەيۋىتى، كۆركەملىكى ھەممە تەرەپتىن، ھەتتا شىمال تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ، دەيدۇ. ئېلىخۇنىڭ بايانىنىڭ باشقا خىل مەنىلىرىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن. 37:21‏-23 ئايۇپ 9‏:4؛ 12‏:13، 16؛ 36‏:5؛ زەب. 93‏:1؛ 99‏:4 37:24 «شۇڭا ئادەملەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؛ كۆڭلىدە ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارغا ئۇ ھېچ ئېتىبار قىلمايدۇ» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسىمۇ بار: ــ «شۇڭا ئادەملەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؛ ئۇ كۆڭلىدە دانالىق بارلارغا ئېتىۋار قىلامدۇ؟» ۋە ياكى «شۇڭا، ئادەملەر، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار! شۈبھىسىزكى، كۆڭلىدە دانالىق بارلار ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ!».