36
ئېلىخۇنىڭ تۆتىنچى بايانى: ــ ئازابلاردىن ئالغان تەربىيە
ئېلىخۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ
«مېنى بىردەم سۆزلىگىلى قويساڭ،
مەن يەنە تەڭرىگە ۋاكالىتەن قىلىدىغان سۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ساڭا ئايان قىلىمەن.
بىلىمنى يىراقلاردىن ئېلىپ كەلتۈرىمەن،
ئادەملەرنى ياراتقۇچىمنى ھەققانىي دەپ ھېسابلايدىغان قىلىمەن.
مېنىڭ گېپىم ھەقىقەتەن يالغان ئەمەستۇر؛
بىلىمى مۇكەممەل بىرسى سەن بىلەن بىللە بولىدۇ.
مانا، تەڭرى دېگەن ئۇلۇغدۇر،
بىراق ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ؛
ئۇنىڭ چۈشىنىشى چوڭقۇردۇر، مەقسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ.  
ئۇ يامانلارنى ھايات ساقلىمايدۇ؛
بىراق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزىدۇ.
ئۇ ھەققانىيلاردىن كۆزىنى ئېلىپ كەتمەيدۇ،
بەلكى ئۇلارنى مەڭگۈگە پادىشاھلار بىلەن تەختتە ئولتۇرغۇزىدۇ،
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولىدۇ.
ۋە ئەگەر ئۇلار كىشەنلەنگەن بولسا،
جاپانىڭ ئاسارىتىگە تۇتۇلغان بولسا،
ئۇنداقتا ئۇ ئۇلارغا قىلغانلىرىنى،
ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى،
يەنى ئۇلارنىڭ كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكىنى ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن بولىدۇ.
10  شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇلاقلىرىنى تەربىيىگە ئېچىپ قويىدۇ،
ئۇلارنى يامانلىقتىن قايتىشقا بۇيرۇيدۇ.
11  ئۇلار قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنسىلا
ئۇلار قالغان كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىقتا،
يىللىرىنى خۇشلۇقتا ئۆتكۈزىدۇ.
12  بىراق ئۇلار قۇلاق سالمىسا، قىلىچلىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ،
بىلىمسىز ھالدا نەپەستىن توختاپ قالىدۇ.
13  بىراق كۆڭلىگە ئىپلاسلىقنى پۈككەنلەر يەنىلا ئاداۋەت ساقلايدۇ؛
ئۇ ئۇلارغا ئاسارەت چۈشۈرگەندىمۇ ئۇلار يەنىلا تىلاۋەت قىلمايدۇ.
14  ئۇلار ياش تۇرۇپلا جان ئۈزىدۇ،
ئۇلارنىڭ ھاياتى بەچچىۋازلار ئارىسىدا تۈگەيدۇ.  
15  بىراق ئۇ ئازاب تارتقۇچىلارنى ئازابلاردىن بولغان تەربىيە ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ،
ئۇ ئۇلار خار بولغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ.
16  ئۇ شۇنداق قىلىپ سېنىمۇ ئازارنىڭ ئاغزىدىن قىستاڭچىلىقى يوق كەڭ بىر يەرگە جەلپ قىلغان بولاتتى؛
ئۇنداقتا داستىخىنىڭ مايغا تولدۇرۇلغان بولاتتى.  
17  بىراق سەن ھازىر يامانلارغا قارىتىلغان تېگىشلىك جازالارغا تولدۇرۇلغانسەن؛
شۇڭا خۇدانىڭ ھۆكۈمى ھەم ئادالىتى سېنى تۇتۇۋالدى.
18  غەزىپىڭنىڭ قايناپ كېتىشىنىڭ سېنى مازاققا باشلاپ قويۇشىدىن ھۇشيار بول؛
ئۇنداقتا ھەتتا زور كاپالەتمۇ سېنى قۇتقۇزالمايدۇ.
19  ياكى بايلىقلىرىڭ،
ياكى كۈچۈڭنىڭ زور تىرىشىشلىرى،
ئۆزۈڭنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن نېرى قىلالامدۇ؟
20  كېچىگە ئۈمىد باغلىما،
چۈنكى ئۇ چاغدا خەلق ئۆز ئورنىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ.
21  ھۇشيار بول، ئەسكىلىككە بۇرۇلۇپ كەتمە؛
چۈنكى سەن قەبىھلىكنى دەردكە سەۋر بولۇشنىڭ ئورنىدا تاللىغانسەن.
22  مانا، تەڭرى كۈچ-قۇدرىتى تۈپەيلىدىن ئۈستۈندۇر؛
ئۇنىڭدەك ئۆگەتكۈچى بارمۇ؟
23  كىم ئۇنىڭغا ماڭىدىغان يولنى بېكىتىپ بەرگەنىدى؟
ۋە ياكى ئۇنىڭغا: «يامان قىلدىڭ؟» دېيىشكە پېتىنالايدۇ؟
24  ئىنسانلار تەبرىكلەيدىغان خۇدانىڭ ئەمەللىرىنى ئۇلۇغلاشنى ئۇنتۇما!
25  ھەممە ئادەم ئۇلارنى كۆرگەندۇر؛
ئىنسان بالىلىرى يىراقتىن ئۇلارغا قاراپ تۇرىدۇ».
 
خۇدانىڭ كارامەت ئەمەللىرى ــ •••• ئۇنىڭ زور ھەيۋىسى دەھشەتلىك قارا قۇيۇندا ئايان بولىدۇ
26  « ــ بەرھەق، تەڭرى ئۇلۇغدۇر، بىز ئۇنى چۈشىنەلمەيمىز،
ئۇنىڭ يىللىرىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ.
27  چۈنكى ئۇ سۇنى تامچىلاردىن شۈمۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
ئۇلار پارغا ئايلىنىپ ئاندىن يامغۇر بولۇپ ياغىدۇ.
28  شۇنداق قىلىپ ئاسمانلار يامغۇرلارنى قۇيۇپ بېرىپ،
ئىنسان بالىلىرى ئۈستىگە مولچىلىق ياغدۇرىدۇ.
29  بىراق كىم بۇلۇتلارنىڭ توقۇلۇشىنى،
ئۇنىڭ ساماۋى چېدىرىنىڭ گۈمبۈر-گۈمبۈر قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلىسۇن؟
30  مانا، ئۇ چاقمىقى بىلەن ئەتراپىنى يورۇق قىلىدۇ،
ھەتتا دېڭىز تەكتىنىمۇ يورۇق قىلىدۇ.
31  ئۇ بۇلار ئارقىلىق خەلقلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛
ھەم ئۇلار ئارقىلىقمۇ مول ئاشلىق بېرىدۇ.
32  ئۇ قوللىرىنى چاقماق بىلەن تولدۇرىدۇ،
ئۇنىڭغا ئۇرىدىغان نىشاننى بۇيرۇيدۇ.
33  خۇدانىڭ گۈلدۈرمامىسى ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ؛
ھەتتا كالىلارمۇ سېزىپ، ئۇنى ئېلان قىلىدۇ.
 
 
36:3 «بىلىمنى يىراقلاردىن ئېلىپ كەلتۈرىمەن...» ــ ئېلىخۇ بېرىدىغان مىساللارنى «يىراقلاردىن» ئالماقچى ــ دېمەك، ئۇزۇن تارىخ ھەم تەبىئەتتىن ئالماقچى. 36:4 «بىلىمى مۇكەممەل بىرسى» ــ ئېلىخۇ ئۆزىنى بەك يۇقىرى چاغلىسا كېرەك؛ چۈنكى ئۇ 37-بابتا دەل بۇ سۆزلەر بىلەن خۇدانىڭ ئۆزىنى تەسۋىرلەيدۇ. 36:5 «بىراق ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ» ــ ئېلىخۇنىڭ ئايەتتىكى بۇ بىرىنچى جۈملىسىنى ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغىنىمىز بىلەن ئۇ يەنىلا ئۇنىڭ -35-باب 7-ئايەتتىكى بايانىغا سەل زىت كېلىدۇ. 36:5 ئايۇپ 9‏:4؛ 12‏:13، 16؛ 37‏:23؛ 38‏:23 36:6 «ئۇ يامانلارنى ھايات ساقلىمايدۇ؛ بىراق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزىدۇ» ــ ئېلىخۇ ئەسلىدە «مەن سىلەرنىڭ (ئۈچ دوستنىڭ) گەپلىرىڭلار بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيمەن» دېگىنى بىلەن، ئۇ يەنىلا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئاددىي خۇلاسىلىرىگە قايتىپ كەلدى. 36:7 زەب. 33‏:18؛ 34‏:15-16؛ 113‏:8 36:14 «بەچچىۋازلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز «ھەزىلەك ئەر پاھىشە»نى كۆرسىتىدۇ. 36:14 ئايۇپ 22‏:16 36:16 «ئۇ (خۇدا) شۇنداق قىلىپ سېنىمۇ ئازارنىڭ ئاغزىدىن قىستاڭچىلىقى يوق كەڭ بىر يەرگە جەلپ قىلغان بولاتتى؛ ئۇنداقتا داستىخىنىڭ مايغا تولدۇرۇلغان بولاتتى» ــ ئېلىخۇنىڭ 8-15-ئايەتتىكى بەرگەن تەلىمى شۇكى، نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئەمىلىيەتتە جازالاش ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ تەربىيىسى بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ تەلىمنىڭ ئەھمىيىتى بار. بىراق ئۇ يەنىلا ئايۇپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇ تۆۋەندە (17-ئايەتتە) يەنىلا ئايۇپنى خاتا ئەيىبلەيدۇ. 36:16 زەب. 23‏:5 36:17 «بىراق سەن ھازىر يامانلارغا قارىتىلغان تېگىشلىك جازالارغا تولدۇرۇلغانسەن؛ شۇڭا خۇدانىڭ ھۆكۈمى ھەم ئادالىتى سېنى تۇتۇۋالدى» ــ 17-21-ئايەتلەرنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. 36:20 «كېچىگە ئۈمىد باغلىما» ــ بۇ تولىمۇ سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىلگەن. بەلكىم ئېلىخۇ: ئايۇپ باشقىلار ئۆزىنى كۆرمەيدىغان، ئۆزى يامان ئىشلارنى قىلالايدىغان ۋاقىتنى ئۈمىد بىلەن كۈتمەكتە، دېمەكچى بولۇشى مۇمكىن. 36:22 «مانا، تەڭرى كۈچ-قۇدرىتى تۈپەيلىدىن ئۈستۈندۇر؛ ئۇنىڭدەك ئۆگەتكۈچى بارمۇ؟» ــ ئېلىخۇنىڭ تەلىمىدىكى ئىنتايىن ياخشى نۇقتا شۇكى، خۇدانىڭ «ئۆگەتكۈچى»دۇر، ئۇ دەل ئۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىنسانغا يوليورۇق بېرىدۇ. 36:23 قان. 32‏:4؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 8‏:3؛ 34‏:10؛ رىم. 9‏:14 36:26 زەب. 90‏:2؛ 92‏:8؛ 93‏:2؛ 102‏:12؛ يەش. 63‏:16؛ يىغ. 5‏:19؛ دان. 6‏:27؛ ئىبر. 1‏:12 36:30 «مانا، ئۇ چاقمىقى بىلەن ئەتراپىنى يورۇق قىلىدۇ، ھەتتا دېڭىز تەكتىنىمۇ يورۇق قىلىدۇ» ــ چاقماق دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە تېشىپ يېتىدۇ. 36:31 ئايۇپ 37‏:13 36:33 «خۇدانىڭ گۈلدۈرمامىسى ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ؛ ھەتتا كالىلارمۇ سېزىپ، ئۇنى ئېلان قىلىدۇ» ــ ئايۇپ 28-بابتا بوران-چاپقۇن دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغان. بۇنىڭ بىر سەۋەبى بىر بوران-چاپقۇننىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىنى بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ئېلىخۇنىڭ بوران-چاپقۇننى تەپسىلىي تەسۋىرلىشىنىڭ سەۋەبى ھازىرنىڭ ئۆزىدە بوران (ئەمەلىيەتتە قارا قۇيۇن)نىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈۋاتقىنىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. 1:38نى كۆرۈڭ.