39
ھايۋاناتلارنىڭ ھاياتلىق سىرلىرى ــ داۋامى
سەن تاغدىكى ياۋا ئۆچكىلەرنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟
جەرەنلەرنىڭ بالىلىغانلىقىنى كۆزىتىپ باققانمۇسەن؟
ئۇلارنىڭ بوغاز بولغىلى نەچچە ئاي بولغانلىقىنى سانىيالامسەن؟
ئۇلارنىڭ بالىلايدىغان ۋاقتىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟
ئۇلار قەددىنى پۈكۈپ، يېتىپ بالىلىرىنى تۇغىدۇ،
ئۇلار ئۆزىدىكى تولغاقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ؛
ئۇلارنىڭ بالىلىرى كۈچلىنىپ يېتىلىدۇ،
ئۇلار دالادا ئۆسۈپ، ئانىسىنىڭ يېنىدىن چىقىپ قايتىپ كەلمەيدۇ.
ياۋا ئېشەكنى دالاغا قويۇۋېتىپ ئەركىنلىككە چىقارغان كىم؟
شاش ئېشەكنىڭ نوختىلىرىنى يېشىۋەتكەن كىم؟
چۆل-باياۋاننى ئۇنىڭ ئۆيى قىلغانمەن،
شورلۇقنىمۇ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى قىلغانمەن.
ئۇ شەھەرنىڭ قىيقاس-سۈرەنلىرىدىن يىراق تۇرۇپ ئۇنى مازاق قىلىدۇ؛
ئۇ ئېشەكچىنىڭ ۋارقىرىشىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ.
ئۇ تاغلارنى ئۆز يايلىقىم دەپ كېزىدۇ،
شۇ يەردىكى ھەممە گۈل-گىياھنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.
ياۋا كالا بولسا خىزمىتىڭگە كىرىشكە رازى بولامدۇ؟
سېنىڭ ئوقۇرۇڭنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا ئۇنامدۇ؟
10  ياۋا كالىنى تانا بىلەن باغلاپ، تاپقا چۈشۈرەلەمسەن؟!
ئۇ ساڭا ئەگىشىپ جىلغىلاردا مېڭىپ تىرنا تارتامدۇ؟
11  ئۇنىڭ كۈچى زور بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تايىنامسەن؟
ئەمگىكىڭنى ئۇنىڭغا ئامانەت قىلامسەن؟
12  دانلىرىڭنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئەكىلىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرامسەن؟
«دانلىرىمنى خامىنىمغا يىغىشتۇرىدۇ» دەپ ئۇنىڭغا ئىشەنەمسەن؟
 
تۆگىقۇش
13  تۆگىقۇش قاناتلىرىنى شادلىق بىلەن قاقىدۇ،
بىراق بۇلار لەيلەكنىڭ قانات ئۇچلىرى ھەم پەيلىرىگە يېتەمدۇ؟

14  ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تاشلاپ قويىدۇ،
تۇخۇملىرىم توپىدا ئىسسىتىلسۇن، دەيدۇ.
15  ئۇلارنىڭ تاسادىپىي دەسسىلىپ يانجىلىدىغانلىقىنى،
دالىدىكى بىرەر ھايۋاننىڭ ئاسانلا ئۇلارنى دەسسەپ-چەيلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ.
16  بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك باغرىنى قاتتىق قىلىدۇ؛
ئۇنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ،
بىراق ئۇ پىسەنت قىلمىغاندەك تۇرىدۇ.
17  چۈنكى تەڭرى ئۇنى كەم ئەقىل قىلغان،
ئۇنىڭغا دانالىقنى بەرمىگەن.
18  ھالبۇكى، ئۇ يۈگۈرۈش ئالدىدا مەيدىسىنى يۇقىرىغا كۆتۈرگىنىدە،
ئات ھەم ئاتلىقلارنى كەمسىتىپ مازاق قىلىدۇ.
 
ئات
19  سەن ئاتقا كۈچ بېغىشلىغانمىدىڭ؟
سەن ئۇنىڭ بوينىغا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان يايلىنى كىيگۈزگەنمىدىڭ؟
20  سەن ئۇنى ھەيۋەتلىك پۇرقۇشلىرى بىلەن ئادەمنى قورقۇتىدىغان،
چېكەتكىدەك سەكرەيدىغان قىلالامسەن؟
21  ئۇ ئەشەددىيلىك بىلەن يەر تاتىلاپ-زوخچۇپ،
ئۆز كۈچىدىن شادلىنىپ كېتىدۇ،
قوراللىق قوشۇن بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ.
22  ئۇ قورقۇنچقا نىسبەتەن كۈلۈپلا قويىدۇ،
ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ؛
قىلىچنىڭ بىسىدىن ئۇ يانمايدۇ.
23  ئوقدان، جۇلالىق نەيزە،
گۆرزىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا شاراقشىيدۇ،
24  ئۇ يەرنى ئاچچىق ھەم غەزەپ بىلەن يۇتۇۋېتىدۇ،
جەڭ كانايىنى بىر ئاڭلاپلا ھاياجانلىنىپ قىن-قىنىغا پاتماي كېتىدۇ.
25  كانايلارنىڭ ئاۋازى بىلەنلا ئۇ: «ئايھاي!» دەيدۇ،
ئۇ جەڭنى يىراقتىن پۇراپ بولىدۇ.
ئۇ سەركەردىلەرنىڭ توۋلاشلىرىنى، جەڭچىلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئاڭلايدۇ.
 
سار ۋە بۈركۈت
26  سار سېنىڭ ئەقلىڭ بىلەن ئۇچامدۇ،
قاناتلىرىنى جەنۇبقا قاراپ كېرەمدۇ؟
27  بۈركۈت بۇيرۇقۇڭ بىلەن يۇقىرىغا پەرۋاز قىلىپ كۆتۈرۈلەمدۇ،
ئۇۋىسىنى يۇقىرىغا سالامدۇ؟
28  ئۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ماكانلىشىدۇ،
ئۇ تاغنىڭ چوققىسىغا قونىدۇ،
تىك قىيانىمۇ تۇرالغۇسى قىلىدۇ.
29  شۇ يەردىن ئۇ ئوۋنى پايلاپ بايقىۋالىدۇ،
كۆزلىرى يىراق-يىراقلارنى كۆزىتىدۇ.
30  ئۇنىڭ بالىلىرى قان شورايدۇ؛
ئۆلتۈرۈلگەنلەر نەدە بولسا، ئۇ شۇ يەردە بولىدۇ».   
 
 
39:1 زەب. 29‏:9 39:4 «ئۇلار (ياۋا ئۆچكىلەر) دالادا ئۆسۈپ، ئانىسىنىڭ يېنىدىن چىقىپ قايتىپ كەلمەيدۇ» ــ كېيىنكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى سۆھبىتىمىزنى كۆرۈڭ. 39:5 «شاش ئېشەك» ــ بۇ بەلكىم «ياۋا ئېشەك»نىڭ يەنە بىرخىل ئاتىلىشى بولۇشى مۇمكىن. ئەرەبلەر ئۇنى ياۋايى ھايۋانلار ئارىسىدا قوغلاپ تۇتۇش ئەڭ قىيىن دەپ قارايدۇ. «نوختىلىرى» ــ ياكى «ئاسارەتلىرى». 39:6 ئايۇپ 24‏:5؛ يەر. 2‏:24 39:9 «ياۋا كالا» ياكى «ئاۋراق» ــ ئەپسۇس، بىز ھازىر بۇ ھەيۋەتلىك ھايۋانلارنى كۆرەلمەيمىز. 1627-يىلى ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرىغان. بۇ ھايۋان ناھايىتى يوغان بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭدىن بولغان ھايۋانلاردىن پەقەت پىل ۋە سۇ ئېتىلا بار ئىدى. ئۇنى بويۇنتۇرۇققا چېتىپ ئىشقا سېلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە! 39:13 «تۆگىقۇش قاناتلىرىنى شادلىق بىلەن قاقىدۇ، بىراق بۇلار لەيلەكنىڭ قانات ئۇچلىرى ھەم پەيلىرىگە يېتەمدۇ؟» ــ بىزنىڭ تەرجىمىمىز توغرا بولسا ئۇ «تۆگىقۇشنىڭ چىرايلىق قاناتلىرى بولغىنى بىلەن، ئۇ ھېچ ئۇچالمايدۇ، لەيلەك چىرايلىق ئۇچىدۇ» دېگەن مەنىدە (لەيلەك بولسا چوڭ، ئالىچىپار، كۈچلۈك بىر قۇش). يەنە بىر خىل تەرجىمىسى: «قانات ئۇچلىرى ھەم پەيلىرى مېھرىبانلىقنى بىلدۈرەمدۇ؟»، يەنى «تۆگىقۇشنىڭ قاناتلىرى مېھرىبانلىقنى كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز تۇخۇملىرىنى يەرگە سالغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن بەزىدە كارى بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە بولىدۇ. تۆگىقۇش توغرۇلۇق كېيىنكى سۆھبىتىمىزنى كۆرۈڭ. 39:16 «بالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك باغرىنى قاتتىق قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئەجرى بىكارغا كېتىدۇ، بىراق ئۇ پىسەنت قىلمىغاندەك تۇرىدۇ» ــ ئەگەر باشقا ھايۋانلار تۆگىقۇشنىڭ ئۇۋىسىنى بايقاپ قالغان بولسا، تۆگىقۇش ئۇلار تۇخۇملىرىمنى يېمىسۇن دەپ، بەزىدە ئۆزى تۇخۇملىرىنى دەسسەپ چېقىۋېتىدۇ. كېيىنكى سۆھبىتىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 39:18 «ئۇ يۈگۈرۈش ئالدىدا مەيدىسىنى يۇقىرىغا كۆتۈرگىنىدە، ئات ھەم ئاتلىقلارنى كەمسىتىپ مازاق قىلىدۇ» ــ تۆگىقۇش ئىنتايىن تېز يۈگۈرەلەيدۇ، چۆلدە ياكى قۇملۇقتا بولسا ئاتتىن ئىتتىك ماڭالايدۇ. ئۇنى ئوۋلاش ئىنتايىن تەس. 39:26 «سار سېنىڭ ئەقلىڭ بىلەن ئۇچامدۇ، قاناتلىرىنى جەنۇبقا قاراپ كېرەمدۇ؟» ــ بۇ ئايەت، بەلكىم، سارنىڭ پەسىللىك كۆچۈشىنى كۆرسىتىدۇ. 39:27 يەر. 49‏:16؛ ئ‍وب. 4 39:30 «ئۆلتۈرۈلگەنلەر نەدە بولسا، ئۇ شۇ يەردە بولىدۇ» ــ بۈركۈت ھەم سار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «مات.» 28:24نىمۇ كۆرۈڭ. 39:30 مات. 24‏:28؛ لۇقا 17‏:37