40
پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە سۆز قىلىدۇ
پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە جاۋابەن: ــ
«ھەممىگە قادىر بىلەن دەۋالاشىدىغان كىشى ئۇنىڭغا تەربىيە قىلماقچىمۇ؟
تەڭرىنى ئەيىبلىگۈچى كىشى جاۋاب بەرسۇن!» ــ دېدى.
ئايۇپ بولسا پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ
«مانا، مەن ھېچنېمىگە يارىمايمەن؛
ساڭا قانداق جاۋاب بېرەلەيمەن؟
قولۇم بىلەن ئاغزىمنى ئېتىپ گەپتىن قالاي؛
بىر قېتىم دېدىم، مەن يەنە جاۋاب بەرمەيمەن؛
شۇنداق، ئىككى قېتىم دېسەم مەن قايتا سۆزلىمەيمەن» ــ دېدى.
 
پەرۋەردىگار كىنايىلىك سۆز قىلىدۇ
ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ
«ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا،
ئاندىن مەن سەندىن سوراي؛
سەن مېنى خەۋەردار قىلغىن.
سەن دەرۋەقە مېنىڭ ھۆكۈمىمنى پۈتۈنلەي بىكارغا كەتكۈزمەكچىمۇسەن؟
سەن ئۆزۈڭنى ھەققانىي قىلىمەن دەپ، مېنى ناتوغرا دەپ ئەيىبلىمەكچىمۇسەن؟
سېنىڭ تەڭرىنىڭ بىلىكىدەك كۈچلۈك بىر بىلىكىڭ بارمۇ؟
سەن ئۇنىڭدەك ئاۋاز بىلەن گۈلدۈرلىيەلەمسەن؟
10  قېنى، ھازىر ئۆزۈڭنى شان-شەرەپ ھەم سالاپەت بىلەن بېزىۋال!
ھەيۋەت ھەم كۆركەملىك بىلەن ئۆزۈڭنى كىيىندۈرۈپ،
11  غەزىپىڭنىڭ قەھرىنى چېچىپ تاشلىغىن،
شۇنىڭ بىلەن ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ،
ئاندىن ئۇنى پەسلەشتۈرگىن.
12  راست، ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ،
ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرغىن،
رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىل!
13  ئۇلارنى بىرگە توپىغا كۆمۈپ قوي،
يوشۇرۇن جايدا ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى كېپەن بىلەن ئېتىپ قويغىن؛
14  شۇنداق قىلالىساڭ، مەن سېنى ئېتىراپ قىلىپ ماختايمەنكى،
«ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزىدۇ!».
 
بېگېموتتىن ئالغان ساۋاق
15  مەن سېنىڭ بىلەن تەڭ ياراتقان بېگېموتنى كۆرۈپ قوي؛
ئۇ كالىدەك ئوت-چۆپ يەيدۇ.
16  مانا، ئۇنىڭ بېلىدىكى كۈچىنى،
قورساق مۇسكۇللىرىدىكى قۇدرىتىنى ھازىر كۆرۈپ قوي!
17  ئۇ قۇيرۇقىنى كېدىر دەرىخىدەك ئېگىدۇ،
ئۇنىڭ يوتىلىرىدىكى سىڭىرلىرى بىر-بىرىگە چىڭ توقۇپ قويۇلغان.
18  ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى مىس تۇرۇبىدەكتۇر،
پۇت-قوللىرى تۆمۈر چوقماقلارغا ئوخشايدۇ.
19  ئۇ تەڭرى ياراتقان جانىۋارلارنىڭ بېشىدۇر،
پەقەت ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىلا ئۇنىڭغا ئۆز قىلىچىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ.
20  تاغلار ئۇنىڭغا يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ؛
ئۇ يەردە ئۇنىڭ يېنىدا دالادىكى ھەربىر ھايۋانلار ئوينايدۇ.
21  ئۇ سەدەپگۈل دەرەخلىكىنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ،
قومۇشلۇق ھەم سازلىقنىڭ سالقىنىدا ياتىدۇ.
22  سەدەپگۈللۈكلەر ئۆز سايىسى بىلەن ئۇنى ياپىدۇ؛
ئۆستەڭدىكى تاللار ئۇنى ئوراپ تۇرىدۇ.
23  قارا، دەريا تېشىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ ھودۇقمايدۇ؛
ھەتتا ئىئورداندەك بىر دەريامۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۆركەشلەپ ئۇرۇلسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىدۇ.
24  ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى تۇتقىلى بولامدۇ؟
ئۇنى تۇتۇپ، ئاندىن بۇرنىنى تېشىپ چۈلۈك ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ؟
 
 
40:2 «تەڭرىنى ئەيىبلىگۈچى كىشى جاۋاب بەرسۇن!» ــ ئايۇپ خۇدانى ھەقىقەتەن (ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىپ) ئەيىبلىگەن. بىراق خۇدا ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىنى ئۈچ دوستنىڭ چىرايلىق گېپىدىن ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلاتتى. 40:4 زەب. 39‏:9-10 40:5 «بىر قېتىم دېدىم.... ئىككى قېتىم دېسەم...» ــ ئايۇپنىڭ بۇ كەمتەرلىك سۆزى بەلكىم «مېنىڭ سۆزلىرىم كۆپلىكىدىن ئاللىبۇرۇن چەكتىن ئېشىپ كەتتى» دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. 40:8 زەب. 51‏:4، 6؛ رىم. 3‏:4 40:11 «غەزىپىڭنىڭ قەھرىنى چېچىپ تاشلىغىن، شۇنىڭ بىلەن ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى پەسلەشتۈرگىن» ــ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەم غەزىپى پەقەتلا ھەققانىي مەقسەتتە بولىدۇ، ھەرگىز خالىغانچە پەقەت ئىنسانلارنىڭ مەجبۇرىي «ئىبادەت»ىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس. مەسىلەن، مۇشۇ يەردە تەكەببۇرلارنى دەرھال ھالاك قىلىش ئەمەس، ئۇلارغا سەۋر-تاقىتىنى كۆرسىتىپ، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ ئاۋۋال: «تەكەببۇرلارنى پەسلەشتۈرۈش»تە ئىشلىتىلىدۇ. 40:12 «راست، ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرغىن، رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىل!» ــ خۇدا ئايۇپنى ئۆز ئالىمىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئايۇپ بۇ ئورۇندا ئولتۇرغىنىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرالامدۇ، چىقىرالمامدۇ؟ بۇ ئىش پەقەتلا كۈچ-قۇدرەت مەسىلىسى ئەمەس. ئادەمدە «تەكەببۇرلار»نى پەسلەشتۈرۈپ، «رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىلىپ» جازالىغۇدەك دانالىقمۇ بولمىسا، ھەممە ئىشنى بىلگەن بولمىسا ۋە پۈتۈنلەي ئادىل بولمىسا بولمايدۇ. خۇدانىڭ رەزىللەرنىڭ يەر يۈزىگە ھۆكۈم سۈرۈشىدە ئۆز مەقسىتى ھەم پىلانى بار. ئەمدى ئۇنىڭ بۇ پىلانىنى چۈشەنمىسە، ھەربىر ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى ئەتراپلىق بىلمىسە، خاتا ھۆكۈم چىقارماي قالمايدۇ. خۇدا توغرۇلۇق ئىنجىلدا دېيىلگەندەك: «رەببىمىز ئۆز ۋەدىسىنى (يەنى رەزىللىكنى جازالاش، ئۆزىنىڭ ھەققانىي قىلغان كىشىلىرىنى ئۆز يېنىغا ئېلىشقا بولغان ۋەدىسىنى) ئورۇنداشنى (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ ۋاقىتنى سوزماقتا» («2پېت.» 9:3). يامانلارنىڭ كېيىنرەك توۋا قىلىشىنى كىم بىلەلەيدۇ؟ بۇنى بىلىدىغان پەقەت خۇدادۇر. ئايۇپنىڭ قىيامەت كۈنىدىن ئاساسەن خەۋىرى يوق، ھەم خۇدا مۇشۇ يەردە ئۇنىڭغا ئۇ توغرىسىدا ھېچنەرسە دېمىگەن. 40:15 «بېگېموت» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى بىر سۆز. ئۇيغۇر تىلىغا بۇ سۆز ئەرەبچىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، «سۇ ئېتى» دېگەن ھايۋاننى كۆرسىتىدۇ. بىراق مۇشۇ ئايەتلەر تەسۋىر قىلغان ھايۋان «سۇ ئېتى» ئەمەس. مەسىلەن، 16-ئايەتتە ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىڭ كېدىر دەرىخىدەك چوڭ ھەم ئۇزۇن بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. 19-ئايەتتە ئۇنىڭ ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ چوڭى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ ــ دېمەك، ئۇ بىرخىل ئىنتايىن چوڭ ئوتخور ھايۋان. ئۇنىڭ توغرىسىدىكى ئايەتلەرنى يىغىپ، يەكۈن چىقارساق، ھازىر نەسلى قۇرىغان «برونتوساۋر»نى (دىنوزاۋرنىڭ بىر تۈرى) كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ زور چوڭ ھايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتر، ئېغىرلىقى 100 توننا چىقاتتى. ھازىرقى زاماندىكى ئالىملارنىڭ بولسا بەلكىم بۇ خۇلاسىگە قارشى چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغىنى بىلەن، بۇ تەسۋىر ئۆزى ئايۇپنىڭ دەۋرىدە بۇ ئاتالمىش «تارىخنىڭ ئىلگىرى»دىكى ھايۋاننىڭ ئۇنىڭ بىلەن زامانداش بولغانلىقىغا قالتىس ئىسپات كۆرسىتىدۇ. 40:19 «پەقەت ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىلا ئۇنىڭغا ئۆز قىلىچىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ» ــ بۇ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى چۈنىشىش تەس. باشقا خىل تەرجىمىسىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن. 40:24 «...ئۇنى تۇتۇپ، ئاندىن بۇرنىنى تېشىپ چۈلۈك ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ؟» ــ بېگېموتنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.