6
ئايۇپ يەنە سۆزلەيدۇ ــ «مېنىڭ دادلىشىم ھەق»
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
«ئاھ، مېنىڭ دەردلىك زارلىرىم تارازىدا ئۆلچەنسە!
ئاھ، بېشىمغا چۈشكەن بارلىق بالايىقازا بۇلار بىلەن بىللە تارازىلانسا!
شۇنداق قىلىنسا ئۇ ھازىر دېڭىزدىكى قۇمدىن ئېغىر بولۇپ چىقىدۇ؛
شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىم تەلۋىلەرچە بولۇۋاتىدۇ.
چۈنكى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوقلىرى ماڭا سانجىلىپ ئىچىمدە تۇرۇۋاتىدۇ،
ئۇلارنىڭ زەھىرىنى روھىم ئىچمەكتە،
تەڭرىنىڭ ۋەھىمىلىرى ماڭا قارشى سەپ تۈزۈپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.  
ياۋا ئېشەك ئوت-چۆپ تاپقاندا ھاڭرامدۇ؟
كالا بولسا يەم-خەشەك ئۈستىدە مۆرەمدۇ؟
تۇز بولمىسا تەمسىز نەرسىنى يېگىلى بولامدۇ؟
خام تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ تەمى بارمۇ؟
جېنىم ئۇلارغا تەگسىمۇ سەسكىنىپ كېتىدۇ،
ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك تاماق بولۇپ تۇيۇلىدۇ.
ئاھ، مېنىڭ تەشنا بولغىنىم كەلسىدى!
تەڭرى ئىنتىزارىمنى ئىجابەت قىلسىدى!
ئاھ، تەڭرى مېنى يانجىپ تاشلىسۇن!
ئۇ قولىنى قويۇۋېتىپ جېنىمنى ئۈزۈپ تاشلاشقا مۇۋاپىق كۆرسىدى!
10  شۇنداق بولسا، ماڭا تەسەللى بولاتتى،
ھەتتا رەھىمسىز ئاغرىقلاردا قىينالساممۇ، شادلىناتتىم؛
چۈنكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن تانمىغان بولاتتىم!
11  مەندە ئۆلۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانچىلىك ماغدۇر قالدى؟
مېنىڭ سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ ھاياتىمنى ئۇزارتىشىمنىڭ نېمە نەتىجىسى بولار؟
12  مېنىڭ كۈچۈم تاشتەك چىڭمۇ؟
مېنىڭ ئەتلىرىم مىستىن ياسالغانمىدى؟
13  ئۆزۈمگە ياردەم بەرگۈدەك ماغدۇرۇم قالمىدى ئەمەسمۇ؟
ھەرقانداق ئەقىل-تەدبىر مەندىن قوغلىۋېتىلگەن ئەمەسمۇ؟
 
بۇرادەرلىرىنىڭ ئايۇپنى داغدا قويۇشى
14  ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛
بولمىسا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن.
15  بىراق بۇرادەرلىرىم ۋاقىتلىق «ئالدامچى ئېرىق» سۈيىدەك،
ماڭا ھېلىگەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا؛
ئۇلار سۇلىرى ئېقىپ تۈگىگەن ئېرىققا ئوخشايدۇ.
16  ئېرىگەن مۇز سۇلىرى ئېرىققا كىرگەندە ئۇلار قارىداپ كېتىدۇ،
قارلار ئۇلارنىڭ ئىچىدە يوقىلىپ كېتىدۇ،
17  ئۇلار پەسىلنىڭ ئىللىشى بىلەن قۇرۇپ كېتىدۇ؛
ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ئىزىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ.
18  سەپەرداشلار ماڭغان يولىدىن چىقىپ، ئېرىققا بۇرۇلىدۇ؛
ئۇلار ئېرىقنى بويلاپ مېڭىپ، چۆلدە ئېزىپ ئۆلىدۇ.
19  تېمالىق كارۋانلارمۇ ئېرىق ئىزدەپ ماڭدى؛
شېبالىق سودىگەرلەرمۇ ئۇلارغا ئۈمىد بىلەن قارىدى؛
20  بىراق ئۇلار ئىشەنگىنىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ نومۇستا قالدى؛
ئۇلار ئاشۇ يەرگە كېلىشى بىلەن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى.
21  مانا سىلەر ئۇلارغا ئوخشاش ماڭا تايىنى يوق بولۇپ قالدىڭلار؛
سىلەر قورقۇنچلۇق بىر ۋەھىمىنى كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىۋاتىسىلەر.
22  مەن سىلەرگە: «ماڭا بېرىڭلار»،
ياكى: «ماڭا مال-مۈلۈكلىرىڭلاردىن ھەدىيە قىلىڭلار؟» ــ دېگەننى قاچان دەپ باققان؟
23  ياكى: «مېنى ئېزىتقۇچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار!»
ياكى «زوراۋانلارنىڭ قولىدىن گۆرۈگە پۇل بەرسەڭلار!» دەپ باققانمۇ؟
24  ماڭا ئۆگىتىپ قويۇڭلار، سۈكۈت قىلىمەن؛
نەدە يولدىن چىققانلىقىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلار.
25  توغرا سۆزلەر نېمىدېگەن ئۆتكۈر-ھە!
بىراق ئەيىبلىرىڭلار زادى نېمىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟!
26  ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ئۆتۈپ كېتىدىغان شامالدەك تۇرسا،
پەقەت سۆزلەرنىلا ئەيىبلىمەكچىمۇسىلەر؟
27  سىلەر يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئۈستىدە چەك تاشلىشىسىلەر!
دوست-بۇرادىرىڭلار ئۈستىدە سودىلىشىسىلەر!
28  ئەمدى ماڭا يۈز تۇرانە قاراپ بېقىڭلار؛
ئالدىڭلاردىلا يالغان سۆز قىلالامدىم؟
29  ئۆتۈنىمەن، بولدى قىلىڭلار، گۇناھ بولمىسۇن؛
راست، قايتىدىن ئويلاپ بېقىڭلار،
چۈنكى ئۆزۈمنىڭ توغرىلىقىم تارازىدا تۇرىدۇ.
30  تىلىمدا خاتالىق بارمۇ؟
تىلىم يامانلىقنى زادى تېتىيالماسمۇ؟
 
 
6:2 «... ئاھ، بېشىمغا چۈشكەن بارلىق بالايىقازا بۇلار ، يەنى دەردلىك زارلىرىم بىلەن بىللە تارازىلانسا!» ــ ئايۇپنىڭ بۇ سۆزى: «دەردلىك زارلىرىم» ۋە بېشىمغا چۈشكەن بالا-قازالار تارازادا سېلىشتۇرۇلسا، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ زارلىرىمنىڭ ئاز ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ، دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. 6:3 پەند. 27‏:3 6:4 «ئۇلارنىڭ زەھىرىنى روھىم ئىچمەكتە» ــ ياكى، «ئۇلارنىڭ زەھەرى روھىمنى يەپ كېتىدۇ». 6:4 زەب. 38‏:1-3 6:10 «ھەتتا ... شادلىناتتىم؛ چۈنكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن تانمىغان بولاتتىم!» ــ ئايۇپنىڭ بۇنداق ئويلىشى: «ئەگەر ھازىر خۇدا مېنىڭ جېنىمنى ئالسا، مەن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمىگەن مانا مۇشۇ چاغدىلا ئالسا بوپتىكەن؛ بىراق بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەر داۋاملاشتۇرۇلسا، مەندە نېمە ئۆزگىرىشلەر بولار، مەن خۇدادىن تانىمەنمۇ قانداق؟ شۇڭا ياخشىسى ئۇ ھازىر مېنى ئەپكەتسە، قاتتىق بىر زەربە بىلەن ئەپكەتسە مەيلى» دېگەندەك مەنىنى بېرىدۇ. 6:14 «ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛ بولمىسا ...» ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار. بۇلارنىڭ بىرى: «ھەتتا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر». 6:15 «ئالدامچى ئېرىق» ــ چۆل باياۋاندا تۇيۇقسىز ئېقىشتىن توختايدىغان ئېرىق. يولۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق ئېرىققا ئىشىنىشى ئىنتايىن خەتەرلىك، ئەلۋەتتە. 20-21-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. 6:17 «ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ئىزىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ» ــ دېمەك، ئەڭ كېرەك بولغان ۋاقىتتا بۇ ئېرىقلار غايىب بولىدۇ. 6:19 «شېبالىق سودىگەرلەرمۇ ئۇلارغا ئۈمىد بىلەن قارىدى» ــ ياكى «شېبالىق سودىگەرلەرمۇ ئۇلارغا ئۇچراشنى ئۈمىد قىلاتتى». 6:22 «ماڭا مال-مۈلۈكلىرىڭلاردىن ھەدىيە قىلىڭلار؟» ــ دېگەننى قاچان دەپ باققان؟» ــ ئايۇپ ئۇ دوستلىرىغا ھېچقاچان قەرزدار بولۇپ باقمىغان. ئۇ: «سىلەردىن پۇل ياكى مال-مۈلۈك كۈتكىنىم يوق، سىلەردىن كۈتكىنىم پەقەت ئازراق ھېسداشلىق ياكى مېھرىبانلىق، خالاس» دېمەكچى. 6:25 «ئەيىبلىرىڭلار زادى نېمىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟» ــ شۇ ۋاقىتقىچە ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستى ئارىسىدىن پەقەت ئېلىفاز سۆز قىلغان. ئايۇپ «ئەيىبلىرىڭلار» (كۆپلۈك شەكلى) دېگەن سۆزى بىلەن ئۇلارغا: «سىلەر يېنىمغا كېلىشتىن ئاۋۋال ئەھۋالىم توغرۇلۇق تىل بىرىكتۈرۈۋالغان ئوخشايسىلەر» دەپ پۇرىتىۋاتىدۇ. 6:26 «ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ئۆتۈپ كېتىدىغان شامالدەك تۇرسا،...» ــ ئايۇپ بۇ گەپلىرى بىلەن ئۆزۈمنىڭ بەزى سۆزلىرىمنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىمەن، دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسا كېرەك. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سىلەر پەقەت سۆزلەرنىلا ئەيىبلىمەكچىمۇسىلەر، ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ناھايىتى ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر شامالدەكلا دەپ قارىماقچىسىلەر؟». 6:27 «دوست-بۇرادىرىڭلار ئۈستىدە سودىلىشىسىلەر!» ــ باشقا بىرخىل مەنىسى: «سىلەر دوست-بۇرادەرلەر ئۈچۈن ئورا كولىشىسىلەر». 6:29 «چۈنكى ئۆزۈمنىڭ توغرىلىقىم تارازىدا تۇرىدۇ» ــ ياكى: «چۈنكى بۇ ئىشتا ھەق مەن تەرەپتىدۇر».