7
ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ئازابلىرى
ئىنسانغا زېمىندا جەۋرە-جاپا چېكىدىغان تۇرمۇش بېكىتىلگەن ئەمەسمۇ؟
ئۇنىڭ كۈنلىرى بىر مەدىكارنىڭكىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟
قۇل كەچقۇرۇننىڭ سايىسىگە تەشنا بولغاندەك،
مەدىكار ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققىنى كۈتكەندەك،
مانا بىھۇدە ئايلار ماڭا بېكىتىلگەن،
غەشلىككە تولغان كېچىلەر ماڭا نېسىپ قىلىنغان.
مەن ياتقىنىمدا: «قاچان قوپارمەن؟» دەپ ئويلايمەن،
بىراق كەچ ئۇزۇندىن ئۇزۇن بولىدۇ،
تاڭ ئاتقۇچە پۈتۈن بىر كېچە مەن تولغىنىپ ياتىمەن.
ئەتلىرىم قۇرتلار ھەم توپا-چاڭلار بىلەن قاپلاندى،
تېرىلىرىم يېرىلىپ، يىرىڭلاپ كەتتى.
كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ ئىتتىك ئۆتىدۇ،
ئۇلار ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاياغلىشاي دەپ قالدى.
ئاھ خۇدا، مېنىڭ جېنىم بىر نەپەسلا خالاس.
كۆزۈم ياخشىلىقنى قايتىدىن كۆرمەيدىغانلىقى ئېسىڭدە بولسۇن؛
مېنى كۆرگۈچىنىڭ كۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا قارىمايدۇ،
سەن نەزىرىڭنى ئۈستۈمگە چۈشۈرگىنىڭدە، مەن يوقالغان بولىمەن.
بۇلۇت غايىب بولۇپ، قايتا كۆرۈنمىگەندەك،
ئوخشاشلا تەھتىساراغا چۈشكەن ئادەم قايتىدىن چىقمايدۇ.
10  ئۇ يەنە ئۆز ئۆيىگە قايتمايدۇ،
ئۆز يۇرتى ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ.
11  شۇڭا مەن ئاغزىمنى يۇمماي،
روھىمنىڭ دەرد-ئەلىمى بىلەن سۆز قىلاي،
جېنىمنىڭ ئازابىدىن زارلايمەن.
12  نېمىشقا سەن ئۈستۈمدىن كۆزەت قىلىسەن؟
مەن خەتەرلىك بىر دېڭىزمۇ-يا؟
ياكى دېڭىزدىكى بىر ئەجدىھامۇمەن؟
13  مەن: «ئاھ، ياتقان ئورنۇم ماڭا راھەت بېرىدۇ،
كۆرپەم نالە-پەريادىمغا دەرمان بولىدۇ» ــ دېسەم،
14  ئەمدى سەن چۈشلەر بىلەن مېنى قورقۇتىۋاتىسەن،
غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن ماڭا ۋەھىمە سالىسەن.
15  شۇنىڭ ئۈچۈن بوغۇلۇشۇمنى، ئۆلۈمنى،
بۇ سۆڭەكلىرىمگە قاراپ ئولتۇرۇشتىن ئارتۇق بىلىمەن.
16  مەن ئۆز جېنىمدىن تويدۇم؛
مېنىڭ مەڭگۈگە ياشىغۇم يوق،
مېنى مەيلىمگە قويىۋەتكىن،
مېنىڭ كۈنلىرىم بىھۇدىدۇر.  
17  ئىنسان بالىسى نېمىدى؟
سەن نېمىشقا ئۇنى چوڭ بىلىسەن،
نېمە دەپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىسەن؟
18  ھەر ئەتىگەندە ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ كېلىسەن،
ھەر نەپەس ئۇنى سىنايسەن!
19  قاچانغىچە مېنىڭدىن نەزىرىڭنى ئالمايسەن،
ماڭا قاچانغىچە ئاغزىمدىكى سېرىق سۇنى يۇتۇۋالغۇدەك ئارام بەرمەيسەن؟
20  مەن گۇناھ قىلغان بولساممۇ،
ئى ئىنسانىيەتنى كۆزەتكۈچى، ساڭا نېمە قىلىپتىمەن؟!
مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟
بۇنىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە زەربە نىشانى قىلغانسەنمۇ؟
21  سەن نېمىشقا مېنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمنى كەچۈرۈم قىلىپ،
گۇناھىمنى ساقىت قىلمايسەن؟
چۈنكى مەن پات ئارىدا توپىنىڭ ئىچىدە ئۇخلايمەن؛
سەن مېنى ئىزدەپ كېلىسەن، لېكىن مەن مەۋجۇت بولمايمەن».
 
 
7:3 «مانا بىھۇدە ئايلار ماڭا بېكىتىلگەن،...» ــ بۇ جۈملە ئايۇپنىڭ ئازابى ئاشۇ كۈنگىچە بەلكىم بىرنەچچە ئاي ئۇزارتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئايۇپنىڭ قېشىغا كەلگۈچە قىلغان سەپىرى ئۇزۇن بولغان بولسا كېرەك. 7:5 «قۇرتلار ھەم توپا-چاڭلار بىلەن...» ــ ياكى «قۇرتلار ھەم قاقاچ-چاقالار بىلەن...». 7:6 « كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ ئىتتىك ئۆتىدۇ» ــ باپكارنىڭ موكىسى ئىنتايىن تېز، توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ. «ئۇلار ئۈمىدسىزلىك بىلەن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۈمىدسىزلىك» ۋە «يىپ» ئاھاڭداش سۆز. ئايۇپ مۇشۇ ئايەتتە ئۆز ھاياتىنى توقۇلىدىغان گىلەمگە ئوخشىتىپ، «يىپ توختاپ قالغۇدەك» دېمەكچى. 7:7 ئايۇپ 8‏:9؛ 10‏:9؛ 14‏:1، 2، 3؛ 16‏:22؛ زەب. 90‏:5، 6، 9؛ 102‏:11؛ 103‏:15؛ 144‏:4؛ يەش. 40‏:6؛ ياق. 4‏:14؛ 1پېت. 1‏:24 7:8 «سەن نەزىرىڭنى ئۈستۈمگە چۈشۈرگىنىڭدە، مەن يوقالغان بولىمەن» ــ بۇ 7-8-ئايەتتە، 21-ئايەتكە ئوخشاش، ئايۇپ «ئى خۇدا، سەن بالدۇر ماڭا رەھىم قىلمىساڭ، كېچىكىپ قالىسەن!» دېگەندەك قىلاتتى. 7:9 «تەھتىسارا» ــ مۇشۇ يەردە «تەھتىسارا» (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول») دېگەن يەر، «يەر ئاستىدىكى ساراي» (يەنى، «تەكت ساراي»)، ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارغان جاينى كۆرسىتىدۇ. ئېنىق تۇرۇپتىكى، ئايۇپنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا گۆردىن تىرىلدۈرۈلۈش توغرىسىدا خەۋىرى كۆپ ئەمەس ئىدى. 7:12 «نېمىشقا سەن ئۈستۈمدىن كۆزەت قىلىسەن؟» ــ ئايۇپ: «مەن ئالەمنىڭ ئامانلىقىغا بىرخىل خەۋپ يەتكۈزەمدىم-يا؟» دەپ خۇدادىن سورىماقچى ئوخشايدۇ. 7:15 «... بوغۇلۇشۇمنى، ئۆلۈمنى، بۇ سۆڭەكلىرىمگە قاراپ ئولتۇرۇشتىن ئارتۇق بىلىمەن» ــ ئايۇپنىڭ كېسىلى، بەلكىم، بوغنۇقۇش كېسىلى (دەم سىقىلىش كېسىلى) بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئايەت يەنە مۇنداقمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، يەنى: «گېلىمنى سىققۇچى بولسا بوينۇمنى، ئۆلۈم بولسا سۆڭەكلىرىمنى تاللىدى». 7:16 «مېنىڭ كۈنلىرىم بىھۇدىدۇر» ــ ياكى «مېنىڭ كۈنلىرىم بىر نەپەس، خالاس!». 7:16 زەب. 62‏:9؛ 144‏:4 7:17 زەب. 8‏:4؛ 144‏:3؛ ئىبر. 2‏:6 7:21 «...سەن مېنى ئىزدەپ كېلىسەن، لېكىن مەن مەۋجۇت بولمايمەن» ــ 7-باب، 7-8-ئايەت ئۈچۈن بېرىلگەن ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە، ئايۇپنىڭ ئىچىدىكى ئېتىقاد ھەم گۇماننىڭ بىر-بىرىگە بولغان كۈرىشى كۆرۈنىدۇ. ئايۇپ بىر تەرەپتىن خۇدانى دۈشمىنىمدەك ئىش قىلدى، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ كەلگۈسىدە ئۆز دوستىنى ئىزدىگەندەك مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ، بىراق تاپالمايدۇ، دەيدۇ.