4
بۇ دۇنيانى دوست تۇتماسلىق
ئاراڭلاردىكى ئۇرۇش ۋە ماجىرالار نەدىن كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇ دەل تەن ئەزالىرىڭلار ئىچىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلاردىن ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئارزۇ-ھەۋەس قىلىسىلەر، لېكىن ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارغا ئېرىشمەيسىلەر؛ ئادەم ئولتۇرىسىلەر، ھەسەت قىلىسىلەر، لېكىن ئېرىشەلمەيسىلەر؛ جېدەل-ماجىرا چىقىرىپ جەڭ قىلىسىلەر. ئېرىشمەيسىلەر، چۈنكى تىلىمەيسىلەر. تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن رەزىل نىيەتلەر بىلەن تىلەيسىلەر. ئەي زىناخورلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ كىمدىكىم بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولسا، ئۆزىنى خۇدانىڭ دۈشمىنى قىلىدۇ.   مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قىلامدۇ؟» دېگەن سۆز سىلەرچە بىكار دېيىلگەنمۇ؟   لېكىن خۇدا بەرگەن مېھىر-شەپقەت بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ تۈپەيلىدىن مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر.  
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا بويسۇنۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ئۇ سىلەردىن قاچىدۇ. خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار. گۇناھلىرىڭلارغا قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار. 10 رەبنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە شۇنداق قىلغاندا ئۇ سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
 
قېرىنداشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماسلىق
11 ئى قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. كىمدىكىم قېرىندىشىنى سۆكسە ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلسا، تەۋرات قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ قانۇن ئۈستىدىن توغرا-ناتوغرا دەپ ھۆكۈم قىلساڭ، قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىۋالغان بولىسەن. 12 قۇتقۇزۇشقا ۋە ھالاك قىلىشقا قادىر بولغان، قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچى پەقەت بىردۇر! شۇنداق ئىكەن، سەن باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇدەك زادى كىمسەن؟
 
ئۆزۈڭنى خۇدا دېمە!
13 ھەي، «بۈگۈن ياكى ئەتە پالانى-پۈكۈنى شەھەرگە بارىمىز، ئۇ يەردە بىر يىل تۇرۇپ، تىجارەت قىلىپ پايدا تاپىمىز» دېگۈچىلەر بۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار! 14 ئەي ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار، ھاياتىڭلار نېمىگە ئوخشايدۇ؟ ئۇ خۇددى غىل-پال پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان بىر پارچە تۇمان، خالاس.    15 بۇنىڭ ئورنىغا، «رەب بۇيرۇسا، ھايات بولساق، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز» دېيىشىڭلار كېرەك. 16 لېكىن ئەمدى سىلەر ھازىر ئۇنداق يوغان گەپلىرىڭلار بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق ماختىنىشلارنىڭ ھەممىسى رەزىل ئىشتۇر. 17 شۇنىڭدەك كىمدىكىم مەلۇم ياخشى ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغان بولسا، گۇناھ قىلغان بولىدۇ.
 
 
4:1 رىم. 7‏:23؛ 1پېت. 2‏:11. 4:3 مات. 20‏:22؛ رىم. 8‏:26. 4:4 «ئەي زىناخورلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟» ــ مۇشۇ يەردىكى «زىناخورلار» شۈبھىسىزكى، كۆچمە مەنىدە ياكى بەلكىم ئەينى مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. كۆچمە مەنىدە «خۇداغا ۋاپاسىزلار» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز باشقا ئىشلار (پۇل، بايلىق ھوقۇق، مەنسەپ، ھەرخىل ھەۋەسلەر)نى خۇدانىڭ ئورنىغا قويغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقىقىي بۇتپەرەسلىكتۇر، بۇ خۇدا ئالدىدا زىناخورلۇققا ئوخشاش بولىدۇ. 4:4 يـۇھ. 15‏:9؛ گال. 1‏:10؛ 1يۇھ. 2‏:15. 4:5 «خۇدا قەلبىمىزدە ماكان قىلدۇرغان روھ...» ــ ئۆز مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ. گرېك تىلىدا «ئۇ قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ...». «مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قىلامدۇ؟» دېگەن سۆز سىلەرچە بىكار دېيىلگەنمۇ؟» ــ بۇ سۆزنىڭ ئۆزى تەۋراتتىن بىۋاسىتە تېپىلمايدۇ، بەلكىم روسۇل ياقۇپنىڭ تەۋراتتىكى كۆپ ئايەتلىرىنىڭ مۇجەسسەملەشتۈرۈلگىنى بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «خۇدا قەلبىمىزگە سالغان (مۇقەددەس) روھ بىزنىڭ خۇداغىلا ساداقەتمەن بولۇشىمىزنى قاتتىق ئارزۇ قىلىدۇ». 4:5 چۆل. 11‏:29. 4:6 «لېكىن خۇدا بەرگەن مېھىر-شەپقەت بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم «بۇ يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز، نەپس-تاماخورلۇقىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ» دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ» ــ «پەند.» 34:3. 4:6 پەند. 3‏:34؛ 1پېت. 5‏:5. 4:7 ئ‍ەف. 4‏:27؛ 1پېت. 5‏:9. 4:8 «ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار» ــ بۇ «ئۈجمە كۆڭۈللەر» بەلكىم خۇدا بىلەن ۋە بۇ دۇنيا بىلەن تەڭ دوست بولايلى دېگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 4:9 مات. 5‏:4. 4:10 ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 29‏:23؛ مات. 23‏:12؛ لۇقا 14‏:11؛ 18‏:14؛ 1پېت. 5‏:6. 4:11 «كىمدىكىم قېرىندىشىنى سۆكسە ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلسا، تەۋرات قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ...» ــ «تەۋرات قانۇنىنىمۇ سۆككەن ... بولىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە روسۇل ياقۇپنىڭ كۆزدە تۇتقان «تەۋرات قانۇنى» بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۇنىڭدىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن ئەمر بولۇشى كېرەك. بۇ سۆزلەر بەزىدە «تەۋرات قانۇنىنىڭ جەۋھىرى» دېيىلىدۇ. «شۇنداق قىلىپ قانۇن ئۈستىدىن توغرا-ناتوغرا دەپ ھۆكۈم قىلساڭ، قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىۋالغان بولىسەن» ــ ئىنساننىڭ بەختلىك نېسىۋىسى خۇدانىڭ سۆزى ئۈستىدىن («توغرا، ناتوغرا!» دەپ) ھۆكۈم چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىمان بىلەن قوبۇل قىلىپ ئىتائەت قىلىشتا تېپىلىدۇ، ئەلۋەتتە! 4:13 لۇقا 12‏:18. 4:14 «ئۇ خۇددى غىل-پال پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان بىر پارچە تۇمان، خالاس» ــ «بىر پارچە تۇمان» ياكى «بىر پارچە ئىس-تۈتەك». 4:14 يەش. 40‏:6؛ 1كور. 7‏:31؛ ياق. 1‏:10؛ 1پېت. 1‏:24؛ 1يۇھ. 2‏:17. 4:15 روس. 18‏:21؛ 1كور. 4‏:19؛ ئىبر. 6‏:3. 4:17 لۇقا 12‏:47.