5
بايلارنى ئاگاھلاندۇرۇش
ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا چۈشىدىغان كۈلپەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاڭلار. بايلىقىڭلار چىرىپ كەتتى، كىيىم-كېچىكىڭلارنى كۈيە يەپ كەتتى، ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا دات باستى، بۇ دات قىيامەتتە ئۆزۈڭلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىپ، گۆشۈڭلارنى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەندەك يەۋېتىدۇ. سىلەرنىڭ بايلىقلارنى توپلىشىڭلار ئاخىرقى كۈنلەردە بولدى!   مانا، ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەپ ھوسۇل يىغقانلارغا خىيانەت قىلىپ ئىش ھەقلىرىنى بەرمەي كەلدىڭلار. بۇ تۇتۇۋېلىنغان ھەق ئۈستۈڭلاردىن پەرياد كۆتۈرمەكتە، شۇنىڭدەك ئورمىچىلارنىڭ نالە-پەريادلىرى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. سىلەر بۇ دۇنيادا ھەشەمەتچىلىك ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتىسىلەر. قويلار بوغۇزلاش كۈنىگە تەييارلانغاندەك، سىلەرمۇ بوغۇزلىنىش كۈنىگە ئۆزۈڭلارنى بورداپ كېلىۋاتىسىلەر.   
سىلەر ھەققانىي بولغۇچىنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ.
 
سەۋر-تاقەت ۋە دۇئا
7‏-8 شۇڭا، قېرىنداشلار، رەبنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. مانا، دېھقان كىشى يەرنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى كۈتىدۇ؛ يەر دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارغا مۇيەسسەر بولغۇچە ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن سەۋر-تاقەت ئىچىدە كۈتىدۇ. سىلەرمۇ سەۋر-تاقەت قىلىپ قەلبىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىڭلار. چۈنكى رەبنىڭ قايتا كېلىشى يېقىنلاپ قالدى.
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلار سوراققا تارتىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ مانا، سوراق قىلغۇچى ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ. 10 پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆزلىگەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ قانداق ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانلىقى، شۇنداقلا سەۋر-تاقەت قىلغانلىقىنى ئۈلگە قىلىڭلار. 11 بىز مانا مۇشۇنداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك دەپ ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قىلغىنىنى، شۇنداقلا «پەرۋەردىگارنىڭ ئىچ-باغرى شەپقەت ۋە رەھىمدىللىق بىلەن تولغان»لىقىنى كۆرگەنسىلەر.  
12 ئەمدى ئى قېرىنداشلىرىم، ئەڭ مۇھىمى، قەسەم قىلماڭلار ــ نە ئاسمان نە زېمىن نە ھېچقانداق باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى بولماڭلار، بەلكى «بولىدۇ» دېسەڭلار ھەقىقىي «بولىدۇ» بولسۇن، «ياق» دېسەڭلار ھەقىقىي «ياق» بولسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ جازاسىغا چۈشمەيسىلەر.
 
دۇئا توغرۇلۇق
13 ئاراڭلاردا ئازاب تارتقۇچى كىشى بارمۇ؟ ئۇ دۇئا قىلسۇن. خۇشال يۈرۈۋاتقانلار بارمۇ؟ ئۇ كۈي-مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن.
  
14 ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بارمۇ؟ ئۇلار جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن؛ ئۇلار رەبنىڭ نامىدا ئۇنىڭ بېشىغا ماي سۈرۈپ مەسىھ قىلىپ دۇئا قىلسۇن.    15 شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 16 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا ئىقرار قىلىڭلار ۋە شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئىگىدۇر. 17 ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانىي تەبىئەتلىك ئىدى. ئۇ يامغۇر ياغمىسۇن دەپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدى؛ نەتىجىدە، زېمىنغا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ھېچ يامغۇر ياغمىدى.    18 ئاندىن ئۇ يەنە دۇئا قىلدى ۋە يامغۇر قايتا ياغدى، يەرمۇ ھوسۇل-مېۋىسىنى يەنە بەردى.
19 قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا بىرسى ھەقىقەتتىن چەتنىگەن بولسا، ۋە يەنە بىرسى ئۇنى ھەقىقەتكە قايتۇرسا، 20 مۇشۇنداق كىشى شۇنى بىلسۇنكى، گۇناھكار كىشىنى ئازغان يولىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچى شۇ كىشىنىڭ جېنىنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلارنىڭ يېپىپ قويۇلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

  
5:1 پەند. 11‏:28؛ ئام. 6‏:1؛ لۇقا 6‏:24؛ 1تىم. 6‏:9. 5:3 «ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا دات باستى» ــ روسۇل ياقۇپ بۇ ئايەتلەردە بايلارنىڭ بېشىغا كەلگۈسىدە چۈشىدىغان جازانى ئاللىقاچان يۈز بەرگەندەك تەرزدە كۆرسىتىدۇ. «سىلەرنىڭ بايلىقلارنى توپلىشىڭلار ئاخىرقى كۈنلەردە بولدى!» ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «چۈنكى سىلەر بۇ ئاخىر زاماندا بايلىق توپلاش بىلەنلا بولۇپ كېتىۋاتىسىلەر!». قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ بايلىقلىرى «ئاخىرقى كۈنلەردە» توپلانغان بولۇپ، ئۇلار بۇلاردىن ئانچە ئۇزۇن ھۇزۇر ئالالمايدۇ. 5:3 مات. 6‏:19؛ رىم. 2‏:5. 5:4 لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14. 5:5 «سىلەر بۇ دۇنيادا ھەشەمەتچىلىك ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتىسىلەر» ــ «بۇ دۇنيادا» گرېك تىلىدا «يەر يۈزىدە». دېمەك، بېھىشتە ئۇنداق راھەتلىك ھاياتتىن بەھرىمەن بولمايسىلەر. «قويلار بوغۇزلاش كۈنىگە تەييارلانغاندەك، سىلەرمۇ بوغۇزلىنىش كۈنىگە ئۆزۈڭلارنى بورداپ كېلىۋاتىسىلەر» ــ «ئۆزۈڭلارنى بورداپ كېلىۋاتىسىلەر» گرېك تىلىدا «يۈرەكلىرىڭلارنى بورداپ كېلىۋاتىسىلەر». بۇ ئۈچ بىسلىق سۆز بولۇپ: (1) ئۆزۈڭلار ئىنتايىن ھەشەمەتلىك، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزدۇڭلار؛ (2) كۆڭلۈڭلارنى تاش قىلدىڭلار (مەسىلەن، «يەش.» 6:10 ۋە 17:63نى كۆرۈڭ)؛ (3) (كىنايىلىك مەنىدە) «بوغۇزلاش كۈنى» (قىيامەت كۈنى)گە ئۆزۈڭلارنى «بورداپ» ياخشى تەييارلىدىڭلار». 5:5 ئايۇپ 21‏:13؛ لۇقا 16‏:25،19. 5:6 «سىلەر ھەققانىي بولغۇچىنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ» ــ «ھەققانىي بولغۇچى» (1) مەسىھنى ياكى (2) ھەققانىي ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە ھەققانىي ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى گرېك تىلىدا «ئۆلتۈرۈش» دېگەن پېئىل كۆپ قېتىملىق ئۆلتۈرۈشلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەمدى نېمىشقا «ھەققانىي بولغۇچىلار» ئەمەس، بەلكى «ھەققانىي بولغۇچى» دەيدۇ؟ بىزنىڭچە روسۇل ياقۇپ مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلار بىلەن بىر بولغانلىقىنى تەكىتلەشنى خالايدۇ («پەند.» 31:14، 5:17 ۋە «روس.» 4:9نى كۆرۈڭ). روسۇل ياقۇپ شۇ چاغلاردا «ھەققانىي ياقۇپ» دەپ ئاتىلاتتى ۋە كېيىن يېرۇسالېمدىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى (مىلادىيە 60-يىللاردا). «ئۇ سىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ» دېگەن بايان بەلكىم خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاجىز-ئانىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. 5:7‏-8 «دېھقان كىشى يەرنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى كۈتىدۇ؛ يەر دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارغا مۇيەسسەر بولغۇچە ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن سەۋر-تاقەت ئىچىدە كۈتىدۇ» ــ «دەسلەپكى يامغۇرلار» ئىسرائىلدا 10- ياكى 11-ئايدا يېغىپ، يەرنى يۇمشاق قىلىپ ھەيدەشكە تەييارلايدۇ، ئاندىن چېچىلغان ئۇرۇقلارنى ئۈندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. «كېيىنكى يامغۇرلار» بولسا 3- ياكى -4ئايدا يېغىپ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ھەربىر دېھقان «كېيىنكى يامغۇر»غا تەشنادۇر، ئۇلار ئۇنى بەك قەدىرلەيدۇ. «... سىلەرمۇ سەۋر-تاقەت قىلىپ قەلبىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىڭلار. چۈنكى رەبنىڭ قايتا كېلىشى يېقىنلاپ قالدى» ــ بۇ 7-8-ئايەتلەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 5:11 «ئايۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قىلغىنىنى... كۆرگەنسىلەر» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قىلغىنى» دېمەك، خۇدانىڭ ئاخىرىدا ئايۇپنىڭ ھاياتىنى قانداق بەرىكەتلەپ، ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى. «پەرۋەردىگارنىڭ ئىچ-باغرى شەپقەت ۋە رەھىمدىللىق بىلەن تولغان» ــ بۇ سۆزلەر «مىس.» 6:34، «نەھ.» 17:9، «زەب.» 15:86، 13:102، «يو.» 13:2دە خىلمۇخىل شەكىلدە كۆرۈلىدۇ. 5:11 چۆل. 14‏:18؛ ئايۇپ 1‏:21، 22؛ 42‏:10-17؛ زەب. 103‏:8-9؛ مات. 5‏:11. 5:12 مات. 5‏:34؛ 2كور. 1‏:17، 18. 5:13 «ئاراڭلاردا ئازاب تارتقۇچى كىشى بارمۇ؟ ئۇ دۇئا قىلسۇن. خۇشال يۈرۈۋاتقانلار بارمۇ؟ ئۇ كۈي-مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن» ــ بۇ سۆز بەلكىم جامائەتنىڭ ئىبادەت سورۇنلىرىدىكى ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتىدۇ. دېمەك، جامائەت سورۇنلىرىدا قېرىنداشلارنىڭ ھەم يىغلاش ھەم خۇشال بولۇش ئەركىنلىكى بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇ سۆزلەر قېرىنداشلار يالغۇز قالغاندا ئوخشاشلا ئىناۋەتلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە! كېيىن ئۇ ئاغرىق قېرىنداشنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ. 5:13 ئ‍ەف. 5‏:19؛ كول. 3‏:16. 5:14 «ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بارمۇ؟ ئۇلار جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن؛ ئۇلار رەبنىڭ نامىدا ئۇنىڭ بېشىغا ماي سۈرۈپ مەسىھ قىلىپ دۇئا قىلسۇن» ــ «مەسىھ قىلىش» توغرۇلۇق «تەبىرلەر»دىكى ئىزاھاتىمىزنى كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە ماي ھېچقانداق دورىنىڭ رولىدا ئەمەس، بەلكى ئاقساقاللارنىڭ قوللىرىنى بىمارنىڭ بېشىغا تەگكۈزۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ بىمار بىلەن بىرلىكتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەمدە ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھنىڭ كېسەلنى ساقايتىش قۇدرىتىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن بولىدۇ. 5:14 مار. 6‏:13. 5:17 «ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانىي تەبىئەتلىك ئىدى» ــ «ئىنسانىي تەبىئەتلىك» دېگەن ئىبارە مۇشۇ يەردە ئادەمنىڭ ھېسسىيات، خۇشاللىق ۋە قايغۇلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 5:17 1پاد. 17‏:1؛ لۇقا 4‏:25. 5:18 1پاد. 18‏:45. 5:19 مات. 18‏:15؛ گال. 6‏:1-2 5:20 «مۇشۇنداق كىشى شۇنى بىلسۇنكى، گۇناھكار كىشىنى ئازغان يولىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچى شۇ كىشىنىڭ جېنىنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلارنىڭ يېپىپ قۇيۇلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ» ــ «ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش» دېگەن ئىبارە «مەڭگۈلۈك ئۆلۈم» (دوزاخ) ياكى بۇ دۇنيادىن كېتىشىنى كۆرسىتەمدۇ؟ بىزنىڭچە روسۇل بۇ گۇناھكارنىڭ «جېنىنىڭ قۇتۇلۇشى»نى تەكىتلىگەچكە، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمنى كۆرسەتسە كېرەك. ئەگەر «ئۆلۈم» بۇ دۇنيادىن كېتىش بولسا «1يۇھ.» 16:5-17دە ياكى «روس.» 5-بابتا خاتىرىلەنگەندەك خۇدانىڭ ئېغىر گۇناھقا پاتقان ئېتىقادچىلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىدىغان جازاسىنى كۆرسىتىدۇ. «نۇرغۇن گۇناھلارنىڭ يېپىپ قويۇلۇشى» ــ بەلكىم (1) بۇ گۇناھكار كىشىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى ۋە (2) ئۇ كىشىنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئۇياتقا قالماسلىقىنى ۋە (3) ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنىڭ باشقىلارنىمۇ گۇناھقا پۇتلاشتۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 5:20 پەند. 10‏:12؛ 30:11؛ 1پېت. 4‏:8.