12
يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارغا داد ئېيتىشى داۋاملىشىدۇ
مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا ئېلىپ كەلسەم، ئادىل بولۇپ كەلدىڭ، ئى پەرۋەردىگار؛ لېكىن سەن بىلەن ئۆز ھۆكۈملىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەشمەكچىمەن؛ نېمىشقا رەزىللەرنىڭ يولى روناق تاپىدۇ؟ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نېمىشقا كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرىدۇ؟ سەن ئۇلارنى يەر يۈزىگە تىككەنسەن، ئۇلارمۇ يىلتىز تارتقان؛ ئۇلار ئۆسۈپ گۈللىنىدۇ، ئۇلار مېۋىلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئوخشايسەن، لېكىن ۋىجدانىدىن يىراقسەن؛    لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى بىلىسەن؛ سەن مېنى كۆرۈپ كەلگەنسەن، ئۆزۈڭگە بولغان سادىقلىقىمنى سىنىغانسەن. ئۇلارنى بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن قويلاردەك ئايرىپ سۆرەپ چىققايسەن، ئۇلارنى قەتل كۈنىگە ئايرىغايسەن.    زېمىن قاچانغىچە قاغجىرايدۇ، ئېتىزدىكى ئوت-چۆپلەر قاچانغىچە قۇرغان ھالەتتە تۇرىدۇ؟ زېمىندا تۇرۇۋاقانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھايۋانلار ھەم ئۇچار-قاناتلار قاچانغىچە يوقاپ تۈگەيدۇ؟ چۈنكى بۇ خەلق: «خۇدا ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دەۋاتىدۇ.  
 
پەرۋەردىگار يەرەمىياغا جاۋاب بېرىدۇ
ــ سەن يۈگۈرگەن لەشكەرلەر بىلەن بەسلەشكەندە، ئۇلار سېنى ھالسىراتقان بولسا، ئەمدى سەن ئاتلار بىلەن بەسلەشسەڭ قانداق بولار؟ سەن پەقەت ئامان-تىنچلىقتا تۇرغان زېمىندىلا خاتىرجەم بولۇپ ماڭا ئىشىنىسەن، ئەمدى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى قويۇق چاتقاللىقلاردا قانداق يۈرىسەن؟ چۈنكى ھەتتا ئۆز قېرىنداشلىرىڭ، ئاتاڭنىڭ جەمەتىمۇ ساڭا ئاسىيلىق قىلغان. ئۇلارمۇ سېنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاۋازىنى قويۇپ بەرگەن. گەرچە ئۇلار ساڭا مېھىرلىك سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمە!»
 
خۇدا يەرەمىيانىڭ داد كۆتۈرۈشلىرىگە يەنە بىر جاۋاب بېرىدۇ
ــ ئۆزۈم ئائىلەمدىن ۋاز كېچىمەن، مىراسىمنى تاشلىۋېتىمەن، جان-جىگىرىمنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. مېنىڭ مىراسىم بولغان خەلق بولسا ماڭا ئورمانلىقتىكى بىر شىرگە ئوخشاش بولۇپ قالدى؛ ئۇلار ماڭا قارشى ئاۋازىنى كۆتۈردى؛ شۇڭا مەن ئۇلارنى يامان كۆرىمەن. مېنىڭ مىراسىم ماڭا سار-بۈركۈت ياكى چىلبۆرىدەك بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ؟ لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىغا باشقا سار-بۈركۈتلەر ئولاشماقتا! بېرىڭلار، ئۇلارنى يەۋېتىشكە بارلىق دالادىكى ھايۋانلارنى يىغىپ كېلىڭلار!    10 نۇرغۇنلىغان خەلق پادىچىلىرى ئۈزۈمزارىمنى ھالاك قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ نېسىۋەمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ يېقىملىق نېسىۋەمنى غېرىب بىر چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ؛

  
11 ئۇلار ئۇنى غېرىب قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا غېرىب ھەم قاغجىراق تۇرىدۇ؛ پۈتكۈل زېمىن غېرىب قالىدۇ؛ ئەمما ھېچ ئادەم بۇنىڭغا كۆڭلىنى بۆلمەيدۇ. 12 چۆل-باياۋاندىكى بارلىق ئېگىزلىكلەر ئۈستىگە ھالاك قىلغۇچىلار غۇژۇلداپ چىقىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى زېمىننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەممىنى يۇتىدۇ؛ ھېچ ئەت ئىگىسىنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكى بولمايدۇ. 13  خەلقىم بۇغداينى تېرىغان بولسىمۇ، لېكىن تېكەنلەرنى ئورىيدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇپراتقىنى بىلەن، پايدا كۆرمەيدۇ؛ شۇڭا ناچار مەھسۇلاتلىرىڭلار تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى تۈپەيلىدىن، يەرگە قاراپ قالىسىلەر.
14 مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ۋارىس قىلغان مىراسقا چاڭگال سالغان، زېمىنىمنىڭ ھەممە رەزىل قوشنىلىرى توغرۇلۇق مۇنداق دەيمەن: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىدىن يۇلۇپ ئالىمەن، شۇنىڭدەك يەھۇدا جەمەتىنى ئۇلار ئارىسىدىن يۇلۇۋالىمەن؛    15 لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنى يۇلۇۋالغاندىن كېيىن مەن بۇ يولدىن يېنىپ، ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مىراسىغا، ھەربىرىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن.
16 شۇنداق قىلىپ، ئەگەر (ئۇلار ئۆتكەندە خەلقىمگە بائالنىڭ ئىسمىغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەتكەندەك) كۆڭۈل قويۇپ خەلقىمنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنسە، جۈملىدىن مېنىڭ نامىمغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەنسە، ــ ئەمدى ئۇلارغا خەلقىم ئارىسىدىن مۇقىم ئورۇن بېرىلىپ، ئۇلار گۈللەندۈرۈلىدۇ. 17 بىراق ئۇلار ئاڭلىمىسا، مەن شۇ ئەلنى مۇتلەق يۇلۇپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
 
12:1 ئايۇپ 21‏:7؛ زەب. 73‏:11-13؛ ھاب. 1‏:3 12:2 «سەن ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئوخشايسەن، لېكىن ۋىجدانىدىن يىراقسەن» ــ «ۋىجدان» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 12:2 يەش. 29‏:13 12:3 «...ئۇلارنى بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن قويلاردەك ئايرىپ سۆرەپ چىققايسەن، ئۇلارنى قەتل كۈنىگە ئايرىغايسەن» ــ يەرەمىيا ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرىنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ نۇرغۇنلىغان جاپا تارتماقتا، لېكىن ئۇلار كەڭ-ئازادە ياشايدىغان ئوخشايدۇ. 12:3 زەب. 17‏:3؛ 139‏:1؛ يەر. 11‏:20 12:4 «بۇ خەلق: «(خۇدا) ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دەۋاتىدۇ؟» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «بۇ خەلق: ئۇ ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دەۋاتىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇ دېگەنلىكتىكى «ئۇ»نى بەزى ئالىملار يەرەمىيانى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە خەلقنىڭ: «خۇدا ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دېگەن سۆزى، تەۋرات «قان.» 30:32دىكى «مەن (خۇدا) ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنىڭ دەل ئەكسىدۇر، شۇڭا بىز «خۇدا» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. 12:4 يەر. 4‏:25؛ 7‏:20؛ 9‏:10 12:5 «ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى قۇيۇق چاتقاللىقلاردا قانداق يۈرىسەن؟» ــ بۇ يەر شىرلار ياشىغان، ئىنتايىن خەتەرلىك جاي ئىدى (14:49، 44:50نى كۆرۈڭ). خۇدا يەرەمىياغا: «ئىشلىرىڭ تېخىمۇ قىيىن، تېخىمۇ چاتاق، تېخىمۇ مۇشەققەتلىك بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. 12:6 پەند. 26‏:25 12:9 «دالىدىكى ھايۋانلار» ــ بەلكىم ئىسرائىلنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقچى بولغان يات ئەللەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ پەرمان («بېرىڭلار... يىغىپ كېلىڭلار») بەلكىم پەرىشتىلەرگە ئېيتىلسا كېرەك. 12:9 يەر. 7‏:33 12:10 «نۇرغۇنلىغان خەلق پادىچىلىرى» ــ بەلكىم يات ئەللەرنىڭ ئەمىر-پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئىسرائىلنىڭ ئۆزىدىكى «خەلق پادىچىلىرى» (پادىشاھلار، كاھىنلار، پەيغەمبەرلەر)نىڭ ۋاپاسىزلىقى بىلەن بۇ ئاقىۋەتنى ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كەلتۈرگەن، شۇڭا «نۇرغۇنلىغان پادا باققۇچىلىرى» ئۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. خۇدا «مېنىڭ ئۈزۈمزارىم»، «مېنىڭ نېسىۋەم» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن، بەلكىم ئۆز خەلقى ئىسرائىلنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئايەتتىن 13-ئايەتكىچە بولغان پېئىللەر «ئۆتكەن زامان»دا ئىپادىلىنىدۇ؛ پەيغەمبەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «ئاللىقاچان يۈزبەرگەندەك»، جەزمەن يۈز بېرىدۇ، دەپ بىلىدۇ. 12:10 يەر. 6‏:3 12:13 لاۋ. 26‏:16؛ قان. 28‏:38 12:14 «زېمىنىمنىڭ ھەممە رەزىل قوشنىلىرى» ــ قوشنا يات ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. 12:14 قان. 30‏:3؛ يەر. 32‏:37 12:15 «ئۇلارنى ...ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مىراسىغا، ھەربىرىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن» ــ بۇ خۇدانىڭ بۇ يات ئەللەرنىڭ ھەربىرىگە ئېيتقان سۆزلىرى. 12:16 «ئۇلارغا خەلقىم ئارىسىدىن مۇقىم ئورۇن بېرىلىپ، ئۇلار گۈللەندۈرۈلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز بولسا «ئۇلار خەلقىم ئارىسىدا قۇرۇلىدۇ». بۇ سۆز كۆپ جەھەتلىك بولۇپ، ئېتىقاد، ئەخلاق، دانالىق، ئىقتىساد ۋە پاراۋانلىق، بولۇپمۇ ھەرخىل روھىي بايلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 12:17 يەش. 60‏:12