13
چىرىپ كەتكەن ئىچ تامبالدىن ئالغان ساۋاق
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كاناپ ئىچ تامبالنى ئال، بېلىڭگە باغلا؛ لېكىن ئۇنى سۇغا چىلىما. شۇڭا پەرۋەردىگار ماڭا دېگەندەك مەن بىر ئىچ تامبالنى ئالدىم ۋە بېلىمگە باغلاپ قويدۇم.
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ «سەن پۇلغا ئالغان، بېلىڭگە باغلانغان ئىچ تامبالنى ئېلىپ، ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ شۇ يەردە تاشنىڭ يېرىقىغا يوشۇرۇپ قوي».

شۇڭا مەن باردىم ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بۇيرۇغاندەك ئۇنى فراتقا يوشۇرۇپ قويدۇم. كۆپ كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ، مەن ساڭا شۇ يەرگە يوشۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىچ تامبالنى قولۇڭغا ئال» ــ دېدى.
شۇڭا مەن فراتقا باردىم؛ مەن يوشۇرغان يەردىن ئىچ تامبالنى كولاپ چىقىرىپ قولۇمغا ئالدىم؛ مانا، ئىچ تامبال سېسىپ چىرىپ كەتكەنىدى، پۈتۈنلەي كىيگۈسىز بولغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدانىڭ پەخرىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چوڭ پەخرىنى مۇشۇ ھالدا يوقىتىمەن؛ 10 مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان، كۆڭلىدىكى جاھىللىقىدا ماڭىدىغان، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بۇ رەزىل خەلق پۈتۈنلەي كاردىن چىققان بۇ ئىچ تامبالغا ئوخشاش بولىدۇ. 11 چۈنكى خۇددى ئىچ تامبال ئادەمنىڭ چاتىرىقىغا چىڭ باغلانغاندەك، ئۇلارمۇ ماڭا يېقىن بىر خەلق بولسۇن، ماڭا نام-ئابرۇي، مەدھىيە ۋە شان-شەرەپ كەلتۈرسۇن دەپ، مەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ۋە يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆزۈمگە چىڭ باغلاندۇرغانمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار ھېچ قۇلاق سالمىدى.
12 ئۇلارغا مۇشۇ سۆزنى دېگىن: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەك». ئۇلار ساڭا: «ئەجەبا، ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلمەمدۇق؟» ــ دەيدۇ؛
13 سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى، داۋۇتقا ۋەكىل بولۇپ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلارنى، كاھىنلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ھەمدە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى مەستلىك-بىھوشلۇق بىلەن تولدۇرىمەن. 14 مەن ئۇلارنى بىر-بىرىگە، يەنى ئاتا بىلەن ئوغۇللىرىنىمۇ ئوخشاشلا بىر-بىرىگە سوقۇشقا سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنى ئايىمايمەن، ئۇلارغا رەھىم قىلمايمەن؛ ئۇلارنى نابۇت قىلىشقا ھېچنەرسە مېنى توسۇمايدۇ. 15 ئاڭلاڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ھالى چوڭ بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان. 16 ئەمدى ئۇ بېشىڭلارغا زۇلمەت چۈشۈرگىچە، پۇتۇڭلار زاۋال چۈشكەن تاغلاردا پۇتلاشقاندەك پۇتلاشقۇچە، ئۇ سىلەر ئىزدىگەن نۇرنى ئۆلۈم سايىسىغا، قاپقاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا لايىق شان-شەرەپ قايتۇرۇڭلار!
 
يەرەمىيا ئۆز دەرد-ئەلىمىنى خەلققە بىلدۈرىدۇ
17 بۇنى ئاڭلىمىساڭلار، سىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭلار تۈپەيلىدىن جېنىم يوشۇرۇنچە يىغلايدۇ؛ ئاچچىق يىغلاپ كۆز ياشلىرىم ئېقىپ تاشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر، ئى پەرۋەردىگارنىڭ پادىسى، سۈرگۈن قىلىنىسىلەر.
 
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى داۋاملىشىدۇ
18 پادىشاھ ۋە خانىشقا: «تەختىڭلاردىن چۈشۈپ يەرگە ئولتۇرۇڭلار؛ چۈنكى كۆركەم تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن چۈشۈرۈلىدۇ» ــ دېگىن. 19 جەنۇبدىكى شەھەرلەر قورشىۋېلنىپ تاقىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاچىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ پۈتكۈل يەھۇدا سۈرگۈن بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن بولىدۇ. 20 بېشىڭنى كۆتۈر، ئى زىئون، شىمالدىن چىققانلارغا قارا؛ ساڭا تاپشۇرۇلغان پادا، يەنى يېقىملىق پاداڭ نەگە كەتكەندۇ؟ 21  پەرۋەردىگار سېنى باشقۇرۇشقا دوستلىرىڭنى بېكىتكىنىدە سەن نېمە دېيەلەيتتىڭ؟ ئەسلى ئۆزۈڭ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن تۇرساڭ! شۇ تاپتا تولغاق تۇتقان ئايالدەك ئازاب-ئوقۇبەتلەر سېنى تۇتمامدۇ؟
22 سەن ئەگەر كۆڭلۈڭدە: بۇ ئىشلار نېمىشقا بېشىمغا چۈشتى؟ ــ دەپ سورىساڭ، بۇ ئىشلار قەبىھلىكىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقىدىن بولدى ــ كۆينىكىڭ سالدۇرۇپ تاشلاندى، يوتىلىرىڭ زوراۋانلىقتا ئاشكارىلاندى.    23 ئېفىئوپىيەلىك قارا تېرىسىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياكى يىلپىز چىپار تەڭگىلىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ئۇنداق بولغاندا سىلەر رەزىللىكنى قىلىشقا كۆنگەنلەرمۇ ياخشىلىقنى قىلالايدىغان بولىسىلەر! 24 ئەمدى چۆل-باياۋاندىكى شامال ھەيدىۋەتكەن ساماندەك مەن سىلەرنى ھەيدەپ چاچىمەن.
25 بۇ سېنىڭ ئاقىۋىتىڭ بولىدۇ، مەن ساڭا بېكىتكەن نېسىۋەڭ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇغانسەن، يالغانچىلىققا تايانغانسەن. 26 شۇڭا مەن كۆينىكىڭنىڭ پەشلىرىنى يۈزۈڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈپ تاشلايمەن، نومۇسۇڭ كۆرۈلىدۇ. 27 ئاھ، سېنىڭ زىنالىرىڭ، ئايغىرنىڭكىدەك پوخۇر كىشنەشلىرىڭ، ئېگىزلىكلەردە ۋە ئېتىزلاردا بولغان بۇزۇقچىلىقلىرىڭنىڭ پەسكەشلىكى! ــ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆردۇم! ھالىڭغا ۋاي، ئى يېرۇسالېم! سەن پاك قىلىنىشنى قاچانغىچە رەت قىلماقچىسەن؟!
 
 
13:4 «ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئورنۇڭدىن تۇر، ئەفرات (دەرياسى)غا بېرىپ...». يەرەمىيانىڭ يۇرتى ئاناتوتغا يېقىن «فرات» دېگەن كىچىك بىر يېزا ئىدى. ئەفرات دەرياسى بولسا پەلەستىندىن 550 كىلومېتر يىراق. ئەگەر توغرا تەرجىمىسى «فرات» بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇ يەنىلا سۆز ئويۇنى ئارقىلىق «ئەفرات دەرياسى»نى، شۇنىڭدەك ئەفرات دەرياسىنىڭ بويىدا قۇرۇلغان ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنى، شۇنداقلا كېيىنكى بابىل ئىمپېرىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى ئىمپېرىيەنىڭ ئىسرائىلغا ئاندىن كېيىن يەھۇداغا (ئۇلار شۇ يەرگە سۈرگۈن بولغان ۋاقتىدا) ئېتىقادنى بۇلغايدىغان تەسىرى بولغان. ئاسۇرىيەنىڭ بۇتپەرەسلىكىنىڭ ۋە بابىلنىڭ پۇلپەرەسلىكىنىڭ ئېتىقادنى بۇلغايدىغان تەسىرى بار ئىدى. ئىشنىڭ باشقا بىرخىل شەرھى: ئۇلار ئەسلى پەرۋەردىگارغا «چىڭ مۇناسىۋەتتە باغلىنىش»ى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇنىڭ ئورنىغا ئۇلار بابىلغا باغلانماقچى بولۇپ (ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدە) بۇلغىنىپ كەتكەن. لېكىن بىزنىڭچە بۇنداق شەرھى يەرەمىيانىڭ دەۋرىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. 13:11 «خۇددى ئىچ تامبال ئادەمنىڭ چاتىرىقىغا چىڭ باغلانغاندەك، ئۇلارمۇ ماڭا يېقىن بىر خەلق بولسۇن ... دەپ، مەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ۋە يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆزۈمگە چىڭ باغلاندۇرغانمەن» ــ بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇكى، ئىسرائىل خۇداغا چىڭ باغلانغان بولسا، ھېچ بۇلغانمايتتى (تەمسىلدە پەيغەمبەر ئۆزى خۇداغا ۋەكىل بولىدۇ). لېكىن بۇ زىچ مۇناسىۋەتتىن ئايرىلسا، بەرىبىر يات ئەللەر (مەسىلەن، ئاسۇرىيە، بابىلدەك) تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ. 1-ئايەتتىكى «سۇغا چىلىما» دېگەن سىرلىق بۇيرۇق، بەلكىم بۇ زىچ مۇناسىۋەتنىڭ ھېچ ئايرىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇشى مۇمكىن. 13:12 «ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەك» ــ بەلكىم خەلق ئارىسىدىكى ماقال-تەمسىل بولۇشى مۇمكىن ــ مەنىسى بەلكىم «ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ» ياكى «كۆپرەك كۈتكۈن بولساڭ كۆپرەك ئالىسەن» قاتارلىقلار. ئىبرانىي تىلىدا «ئىدىش» ۋە «ئەخمەق» بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. خەلق پەقەتلا ئۆز كەيپ-ساپسىنى (شاراب بۇنىڭ سىمۋولى بولۇپ) ئىنتىلىپ قوغلىغاندىن كېيىن خۇدا ئۇلارغا: «مەن سىلەر ئىزدىگىنىڭلارنى ئۆز بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن، سىلەر بىر-بىرىڭلارنى نابۇت قىلىسىلەر» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئوخشايدۇ. 13:16 زەب. 44‏:20-21 13:17 يىغ. 1‏:2،16 13:18 «پادىشاھ ۋە خانىشقا: «تەختىڭلاردىن چۈشۈپ يەرگە ئولتۇرۇڭلار... تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن چۈشۈرۈلىدۇ» ــ دېگىن» ــ پادىشاھ ۋە خانىش بەلكىم يەھوئاكىن ۋە ئانىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار مىلادىيەدىن ئىلگىرى 597-يىلى سۈرگۈن بولغان («يەر.» 26:22، 2:29، «2پاد.» 14:24-16نى كۆرۈڭ). 13:19 «جەنۇبدىكى شەھەرلەر قورشىۋېلنىپ تاقىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاچىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ» ــ دېمەك، ھېچكىم چىقالمايدۇ، ھېچكىم كىرەلمەيدۇ. 13:20 «بېشىڭنى كۆتۈر، ئى زىئون، شىمالدىن چىققانلارغا قارا؛ ساڭا تاپشۇرۇلغان پادا، يەنى يېقىملىق پاداڭ نەگە كەتكەندۇ؟» ــ بۇ ئايەتتىكى پېئىللار «ئايالچە رود»تا بولۇپ، بۇ سۆزلەر بەلكىم يېرۇسالېمغا، يەنى ئۇنىڭدا تۇرغان «خۇدانىڭ خەلقى بولغان پادا باققۇچىلىرى»غا ــ پادىشاھقا، كاھىنلارغا ۋە «پەيغەمبەرلەر»گە ئېيتىلىدۇ. 13:21 «پەرۋەردىگار سېنى باشقۇرۇشقا دوستلىرىڭنى بېكىتكىنىدە سەن نېمە دېيەلەيتتىڭ؟ ئەسلى ئۆزۈڭ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن تۇرساڭ!» ــ ئىسرائىلنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى («دوستلار»ى) ئاۋۋال ئاسۇرىيە، ئاندىن بابىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدىلانماقچى بولغان، خالاس (مەسىلەن، «يەشايا» 39-بابنى كۆرۈڭ؛ بابىلنىڭ ئەلچىلىرى يەھۇدانىڭ كۆپ مەلۇماتلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلغان). 13:22 «يوتىلىرىڭ زوراۋانلىقتا ئاشكارىلاندى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تاپانلىرىڭ زوراۋانلىقتا يارىلاندى» ــ ۋاپاسىز ئايال بەلكىم ئۆز يولدىشى تەرىپىدىن شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. 13:22 يەش. 47‏:2، 3؛ يەر. 5‏:19؛ 16‏:10 13:25 «سەن مېنى ئۇنتۇغانسەن، يالغانچىلىققا تايانغانسەن» ــ «يالغانچىلىق» مۇشۇ يەردە بەلكىم بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ. 13:27 «ئاھ، سېنىڭ زىنالىرىڭ، ئايغىرنىڭكىدەك پوخۇر كىشنەشلىرىڭ، ئېگىزلىكلەردە ۋە ئېتىزلاردا بولغان بۇزۇقچىلىقلىرىڭنىڭ پەسكەشلىكى! ...» ــ بۇ ئايەت شۈبھىسىزىكى، بۇتپەرەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا يىرگىنچلىك زىناخورلۇققا ئوخشاشتۇر. لېكىن ئوقۇرمەنلەرگە شۇ بەلكىم ئايانكى، مۇنداق بۇتپەرەسلىك خۇداغا ۋاپاسىزلىق بولۇپ روھىي جەھەتتە پاھىشىۋازلىق بولۇپلا قالماي، پەلەستىندىكى بۇتپەرەسلىكتە كىشىلەر بۇتلىرىغا «ئاتالغان»، بۇتخانىدا تۇرغان پاھىشە ئاياللارغا پۇل بېرىپ ئۇلار بىلەن ياتاتتى.