31
‘داۋامى’
شۇ ۋاقىتتا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.
 
ئىسرائىل ‘10 قەبىلە’ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ يەھۇداغا باغلىنىپ، خۇدا ئالدىدا ئىبادەت قىلىدۇ
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق، يەنى ئىسرائىل، چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان؛ مەن كېلىپ ئۇلارنى ئارام تاپقۇزىمەن. پەرۋەردىگار يىراق يۇرتتا بىزگە كۆرۈنۈپ: «مەن سېنى مەڭگۈ بىر مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ كەلدىم؛ شۇڭا مەن ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق بىلەن سېنى ئۆزۈمگە تارتىپ كەلگەنمەن. مەن سېنى قايتىدىن قۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن قۇرۇلىسەن، ئى ئىسرائىل قىزى! سەن قايتىدىن داپلىرىڭنى ئېلىپ شاد-خۇرام قىلغانلارنىڭ ئۇسسۇللىرىغا چىقىسەن. سەن قايتىدىن سامارىيەنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە ئۈزۈمزارلار تىكىسەن؛ ئۇلارنى تىككۈچىلەر ئۆزلىرى تىكىپ، مېۋىسىنى ئۆزلىرى يەيدۇ.    چۈنكى ئەفرائىمنىڭ ئېگىزلىكىدە تۇرغان كۆزەتچىلەر: «تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلىشقا زىئونغا چىقايلى!» ــ دەپ نىدا كۆتۈرىدىغان كۈنى كېلىدۇ.  
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
ياقۇپ ئۈچۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار،
ئەللەرنىڭ بېشى بولغۇچى ئۈچۈن ئايھاي كۆتۈرۈڭلار؛
جاكارلاڭلار، مەدھىيە ئوقۇپ: «ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ خەلقىڭنى،
يەنى ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى قۇتقۇزغايسەن!» ــ دەڭلار!
مانا، مەن ئۇلارنى شىمالىي يۇرتلاردىن ئېپكېلىمەن،
يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن يىغىمەن؛
ئۇلار ئارىسىدا ئەمالار ۋە توكۇرلار بولىدۇ؛
ھامىلىدار ۋە تۇغاي دېگەنلەر بىللە بولىدۇ؛
ئۇلار ئۇلۇغ بىر جامائەت بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ.
ئۇلار يىغا-زارلار كۆتۈرۈپ كېلىدۇ،
ئۇلار دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا ئۇلارنى يېتەكلەيمەن؛
مەن ئۇلارنى ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدا، ھېچ پۇتلاشمايدىغان تۈز يول بىلەن يېتەكلەيمەن؛
چۈنكى مەن ئىسرائىلغا ئاتا بولىمەن،
ئەفرائىم بولسا مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.
10 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئەللەر،
دېڭىز بويىدىكى يىراق يۇرتلارغا: ــ
«ئىسرائىلنى تارقاتقۇچى ئۇنى قايتىدىن يىغىدۇ،
پادا باققۇچى پادىسىنى باققاندەك ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛
11 چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى بەدەل تۆلەپ قۇتۇلدۇرغان،
ئۇنىڭغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆزىدىن زور كۈچلۈك بولغۇچىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغان!» ــ دەپ جاكارلاڭلار.
12 ئۇلار كېلىپ زىئوندىكى ئېگىزلىكلەردە شاد-خۇراملىقتا توۋلايدۇ،
پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىن، يەنى يېڭى شارابتىن، زەيتۇن مېيىدىن، مال-ۋاراننىڭ قوزىلىرىدىن بەرق ئۇرىدۇ؛
ئۇلارنىڭ جېنى خۇددى مول سۇغىرىلغان باغدەك بولىدۇ،
ئۇلار ئىككىنچى ھېچ سولاشمايدۇ.
13 شۇ چاغدا قىزلار ئۇسسۇلدا شادلىنىدۇ،
يىگىتلەر ۋە مويسىپىتلارمۇ تەڭ شۇنداق بولىدۇ؛
چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى شاد-خۇراملىققا ئايلاندۇرىمەن؛
مەن ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ، دەرد-ئەلىمىنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرىمەن.
14 مەن كاھىنلارنى مولچىلىق بىلەن تويغۇزىمەن،
خەلقىم ئىلتىپاتىمغا قانائەت قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
15 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
راماھ شەھىرىدە بىر سادا،
ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنىدۇ،
ــ بۇ راھىلەنىڭ ئۆز بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛
چۈنكى ئۇ بالىلىرى بولمىغاچقا، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ.  
16 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: ــ يىغا-زارىڭنى توختات، كۆزلىرىڭنى ياشلاردىن تارت؛ چۈنكى مۇنۇ تارتقان جاپايىڭدىن مېۋە بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۇلار دۈشمەننىڭ زېمىنىدىن قايتىدۇ؛ 17 بەرھەق، كېلەچىكىڭ ئۈمىدلىك بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە سېنىڭ بالىلىرىڭ يەنە ئۆز چېگرىسىدىن كىرىپ كېلىدۇ.
18 مەن دەرۋەقە ئەفرائىمنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئۆكۈنۈپ:
«سەن بىزگە شاش تورپاققا تەربىيە بەرگەندەك ساۋاق-تەربىيە بەردىڭ؛
ئەمدى بىزنى توۋا قىلدۇرغايسەن،
بىز شۇنىڭ بىلەن توۋا قىلىپ قايتىپ كېلىمىز،
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن؛
  
19 چۈنكى بىز توۋا قىلدۇرۇلۇشىمىز بىلەن ھەقىقەتەن توۋا قىلدۇق؛
بىز ئۆزىمىزنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، يوتىمىزنى ئۇردۇق؛
بىز ياشلىقىمىزدىكى قىلمىشنىڭ شەرم-ھاياسى تۈپەيلىدىن نومۇس قىلىپ، خىجالەتتە قالدۇق!» ــ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.  
20 ــ ئەفرائىم ماڭا نىسبەتەن جان-جىگەر بالام ئەمەسمۇ؟
چۈنكى مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ھەردائىم كۆڭلۈمدە سېغىنىمەن؛
شۇڭا ئىچ-باغرىم ئۇنىڭغا ئاغرىۋاتىدۇ؛
مەن ئۇنىڭغا رەھىم قىلمىسام بولمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
21 ــ شۇڭا ئۆزۈڭگە يول بەلگىلىرىنى بېكىتىپ قويغىن؛
سەن سۈرگۈنگە ماڭغان يولغا، شۇ كۆتۈرۈلگەن يولغا كۆڭۈل قويۇپ دىققەت قىلغىن؛
ھازىر شۇ يول بىلەن قايتىپ كەل، ئى جان-جىگىرىم ئىسرائىل قىزى،
مۇشۇ شەھەرلىرىڭگە قاراپ قايتىپ كەل!
22 سەن قاچانغىچە تېنەپ يۈرىسەن، ئى يولدىن چىققۇچى قىزىم؟
چۈنكى پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە يېڭى ئىش يارىتىدۇ:
ــ ئايال كىشى باتۇرنىڭ ئەتراپىدا يېپىشىپ خەۋەر ئالىدۇ!
 
يەھۇدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ
23 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگىنىمدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا ۋە شەھەرلىرىدە خەقلەر يەنە يېرۇسالېم توغرۇلۇق: «پەرۋەردىگار سېنى بەختلىق قىلغاي، ئى ھەققانىيلىق تۇرغان جاي، پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ تېغى!» دەيدىغان بولىدۇ. 24 شۇ يەردە يەھۇدا ــ شەھەرلىرىدىكىلەر، دېھقانلار ۋە پادا باققۇچى كۆچمەن چارۋىچىلار ھەممىسى بىللە تۇرىدۇ. 25 چۈنكى مەن ھېرىپ كەتكەن جان ئىگىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن، ھەربىر ھالىدىن كەتكەن جان ئىگىلىرىنى يېڭىلاندۇرىمەن.
26 ــ مەن يەرەمىيا بۇنى ئاڭلاپ ئويغاندىم، ئەتراپقا قارىدىم، ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتىمەن.
 
ئىسرائىل ۋە يەھۇدا قايتىدىن ئاھالىلىك بولىدۇ
27 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتىدە ۋە يەھۇدا جەمەتىدە ئىنسان نەسلىنى ۋە ھايۋانلارنىڭ نەسلىنى تېرىپ ئۆستۈرىمەن. 28 شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئۇلارنى يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش، ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا نەزىرىمنى سالغاندەك، مەن ئۇلارنى قۇرۇش ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا نەزىرىمنى سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
يېڭى ئەھدە
29 شۇ كۈنلەردە ئۇلار يەنە: «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەن، شۇڭا بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» دېگەن مۇشۇ ماقالنى ھېچ ئىشلەتمەيدۇ.    30 چۈنكى ھەربىرسى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلىدۇ؛ ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەنلەرنىڭ بولسا، ئۆزىنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ.
31 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن؛ 32 بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ گەرچە مەن ئۇلارنىڭ يولدىشى بولغان بولساممۇ، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمنى بۇزغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 33 چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى:
ــ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئىچىگە سالىمەن،
ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ يازىمەن.
مەن ئۇلارنىڭ ئىلاھى بولىمەن،
ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.  
34 شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يېقىنىغا ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىپ يۈرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز ئېسىگە كەلتۈرمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
يېڭى ئەھدىگە كاپالەت بېرىش
35 قۇياشنى كۈندۈزدە نۇر بولسۇن دەپ بەرگەن، ئاي-يۇلتۇزلارنى كېچىدە نۇر بولسۇن دەپ بەلگىلىگەن، دولقۇنلىرىنى شارقىرىتىپ دېڭىزنى قوزغايدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ (ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر): ــ
36 ــ مۇشۇ بەلگىلىگەنلىرىم مېنىڭ ئالدىمدىن يوقاپ كەتسە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدىن بىر ئەل بولۇشتىن مەڭگۈگە قېلىشى مۇمكىن. 37 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ يۇقىرىدا ئاسمانلار مۆلچەرلەنسە، تۆۋەندە يەر ئۇللىرى تەكشۈرۈلۈپ بىلىنسە، ئەمدى مەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان ھەممە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن ۋاز كېچىپ تاشلىغۇچى بولىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
يېرۇسالېم شەھىرى كېڭەيتىلىدۇ
38 مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شەھەر مەخسۇس ماڭا ئاتىلىپ «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن «دوقمۇش دەرۋازاسى»غىچە قايتىدىن قۇرۇلىدۇ؛ 39 ئۆلچەم تانىسى قايتىدىن ئۆلچەش ئۈچۈن شۇ يەردىن «گارەب دۆڭى»گىچە، ئاندىن گوئاتقا بۇرۇلۇپ سوزۇلىدۇ؛ 40 جەسەتلەر ۋە قۇربانلىق كۈللىرى تاشلىنىدىغان پۈتكۈل جىلغا، شۇنداقلا كىدرون دەرياسىغىچە ھەم شەرقكە قارايدىغان «ئات دەرۋازىسى»نىڭ دوقمۇشىغىچە ياتقان ئېتىزلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ شەھەر قايتىدىن ھېچ يۇلۇپ تاشلانمايدۇ، ھەرگىز قايتىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانمايدۇ.
 
 
31:2 «قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق، يەنى ئىسرائىل، چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان» ــ «ئىسرائىل» مۇشۇ يەردە ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلى ئۆزىگە سۈرگۈن قىلغان ئون قەبىلىنى كۆرسىتىدۇ. «قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق» يەنە بابىلغا سۈرگۈن بولغان يەھۇدانى كۆرسىتىدۇ (50:51نى كۆرۈڭ). «چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان» دېگەن سۆزلەر، ئىسرائىل مىسىردىن قۇتقۇزۇلۇپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ نۇرغۇن كارامەت ئىشلارنى كۆرگەندەك، مۇشۇ سۈرگۈن بولغان ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا بابىل ۋە باشقا شىمالىي تەرەپلەردىن تەڭ قۇتقۇزۇلۇپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن نۇرغۇن كارامەت ئىشلارنى كۆرىدۇ. 31:4 يەر. 30‏:19 31:5 «سەن قايتىدىن سامارىيەنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە ئۈزۈمزارلار تىكىسەن؛ ئۇلارنى تىككۈچىلەر ئۆزلىرى تىكىپ، مېۋىسىنى ئۆزلىرى يەيدۇ» ــ ئۈزۈمزارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كېرەك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى شۇ چاغنىڭ ئامان-تىنچلىق كۈنلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 31:5 يەش. 65‏:21 31:6 «ئەفرائىمنىڭ ئېگىزلىكىدە تۇرغان كۆزەتچىلەر: ...» ــ «ئەفرائىم» دېگەنلىك مۇشۇ يەرنى «ئىسرائىل»، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق»نى كۆرسىتىدۇ (شىمالىي پادىشاھلىقتىكى ئون قەبىلە بەزى ۋاقىتلاردا قىسقىچە «ئەفرائىم» دەپ ئاتالغان). «ئىسرائىل» يەھۇدادىن ئايرىلىپ چىققان ۋاقتىدا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆز پۇقرالىرىنى بۇرۇنقىدەك يەھۇدا بىلەن بىللە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا ئىبادەت قىلسا، ئۇنداقتا ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈپ كېتىشى ياكى يالتىيىشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ يېرۇسالېمغا بارماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «ئىبادەتخانا»سىنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇتلارنى سالغان. مۇشۇ بېشارەت، كەلگۈسىدە مۇشۇنداق ھەسەتخورلۇق مەۋجۇت بولمايدۇ، يەھۇدا ۋە ئەفرائىمنىڭ خۇدانىڭ ئىبادىتىدە قەلبى بىر بولىدۇ، دەيدۇ. «كۆزەتچىلەر» ــ بۇلارنىڭ ئادەتتىكى بۇرچى، دۈشمەنلەرنىڭ يېقىن كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھ بېرىش. لېكىن شۇ كۈنلەر تىنچ-ئامان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر بۇرجى «يېڭى ئاي»نى بايقاپ، بايرام-ھېيتلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك يېرۇسالېمغا چىقايلى، دەپ جاكارلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ. 31:6 يەش. 2‏:2، 3؛ مىك. 4‏:2 31:7 «ياقۇپ ئۈچۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار، ئەللەرنىڭ بېشى بولغۇچى ئۈچۈن ئايھاي كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، مەدھىيە ئوقۇپ...دەڭلار!» ــ بۇ سۆزلەر كىملەرگە ئېيتىلىدۇ؟ ياقۇپ «ئەللەرنىڭ بېشى» دەپ ئاتالغاچقا، بۇ سۆزلەر «يات ئەللەر»گە ئېيتىلىشى مۇمكىن (10-ئايەتنى كۆرۈڭ)؛ ياكى بولمىسا سۈرگۈنلۈكتىن يۇرتقا بالدۇر قايتىپ كېلىۋاتقان يەھۇداغا، ياكى قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلىشنى دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ. 31:8 يەر. 3‏:18 31:9 مىس. 4‏:22 31:11 يەش. 40‏:10؛ 49‏:24،25 31:12 يەش. 61‏:11 31:15 «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنىدۇ،..» ــ «راماھ» بولسا بەيت-ئەل ۋە بەيت-لەھەم ئارىسىدىكى يېزا؛ ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلە (بالا تۇغقىنىدا) شۇ يەردە ئۆلۈپ كۆمۈلگەنىدى. راھىلە «ئىسرائىل»دىكى ئون قەبىلىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى چوڭ قەبىلىنىڭ ئەجدادى بولغان ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ چوڭ ئاپىسى ئىدى؛ مۇشۇ يەردە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىسرائىل زېمىنىدىن (سۈرگۈن بولۇپ) ئەلۋىدا ئايرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يىغلاپ تاشلىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. 31:15 مات. 2‏:17،18 31:18 «مەن دەرۋەقە ئەفرائىمنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئۆكۈنۈپ: «سەن بىزگە شاش تورپاققا تەربىيە بەرگەندەك ساۋاق-تەربىيە بەردىڭ؛ ئەمدى بىزنى توۋا قىلدۇرغايسەن، ... چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا ئەفرائىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى «مەن»، «مېنى» قاتارلىق ئالماشلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. چۈشىنىشلىك بولسۇن دەپ مۇشۇ ئايەتتە ۋە 19-ئايەتتە ئەفرائىم بايان قىلىنغاندا، «مەن» دېگەن سۆزنى «بىز» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. ئىبرانىي تىلىدا «توۋا قىلىش» ۋە «قايتىپ كېلىش» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ھەم خەلقنىڭ توۋا قىلىشىنى ۋە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 31:18 يىغ. 5‏:21 31:19 «بىز ئۆزىمىزنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، يوتىمىزنى ئۇردۇق» ــ «يوتىنى ئۇرۇش» دېگەن ھەرىكەت قاتتىق پۇشايمان، قاتتىق خىجالەتنى بىلدۈرەتتى. 31:19 قان. 30‏:2 31:22 «پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە يېڭى ئىش يارىتىدۇ: ــ ئايال كىشى باتۇرنىڭ ئەتراپىدا يېپىشىپ خەۋەر ئالىدۇ!» ــ بۇ ئاجايىب بېشارەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بىزنىڭچە ئۇ مەسىھنىڭ پاك قىز مەريەمدىن تۇغۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 31:23 يەر. 50‏:7 31:26 «ــ مەن يەرەمىيا بۇنى ئاڭلاپ ئويغاندىم، ئەتراپقا قارىدىم، ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتىمەن» ــ بەزى ئالىملار بۇ ئايەت كەلگۈسىدىكى ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ: «ئۇلار شۇ چاغدا: «بىز ھازىر ئويغىنىپ ئەتراپقا قارىساق، ياخشى ئۇيقۇدىن بەھرىمەن بولدۇق» دەيدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. بىزنىڭچە بەلكىم خۇدانىڭ سۆزى يەرەمىياغا چۈشىدە كەلگەندۇر. 31:29 «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەن، شۇڭا بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» ــ دېمەك، ئاتا-بوۋىمىز يامان ئىش قىلغان، بىراق بىز ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى، خۇدانىڭ جازاسىنى كۆرىمىز. 30-ئايەتنى كۆرۈڭ. 31:29 ئ‍ەز. 18‏:2، 3 31:30 «ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەنلەرنىڭ بولسا، ئۆزىنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» ــ بۇ 30-ئايەتتىكى ماقال 29-ئايەتتىكى مەقۇلنىڭ ئەكسىدۇر. «ئەزاكىيال پەيغەمبەر» كىتابىدا ئىزاھلىغىنىمىز («قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە، «ئەز.» 12:18 توغرۇلۇق ئېيتىلغان)دەك، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ گۇناھلىرى بالا-ئەۋلادلىرىغا مەلۇم بىر تەسىرى باردۇر، دەپ ئەكس ئېتىدۇ؛ لېكىن خۇدا ھازىر يېڭى ئەھدىنى (31-34نى كۆرۈڭ) ئۇلار بىلەن تۈزمەكچى بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ خۇدا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت-دوستلۇقى بار بولىدۇ، ئۆتكەندىكى ئىشلار ئۇلارغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 31:31 ئىبر. 8‏:8 31:33 «شۇ كۈنلەردىن كېيىن» ــ بەلكىم خۇدا خەلقىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرغاندىن كېيىن. 31:33 يەر. 24‏:7؛ 30‏:22؛ 31‏:33 31:34 يەش. 54‏:13؛ يەر. 33‏:8؛ مىك. 7‏:18؛ يـۇھ. 6‏:45؛ روس. 10‏:43 31:35 يار. 1‏:16؛ يەش. 51‏:15 31:40 «جەسەتلەر ۋە قۇربانلىق كۈللىرى تاشلىنىدىغان پۈتكۈل جىلغا» ــ مۇشۇ «جىلغا» «ھىننومنىڭ جىلغىسى» (گە-ھىننوم)نى كۆرسىتىدۇ (7-باب، 31-32-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ). بۇ جىلغىغا ئەخلەتلەر ھەم ھەرخىل ناپاك نەرسىلەر تاشلىناتتى. بۇ ئىنتايىن ناپاك، پاسكىنا جىلغىنىڭ كەلگۈسى زاماندا (ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئېيتىلغاندەك) خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس بولىدىغانلىقى ئاجايىب ئىش بولىدۇ. دېمەك، خۇدانىڭ شەپقىتى بىلەن پۈتكۈل شەھەر ۋە ئۇنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن پاك-مۇقەددەس بولىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئەتراپلىرى بۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن جايلارغا كېڭەيتىلمەكتە. «جەسەتلەر... تاشلىنىدىغان... جىلغا» .. «كىدرون دەرياسى»... «ئات دەرۋازىسى» ــ شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، «كىدرون دەرياسى» شەرقىي تەرىپىگە، «ئات دەرۋازىسى» بولسا بەلكىم شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقانىدى.