32
يەرەمىيا بىر ئېتىزنى سېتىۋالىدۇ
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانىڭ ئونىنچى يىلى، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (شۇ يىل نېبوقادنەسارنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئىدى؛ شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمنى قورشۇۋالغانىدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر بولسا يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا قاماپ قويۇلغانىدى. 3‏-5 چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «نېمىشقا سەن: «مانا، مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ؛ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا كالدىيلەرنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىدۇ، ئۆز كۆزى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارايدۇ. ئۇ زەدەكىيانى بابىلغا ئاپىرىدۇ، ئۇ مەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ تولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ سىلەر كالدىيلەر بىلەن قارشىلاشساڭلارمۇ غەلىبە قىلالمايسىلەر! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار» ــ دەپ بېشارەت بېرىسەن؟» ــ دەپ ئۇنى قاماپ قويغانىدى). يەرەمىيا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى ــ دېدى: ــ
مانا، تاغاڭ شاللۇمنىڭ ئوغلى ھانامەئەل يېنىڭغا كېلىپ: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋال؛ چۈنكى ئۇنى سېتىۋېلىشقا سېنىڭ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇڭ بار» ــ دەيدىغان بولىدۇ.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەل، قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا يېنىمغا كېلىپ ماڭا: «بىنيامىننىڭ زېمىنىدىكى مېنىڭ ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋالغايسەن؛ چۈنكى ھەمجەمەت ھوقۇقى سېنىڭكىدۇر؛ ئۆزۈڭ ئۈچۈن سېتىۋال» ــ دېدى؛ ئاندىن مەن بۇنىڭ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. شۇڭا مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلدىن ئاناتوتتىكى بۇ ئېتىزنى سېتىۋالدىم؛ پۇلنى، يەنى ئون يەتتە شەكەل كۈمۈشنى گىرگە سېلىپ ئۆلچىدىم. 10 مەن توختام خېتىگە ئىمزا قويۇپ، ئۈستىگە مۆھۈرنى بېسىپ پېچەتلىدىم؛ بۇنىڭغا گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھ بەرگۈزدۇم، كۈمۈشنى تارازىغا سالدىم؛ 11 توختام خېتىنى قولۇمغا ئالدىم، ــ بىرسىدە سودا تۈزۈمى ۋە شەرتلىرى خاتىرىلىنىپ پېچەتلەنگەن، يەنە بىرسى پېچەتلەنمىگەنىدى ــ 12 ۋە مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلنىڭ كۆز ئالدىدا، بۇ سودا خېتىگە ئىمزا قويغان گۇۋاھچىلار ۋە قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئالدىدا خەتلەرنى مائاسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇردۇم. 13 ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن بارۇققا مۇنداق تاپىلاپ دېدىم: ــ 14 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەتلەرنى، يەنى پېچەتلەنگەن ۋە پېچەتلەنمىگەن بۇ توختام خەتلىرىنى ئېلىپ، بۇلار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلانسۇن دەپ ساپال ئىدىش ئىچىگە سالغىن؛ 15 چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ كەلگۈسىدە بۇ زېمىندا ھەم ئۆيلەر، ھەم ئېتىزلار، ھەم ئۈزۈمزارلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ.
16 مەن توختام خېتىنى نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇرغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم: ــ
17 «ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، سەن ئاسمان-زېمىننى ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە سوزۇلغان بىلىكىڭ بىلەن ياسىغانسەن؛ ساڭا ھېچقانداق ئىش تەس ئەمەستۇر؛ 18 سەن مىڭلىغان كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىسەن ھەمدە ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنىمۇ كېيىن بالىلىرىنىڭ قوينىغا قايتۇرىسەن؛ ئاھ سەن ئۇلۇغ، قۇدرەت ئىگىسى تەڭرىدۇرسەن ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ نامىڭدۇر؛ 19 ئوي-نىشانلىرىڭدا ئۇلۇغ، قىلغان ئىشلىرىڭدا قۇدرەتلىكسەن؛ كۆزلىرىڭ بىلەن ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز يوللىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە ھەربىرىگە ئىنئام ياكى جازا قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرىنى كۆزلىگۈچىدۇرسەن؛ 20 ــ سەن بۈگۈنكى كۈنگىچە مىسىر زېمىنىدا، ئىسرائىل ئىچىدە ھەم بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھەم كارامەتلەرنى ئايان قىلىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭلاشقا بۈگۈنگىچە سېنىڭ نامىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ كەلمەكتە. 21 سەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر قۇدرەتلىك قولۇڭ، سوزۇلغان بىلىكىڭ ۋە دەھشەتلىك ۋەھشەت ئارقىلىق ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغانسەن؛ 22 سەن ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىمەن دەپ قەسەم قىلغان، سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى تەقدىم قىلغانسەن. 23 ئۇلار دەرۋەقە زېمىنغا كىرىپ ئۇنىڭغا ئىگە بولغان؛ لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىغان، تەۋرات-قانۇنۇڭدا ماڭمىغان؛ ئۇلارغا ئەمر قىلغانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئەمەل قىلمىغان؛ شۇڭا سەن بۇ كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەنسەن. 24 مانا، شەھەرنى بېسىپ كىرىش ئۈچۈن سېپىلغا سېلىپ چىقىرىلغان دۆڭلۈك-پوتەيلەرگە قارىغايسەن! قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا تۈپەيلىدىن شەھەر ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ سەن ئالدىنئالا ئېيتقىنىڭ ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ مانا، ئۆزۈڭ كۆرىسەن. 25 لېكىن سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، گەرچە شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېتىزنى كۈمۈشكە سېتىۋال ۋە بۇنى گۇۋاھچىلارغا كۆرگۈزگىن!؟» ــ دېدىڭ».
 
26 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
27 مانا، مەن پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ ماڭا تەس چۈشىدىغان بىرەر ئىش بارمىدۇ؟    28 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ شەھەرنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا ۋە بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ. 29 بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەر ئۇنىڭغا بېسىپ كىرىپ ئوت قويۇپ ئۇنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار شەھەردىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى ئۈستىدە مېنى غەزەپلەندۈرۈپ بائالغا ئىسرىق ياققان، يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغان. 30 چۈنكى ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ياشلىقىدىن تارتىپ كۆز ئالدىمدا پەقەت رەزىللىكلا قىلىپ كەلمەكتە؛ ئىسرائىللار پەقەتلا ئۆز قوللىرى ياسىغانلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىغاندىن باشقا ئىش قىلمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 31 چۈنكى بۇ شەھەر قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىمنى شۇنداق قوزغىغۇچى بولۇپ كەلدىكى، مەن ئۇنى ئۆز يۈزۈم ئالدىدىن يوقاتمىسام بولمايدۇ. 32 ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ــ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمىرلىرى كاھىنلىرى، پەيغەمبەرلىرى، يەھۇدا ئادەملىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ مېنى غەزەپلەندۈرگەن بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن شەھەرنى يوقىتىمەن. 33 ئۇلار ماڭا يۈزىنى قاراتقان ئەمەس، بەلكى ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ تەتۈر قارىغان؛ گەرچە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا ئۆگەتكەن بولساممۇ، ئۇلار ئاڭلىماي تەلىم-تەربىيىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. 34 ئۇلار ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى سېلىپ ئۇنى بۇلغىغان؛ 35 ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ «مولەك»كە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»دىكى، بائالغا بېغىشلانغان «يۇقىرى جايلار»نى قۇرۇپ چىققان؛ مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىش قىلىشىنى زادى بۇيرۇپ باقمىغانمەن؛ ئۇلارنىڭ يەھۇدانى گۇناھقا پاتقۇزۇپ، مۇشۇنداق لەنەتلىك ئىش قىلسۇن دېگەن ئوي-نىيەتتە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغانمەن.  
36 سىلەر مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق: «دەرھەقىقەت، ئۇ قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا ئارقىلىق بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ!» ــ دەۋاتىسىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق ھازىر مۇنداق دەيدۇ: ــ
37 مانا مەن، مەن ئۇلارنى غەزىپىم، قەھرىم ۋە زور ئاچچىقىم بىلەن ھەيدىۋەتكەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن يىغىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن مۇشۇ يەرگە ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى ئامان-تىنچلىقتا تۇرغۇزىمەن. 38 ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 39 مەن ئۇلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن بولغان بالىلىرىنى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىپ ياخشىلىق كۆرسۇن دەپ، ئۇلارغا بىر قەلب، بىر يولنى ئاتا قىلىمەن.
40 مەن ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىشتىن قولۇمنى ئىككىنچى ئۈزمەسلىكىم ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ ئۇلارنىڭ قايتىدىن يېنىمدىن چەتلىمەسلىكى ئۈچۈن مەن قەلبىگە قورقۇنچۇمنى سالىمەن. 41 مەن ئۇلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلىشتىن ھۇزۇر ئېلىپ شادلىنىمەن ۋە پۈتۈن قەلبىم، پۈتۈن جېنىم بىلەن ئۇلارنى مۇشۇ زېمىنغا تىكىپ تۇرغۇزىمەن!
42 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن خۇددى بۇ خەلقنىڭ بېشىغا بۇ دەھشەتلىك كۈلپەتنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرگىنىمدەك، مەن ئۇلار توغرۇلۇق ۋەدە قىلغان بارلىق بەخت-بەرىكەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ 43 سىلەر مۇشۇ زېمىن توغرۇلۇق: «ئۇ ۋەيرانە، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىزدۇر؛ كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان!» دەيسىلەر. لېكىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭدا ئېتىزلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ! 44 بىنيامىننىڭ يۇرتىدا، يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرىدا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە، جەنۇبتىكى تاغلىق شەھەرلىرىدە، غەربتىكى «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىكى شەھەرلەردە، يەھۇدانىڭ جەنۇبىي باياۋانلىرىدىكى شەھەرلەردىمۇ كىشىلەر قايتىدىن كۈمۈشكە ئېتىزلارنى سېتىۋالىدۇ، توختام خەتلىرىگە ئىمزا قويىدۇ، مۆھۈرلەپ، گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھقا ھازىر قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
 
32:3‏-5 يەر. 34‏:3 32:7 «ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، ھەربىر ئىسرائىللىققا بىر پارچە زېمىن تەقسىم قىلىنغان. ئەگەر بۇ زېمىننى ساتماقچى بولسا، ئاۋۋال ئۆز جەمەتىدىكىلەرگە سېتىۋېلىش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك ئىدى؛ ئۇلار بۇ «ھەمجەمەت ھوقۇقى» بويىچە ئۇنى سېتىۋېلىشنى خالمىسا، ئاندىن باشقىلارغا سېتىشقا بولاتتى. 32:9 «ئون يەتتە شەكەل كۈمۈش» ــ بىر شەكەل 11.4 گرام ئىدى؛ 17 شەكەل 194 گرام ئىدى. 32:17 «ساڭا ھېچقانداق ئىش تەس ئەمەستۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ساڭا ھېچقانداق ئىش كارامەت ئەمەستۇر». 32:18 مىس. 34‏:7 32:19 ئايۇپ 34‏:21؛ پەند. 5‏:21؛ يەش. 28‏:29؛ يەر. 16‏:17؛ 17‏:10 32:21 مىس. 6‏:7؛ 2سام. 7‏:23؛ 1تار. 17‏:21 32:25 «سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، گەرچە شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېتىزنى كۈمۈشكە سېتىۋال ۋە بۇنى گۇۋاھچىلارغا كۆرگۈزگىن!؟» ــ دېدىڭ» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، گەرچە پەرۋەردىگار يەرەمىيا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق كۆپ قېتىم يەھۇدغا: «مەن سىلەرنى سۈرگۈن قىلدۈرىمەن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، يەرەمىيا يەنىلا: ««ئاخىرقى مىنۇتتا» يەھۇدانى بابىلدىن قۇتقۇزىدۇ» دەپ ئويلىدى. 32:27 «ماڭا تەس چۈشىدىغان بىرەر ئىش بارمىدۇ؟» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماڭا كارامەت چۈشىدىغان بىرەر ئىش بارمىدۇ؟». 32:27 چۆل. 16‏:22 32:29 يەر. 21‏:10 32:30 «ياشلىقىدىن تارتىپ...» ــ بەلكىم ئىسرائىلنىڭ «ئەل بولغىنىدىن تارتىپ»، يەنى «مىسىردىن چىقىشتىن تارتىپ» دېگەن مەنىدە. بولمىسا «ئېتىزنى ئال» دېگەن سۆزنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ جاۋاب تۆۋەندىكى ئايەتلەردە، ئەلۋەتتە. «قوللىرى ياسىغانلار» ــ دېگەن سۆزلەر ياكى ياسىغان بۇتلارنى ياكى يامان قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 32:33 يەر. 2‏:27؛ 7‏:13،24،25؛ 25‏:3؛ 26‏:5؛ 29‏:19 32:35 «مولەك» ــ ئاممونىيلارنىڭ چوقۇنغان بۇتى. 32:35 يەر. 19‏:5 32:37 يەر. 23‏:3؛ 29‏:14؛ 31‏:10 32:38 يەر. 24‏:7؛ 30‏:22؛ 31‏:1،33 32:41 يەر. 24‏:6؛ ئام. 9‏:15