4
ــ «بۇ يوللىرىمدىن بۇرۇلاي!» دېسەڭ، ئى ئىسرائىل ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئەمدى مېنىڭ يېنىمغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەل! ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ۋە شۇنداقلا يولدىن يەنە تېنەپ كەتمىسەڭ،
ــ ئەگەر سەن: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكىنىڭدە، ئۇ قەسەم ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن بولسا، ئۇنداقتا يات ئەللەرمۇ ئۇنىڭ نامىدا ئۆزلىرىگە بەخت تىلىشىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى قىلىدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «بوز يېرىڭلارنى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار!    ئۆزلىرىڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا سۈننەت قىلىڭلار؛ قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار، ئى يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار! ــ بولمىسا، مېنىڭ قەھرىم پارتلاپ ئوت بولۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.  
ــ يەھۇدادا مۇشۇلارنى ئېلان قىلىپ، يېرۇسالېمدا: ــ «زېمىن-زېمىندا كاناي چېلىڭلار!» ــ دەپ جاكارلاڭلار؛
«يىغىلىڭلار! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرەيلى!» ــ دەپ نىدا قىلىڭلار!
زىئوننى كۆرسىتىدىغان بىر تۇغنى تىكلەڭلار؛ دەرھال قېچىڭلار، كېچىكىپ قالماڭلار! چۈنكى مەن كۈلپەت، يەنى زور بىر ھالاكەتنى شىمالدىن ئېلىپ كېلىمەن. شىر ئۆز چاتقاللىقىدىن چىقتى، «ئەللەرنى يوقاتقۇچى» يولغا چىقتى؛ ئۇ ئۆز جايىدىن چىقىپ زېمىنىڭنى ۋەيران قىلىشقا كېلىدۇ؛ شەھەرلىرىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئادەمزاتسىز بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىڭلارغا بۆز كىيىم ئوراڭلار، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ نالە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىزدىن يانمىدى!
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ پادىشاھنىڭ يۈرىكى، ئەمىرلەرنىڭ يۈرىكىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ، كاھىنلار ئالاقزادە بولۇپ، پەيغەمبەرلەر تەئەججۈپلىنىدۇ.
 
10 ــ ئاندىن مەن: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! بەرھەق سەن بۇ خەلقنى، جۈملىدىن يېرۇسالېمنى: «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» دەپ ئالدىدىڭ؛ ئەمەلىيەتتە بولسا قىلىچ جانغا يېتىپ كەلدى، دېدىم.
11 ــ شۇ چاغدا بۇ خەلققە ۋە يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «چۆل-باياۋاندىكى ئېگىزلىكلەردىن چىققان ئىسسىق بىر شامال خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يولىغا قاراپ چۈشىدۇ؛ لېكىن ئۇ خامان سورۇشقا ياكى دان ئايرىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ! 12 ــ بۇنىڭدىن ئەشەددىي بىر شامال مەندىن چىقىدۇ؛ مانا، مەن ھازىر ئۇلارغا جازا ھۆكۈملىرىنى جاكارلايمەن. 13 مانا، ئۇ توپ بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قارا قۇيۇندەكتۇر، ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېزدۇر!
ــ «ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز نابۇت بولدۇق!»
14 ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟ 15 چۈنكى دان دىيارىدىن، ئەفرائىمدىكى ئېگىزلىكلەردىنمۇ ئازاب-كۈلپەتنى ئېلان قىلىدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىتىلىدۇ: ــ 16 ئۇلار: ئەللەرگە ئېلان قىلىڭلار، يېرۇسالېمغىمۇ ئاڭلىتىڭلار: ــ مانا، قورشاۋغا ئالغۇچىلار يىراق ييۇرتتىن كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار يەھۇدا شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈشكە تەييار! ــ دەيدۇ. 17 ئېتىزلىقنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلاردەك، ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 18 سېنىڭ يولۇڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ مۇشۇلارنى ئۆز بېشىڭغا چۈشۈردى؛ بۇ رەزىللىكىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر؛ بەرھەق، ئۇ ئازابلىقتۇر، يۈرىكىڭگىمۇ سانجىيدۇ!».
19 ــ مەن: «ئاھ، ئىچ-باغرىم! ئىچ-باغرىم! تولغاققا چۈشتۈم! ئاھ، كۆڭلۈم ئازابلاندى! يۈرىكىم دۈپۈلدەۋاتىدۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن؛ چۈنكى مەن كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن؛ جەڭ چۇقانلىرى جېنىمغا سانجىدى.
20 ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت چۈشتى! پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولدى؛ چېدىرلىرىم دەقىقىدە بەربات قىلىندى، پەردىلىرىم ھايت-ھۇيتنىڭ ئىچىدە يىرتىپ تاشلاندى! 21 قاچانغىچە تۇغقا قاراپ تۇرۇشۇم، جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىشىم كېرەك؟» ــ دېدىم.
22 ــ «چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ناداندۇر؛ ئۇلار مېنى ھېچ تونۇمىغان؛ ئۇلار ئەقلى يوق بالىلار، ئۇلار ھېچ يورۇتۇلمىغان؛ رەزىللىككە نىسبەتەن ئۇلار دانادۇر، ئەمما ياخشىلىققا نىسبەتەن ئۇلار بىلىمسىزدۇر».
 
23 ــ «مەن يەر يۈزىگە قارىدىم؛ مانا، ئۇ شەكىلسىز ۋە قۇپ-قۇرۇق بولدى؛ ئاسمانلارغىمۇ قارىدىم، ئۇ نۇرسىز قالدى؛ 24 تاغلارغا قارىدىم، مانا، ئۇلار زىلزىلىگە كەلدى، بارلىق دۆڭلەر ئەشەددىي سىلكىنىپ كەتتى. 25 قاراپ تۇرۇۋەردىم، ۋە مانا، ئىنسان يوق ئىدى، ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارمۇ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى. 26 مەن قارىدىم، مانا، باغ-ئېتىزلار چۆل-باياۋانغا ئايلاندى، بارلىق شەھەرلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا، يەنى ئۇنىڭ قاتتىق غەزىپى ئالدىدا ۋەيران بولدى. 27 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولىدۇ؛ ئەمما مەن ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتمايمەن. 28 بۇنىڭ تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، يۇقىرىدا ئاسمان قارىلىق بىلەن قاپلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، مەن شۇنداق نىيەتكە كەلگەنمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن، ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايمەن؛ 29 ئاتلىقلار ۋە ئوقيالىقلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنى بىلەن ھەربىر شەھەردىكىلەر قېچىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار چاتقاللىقلارغا كىرىپ مۆكۈۋالىدۇ، تاشلار ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ؛ بارلىق شەھەرلەر تاشلىنىپ ئادەمزاتسىز قالىدۇ.
30 ــ سەن، ئى ھالاك بولغۇچى، نېمە قىلماقچىسەن؟ گەرچە سەن پەرەڭ كىيىملەرنى كىيگەن بولساڭمۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىغان بولساڭمۇ، كۆز-قاشلىرىڭنى ئوسما بىلەن پەردازلىغان بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنى ياسىغىنىڭ بىكاردۇر؛ سېنىڭ ئاشىقلىرىڭ سېنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇلار جېنىڭنى ئىزدەۋاتىدۇ. 31 چۈنكى مەن تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭكىدەك بىر ئاۋازنى، تۇنجى بالىنى تۇغقاندىكىدەك ئازابدا بولغان زىئون قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن؛ ئۇ قوللىرىنى سوزۇپ: «ھالىمغا ۋاي! بۇ قاتىللار تۈپەيلىدىن ھالىمدىن كەتتىم!» دەپ ھاسىرىماقتا.
 
 
4:1 «مېنىڭ يېنىمغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەل!» ــ بۇ ئىبارە بەلكىم «سەللىمازا توۋا قىل»، «ئىككىلەنمە!»، «ئالا كۆڭۈللۈك بولما!» دېگەن مەنىنى ئىنتايىن تەكىتلەيدۇ. «ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ۋە شۇنداقلا يولدىن يەنە تېنەپ كەتمىسەڭ،... » ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ئەمدى سەن سەرگەردان بولمايسەن». 4:2 يار. 22‏:18؛ يەش. 48‏:1 4:3 «بوز يېرىڭلارنى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار!» ــ بۇ سىرلىق ئايەت يەھۇدادىكىلەرنى نادان دېھقانلارغا، ئۇلارنىڭ ھاياتلىرىنى ئاختارما يەرگە ئوخشىتىدۇ. «نېمىشقا ھاياتىمىزدىن ھېچقانداق بەخت، مۇۋەپپەقىيەت يوق؟» دەپ سورىسا، «سىلەر ئۇرۇقلىرىنى تىكەنلەر ئارىسىغا تېرىغان دېھقانلارغا ئوخشاش، ھېچ ھوسۇللۇق بولمايسىلەر» دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ، ئەلۋەتتە. دېھقانلار ھوسۇل كۆرۈش ئۈچۈن بوز يەرلىرىنى چېپىپ، تىكەنلەرنى يۇلۇپ تاشلىشى كېرەك بولغىنىغا ئوخشاش، يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى قوزغاپ قاتتىق توۋا قىلىشى كېرەك، ئاندىن بەختنىڭ ھوسۇلىنى كۆرىدۇ. 4:3 ھوش. 10‏:12 4:4 «قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «قەلبىڭلاردىكى خەتنىلىكنى ئېلىپ تاشلاڭلار». دېمىسەكمۇ، ئىسرائىللار ئەتلىرىدە سۈننەت قىلىنغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى توۋىسىز قاتتىق ئىدى؛ شۇڭا پەيغەمبەر: «قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار» دەپ ئاگاھ بېرىدۇ. 4:4 قان. 10‏:16؛ 30‏:6؛ يەش. 65‏:5 4:5 ««يىغىلىڭلار! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرەيلى!» ــ دەپ نىدا قىلىڭلار» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم باشقا پەيغەمبەرلەرگە، ياكى «خەلق پادىچىلىرى» بولغان پادىشاھ، ھۆكۈمدارلار ۋە كاھىنلار قاتارلىقلارغا ئېيتىلىدۇ (9-ئايەتنى كۆرۈڭ). دېمەك، ئۇلار ئۆز ئىخلاسسىزلىقى، ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن خەلققە شۇنداق جار قىلىشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ. 4:7 يەش. 5‏:29؛ يەر. 2‏:15؛ 5‏:6 4:8 يەش. 32‏:12 4:10 «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» ــ بۇ ئايەتتىكى: «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» دېگەن سۆزلەر ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىدۇر (14:6، 11:8 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ). 4:11 «خەلقىمنىڭ قىزى» ــ شۇنداقلا «پاك قىزىم بولغان خەلقىم»، «زىئون قىزى» قاتارلىق ئىبارىلەر خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ياكى باشقا خەلق (مەسىلەن، «مىسىرنىڭ قىزى»، (11:46))قە بولغان مېھرى-شەپقىتىنى، ئۇلارغا باغلىغان مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدىغان مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4:13 «مانا، ئۇ توپ بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قارا قۇيۇندەكتۇر، ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېزدۇر!» ــ «ئۇ» كىمنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېيتىلمايدۇ. بىراق ئالدى-كەينى سۆزلەرگە قارىغاندا، «ئۇ» 7-ئايەتتىكى «ئەللەرنى يوقاتقۇچى» بولغان دۈشمەننى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار بۇ سۆزلەر شىمالدىن كېلىدىغان «سكىتلار»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن سكىتلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى يوق ھەم ئۇلار شەھەرلەرنى «قورشاۋغا ئالغۇچى»لارمۇ (16-ئايەت) ئەمەس؛ شۇڭا بىز بۇ سۆزلەرنى بابىللىقلارنى ۋە بەلكىم ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنىڭ قوشۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. 4:14 يەش. 1‏:16 4:19 يەش. 21‏:4؛ يەر. 8‏:23 4:20 «چېدىرىلىم» ... «پەردىلىرىم»... ــ يەرەمىيا پەيغەمبەر خەلقىنىڭ ئازابلىرىنى ئۆزىنىڭكى دەپ ھېس قىلىپ، «خەلقىمنىڭ چېدىرلىرىم» ۋە «خەلقىمنىڭ پەردىلىرى» دېمەي، بەلكى «چېدىرىلىم» ۋە «پەردىلىرىم» توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ. 4:23 «مەن يەر يۈزىگە قارىدىم؛ مانا، ئۇ شەكىلسىز ۋە قۇپ-قۇرۇق بولدى؛ ئاسمانلارغىمۇ قارىدىم، ئۇ نۇرسىز قالدى...» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ ئايەتتىكى ۋە تۆۋەندىكى ئايەتتىكى ئىشلار يەرەمىيا پەيغەمبەرگە روھتا كۆرسىتىلگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتۇر. بۇ كۆرۈنۈش: (1) ئىسرائىل زېمىنى بابىللىقلارنىڭ تاجاۋۇزلۇقى ئاستىدا بولىدىغان ۋەيرانە ھالىتىنى؛ ۋە (2) شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاخىرقى زامانلاردىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھالەت خۇدا جاھاننى ياراتقىنىدا يەر-زېمىننىڭ ئاۋۋالقى شەكىلسىز، تەرتىپسىز ھالىتىگە ئوخشايدۇ. 4:27 يەر. 5‏:10،18؛ 30‏:11؛ 46‏:28 4:30 «ئۆزۈڭنى ياسىغىنىڭ» ــ بەلكىم يەھۇدا يات ئەللەردىن يار-يۆلەك ئىزدىگەندە يالاقچىلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 4:31 «تۇنجى بالىنى تۇغقاندىكىدەك ئازابدا بولغان زىئون قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «زىئون» يېرۇسالېم جايلاشقان تاغ بولۇپ، «زىئون» ياكى «زىئون قىزى» دېگەننىڭ ئۆزى يېرۇسالېم ياكى ئىسرائىلنى بىلدۈرىدۇ.