5
يېرۇسالېم جازاغا لايىق
پەرۋەردىگار: ــ يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ يۈگۈرۈڭلار، ئوبدان كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار؛ مەيدانلىرىدىن ئىزدەپ كۆرۈڭلار؛ ئادالەت بىلەن ئىش كۆرىدىغان، ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان بىرلا ئادەمنى تاپساڭلار، شۇندا مەن بۇ شەھەرنى كەچۈرىمەن!
گەرچە ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇلار يالغاندىن سۆزلەيدۇ، دېدى.
 
يەرەمىيا سۆز قىلىدۇ
ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆزۈڭ ئادالەت-بىتەرەپلىكنى ئىزدەپ يۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ سەن بۇلارنى ئۇردۇڭ، لېكىن ئۇلار ئازابلانمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى نابۇت قىلىپ تۈگەشتۈردۈڭ، لېكىن ئۇلار تەربىيە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يۈزلىرىنى تاشتىن قاتتىق قىلدى، ئۇلار يولىدىن يېنىشنى رەت قىلىدۇ» ــ مەن: «شۈبھىسىزكى، بۇنداق قىلغانلار پەقەت نامراتلار، ئۇلار نادانلار؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلمەيدۇ» ــ دېدىم. ــ «مەن مۆتىۋەرلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا سۆزلەيمەن؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلىدۇ». بىراق ئۇلارمۇ بويۇنتۇرۇقنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ، رىشتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان.
 
پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ
ــ شۇڭا ئورماندىن چىققان بىر شىر ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باياۋاندىن چىققان بىر بۆرە ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ؛ يىلپىز شەھەرلەرگە قاراپ پايلايدۇ؛ شەھەرلەردىن چىققان ھەربىرى تىتما-تىتما قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقلىرى كۆپىيىپ، ۋاپاسىزلىقلىرى ئاۋۇيدۇ.   مەن زادى نېمىگە ئاساسەن سېنى كەچۈرىمەن؟ سېنىڭ بالىلىرىڭ مەندىن ۋاز كېچىپ، خۇدا ئەمەسلەرگە قەسەم ئىچمەكتە؛ مەن ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار زىناخورلۇق قىلىپ، پاھىشىلەرنىڭ ئۆيىگە توپ-توپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇلار سەمرىگەن ئىشقۋاز ئايغىرلار، ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ ئايالىغا ھەۋەس قىلىپ كىشنەۋاتىدۇ.
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟
10 ئۇنىڭ ئۈزۈم چۈنەكلىرىدىن ئۆتۈپ، تاللىرىنى ۋەيران قىلىڭلار؛ لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماڭلار؛ شاخلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر؛   
11 چۈنكى ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ماڭا مۇتلەق ۋاپاسىزلىق قىلدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
12 ئۇلار: «ئۇ ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچ ئاپەت چۈشمەيدۇ؛ نە قىلىچ نە قەھەتچىلىكنى كۆرمەيمىز!» ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتى. 13 پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇلاردا يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئۆز بېشىغا يانسۇن!
14 شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەلق مۇشۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن، مانا، مەن ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىمنى ئوت، بۇ خەلقنى ئوتۇن قىلىمەنكى، ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.
15 ــ مانا، مەن يىراقتىن بىر ئەلنى ئېلىپ كېلىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇ كۈچلۈك بىر ئەل، قەدىمىي بىر ئەل، تىلىنى سەن بىلمەيدىغان ۋە گەپلىرىنى سەن ھېچ چۈشەنمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ؛ 16 ئۇلارنىڭ ئوقدېنى يوغان ئېچىلغان بىر گۆردۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلاردۇر. 17 ئۇلار ھوسۇلىڭنى ۋە نېنىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، كالا-قوي پادىلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئۈزۈم تاللىرىڭنى ۋە ئەنجۇر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار سەن تايانغان مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.
18 ھالبۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇ كۈنلەردىمۇ سىلەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن. 19 شۇ چاغدا خەلقىڭ: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز نېمىشقا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بېشىمىزغا چۈشۈرگەن؟» ــ دەپ سورىسا، ئەمدى سەن يەرەمىيا ئۇلارغا: «سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىڭلاردەك، سىلەر ئۆز ۋەتىنىڭلار بولمىغان بىر زېمىندا يات بولغانلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر» ــ دېگىن.  
20 ــ ياقۇپنىڭ جەمەتىدە شۇنى جاكارلىغىنكى ۋە يەھۇدا ئارىسىدا شۇنى ئېلان قىلغىنكى، 21 «بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى نادان ۋە ئەقلى يوق، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان بىر خەلق: ــ 22 مەندىن قورقمامسىلەر؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېڭىز سۈيى ئۈچۈن ساھىلنى مەڭگۈلۈك چەكلىمە قىلىپ، «بۇ يەردىن ئۆتمە» دەپ بېكىتكەن مېنىڭ ئالدىمدا تەۋرىمەمسىلەر؟ مانا، دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگىنى بىلەن ئۇلار ساھىل ئۈستىدىن ھېچ غەلىبە قىلمايدۇ؛ شاۋقۇنلىغىنى بىلەن بۇ چەكتىن ھەرگىز ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.
23 لېكىن بۇ خەلقنىڭ جاھىل ۋە ئاسىيلىق كۆڭلى باردۇر؛ ئۇلار يولدىن چىقىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كەتتى. 24 ئۇلار كۆڭلىدە: «ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى، يەنى ئاۋۋالقى ھەم كېيىنكى يامغۇرلارنى بەرگۈچى، بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەيمىنەيلى» دېگەننى ھېچ دېمەيدۇ.    25 سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلار مۇشۇ ئىشلارنى سىلەرگە نېسىپ قىلمىغان؛ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار سىلەردىن بەرىكەتنى مەھرۇم قىلغان.
26 چۈنكى خەلقىم ئارىسىدا رەزىللەر باردۇر؛ ئۇلار پىستىرمىدا ياتقان قىلتاقچىلاردەك پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار تۇزاق سېلىپ، ئادەملەرنى تۇتۇۋالىدۇ. 27 تۇتقان قۇشلارغا تولغان قەپەستەك، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئالدامچىلىقتىن ئېرىشكەن ماللار بىلەن تولغان؛ ئۇلار شۇ يول بىلەن بۈيۈك ھەم باي بولۇپ كەتتى. 28 ئۇلار سەمرىپ، پارقىراپ كەتتى؛ بەرھەق، ئۇلار رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا ماھىر بولۇپ كەتتى؛ ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىمايدۇ؛ نامراتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ھۆكۈمنى ئۇلار چىقارمايدۇ.  
29 بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟  
 
30 زېمىندا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنچلىق بىر ئىش سادىر قىلىنغانكى ــ 31 پەيغەمبەرلەر يالغان-ساختا بېشارەتلەرنى بەرمەكتە؛ كاھىنلار بولسا ئۆز ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ خەلقىممۇ بۇ ئىشلارنى ياقتۇرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدە قانداق قىلىسىلەر؟   
 
 
5:2 «...بىرلا ئادەمنى تاپساڭلار، شۇندا مەن بۇ شەھەرنى كەچۈرىمەن! (1-ئايەت)...گەرچە ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇلار يالغاندىن سۆزلەيدۇ، دېدى» ــ كېيىن، يەرەمىيا بىرنەچچە شۇنداق ئادىل، سادىق ئادەملەر (مەسىلەن، بارۇق، ئاھىكام، ئەبەد-مەلەك) بىلەن تونۇشقان. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇ مۇشۇنداقلارنى تاپالمىغان. 5:3 يەش. 1‏:5؛ 9‏:12؛ يەر. 2‏:30 5:6 «ئورماندىن چىققان بىر شىر ...، باياۋاندىن چىققان بىر بۆرە ...؛ يىلپىز شەھەرلەرگە قاراپ پايلايدۇ» ــ بۇ ئايەتتىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆچمە مەنىدە بولۇپ دۈشمەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 5:6 يەر. 4‏:7 5:7 «مەن ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار زىناخورلۇق قىلىپ، پاھىشىلەرنىڭ ئۆيىگە توپ-توپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ» ــ بۇ ئايەت بەلكىم روھىي جەھەتتىكى ۋاپاسىزلىقنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئىسرائىلنى «مېنىڭ ئايالىم» دەپ ئاتايدۇ (10:2، 3-بابنى كۆرۈڭ). 8-ئايەت جىسمانىي جەھەتتىكى زىناخورلۇقنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 5:8 ئ‍ەز. 22‏:11 5:9 يەر. 5‏:29؛ 9‏:9 5:10 «ئۇنىڭ ئۈزۈم چۈنەكلىرىدىن ئۆتۈپ، .... شاخلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر» ــ بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ سېپىللىرىغا يامىشىپ چىقىپ ۋەيرانچىلىق قىلىڭلار، لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىۋەتمەڭلار؛ ئىستىھكاملىرىنى ئېلىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر». 5:10 يەر. 4‏:27 5:11 يەر. 3‏:20 5:13 «پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس» ــ ئىبرانىي تىلىدا «روھ» ۋە «شامال» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇبھىسىزكى، «پەيغەمبەرلەر» ئۆزلىرىنى «بىزگە خۇدانىڭ روھى تولدۇرۇلغان» دەيدۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارنى پەقەت «شامالغا تولدۇرۇلغان» دەيدۇ. 5:14 يەر. 1‏:9-10 5:15 قان. 28‏:49؛ يەر. 1‏:15؛ 6‏:22 5:17 لاۋ. 26‏:16؛ قان. 28‏:31،33 5:18 يەر. 4‏:27 5:19 «يات بولغانلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر» ــ «يات بولغانلار» بەلكىم ئىككى بىسلىق سۆزلەر بولۈپ، ھەم «يات بۇتلار» ھەم «يات ئادەملەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ. 5:19 يەر. 16‏:10 5:21 يەش. 6‏:9 5:22 ئايۇپ 38‏:10، 11؛ زەب. 33‏:7-8؛ 104‏:9 5:24 «ئاۋۋالقى يامغۇر»...«كېيىنكى يامغۇر»... ــ «ئاۋۋالقى يامغۇر» ئادەتتە 11-ئايدا يېغىپ، تۇپراقنى يۇمشىتىدۇ، يەرنى ھەيدەپ ئۇرۇق سېلىشقا تەييارلىنىدۇ. «كېيىنكى يامغۇر» بولسا پەلەستىندە 3- ياكى 4-ئايدا ياغىدۇ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يامغۇرلار بولمىسا ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ. «بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىزگە ھوسۇل پەسلىدىكى ھەپتىلەرنى ساقلىغۇچى...». 5:24 قان. 11‏:14 5:28 «ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىمايدۇ...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بولسا: «ئۇلار خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، ھەتتا يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىغىنى بىلەن ھەرگىز ئۇنى ئادىل سورىمايدۇ». 5:28 قان. 32‏:15؛ يەش. 1‏:23؛ زەك. 7‏:10 5:29 «جازالىماي قويامدىم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلىمامدىم؟!». 5:29 يەر. 5‏:9؛ 9‏:9 5:31 «كاھىنلار بولسا ئۆز ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كاھىنلارمۇ ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن (دېمەك، پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغان بېشارەتلىرىدىن پايدىلىنىپ) ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا». لېكىن «يەرەمىيا» دېگەن كىتابتا بۇنداق ئىشلار يەنە تىلغا ئېلىنمايدۇ، شۇڭا تەرجىمىمىز بەلكىم توغرىدۇر. 5:31 يەر. 14‏:18؛ 23‏:25، 26؛ ئ‍ەز. 13‏:6