45
بارۇققا بېرىلگەن ئاگاھ ھەم تەسەللى
يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى ئورام قەغەزگە يازغىنىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا بۇ سۆزنى ئېيتقان: ــ
«ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سەن بارۇق توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن: «ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا دەرد-ئەلەم قوشۇپ قويدى؛ مەن ئاھ-زارلار قىلىشتىن چارچىدىم، زادىلا ئارام تاپالمىدىم!» ــ دېدىڭ.
ــ يەرەمىيا، سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قۇرۇپ چىققانلىرىمنى ھازىر غۇلىتىمەن، مەن تىككەنلىرىمنى، يەنى بۇ پۈتكۈل جاھاننى ھازىر يۇلۇپ تاشلايمەن. مەن بۇنداق قىلغان يەردە سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىزدىشىڭگە توغرا كېلەمدۇ؟ بۇلارنى ئىزدىمە؛ چۈنكى مانا، مەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن جېنىڭنى سەن بارىدىغان بارلىق يەرلەردە ئۆزۈڭگە ئولجا قىلىپ بېرىمەن».
  
 
 
45:4 «بۇ پۈتكۈل جاھاننى...» ــ ياكى «بۇ پۈتكۈل زېمىننى...». لېكىن 5-ئايەتكە قارىغاندا «جاھاننى» توغرىدۇر. 45:5 «مەن بۇنداق قىلغان يەردە سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىزدىشىڭگە توغرا كېلەمدۇ؟ بۇلارنى ئىزدىمە؛ چۈنكى مانا، مەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن، ... لېكىن جېنىڭنى سەن بارىدىغان بارلىق يەرلەردە ئۆزۈڭگە ئولجا قىلىپ بېرىمەن» ــ بۇ 45-بابتىكى بېشارەت پادىشاھ يەھوئاكىمنىڭ تەختكە ئولتۇرغان ۋاقتىدا بېرىلگەن بولسا، نېمىشقا مۇشۇ يەردە (يەرەمىيا ۋە بارۇق مىسىردا قالغان ۋاقىتتا) «ئورام يازما»غا قوشۇلغان؟ بەلكىم ئۇنىڭ مۇشۇ يەردە خاتىرىلىنىش سەۋەبى، يەرەمىيا ۋە بارۇق مىسىردا، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغان ۋە ئاسىيلىق قىلماقچى بولغان يەھۇدانىڭ شۇ ئاز بىر قالدىسى ئارىسىدا (يۇقىرىقى بېشارەتلەر كۆرسەتكەندەك) تېخىمۇ ئېغىر خەتەردە قالغان؛ شۇڭا ھازىر بۇ بېشارەت بارۇققا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك، تېخىمۇ تەسەللى بېرىشى مۇمكىن ئىدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۆزى مىسىر زېمىنىدا ئۆلگەن ياكى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ كىتابىنىڭ قولىمىزدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن بىز شۈبھىسىزكى بارۇققا قەرزدارمىز. 45:5 يەر. 21‏:9؛ 38‏:2؛ 39‏:18