46
-51-46بابلار ــ ئەللەر توغرۇلۇق بېشارەتلەر •••• «1» مىسىر ــ مىسىرنىڭ قوشۇنى كارشېمىش شەھىرىدە مەغلۇپ بولىدۇ
يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەللەر توغرۇلۇق سۆزى تۆۋەندە: ــ
مىسىر توغرۇلۇق: ئەفرات دەرياسى بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، پىرەۋن-نەقونىڭ قوشۇنى توغرۇلۇق (بۇ قوشۇننى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى بىتچىت قىلغان): ــ «قالقان-سىپارلارنى ئېلىپ سەپكە چۈشۈڭلار! جەڭگە چىقىشقا تەييارلىنىڭلار! ئاتلارنى ھارۋىلارغا قېتىڭلار! ئاتلىرىڭلارغا مىنىڭلار! بېشىڭلارغا دۇبۇلغا سېلىپ سەپتە تۇرۇڭلار! نەيزىلىرىڭلارنى بىلەپ ئىتتىكلىتىڭلار! ساۋۇت-قۇياقلارنى كىيىۋېلىڭلار!
لېكىن مەن نېمىنى كۆرىمەن؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مانا، مۇشۇ لەشكەرلەر دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ چېكىنىدۇ؛ باتۇر-پالۋانلىرى بىتچىت قىلىنىپ كەينىگە قارىماي بەدەر قاچىدۇ! تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ ئەمدى ئەڭ چاققانلارمۇ قاچالمايدۇ، باتۇر-پالۋانلارمۇ ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ قالمايدۇ؛ مانا، شىمال تەرىپىدە، ئەفرات دەرياسى بويىدا ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ!
سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسى كەلكۈن كەبى كۆتۈرۈلگەندەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن كىمدۇر!؟ سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسىدەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن دەل مىسىر ئۆزىدۇر؛ ئۇ: «مەن ئۆزۈمنى كۆتۈرۈپ پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلايمەن؛ مەن شەھەرلەر ھەم ئۇلاردا تۇرۇۋاتقانلارنى يوقىتىمەن!» ــ دەيدۇ.
ئېتىلىڭلار، ئى ئاتلار! ھە دەپ ئالغا بېسىپ چېپىڭلار، ئى جەڭ ھارۋىلىرى! قالقان كۆتۈرگەن ئېفىئوپىيە ھەم لىۋىيەدىكىلەر، ئوقيالىرىنى ئېگىلدۈرگەن لىدىيەدىكىلەر، پالۋان-باتۇرلار جەڭگە چىقسۇن!    10 لېكىن بۇ كۈن بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدۇر؛ ئۇ قىساسلىق بىر كۈن، يەنى ئۆز ياۋلىرىدىن قىساس ئالىدىغان كۈنى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قىلىچى كىشىلەرنى تويغۇچە يۇتىدۇ؛ ئۇ قانغۇچە ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئىچىدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ شىمالىي زېمىندا، ئەفرات دەرياسى بويىدا قىلماقچى بولغان بىر قۇربانلىقى بار! 11 گىلېئادقا چىقىپ تۇتىيا ئىزدەپ تاپ، ئى مىسىرنىڭ قىزى! لېكىن سەن ئۆزۈڭگە نۇرغۇن دورىلارنى ئالساڭمۇ بىكار؛ سەن ئۈچۈن ھېچ شىپالىق يوقتۇر! 12 ئەللەر خىجالىتىڭ توغرۇلۇق ئاڭلايدۇ، سېنىڭ پەريادلىرىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە پۇر كېتىدۇ؛ پالۋان پالۋانغا پۇتلىشىدۇ، ئىككىسى تەڭ مەغلۇپ بولۇپ يىقىلىدۇ!
 
نېبوقادنەسارنىڭ مىسىر زېمىنىغا بېسىپ كىرىشى توغرۇلۇق بېشارەت
13 پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ مىسىر زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى توغرۇلۇق يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزى: ــ
14 مىسىردا جاكارلا، مىگدولدا ئېلان قىل، نوفتا ۋە تاھپانەستىمۇ ئېلان قىل: چىڭ تۇر، جەڭگە بەل باغلا؛ چۈنكى قىلىچ ئەتراپىڭدىكىلەرنى يۇتۇۋاتىدۇ؛ 15 سېنىڭ باتۇرلىرىڭ نېمىشقا سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ؟ ئۇلار چىڭ تۇرالمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى سەپتىن ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىدۇ. 16 ئۇ ئۇلاردىن كۆپلىرىنى پۇتلاشتۇرىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار قاچقاندا بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «بولە، تۇرايلى، زومىگەرنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ ئۆز خەلقىمىزگە ۋە ئانا يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتەيلى!» ــ دەيدۇ؛ 17 شۇ يەرگە قايتقاندا ئۇلار: «مىسىر پادىشاھى پىرەۋن پەقەت بىر قىيقاس-سۈرەن، خالاس! ئۇ پەيتنى بىلمەي ئۆتكۈزىۋەتتى!» ــ دەيدۇ. 18 ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ پادىشاھ، نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ تاغلار ئارىسىدا تابور تېغى بولغاندەك، كارمەل تېغى دېڭىز بويىدا ئاسمانغا تاقىشىپ تۇرغاندەك بىرسى كېلىدۇ. 19 ئەمدى سەن، ئى مىسىردا تۇرۇۋاتقان قىز، سۈرگۈن بولۇشقا لايىق يۈك-تاقلارنى تەييارلاپ قوي؛ چۈنكى نوف خارابە بولۇپ كۆيدۈرۈلىدۇ، ھېچ ئادەمزاتسىز بولىدۇ.
20 مىسىر بولسا چىرايلىق بىر ئىنەكتۇر؛ لېكىن ئۇنى نىشان قىلغان بىر كۆكۈيۈن كېلىۋاتىدۇ، شىمالدىن كېلىۋاتىدۇ! 21 ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ياللانما لەشكەرلەر بولسا بورداق تورپاقلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلارمۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىرلىكتە قېچىشىدۇ؛ ئۇلار چىڭ تۇرۇۋالمايدۇ؛ چۈنكى كۈلپەتلىك كۈن، يەنى جازالىنىش كۈنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. 22  مىسىرنىڭ ئاۋازى يىلاننىڭكىدەك «كۈش-كۈش» قىلىپ ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى دۈشمەن قوشۇنلىرى بىلەن ئاتلىنىپ، ئوتۇن كەسكۈچىلەردەك ئۇنىڭغا قارشى پالتىلارنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. 23 ئورمانلىقى قويۇقلۇقىدىن كىرگۈسىز بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنى كېسىپ يىقىتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى كەسكۈچىلەر چېكەتكە توپىدىن كۆپ، سان-ساناقسىز بولىدۇ. 24 مىسىرنىڭ قىزى خىجالەتتە قالدۇرۇلىدۇ؛ ئۇ شىمالىي ئەلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
25 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن نو شەھىرىدىكى بۇت ئاموننى، پىرەۋننى، شۇنداقلا مىسىر ۋە ئۇنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن پادىشاھلىرىنى جازالايمەن؛ بەرھەق، پىرەۋن ۋە ئۇنىڭغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛ 26 مەن ئۇلارنى ئۇلارنىڭ جېنىنى ئىزدىگۈچىلەر، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ھەم خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. بىراق كېيىن، مىسىر قەدىمكى زامانلاردەك قايتىدىن ئاھالىلىك بولىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
ئىسرائىل ئۈچۈن ئۈمىد
27 لېكىن سەن، ئى قۇلۇم ياقۇپ، قورقما، ئالاقزادە بولما، ئى ئىسرائىل؛ چۈنكى مانا، مەن سېنى يىراق يۇرتتىن، نەسلىڭنى سۈرگۈن بولغان زېمىندىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ قايتىپ، خاتىرجەملىك ۋە ئارامبەخشتە تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ. 28 قورقما، ئى قۇلۇم ياقۇپ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ مەن سېنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگەشتۈرسەممۇ، لېكىن سېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن؛ پەقەت ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ تەربىيە-ساۋاق بېرىمەن؛ سېنى جازالىماي قويمايمەن.
 
 
46:2 «مىسىر توغرۇلۇق: ئەفرات دەرياسى بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، پىرەۋن-نەقونىڭ قوشۇنى توغرۇلۇق (بۇ قوشۇننى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى بىتچىت قىلغان): ــ ....» ــ مىسىر توغرۇلۇق بۇ بېشارەت پىرەۋننىڭ قوشۇنى بىتچىت قىلىنىشتىن ئىلگىرى بېرىلگەن، مۇشۇ يەردە كېيىنكى ۋاقىتتا خاتىرىلەنگەن، ئەلۋەتتە. ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە ئەرزىيدۇكى، «يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى» يەھۇدانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەم يەرەمىيانىڭ بېشارەتلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم يىل بولغان. شۇ يىل ئوتتۇرا شەرقتىكى «كۈچ تەڭپۇڭلۇقى» بابىلنىڭ پادىشاھى نېبوقادنەسارغا ئۆتكەن. 46:4 يەر. 51‏:11 46:7 «سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسى كەلكۈن كەبى كۆتۈرۈلگەندەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن كىمدۇر!؟ » ــ ھەر يىل نىل دەرياسىغا كەلكۈندەك ئۇلۇغ سۇ كېلىدۇ. بۇ سۇ مىسىرنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى بېسىپ سۇغىرىدۇ، مىسىرنىڭ زېمىنىنى باقىدۇ، دېسەكمۇ بولىدۇ. 46:9 «ئېفىئوپىيە».. «لىۋىيە»... «لىدىيە» ــ «ئېفىئوپىيە» ئىبرانىي تىلىدا «كۇش» دېيىلىدۇ، «لىۋىيە» («لىبيا») ئىبرانىي تىلىدا «پۇت» دېيىلىدۇ، «لىدىيە» (ھازىرقى تۈركىيەدە) ئىبرانىي تىلىدا «لۇد» دېيىلىدۇ. بۇ يەرلەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى «ياللانما لەشكەرلەر» ئىدى. 46:9 يەش. 66‏:19 46:10 «(پەرۋەردىگار) ئۆز ياۋلىرىدىن قىساس ئالىدىغان كۈنى» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، بېشارەتتىكى «قىساس»، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە سادىق بولغان پادىشاھ يوسىيانى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 609-يىلى) ئۆلتۈرۈۋەتكەن پىرەۋن-نەكو ئۈستىدىن ئالغان بىر قىساسنى كۆرسىتىدۇ («2پاد.» 29:23 ۋە 33-35نى كۆرۈڭ). ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» ئادەتتە ئاخىرقى زاماندىكى قىيامەت كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بېشارەتنىڭ شۇ كۈنى توغرۇلۇق مەلۇماتلىرى بار بولۇشىمۇ مۇمكىن. 46:11 يەر. 8‏:22 46:14 «مىسىردا ... مىگدول... نوف ... تاھپانەس...» ــ بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى مىسىردا، ئەلۋەتتە. «چىڭ تۇر، جەڭگە بەل باغلا؛ چۈنكى قىلىچ ئەتراپىڭدىكىلەرنى يۇتۇۋاتىدۇ» ــ بېشارەت بېرىلگەن ۋاقتى بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىركى 604-يىلى بولۇشى مۇمكىن. شۇ چاغدا نېبوقادنەسار فىلىستىيەنى ئىشغال قىلىپ مىسىرنىڭ چېگرىسىدا تاجاۋۇز قىلىشقا تەييار تۇراتتى. مىلادىيەدىن ئىلگىركى 568-يىلى نېبوقادنەسار مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان؛ بۇ ۋەقەدىن ئىلگىرى باشقا بىر تاجاۋۇزلۇق بار-يوقلۇقى توغرۇلۇق تېخى خەۋەرىمىز يوق. 46:16 «بولە، تۇرايلى، زومىگەرنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ ئۆز خەلقىمىزگە ۋە ئانا يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتەيلى!» ــ بۇ سۆزلەرنى بەلكىم مىسىر قوشۇنىدىكى چەتئەل «ياللانما لەشكەرلەر»ى ئېيتىدۇ (21نى كۆرۈڭ). 46:18 «تابور» ۋە «كارمەل» ــ تاغلىرى بەك ئېگىز بولمىسىمۇ، ئۇلار ئەتراپىدىكى يەرلەرگە قارىغاندا كۆككە تاقاشقاندەك كۆرۈنىدۇ. مەنىسى نېبوقادنەسار قوشۇنى بىلەن بېسىپ كىرگەندە، ئۇلار باشقا پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىدىن زور دەرىجىدە كۈچلۈك كۆرۈنىدۇ. 46:20 «كۆكۈيۈن» ــ مال-ۋارانلارنى چاقىدىغان بىرخىل چىۋىن. بۇ دەھشەتلىك كۆكۈيۈن «چىرايلىق ئىنەك» بولغان مىسىر ۋە بارلىق «تورپاقلىرى»نى (21-ئايەت) تارمار قىلىپ ھەيدەيدۇ! مىسىرلىقلار چوقۇنغان بۇت «بۇقا ئىلاھى» (ئافىس) بولغاچقا، مۇشۇ «ئىنەك» ۋە «تورپاقلار»غا نىسبەتەن 20-21-ئايەتلەر ئىنتايىن كىنايىلىك، ھەجۋىي سۆزلەردۇر. 46:21 «ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ياللانما لەشكەرلەر بولسا بورداق تورپاقلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلارمۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىرلىكتە قېچىشىدۇ؛ ئۇلار چىڭ تۇرۇۋالمايدۇ» ــ ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى كۆكۈيۈنلەر ئىنتايىن زەھەرلىك، ۋەھشىي بولۇپ، ئىنەك-تورپاقلارنى سەۋدايى، تەلۋە قىلىپ، ئۇيان-بۇيان يۈگۈرتۈپ چېچىۋېتىدۇ. «جازالىنىش كۈنى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلىنىش كۈنى». 46:22 «مىسىرنىڭ ئاۋازى يىلاننىڭكىدەك «كۈش-كۈش» قىلىپ ئاڭلىنىدۇ» ــ مەنىسى بەلكىم مىسىر قورقۇنچتىن چېكىنگەن ئامالسىز قالغان يىلاندەك، ئۇنىڭغا پەقەت «كۈش-كۈش» قىلىپ خاپالىقىنى بىلدۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ. 46:23 «ئورمانلىقى قويۇقلۇقىدىن كىرگۈسىز بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنى كېسىپ يىقىتىدۇ» ــ مىسىردا دەرەخلەر ئاز بولىدۇ؛ شۇڭا بۇ سېلىشتۇرما-ئوخشىتىش بولۇشى كېرەك، بەلكىم «ئورمان» نۇرغۇنلىغان خەلق ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ. 46:25 «مانا، مەن نو شەھىرىدىكى بۇت ئاموننى، پىرەۋننى، شۇنداقلا مىسىر ۋە ئۇنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن پادىشاھلىرىنى جازالايمەن» ــ خۇدا «ئامون» دېگەن بۇت ۋە «مىسىرنىڭ ئىلاھلىرى»نى قانداق جازالايدۇ؟ ھېچ بولمىغاندا، بۇ سۆز خۇدانىڭ مۇشۇ بۇتلارنىڭ «نام-ئابرۇي»لىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېما توغرۇلۇق «مىسىردىن چىقىش»تىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 46:27 يەش. 41‏:13؛ 43‏:5؛ 44‏:1؛ يەر. 30‏:10 46:28 يەر. 10‏:24؛ 30‏:11