47
«2» فىلىستىيە توغرۇلۇق بېشارەت
پىرەۋن گازا شەھىرىگە زەربە بېرىشتىن ئىلگىرى، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن، پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيلەر توغرىسىدىكى سۆزى: ــ
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، شىمالدىن دولقۇنلۇق سۇلار ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار تېشىپ بىر كەلكۈن بولىدۇ؛ ئۇ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنىڭ ئۈستىدىن، شەھەر ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىدىن تاشقىن بولۇپ باسىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار ئازابتىن نالە-زار قىلىدۇ؛
تولپارلىرىنىڭ تۇياقلىرىنىڭ تاراقشىشلىرىنى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرىنى، چاقلىرىنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىنى ئاڭلاپ، ئاتىلار ئۆز بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ قوللىرى بوشاپ، ئارقىغىمۇ قارىمايدۇ. چۈنكى بارلىق فىلىستىيلەرنى نابۇت قىلىدىغان كۈن، ھەم تۇر ۋە زىدوننى ئۇلارغا ياردەمدە بولغۇدەك بارلىق قالغان ئادەملەردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنى، يەنى كرېت ئارىلىدىن چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ قالدۇقىنى نابۇت قىلىدۇ.    گازانىڭ ئۈستى تاقىرلىق بولىدۇ؛ ئاشكېلون شەھىرىدىكىلەر داڭ قېتىپ قالىدۇ؛ قاچانغىچە ئەتلىرىڭلارنى تىلىسىلەر، ئى فىلىستىيە كۈچلىرىدىن ئامان قالغانلار؟
  
ئاپلا، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، سەن قاچانغىچە تىنمايسەن؟ ئۆز قىنىڭغا قايتقىن، ئارام ئېلىپ تىنچلانغىن!
لېكىن ئۇ قانداقمۇ توختىيالىسۇن؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پەرمان چۈشۈرگەن؛ ئاشكېلون شەھىرىگە ھەم دېڭىز بويىدىكىلەرگە زەرب قىلىشقا ئۇنى بېكىتكەندۇر!
 
 
47:1 «گازا» ــ فىلىستىيەنىڭ بەش چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى. بېشارەت (1-7) بېرىلگەن ۋاقىت بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 609-يىلى ئىدى. شۇ چاغدا پىرەۋن-نەكو مىسىردىن چىقىپ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە ئىتتىپاقداش بولۇپ بابىلغا قارشى چىققان. بۇ بېشارەتتىكى «زەربە» بەلكىم پىرەۋن شىمالغا قاراپ يۈرۈش قىلغان، فىلىستىيەنىڭ تېررىتورىيەسىدىن ئۆتۈپ بولغان ۋاقتىدا قىلىنغان. 47:2 «شىمالدىن دولقۇنلۇق سۇلار ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار تېشىپ بىر كەلكۈن بولىدۇ» ــ دېمىسەكمۇ، مۇقەددەس كىتابتا «كەلكۈن» زېمىننى بېسىپ كىرگەن زور قوشۇنغا ئوخشىتىلىدۇ. مۇشۇ «سۇلار» ئاۋۋال پىرەۋننىڭ قوشۇنى بولغان بولۇشى مۇمكىن، كەينىدىكى «كەلكۈن» پىرەۋننىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلغان بابىللىقلاردىن ئىبارەت. «شەھەر» بولسا بەلكىم يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. يېرۇسالېم بابىل تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغاندا فىلىستىيەمۇ قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىنىپ تاجاۋۇز قىلىنغان. 47:3 يەش. 5‏:28؛ يەر. 4‏:13؛ 6‏:23 47:4 «پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنى، يەنى كرېت ئارىلىدىن چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ قالدۇقىنى نابۇت قىلىدۇ» ــ فىلىستىيلەر ئەسلىدە كرېت (ئىبرانىي تىلىدا «كافتور») ئارىلىدىن چىققانىدى. ئۇلار تۇردىكىلەر ھەم زىدوندىكىلەرگە «تۇغقان قەبىلىلەر» (فۆنىكىيىلىكلەر) بولغاچقا، تۇر ۋە زىدون ئاۋارىگە ئۇچرىغان بولسا، فىلىستىيلەر ئۇلارغا ياردەمگە چىققان بولاتتى. لېكىن فىلىستىيلەر نابۇت بولغان بولسا، «ئۇلارغا ياردەمدە بولغۇدەك ... ئادەملار» بولمايتتى. 47:4 يەر. 25‏:22 47:5 «گازانىڭ ئۈستى تاقىرلىق بولىدۇ» ــ بەزى ئالىملار بۇنى «گازادىكىلەر قايغۇرۇپ چاچلىرىنى چۈشۈرىدۇ» دېگەن مەنىدە دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە بىرىنچى مەنىسى شەھەر خارابىلىك بولۇپ «تاقىر يەر» بولىدۇ. بۇ سۆز ئىككى بىسلىق بولۇپ ئىككىنچى مەنىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن. «داڭ قېتىپ قالىدۇ»نىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «تۈگىشىدۇ». «فىلىستىيەنىڭ كۈچلىرىدىن ئامان قالغانلار» ــ بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «فىلىستىيە جىلغىسىدا قالغانلار». «قاچانغىچە ئەتلىرىڭلارنى تىلىسىلەر» ــ «ئەتلىرىنى تىلىش» قاتتىق قايغۇنى بىلدۈرەتتى. بۇ ئادەت تەۋراتتا مەنئى قىلىنغان. 47:5 قان. 14‏:1؛ يەر. 16‏:6؛ 25‏:20