10
تالاق توغرىسىدىكى تەلىم
مات. 19‏:1-12
ئۇ ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسى تەرەپلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغىمۇ باردى. توپ-توپ ئادەملەر يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇ ئادىتى بويىچە ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:
ــ بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ ــ دېدى. ئۇلار: ــ مۇسا پەيغەمبەر كىشىنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، ــ دېيىشتى.
  
ئەيسا ئۇلارغا:
ــ تاش يۈرەكلىكىڭلاردىن ئۇ سىلەرگە بۇ ئەمرنى پۈتكەن؛ لېكىن خۇدا ئالەم ئاپىرىدە بولغىنىدا ئىنسانلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». «شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىلىسى بىر تەن بولىدۇ». شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ.   شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، ــ دېدى.
10 ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىدى. 11 ئۇ ئۇلارغا:
ــ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى ئايالىغا گۇناھ قىلىپ زىنا قىلغان بولىدۇ. 12 ئېرىنى قويۇۋېتىپ، باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، ــ دېدى.
 
ئەيسانىڭ كىچىك بالىلارغا بەخت تىلىشى
مات. 19‏:13-15؛ لۇقا 18‏:15-17
13 قولۇڭنى تەگكۈزگەيسەن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى. 14 بۇنى كۆرگەن ئەيسا ئاچچىقلىنىپ، مۇخلىسلىرىغا:
بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر.    15 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى. 16 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى.  
 
پۇلدارلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلەمدۇ؟
مات. 19‏:16-30؛ لۇقا 18‏:18-30
17 ئۇ يولغا چىققاندا، بىرسى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭدىن:
ــ ئى ياخشى ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراسلىق قىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى.
18 لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسەن؟ پەقەت بىرىدىن، يەنى خۇدادىن باشقا ھېچكىم ياخشى ئەمەستۇر. 19 سەن تەۋراتتىكى «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، خىيانەت قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرھىز-پەرزلەرنى بىلىسەن، ــ دېدى.  
20 ئۇ ئادەم جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ــ دېدى.
21 ئەيسانىڭ ئۇنىڭغا قاراپ مۇھەببىتى قوزغالدى ۋە ئۇنىڭغا:
ــ سەندە يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭنى سېتىپ، پۇلىنى يوقسۇللارغا بەرگىن ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ؛ ئاندىن كېلىپ كرېستنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.

  
22 لېكىن مۇشۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، قايغۇغا چۆمۈپ ئۇ يەردىن كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
23 ئاندىن ئەيسا چۆرىسىگە سەپسېلىپ قاراپ، مۇخلىسلىرىغا:
ــ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەسلىكتە بولىدۇ-ھە! ــ دېدى.
24 مۇخلىسلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى، لېكىن ئەيسا ئۇلارغا يەنە جاۋابەن:
ــ بالىلىرىم، مال-مۈلۈككە تايانغانلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە! 25 تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى.
26 ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بەك ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن:
ئۇنداقتا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 27 ئەيسا ئۇلارغا قاراپ:
ــ بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇدا ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، ــ دېدى.  
28 بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭغا:
ــ مانا، بىز بولساق، ھەممىنى تاشلاپ ساڭا ئەگەشتۇق!؟ ــ دېگىلى تۇردى.
29 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆيى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ئاتىسى، ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى 30 بۇ زاماندا بۇلارنىڭ يۈز ھەسسىسىگە، يەنى ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالىلار ۋە يەر-زېمىنلارغا (زىيانكەشلىكلەر قوشۇلغان ھالدا) مۇيەسسەر بولماي قالمايدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. 31 لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ.
 
ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىشى
مات. 20‏:17-19؛ لۇقا 18‏:31-34
32 ئۇلار يېرۇسالېمغا چىقىدىغان يولدا ئىدى، ئەيسا ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. مۇخلىسلىرى بەك ھەيران ئىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ئەيسا ئون ئىككەيلەننى يەنە ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئۇلارغا ئۆز بېشىغا چۈشىدىغانلىرىنى ئۇقتۇرۇشقا باشلاپ:  
33 ــ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ۋە يات ئەللىكلەرگە تاپشۇرىدۇ. 34 ئۇلار بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى.
 
ياقۇپ بىلەن يۇھاننانىڭ تەلىپى
مات. 20‏:20-28
35 زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ ئۇستاز، سەندىن نېمە تىلىسەك ئورۇنداپ بەرسەڭ، دەپ ئۆتۈنىمىز، ــ دېيىشتى.
36 ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دېدى.
37 ــ سەن شان-شەرىپىڭدە بولغىنىڭدا، بىرىمىزنى ئوڭ يېنىڭدا، بىرىمىزنى سول يېنىڭدا ئولتۇرغۇزغايسەن، ــ دېيىشتى ئۇلار.
38 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر. مەن ئىچىدىغان قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟ مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟  
39 ــ قىلالايمىز، ــ دېيىشتى ئۇلار.
ئەيسا ئۇلارغا:
ــ دەرۋەقە، مەن ئىچىدىغان قەدەھىمنى سىلەرمۇ ئىچىسىلەر ۋە مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر. 40 بىراق ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشقا نېسىپ بولۇش مېنىڭ ئىلىكىمدە ئەمەس؛ بەلكى كىملەرگە تەييارلانغان بولسا، شۇلارغا بېرىلىدۇ، ــ دېدى.
41 بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان قالغان ئون مۇخلىس ياقۇپ بىلەن يۇھاننادىن خاپا بولۇشقا باشلىدى. 42 لېكىن ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى:
ــ سىلەرگە مەلۇمكى، يات ئەللەر ئۈستىدىكى ھۆكۈمران دەپ ھېسابلانغانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ.    43 بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمايدۇ؛ بەلكى سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛ 44 ۋە كىم ئاراڭلاردا بىرىنچى بولۇشنى ئىستىسە، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن. 45 چۈنكى ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە چىقىراي دەپ كەلدى.  
 
قارىغۇ بارتىماينىڭ كۆزىنىڭ ساقايتىلىشى
مات. 20‏:29-34؛ لۇقا 18‏:35-43
46 ئۇلار يېرىخو شەھىرىگە كەلدى. ئەيسا مۇخلىسلىرى ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە يېرىخودىن چىققان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى.    47 ئۇ «ناسارەتلىك ئەيسا»نىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ:
ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ توۋلاشقا باشلىدى.
48 نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى «ئۈن چىقارما» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن ئۇ:
ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن، ــ دەپ تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلىدى.
49 ئەيسا توختاپ:
ئۇنى چاقىرىڭلار، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قارىغۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا:
ــ يۈرەكلىك بول! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! ــ دېيىشتى. 50 ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى.
51 ئەيسا جاۋابەن ئۇنىڭدىن:
ــ سەن مېنى نېمە قىل دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
قارىغۇ:
ــ ئى ئىگەم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! ــ دېدى.
52 ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ يولۇڭغا قايتساڭ بولىدۇ، ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، ــ دېۋىدى، ئۇ شۇئان كۆرەلەيدىغان بولدى ۋە يول بويى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.
 
 
10:1 مات. 19‏:1. 10:2 «قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە» ــ ئەسلىدە يەھيا پەيغەمبەر ھېرود پادىشاھقا «تالاق قىلساڭ بولمايدۇ» دەپ تەنبىھ بېرىپ، ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى. شۈبھىسىزكى، پەرسىيلەرنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ بىرى: ــ ئەيسامۇ «تالاق قىلىشقا بولمايدۇ» دېسە، ھېرود پادىشاھ ئۇنى يەھياغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. 10:4 «مۇسا پەيغەمبەر كىشىنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان» ــ مۇشۇ ئەمرنىڭ توغرىسى «قان.» 1:24دە تېپىلىدۇ. يەنە «قويۇپ بېرىش» («تالاق قىلىش») توغرىسىدىكى بىر يەكۈن ئۈچۈن «1كور.»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ (7-باب توغرۇلۇق) كۆرۈڭ. 10:4 قان. 24‏:1، 3؛ يەر. 3‏:1؛ مات. 5‏:31. 10:6 يار. 1‏:27، 2‏:24، 5‏:2؛ مات. 19‏:4. 10:7 يار. 2‏:24؛ 1كور. 6‏:16؛ ئ‍ەف. 5‏:31. 10:8 «شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىلىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ «يار.» 24:2. 10:8 يار. 2‏:24 10:9 1كور. 7‏:10. 10:11 مات. 5‏:32؛ 19‏:9؛ لۇقا 16‏:18؛ 1كور. 7‏:10. 10:12 «ئايال ..ئېرىنى قويۇۋېتىپ... » ــ يەھۇدىي جەمئىيىتىدە بۇ ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. لېكىن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا دائىم يۈر بېرەتتى. شۇڭا شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ مۇشۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنى يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە «قويۇپ بېرىش» («تالاق قىلىش») توغرىسىدىكى بىر يەكۈن ئۈچۈن «1كور.»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ (7-باب توغرۇلۇق) كۆرۈڭ. 10:13 مات. 19‏:13؛ لۇقا 18‏:15. 10:14 «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر» ــ ياكى «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلاردىن تەركىب تاپقاندۇر». 10:14 مات. 18‏:3؛ 19‏:14؛ 1كور. 14‏:20؛ 1پېت. 2‏:2. 10:16 «شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى» ــ بۇ ئايەتتىكى گرېك تىلىغا قارىغاندا، مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇ بىر-بىرلەپ قۇچاقلاپ، بالىلارغا ئايرىم-ئايرىم بەخت تىلىدى. 10:16 مات. 19‏:15؛ مار. 9‏:36. 10:17 مات. 19‏:16؛ لۇقا 18‏:18. 10:19 «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، خىيانەت قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ــ مۇشۇ ئەمرلەر «مىس.» 12:20-16، «قان.» 16:5-20 ۋە 14:24دە تېپىلىدۇ. 10:19 مىس. 20‏:12-16؛ 21‏:12؛ قان. 5‏:16-20؛ قان. 24‏:14؛ رىم. 13‏:9. 10:21 «...ئاندىن كېلىپ كرېستنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشكىن!» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ يەردە «كرېست كۆتۈرۈپ» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ. «كرېست كۆتۈرۈش» دېگەن ئۇقۇم توغرىسىدا «مات.» 38:10دىكى ئىزاھات ۋە باشقا ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. «ئەيسانىڭ ئۇنىڭغا قاراپ مۇھەببىتى قوزغالدى» دېگەن سۆزىگە قارىغاندا، مۇمكىنچىلىكى باركى، مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئىزدىگەن ياش باي يىگىت دەل ماركۇسنىڭ ئۆزى ئىدى. بۇ يىگىت ماركۇس بولمىسا، «ئەيسانىڭ مۇھەببىتى» توغرۇلۇق قانداقمۇ خەۋەر تاپالايدۇ؟ 10:21 مات. 6‏:19؛ لۇقا 12‏:33؛ 1تىم. 6‏:17. 10:23 پەند. 11‏:28؛ مات. 19‏:23؛ لۇقا 18‏:24. 10:24 «مال-مۈلۈككە تايانغانلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە!» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ يەردە «مال-مۈلۈكلەرگە تايانغانلار ئۈچۈن» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ. 10:27 «چۈنكى خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ» ــ گرېك تىلىدا: «چۈنكى خۇدا بىلەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ». 10:27 ئايۇپ 42‏:2؛ يەر. 32‏:17؛ زەك. 8‏:6؛ لۇقا 1‏:37. 10:28 مات. 4‏:20؛ 19‏:27؛ لۇقا 5‏:11؛ 18‏:28. 10:31 مات. 19‏:30؛ 20‏:16؛ لۇقا 13‏:30. 10:32 «مۇخلىسلىرى» ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «ئۇلار» بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ. «مۇخلىسلىرى بەك ھەيران ئىدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى» ــ ئۇلارنىڭ ھەيران قېلىش ياكى قورقۇنچتا بولۇشنىڭ سەۋەبى: (1) ئۇ ئادەتتىكىدەك ئۇلار بىلەن بىللە ماڭماي، بەلكىم نامەلۇم سەۋەبتىن ئالدىدا يالغۇز ماڭاتتى؛ (2) ئۇ خەتەر يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان شۇ شەھەرگە ئالدىراپ كېتىۋاتىدۇ. 10:32 مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:18؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:31؛ 24‏:7. 10:34 «ئۇلار بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ...» ــ رىم ئىمپېرىيەسىدە جازا قامچىلىرى بىرنەچچە تاسمىلىق بولۇپ، ھەربىر تاسمىغا قوغۇشۇن ۋە ئۇستىخان پارچىلىرى باغلانغان بولىدۇ. قامچىلىغان ۋاقتىدا جازالانغۇچى يالىڭاچلىنىپ، يەرگە تىزلاندۇرۇلۇپ، ئىككى يېنىدا تۇرغان لەشكەر ئۇنى قامچىلايتتى. جازالانغۇچى بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا مۇشۇ قامچىلاشتىن ئۆلەتتى. 10:35 مات. 20‏:20. 10:38 «مەن ئىچىدىغان قەدەھنى ئىچەلەمسىلەر؟» ــ بۇ ئايەتتىكى «قەدەھ» دېگەن سۆز، ئەيسانىڭ تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە كرېستتىكى ئۆلۈمىنى كۆزدە تۇتىدۇ. «مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟» ــ مەسىھ كۆرسەتكەن بۇ «چۆمۈلدۈرۈش» شۈبھىسىزكى، ئۆز ئۆلۈمىدۇر. «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يازغان «چۆمۈلدۈرۈش» توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ. 10:38 مات. 20‏:22؛ لۇقا 12‏:49،50. 10:40 مات. 25‏:34. 10:41 مات. 20‏:24. 10:42 «يات ئەللەر ئۈستىدىكى ھۆكۈمران دەپ ھېسابلانغانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ۋە ھوقۇقدارلىرى ئۇلارنى خوجايىنلارچە ئىدارە قىلىدۇ» ــ «يات ئەللەر» مۇشۇ سۆز ئادەتتە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردە ئېتىقادسىز، خۇدانى تونۇمايدىغان دۇنيادىكى ئەللەرنى تەكىتلەيدۇ. 10:42 مات. 20‏:25؛ لۇقا 22‏:25. 10:43 1پېت. 5‏:3. 10:45 «ئىنسانئوغلىمۇ... جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە چىقىراي دەپ كەلدى» ــ نېمىدىن «ئازاد قىلىش» ــ گۇناھتىن ئازاد قىلىشتۇر. 10:45 يـۇھ. 13‏:14؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ فىل. 2‏:7؛ كول. 1‏:14؛ 1تىم. 2‏:6؛ تىت. 2‏:14. 10:46 «تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى» ــ «قارىغۇ» گرېك تىلىدا «ھېلىقى قارىغۇ» دېيىلىدۇ ــ دېمەك، بارتىماي جامائەتلەر ئىچىدە كۆپ ئادەملەرگە تونۇش ئىدى. 10:46 مات. 20‏:29؛ لۇقا 18‏:35. 10:47 «ى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا...!» ــ تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىك يازمىلىرى بويىچە مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭا «داۋۇتنىڭ ئوغلى» مەسىھنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ئىدى. 10:51 «ئى ئىگەم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى!» ــ «ئىگەم» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا ئىنتايىن چوڭقۇر ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدىغان «راببونى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 10:52 مات. 9‏:22؛ مار. 5‏:34.