11
ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا تەنتەنىلىك كىرىشى
مات. 21‏:1-11؛ لۇقا 19‏:28-40؛ يـۇھ. 12‏:12-19
1‏-2 ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئۇ ئىككى مۇخلىسىغا ئالدىن ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا:
ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرىپلا، ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار.   ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى ۋە ئۇ ھېلىلا ئۇنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ» ــ دەڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى.
ئۇلار كېتىپ ئاچا يول ئۈستىدىكى ئۆينىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا باغلاغلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى. ئۇلار تانىنى يەشتى. ئۇ يەردە تۇرغانلاردىن بەزىلەر:
ــ تەخەينى يېشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ــ دېيىشتى. مۇخلىسلار ئەيسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاۋاب بەردى، ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا يول قويدى. مۇخلىسلار تەخەينى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە ئۆز يېپىنچا-چاپانلىرىنى تاشلىدى؛ ئۇ ئۈستىگە مىندى. ئەمدى نۇرغۇن كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ باشقىلىرى دەرەخلەردىن شاخ-شۇمبىلارنى كېسىپ يولغا يايدى. ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر:
«ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! 10 ئاتىمىز داۋۇتنىڭ كېلىدىغان پادىشاھلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.
11 ئۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى؛ ۋە ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا، ئون ئىككەيلەن بىلەن بىللە يەنە بەيت-ئانىياغا چىقتى.  
 
مېۋىسىز ئەنجۈر دەرىخىنىڭ لەنەتكە قېلىشى
مات. 21‏:18-19
12 ئەتىسى، ئۇلار بەيت-ئانىيادىن چىققاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. 13 يىراقتىكى يوپۇرماقلىق بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن بىرەر مېۋە تاپالارمەنمىكىن دەپ يېنىغا باردى؛ لېكىن تۈۋىگە كەلگەندە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدى. چۈنكى بۇ ئەنجۈر پىشىدىغان پەسىل ئەمەس ئىدى.
14 ئۇ دەرەخكە سۆز قىلىپ:
ــ بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ھېچكىم سەندىن مېۋە يېمىگەي! ــ دېدى. مۇخلىسلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى.
 
ئەيسانىڭ ئىبادەتخانىنى تەرتىپكە سېلىشى
مات. 21‏:12-17؛ لۇقا 19‏:45-48؛ يـۇھ. 2‏:13-22
15 ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى؛    16 ۋە ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق مال-بۇيۇملارنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن كۆتۈرۈپ ئۆتۈشىگە يول قويمىدى. 17 ئۇ خەلققە:
ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم بارلىق ئەللەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار! ــ دەپ تەلىم باشلىدى.  
18 باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى؛ پۈتكۈل خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە تەئەججۇپلىنىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن قورقاتتى.
19 كەچقۇرۇن، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى.
 
ئەنجۈر دەرىخىدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەت
20 ئەتىسى سەھەردە، ئۇلار ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاشتى. 21  دەرەخنىڭ ھالىتىنى ئېسىگە كەلتۈرگەن پېترۇس:
ــ ئۇستاز، قارا، سەن قارغىغان ئەنجۈر دەرىخى قۇرۇپ كېتىپتۇ! ــ دېدى.
22 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ خۇدانىڭ ئىشەنچىدە بولۇڭلار. 23 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، كىمدەكىم بۇ تاغقا: بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە شۇنداقلا قەلبىدە ھېچ گۇمان قىلماي، بەلكى ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بار بولسا، ئۇ ئېيتقان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشىدۇ. 24 شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەربىر نەرسە بولسا، شۇنىڭغا ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تىلىگىنىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.
25 ۋە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە غۇمىڭلار بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. 26 لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.  
 
ئەيسانىڭ ھوقۇقىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشى
مات. 21‏:23-27؛ لۇقا 20‏:1-8
27 ئۇلار يېرۇسالېمغا قايتىدىن كىردى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
28 ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ئىشلارنى قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى.
29 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر سوئال سوراي. سىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن: 30 ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش بولسا، ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ماڭا جاۋاب بەرسەڭلارچۇ!
31 ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ:
ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ.
32 ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك،... بولمايدۇ! ــ دېيىشتى (كۆپچىلىك يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى).
33 بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا:
ــ بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
 
 
11:1‏-2 «ئادەم بالىسىنىڭ تېخى مىنىپ باقمىغان بىر تەخەي» ــ مۇنداق ئۇلاغقا خاتىرجەم مىنىشى ئادەتتە مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. 11:1‏-2 مات. 21‏:1؛ لۇقا 19‏:29. 11:3 «ئۇ ھېلىلا ئۇنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇ دەرھال سىلەرگە يېتىلىتىپ قويىدۇ». 11:4 «ئۇلار كېتىپ ئاچا يول ئۈستىدىكى بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا باغلاغلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى» ــ ئادەتتە كوچىلار ئىنتايىن تار بولغاچقا، مال-چارۋىلار كوچىدا باغلاپ قويۇلمايتتى. تەخەينىڭ «ئاچا يول»دا باغلاغلىق بولۇشى خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇنى ئېلىپ مېڭىشى ئوغرىلىقچە ئىش بولمىسۇن دېگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 11:7 2پاد. 9‏:13؛ يـۇھ. 12‏:14. 11:8 «...باشقىلىرى دەرەخلەردىن شاخ-شۇمبىلارنى كېسىپ يولغا يايدى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «باشقىلىرى ئېتىزلاردىن كەسكەن شاخ-شۇمبىلارنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى» دەپ ئوقۇلىدۇ. 11:9 زەب. 118‏:26. 11:10 «ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئاتىمىز داۋۇتنىڭ كېلىدىغان پادىشاھلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 25:118-26دىكى بېشارەتتىن ئېلىنغان. «ھوساننا» دېگەن سۆز «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار» دېگەن مەنىدە. ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندە مەنىسى «خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە»مۇ بولۇپ قالغانىدى. «زەبۇر» 118-كۈيىدىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «مۇبارەك» دېگەن سۆزنىڭ «بەخت-بەرىكەت كۆرسۇن!» ياكى «بەخت-بەرىكەتلىك بولسۇن!» دېگەن تۈپ مەنىسى بار. 11:11 «ئۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى» ــ يېرۇسالېمدىكى بۇ چوڭ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق «تەبىرلەر» ۋە «ھاگاي»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 11:11 مات. 21‏:12،14؛ لۇقا 19‏:45؛ يـۇھ. 2‏:14. 11:12 مات. 21‏:18. 11:13 «يىراقتىكى يوپۇرماقلىق بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن بىرەر مېۋە تاپالارمەنمىكىن دەپ يېنىغا باردى» ــ قانائان (پەلەستىن)دىكى ئەنجۈر دەرەخلىرىدە يوپۇرماق بولسا، مېۋىمۇ بولۇشى كېرەك. بۇ ئۆنجۈر دەرىخىدە كۆرۈنگەن كارامەت مۆجىزە روھىي بىر ھەقىقەتنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. 11:15 «ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ...» ــ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق: ئەينى چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى (سىناگوگلار) بولۇپ، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان جايى ئىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، پەقەت يېرۇسالېمدىكى بۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلسا توغرا بولاتتى. «ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى» ــ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سېتىلغان ھايۋان ۋە ئۇچار-قاناتلار خەلقنىڭ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. ئىبادەتخانىغا سەدىقە بەرگۈچىلەر پۇلىنى يەرلىك پۇلغا تېگىشكەندىن كېيىن بېرىشى كېرەك ئىدى. 11:15 مال.3‏:1-5؛ مات. 21‏:12؛ لۇقا 19‏:45؛ يـۇھ. 2‏:14. 11:17 ««مېنىڭ ئۆيۈم بارلىق ئەللەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ»... سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار!» ــ «يەش.» 7:56 ۋە «يەر.» 11:7نى كۆرۈڭ. ئەيسانىڭ «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» دېگەن سۆزى ئىككى بىسلىق بولۇپ، بىر تەرەپتىن باش كاھىنلارنىڭ سودىگەرلەرگە قۇربانلىقلارنى سېتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بۇ كاھىنلارنىڭ خەلقنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ئاڭلاش پۇرسىتىنى بۇلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈدىغان ھەر تۈرلۈك قائىدە-يوسۇنلارنى ئۇلارنىڭ بوينىغا ئارتىپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 11:17 1پاد. 8‏:29؛ يەش. 56‏:7؛ يەر. 7‏:11؛ مات. 21‏:13؛ لۇقا 19‏:46. 11:18 يەش.49‏:7؛ مات.21‏:46. 11:19 «كەچقۇرۇن، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى» ــ گرېك تىلىدا «كەچقۇرۇن، ئۇلار شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كەچقۇرۇنلىرى، ئەيسا بىلەن مۇخلىسلىرى شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەتتى». ئىشلار دەرۋەقە ھەر كۈنى شۇنداق بولاتتى. 11:20 «دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەن ...» ــ بۇ كارامەت مۆجىزە روھىي بىر ھەقىقەتنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. 11:21 «ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا «راببى». 11:22 «خۇدانىڭ ئىشەنچىدە بولۇڭلار» ــ گرېك تىلىدا «خۇدانىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولۇڭلار». 11:23 مات. 17‏:20؛ 21‏:21؛ لۇقا 17‏:6. 11:24 يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 15‏:7؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5، 6؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. 11:25 مات. 6‏:14؛ كول. 3‏:13. 11:26 «لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ 26-ئايەت تېپىلمايدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ئايەت ھەقىقەتتۇر. «مات.» 15:6نى كۆرۈڭ. 11:26 مات. 18‏:35. 11:27 مات. 21‏:23؛ لۇقا 20‏:1. 11:28 مىس. 2‏:14؛ روس. 4‏:7؛ 7‏:27. 11:31 «ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ» ــ مۇشۇ دىنىي ئەربابلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە جاۋابەن: «بىزگە توۋا قىلىش كېرەك ئەمەس» دېگەن ۋە يەھيا «مېنىڭ كەينىمدە كېلىدىغان» دەپ كۆرسەتكەن مەسىھنىڭ كېلىشىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى رەت قىلغانىدى، ئەلۋەتتە. 11:32 مات. 14‏:5؛ مار. 6‏:20.