14
رەهبەرلەرنىڭ سۇيقەست قىلىشى
مات. 26‏:1-5؛ لۇقا 22‏:1-2؛ يـۇھ. 11‏:45-53
«ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى ۋە «پېتىر نان ھېيتى»غا ئىككى كۈن قالغانىدى. باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيتتى.   چۈنكى ئۇلار:
ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشەتتى.
 
ئىخلاسمەن ئايالنىڭ ئەيسانى ئەتىرلىشى
مات. 26‏:6-13؛ يـۇھ. 12‏:1-8
ئەمدى ئۇ بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئاق قاشتېشى شىشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ساپ سۇمبۇل ئەتىرنى كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئايال ئاق قاشتېشى شېشىنى چېقىپ، ئەتىرنى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى.  
لېكىن بەزىلەر بۇنىڭغا خاپا بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە:
ــ بۇ ئەتىر نېمە دەپ شۇنداق ئىسراپ قىلىنىدۇ؟ چۈنكى بۇ ئەتىرنى ئۈچ يۈز دىناردىن ئارتۇق پۇلغا ساتقىلى بولاتتى، پۇلى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىنسا بولمامتى! ــ دېيىشتى. ئۇلار ئايالغا شۇنداق تاپا-تەنە قىلغىلى تۇردى.
لېكىن ئەيسا ئۇلارغا:
ــ ئۇنىڭ ئىختىيارىغا قويۇڭلار، نېمە دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىسىلەر؟ ئۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە ياخشى ئىش قىلدى. چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم ئاراڭلاردا بولىدۇ، خالىغان ۋاقىتىڭلاردا ئۇلارغا خەير-ساخاۋەت كۆرسىتەلەيسىلەر؛ لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ! ئايال چامىنىڭ يېتىشىچە قىلدى؛ ئۇ مېنىڭ بەدىنىمنىڭ دەپنە قىلىنىشىغا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەتىر-ماي قۇيۇپ قويدى. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى.
 
يەھۇدانىڭ ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىشى
مات. 26‏:14-16؛ لۇقا 22‏:3-6
10 شۇ ۋاقىتتا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ئۇنى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا باردى. 11 ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى. يەھۇدا ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەپ يۈرەتتى.
 
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى
مات. 26‏:17-25؛ لۇقا 22‏:7-14، 21-23؛ يـۇھ. 13‏:21-30
12 پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق قوزىسى سويۇلىدىغان كۈنى، مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن:
ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى.  
13 ئۇ مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئالدىن ماڭغۇزۇپ ئۇلارغا:
ــ شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىڭلار. 14 ئۇ ئادەم نەگە كىرسە شۇ ئۆينىڭ ئىگىسىگە: «ئۇستاز: مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا قەيەردە؟ ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» ــ دەڭلار. 15 ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە بىزگە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار، ــ دېدى.
16 مۇخلىسلار يولغا چىقىپ شەھەرگە كىرىپ، يولۇققان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئېيتقاندەك بولدى. شۇ يەردە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى. 17 كەچ كىرگەندە، ئۇ ئون ئىككەيلەن بىلەن ئۆيگە كەلدى. 18 ئۇلار داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالانغاندا ئەيسا:
ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن، مەن بىلەن بىللە غىزالىنىۋاتقان بىرسى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ دېدى.  
19 ئۇلار بۇ سۆزدىن قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن:
ــ مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. يەنە بىرسى: ــ مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دېدى.
20 لېكىن ئۇ ئۇلارغا:
ــ شۇ كىشى ئون ئىككەيلەننىڭ بىرى، يەنى قولىدىكى ناننى مەن بىلەن تەڭ تاۋاققا تۆگۈرگۈچى بولىدۇ. 21 ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا پۈتۈلگەندەك ئالەمدىن كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ئۇنىڭغا ياخسى بولاتتى! ــ دېدى.
 
«رەبنىڭ زىياپىتى»
مات. 26‏:26-30؛ لۇقا 22‏:15-20؛ 1كور. 11‏:23-25
22 ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە:
ــ ئېلىڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى.  
23 ئاندىن ئۇ قولىغا جامنى ئېلىپ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا سۇندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچىشتى.
24 ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ مېنىڭ قېنىم، نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. 25 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېڭىدىن شارابتىن ئىچىدىغان كۈنگىچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى.
26 ئۇلار بىر مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.
 
مۇخلىسلارنىڭ ئەيسانى تاشلاپ كېتىشى
مات. 26‏:31-35؛ لۇقا 22‏:31-34؛ يـۇھ. 13‏:36-38
27 ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا:
سىلەر ھەممىڭلار تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا:
 
«مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن،
قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن.  
28 لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى. 29 لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا:
ــ ھەممەيلەن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى.
30 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن، يەنى بۈگۈن كېچە خوراز ئىككى قېتىم چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى.
31 لېكىن پېترۇس تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا:
ــ سەن بىلەن بىللە ئۆلىدىغان ئىش كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، ــ دېدى. قالغان ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى.
 
ئەيسانىڭ گېتسىمانە باغچىسىدىكى دۇئا-تىلاۋىتى
مات. 26‏:36-46؛ لۇقا 22‏:39-46
32 ئاندىن ئۇلار گېتسىمانە دېگەن بىر جايغا كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: ــ مەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، دېدى.
33 ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە سۈر بېسىپ، روھ-قەلبىدە تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. 34 ئۇ ئۇلارغا:
ــ جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، ئويغاق تۇرۇڭلار، ــ دېدى. 35 ئۇ سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم ياتتى ۋە مۇمكىن بولسا، ئۇ دەقىقىنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ:  
36 ــ ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر؛ بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى.
  
37 ئۇ ئۈچەيلەننىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا:
ــ ئەي سىمون، ئۇخلاۋاتامسەن؟! بىر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭمۇ؟! 38 ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى.  
39 ئاندىن ئۇ يەنە بېرىپ، ئوخشاش سۆزلەر بىلەن قايتىدىن دۇئا قىلدى. 40 ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى. 41 ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇلارغا:
ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ ئەمدى بولدى بەس! ۋاقىت-سائىتى كەلدى؛ مانا، ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى! 42 قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى.
 
ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى
مات. 26‏:47-56؛ لۇقا 22‏:47-53؛ يـۇھ. 18‏:3-12
43 ۋە شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، مانا، ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. 44 ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى. 45 ئۇ كېلىپ ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:
ــ ئۇستاز، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى.
  
46 ئۇلار ئۇنىڭغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. 47 ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانلاردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى.
48 ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا:
ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەرغۇ؟ 49 مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى.
50 بۇ چاغدا، ھەممەيلەن ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. 51 پەقەت ئۇچىسىغا كاناپ رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ياش ئەسكەرلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىۋىدى، 52 لېكىن ئۇ كاناپ رەختتىن بوشىنىپ، يالىڭاچ پېتى ئۇلاردىن قېچىپ كەتتى.
 
ئالىي كېڭەشمىدە سوتلىنىش
مات. 26‏:57-68؛ لۇقا 22‏:54-55، 63-71؛ يـۇھ. 18‏:13-14، 19-24
53 ئەمدى ئۇلار ئەيسانى باش كاھىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. باش كاھىنلار، بارلىق ئاقساقاللار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى.    54 پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارايىدىكى ھويلىنىڭ ئىچىگىچە يىراقتىن ئەگىشىپ كەلدى؛ ئۇ قاراۋۇللار بىلەن بىللە ئوتنىڭ نۇرىدا ئوتسىنىپ ئولتۇردى. 55 باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدىدى، ئەمما تاپالمىدى.    56 چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئەرز قىلىپ يالغان گۇۋاھچىلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بىر-بىرىگە ئۇدۇل كەلمەيتتى. 57 بەزى ئادەملەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ:
58 ــ بىز ئۇنىڭ: «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېدى.    59 ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلىرىمۇ بىر-بىرىگە ماس كەلمىدى.
60 ئاندىن باش كاھىن ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسادىن:
ــ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن زادى قانداق گۇۋاھلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 61 لېكىن ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش كاھىن ئۇنى قىستاپ يەنە ئۇنىڭدىن:
ــ سەن مۇبارەك بولغۇچىنىڭ ئوغلى مەسىھمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى.  
62 شۇنداق، مەن ئۆزۈم، ــ دېدى ئەيسا، ــ ۋە سىلەر كېيىن ئىنسانئوغلىنىڭ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.  
63 شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ:
ــ ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ 64 ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلسۇن، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشتى. 65 ئاندىن بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى، يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ، مۇشتلاپ: «قېنى، پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرە!» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى شاپىلاق بىلەن كاچاتلىدى.  
 
پېترۇسنىڭ ئەيسادىن تېنىشى
مات. 26‏:69-75؛ لۇقا 22‏:56-62؛ يـۇھ. 18‏:15-18، 25-27
66 پېترۇس ساراينىڭ تۆۋەنكى ھويلىسىدا تۇرغاندا، باش كاھىننىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ، 67 ئىسسىنىپ ئولتۇرغان پېترۇسنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ:
ــ سەنمۇ ناسارەتلىك ئەيسا بىلەن بىللە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى.
68 لېكىن ئۇ تېنىپ:
ــ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلمىدىم ھەم چۈشەنمىدىم، ــ دېدى-دە، تاشقىرىغا، دەرۋازىنىڭ ئايۋانىغا چىقىپ تۇردى. شۇ ئەسمادا خوراز بىر چىللىدى.
69 ئۇنى يەنە كۆرگەن ھېلىقى دېدەك يەنە ئۇ يەردە تۇرغانلارغا:
ــ بۇ ئۇلاردىن بىرى، ــ دېگىلى تۇردى. 70  پېترۇس يەنە ئىنكار قىلدى.
بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسقا يەنە:
ــ بەرھەق، سەن ئۇلارنىڭ بىرىسەن. چۈنكى سەنمۇ گالىلىيەلىك ئىكەنسەنغۇ؟! ــ دېيىشتى.
71 لېكىن ئۇ قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ:
ــ سىلەر دەۋاتقان ھېلىقى ئادەمنى تونۇمايمەن! ــ دېدى.
72 دەل شۇ چاغدا خوراز ئىككىنچى قېتىم چىللىدى. پېترۇس ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «خوراز ئىككى قېتىم چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى؛ ۋە بۇلارنى ئويلاپ يىغلاپ كەتتى.  
 
 
14:1 ««ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى ۋە «پېتىر نان ھېيتى»غا ئىككى كۈن قالغانىدى» ــ بۇ ئىككى ھېيتنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈچۈن «مىس.» 12-باب، «لاۋ.» 23-بابنى ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. ئىبرانىي تىلىدا «پېساق»، ياكى «پاسخا» ھېيتى دەپ ئاتىلىدۇ. 14:1 مات. 26‏:2؛ لۇقا 22‏:1؛ يـۇھ. 11‏:55؛ 13‏:1. 14:3 «سىمون ماخاۋ» ــ يەنى «ماخاۋ كېسىلى» دېيىلىدىغان سىمون» ــ سىمون بەلكىم ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىتپار بولغانىدى. بىزنىڭچە بۇ ئىش ۋە «يۇھ.» 1:12-11دە خاتىرىلەنگەن ۋەقە بىر ئىشتۇر. 14:3 مات. 26‏:6؛ لۇقا 7‏:37؛ يـۇھ. 11‏:2؛ 12‏:3. 14:5 «بۇ ئەتىرنى ئۈچ يۈز دىناردىن ئارتۇق پۇلغا ساتقىلى بولاتتى» ــ «دىنار» ياكى «دىنارىئۇس» دېگەن رىم ئىمپېرىيەسىدىكى بىرخىل پۇل بىرلىكى بولۇپ، بىر «دىنارىئۇس» تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققى بولاتتى. «مات.» 2:20نى كۆرۈڭ. 14:7 قان. 15‏:11. 14:8 «ئۇنىڭغا ئەتىر-ماي قۇيۇپ قويدى» ــ ياكى «ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى». 14:10 مات. 26‏:14؛ لۇقا 22‏:4. 14:12 «پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق قوزىسى سويۇلىدىغان كۈنى» ــ «پېتىر نان ھېيتى» يەتتە كۈن بولىدۇ، بىرىنچى كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىمۇ تەڭ بولىدۇ. بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار ئۆيلىرىدە قوزا سويۇپ، پېتىر نان بىلەن يەيدۇ. «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقى» ــ بۇنىڭ مۇھىم قىسمى «ئۆتۈپ كېتىش قۇربانلىق قوزىسى» ئىدى («مىس.» 3:12-11، «لاۋ.» 5:23، «چۆل.» 16:28، «قان.» 1:16-7نى كۆرۈڭ). 14:12 مىس. 12‏:17؛ مات. 26‏:17؛ لۇقا 22‏:7. 14:13 «شەھەرگە كىرىڭلار» ــ «شەھەر» ــ يېرۇسالېم شەھىرىگە، دېمەك. «ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ» ــ قانائاندا (پەلەستىندە) ئەر كىشىلەر بۈگۈنگە قەدەر ئادەتتە سۇ كۆتۈرمەيدۇ. 14:17 مات. 26‏:20؛ لۇقا 22‏:14. 14:18 «داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالانغاندا...» ــ گرېك تىلىدا «داستىخاندا يېتىپ غىزالانغاندا...». 14:18 زەب. 41‏:9؛ روس. 1‏:17. 14:21 «... بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ئۇنىڭغا ياخسى بولاتتى!» ــ يەھۇدا بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال چىقىپ باش كاھىنلارنىڭ يېنىغا بارغان بولسا كېرەك. «ماركۇس»، «لۇقا»، «يۇھاننا»دىكى ««ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى» توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆرۈڭ. 14:22 «ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن» ــ ياكى «ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ (ئۇنى) بەرىكەتلىگەندىن كېيىن،...». 14:22 مات. 26‏:26؛ لۇقا 22‏:19؛ 1كور. 11‏:23. 14:24 «بۇ مېنىڭ قېنىم، نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر» ــ «يېڭى ئەھدە» تەۋرات، «يەر.» 31:31-34، «لۇقا» 20:22نى، «ئىبر.» 20:13نى كۆرۈڭ. بەزى كونا كەچۈرمىلەردە پەقەت «ئەھدە» دېيىلىدۇ. 14:27 «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» ــ «زەك.» 7:13. مۇشۇ بېشارەتتە سۆزلىگۈچى خۇدانىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. 14:27 زەك. 13‏:7؛ مات. 26‏:31؛ يـۇھ. 16‏:32. 14:28 مات. 26‏:32؛ 28‏:10؛ مار. 16‏:7. 14:30 مات. 26‏:34؛ لۇقا 22‏:34؛ يـۇھ. 13‏:38. 14:31 يـۇھ. 13‏:37. 14:32 مات. 26‏:36؛ لۇقا 22‏:39؛ يـۇھ. 18‏:1. 14:33 « ئەيسا ... روھ-قەلبىدە تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى» ــ گرېك تىلىدا «ئۇ ... روھتا تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى». 14:34 يـۇھ. 12‏:27. 14:35 «ئۇ دەقىقىنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن ...» ــ گرېك تىلىدا «شۇ سائەتنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن...». 14:35 لۇقا 22‏:41. 14:36 «ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاببا» دېگەن سۆز ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا بولغان يېقىنچىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرچىدىكى «سۆيۈملۈك ئاتا» دېگەنگە يېقىن كېلىدۇ. بۇ سۆز ھەم مۇھەببەت ھەم چوڭقۇر ھۆرمەتنىمۇ بىلدۈرىدۇ. «بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن!» ــ «بۇ قەدەھ» ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتنىڭ كۆپ يەرلىرىدە «قەدەھ» دەل شۇ مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ (مەسىلەن «زەب.» 8:75، «يەش.» 17:51، 22، «يەر.» 15:25دە). 14:36 يـۇھ. 6‏:38. 14:37 مات. 26‏:40؛ لۇقا 22‏:45. 14:38 «روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇ» ــ «كىشىنىڭ ئەتلىرى» گرېك تىلىدا «ئەت». ئىنجىلدا «ئەت» ياكى «ئەت-تەن» دائىم دېگۈدەك ئادەمنىڭ ئۆز تېنى تەرىپىدىن ئازدۇرۇلىدىغان، گۇناھكار تەبىئىتىنى كۆرسىتىدۇ. «رىم.»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 14:38 گال. 5‏:17. 14:41 «سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟» ــ ياكى بولمىسا: «ئەمدى ئۇخلاۋېرىسىلەر، دەم ئېلىۋېرىسىلەر!» (دېمەك، كىنايىلىك گەپ) ياكى پەقەت: «ئەمدى ئۇخلاڭلار، دەم ئېلىڭلار!». 14:43 مات. 26‏:47؛ لۇقا 22‏:47؛ يـۇھ. 18‏:3. 14:45 «ئۇستاز، ئۇستاز» ــ «ئۇستاز» ئىبرانىي تىلىدا «راببى» دېيىلىدۇ. ئىبرانىيلار ئارىسىدا ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىش ئادەتتە ئىناتايىن چوڭقۇر ھېسسىيات، ئالاھىدە ئامراقلىقنى بىلدۈرىدۇ. 14:45 2سام. 20‏:9. 14:49 1سام. 24‏:14-15؛ زەب. 22‏:6-7؛ 69‏:9؛ لۇقا 24‏:25 14:50 ئايۇپ 19‏:13؛ زەب. 88‏:8، 18؛ زەك.13‏:7 14:52 «... ئۇچىسىغا كاناپ رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر يىگىت... لېكىن ئۇ كاناپ رەختتىن بوشىنىپ، يالىڭاچ پېتى ئۇلاردىن قېچىپ كەتتى» ــ بىرنەچچە شەرھچىلەر بۇ «مەلۇم ياش يىگىت»نى ماركۇسنىڭ ئۆزى ئىكەن، دەپ قارايدۇ. بىزمۇ قوشۇلىمىز. ئۇ مۇشۇ يەردە ئۆزىنى «مۇخلىس» دەپ ئاتىمايدۇ. بەلكىم ئۇ مۇشۇ يەردە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەيسادىن ۋاز كېچىپ ئۇنى تاشلىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچى بولىدۇ. 14:53 «باش كاھىنلار، بارلىق ئاقساقاللار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى» ــ «ئۇنىڭ يېنىغا» باش كاھىن قايافانىڭ يېنىغا، دېمەك. 14:53 مات. 26‏:57؛ لۇقا 22‏:54؛ يـۇھ. 18‏:13،24. 14:55 «ئالىي كېڭەشمە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سانھېدرىن». 14:55 مات. 26‏:59؛ روس. 6‏:13. 14:58 «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» ــ «يۇھ.» 19:2نى كۆرۈڭ. ئۇلار مەسىھنىڭ سۆزىنى بۇرمىلىغانىدى. 14:58 مار. 15‏:29؛ يـۇھ. 2‏:19. 14:60 مات. 26‏:62. 14:61 «سەن مۇبارەك بولغۇچىنىڭ ئوغلى مەسىھمۇسەن؟» ــ «مۇبارەك بولغۇچى» ــ خۇدا ئۆزىدۇر. 14:61 يەش. 53‏:7؛ روس. 8‏:32. 14:62 «سىلەر كېيىن ئىنسانئوغلىنىڭ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر» ــ تەۋرات، «دان.» 13:7نى كۆرۈڭ. 14:62 دان. 7‏:13؛ مات. 16‏:27؛ 24‏:30؛ 25‏:31؛ لۇقا 21‏:27؛ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 4‏:16؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. 14:63 «شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ...» ــ باش كاھىن ئەيسانى «كۇپۇرلۇق قىلدى» دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا بولغان چۆچۈشى ۋە غەزىپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كىيىملىرىنى يىرتقان. ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئۇنىڭ خۇداغا خاس ھوقۇق ۋە شۆھرەت مەندىدۇر، دېگەنلىكىدۇر. يەنە شۇنى ئېيتىمىزكى، باش كاھىننىڭ تونلىرىنى يىرتىشنىڭ ئۆزى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى («لاۋ.» 6:10، 10:21). 14:65 «بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى، يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ، مۇشتلاپ: «قېنى، پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرە!» ــ «مات.» 68:26دە مۇشۇ كىشىلەرنىڭ: «... «قېنى بېشارەت بېرە، سېنى كىم ئۇردى؟» دېيىشكەنلىكىمۇ خاتىرىلىدۇ. «قاراۋۇللارمۇ ئۇنى شاپىلاق بىلەن كاچاتلىدى» ــ ياكى «قاراۋۇللارمۇ ئۇنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ كاچاتلىدى». 14:65 ئايۇپ 16‏:10؛ يەش. 50‏:6؛ يـۇھ. 19‏:3. 14:66 مات. 26‏:58،69؛ لۇقا 22‏:55؛ يـۇھ. 18‏:16،17. 14:69 مات. 26‏:71؛ لۇقا 22‏:58؛ يـۇھ. 18‏:25. 14:70 «بەرھەق، سەن ئۇلارنىڭ بىرىسەن. چۈنكى سەنمۇ گالىلىيەلىك ئىكەنسەنغۇ؟!» ــ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى پېترۇسنىڭ تەلەپپۇزىغا ئاساسەن بولسا كېرەك. «مات.» 72:26-73نى كۆرۈڭ. 14:72 «...ۋە بۇلارنى ئويلاپ يىغلاپ كەتتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «... ۋە كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى». 14:72 مات. 26‏:34،75؛ لۇقا 22‏:61؛ يـۇھ. 13‏:38؛ 18‏:27.