15
ئەيسانىڭ پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى
مات. 27‏:1-2، 11-14؛ لۇقا 23‏:1-5؛ يـۇھ. 18‏:28-38
ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، باش كاھىنلار ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پۈتكۈل ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەيسانى باغلاپ ئاپىرىپ، ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن:
ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇ جاۋابەن: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى.  
باش كاھىنلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قايتا-قايتىدىن ئەرز-شىكايەتلەرنى قىلىشتى. پىلاتۇس ئۇنىڭدىن يەنە:
ــ جاۋاب بەرمەمسەن؟ قارا، ئۇلار ئۈستۈڭدىن شۇنچىۋالا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ!؟ ــ دەپ سورىدى.
بىراق ئەيسا يەنىلا ھېچ جاۋاب بەرمىدى؛ پىلاتۇس بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى.
 
ئەيسا ۋە بارابباس
مات. 27‏:15-31؛ لۇقا 23‏:13-25؛ يـۇھ. 18‏:39-40؛ 1-16:19
ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، خالايىق قايسىبىر مەھبۇسنى تەلەپ قىلسا، ۋالىي ئۇنى قويۇپ بېرەتتى. ئەينى ۋاقىتتا، زىنداندا بارابباس ئىسىملىك بىر مەھبۇس بار ئىدى. ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە توپىلاڭدا قاتىللىق قىلغان نەچچەيلەن بىلەن تەڭ سولانغانىدى. خالايىق چۇقان-سۈرەن سېلىپ ۋالىيدىن بۇرۇن ھەمىشە ئۇلارغا قىلغىنىدەك يەنە شۇنداق قىلىشىنى تىلەشتى.
پىلاتۇس ئۇلارغا:
ــ سىلەر يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ ــ دېدى 10 (چۈنكى ئۇ باش كاھىنلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى). 11 لېكىن باش كاھىنلار خالايىقنى: «بۇنىڭ ئورنىغا، بارابباسنى قويۇپ بەر» دەپ تەلەپ قىلىشقا كۈشكۈرتتى.
12 پىلاتۇس جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە:
ــ ئۇنداق بولسا، سىلەر «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتىغان كىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىل دەۋاتىسىلەر؟ ــ دېدى.
13 ــ ئۇلار يەنە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.
14 پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ نېمىشقا؟ ئۇ نېمە رەزىللىك ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دېدى.
بىراق ئۇلار تېخىمۇ غالجىرلىشىپ:
ــ ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى. 15 شۇڭا پىلاتۇس، خالايىقنى رازى قىلماقچى بولۇپ، بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.  
 
لەشكەرلەرنىڭ ئەيسانى مەسخىرە قىلىشى
16 ئاندىن لەشكەرلەر ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە جەم بولۇشقا چاقىردى.    17 ئۇلار ئۇنىڭ ئۇچىسىغا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى، ئاندىن ئۇلار تىكەنلىك شاخچىلاردىن توقۇغان بىر تاجنى بېشىغا كىيگۈزدى. 18 ئاندىن ئۇنى مۇبارەكلەپ: «ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دېيىشتى. 19 ئاندىن بېشىغا قومۇش بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى.
20 ئۇلار ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سۆسۈن توننى سالدۇرۇۋېتىپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىشتى.
 
ئۇنىڭ كرېستلىنىشى
مات. 27‏:32-44؛ لۇقا 23‏:26-39؛ يـۇھ. 19‏:17-19
21 كۇرىنى شەھىرىدىن بولغان، سىمون ئىسىملىك بىر كىشى يېزىدىن كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى (بۇ كىشى ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى ئىدى). لەشكەرلەر ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى.    22 ئۇلار ئەيسانى گولگوتا (تەرجىمىسى، «باش سۆڭەك») دېگەن يەرگە ئېلىپ كەلدى؛ 23 ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىچىش ئۈچۈن مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى قوبۇل قىلمىدى.
24 ئۇلار ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە ھەربىر كىيىمنىڭ ئۈستىگە چەك تاشلىدى.    25 ئۇنى كرېستلىگەن ۋاقىت كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى ئىدى. 26 ئۇنى ئەيىبلىگەن شىكايەتنامىدە «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ پۈتۈلگەنىدى.   
27 ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىنىمۇ كرېستلىدى، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى. 28 شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قاتارىدا سانالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.    29 ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ:
ــ ئۇھۇي، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم، 30 ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى.
31 باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۆزئارا شۇنداق مەسخىرە قىلىپ:
ــ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. 32 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغان مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، شۇنى كۆرسەكلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز! ــ دېيىشتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەنلەرمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى.
 
ئەيسانىڭ ئۆلۈمى
مات. 27‏:45-56؛ لۇقا 23‏:44-49؛ يـۇھ. 19‏:28-30
33 ئەمدى كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتى كەلگەندە، پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى ۋە توققۇزىنچى سائىتىگىچە داۋام قىلدى.    34 توققۇزىنچى سائەتتە ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوئى، ئېلوئى، لاما شاۋاقتانى؟»، مەنىسى: ــ «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى.  
35 ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ:
ــ مانا، ئۇ ئىلياس پەيغەمبەرگە نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. 36 ئۇلاردىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ:
ــ توختاپ تۇرۇڭلار! قاراپ باقايلى، ئىلياس پەيغەمبەر ئۇنى چۈشۈرگىلى كېلەرمىكىن؟ ــ دېدى.
37 ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. 38 ۋە شۇ ئەسنادا ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى.  
39 ئەمدى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈزبېشى ئۇنىڭ قانداق نىدا قىلىپ روھىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ:
ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېدى.
40 ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرۇۋاتقان بىرنەچچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، كىچىك ياقۇپ بىلەن يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى.    41 ئۇلار ئەسلىدە ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار ئىدى؛ بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمغا بىرگە كەلگەن يەنە نۇرغۇن ئاياللارمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تۇراتتى.
 
ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى
مات. 27‏:57-61؛ لۇقا 23‏:50-56؛ يـۇھ. 19‏:38-42
42 كەچقۇرۇن كىرىپ قالغاندا («تەييارلاش كۈنى»، يەنى شابات كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بولغاچقا)،    43 ئالىي كېڭەشمىنىڭ تولىمۇ مۆتىۋەر ئەزاسى، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ بار ئىدى. ئۇمۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، جۈرئەت قىلىپ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 44 پىلاتۇس ئەيسانىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىگە ھەيران بولدى؛ ئۇ يۈزبېشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ ئۆلگىنىگە خېلى ۋاقىت بولدىمۇ، دەپ سورىدى. 45 يۈز بېشىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يۈسۈپكە جەسەتنى بەردى. 46 يۈسۈپ ئېسىل كاناپ رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كاناپ رەختتە كېپەنلىدى ۋە ئۇنى قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە قويدى؛ ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا بىر تاشنى دومىلىتىپ قويدى.
47 ۋە ماگداللىق مەريەم بىلەن يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم ئۇنىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى.
 
 
15:1 زەب. 2‏:2؛ مات. 27‏:1؛ لۇقا 22‏:66؛ 23‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28؛ روس. 3‏:13. 15:2 «ئۇ جاۋابەن: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى» ــ ئەيسانىڭ «ئېيتقىنىڭدەك» دېگەن جاۋابىنىڭ گرېك تىلىدا «شۇنداق، لېكىن ئەھۋال دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ. 15:2 مات. 27‏:11؛ لۇقا 23‏:3؛ يـۇھ. 18‏:33. 15:4 مات. 27‏:13؛ يـۇھ. 19‏:10. 15:5 يەش. 53‏:7 15:6 مات. 27‏:15؛ لۇقا 23‏:17؛ يـۇھ. 18‏:39. 15:7 مات. 27‏:16؛ لۇقا 23‏:19؛ يـۇھ. 18‏:40. 15:8 «خالايىق چۇقان-سۈرەن سېلىپ...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خالايىق (ۋالىينىڭ) ئالدىغا كېلىپ...». 15:11 مات. 27‏:20؛ لۇقا 23‏:18؛ يـۇھ. 18‏:40؛ روس. 3‏:14. 15:15 «ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن...» ــ رىم ئىمپېرىيەسىدە جازا قامچىلىرى بىرنەچچە تاسمىلىق بولۇپ، ھەربىر تاسمىسىغا قوغۇشۇن ۋە ئۇستىخان پارچىلىرى باغلانغان بولىدۇ. قامچىلىغان ۋاقتىدا جازاغا تارتىلغۇچى يالىڭاچلىنىپ، يەرگە تىزلاندۇرۇلۇپ، ئىككى يېنىدا تۇرغان لەشكەر ئۇنى قامچىلايتتى. 15:15 مات. 27‏:26؛ يـۇھ. 19‏:1. 15:16 «ۋالىي ئوردىسىدىكى سەينا» ــ گرېك (لاتىن) تىلىدا «پرايتورىئۇم». «لەشكەرلەر توپى» ــ (گرېك تىلىدا «كوھورت») 500-600 كىشىدىن تەركىب تاپقان. 15:16 مات. 27‏:27؛ يـۇھ. 19‏:2. 15:17 «ئۇلار ئۇنىڭ ئۇچىسىغا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى» ــ «سۆسۈن رەڭ» شۇ چاغدا شاھانە كىيىمنىڭ رەڭگى شۇنداق ئىدى («مات.» 28:27، «يۇھ.» 2:19نى كۆرۈڭ). ئۇلار شۇ «شاھانە تون» ئارقىلىق ئەيسانى «سەن پادىشاھمۇ؟!» دەپ مازاق قىلماقچى. 15:19 «ئاندىن بېشىغا قومۇش بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ...» ــ ياكى «ئاندىن بېشىغا ھاسا بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ...». 15:21 «لەشكەرلەر ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى» ــ «ئەيسانىڭ كرېستى» توغرۇلۇق: ئەيسا ئۆزىنى جازالايدىغان قورال بولغان شۇ كرېست (چاپراس ياغاچ)نى يۈدۈپ مېڭىشى كېرەك ئىدى. ئۇ شۇنداق قاتتىق قامچىلانغانكى، ھالسىراپ يۈدۈپ ماڭالمىسا كېرەك. 15:21 مات. 27‏:32؛ لۇقا 23‏:26. 15:22 مات. 27‏:33؛ لۇقا 23‏:33؛ يـۇھ. 19‏:17. 15:23 «... ئۇلار ئۇنىڭغا ئىچىش ئۈچۈن مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى قوبۇل قىلمىدى» ــ كرېستكە مىخلىنىدىغانلارغا ئاغرىقنى پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بېرىلىدىكەن. بىراق ئەيسا رەت قىلدى. 15:24 «ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە ھەربىر كىيىمنىڭ ئۈستىگە چەك تاشلىدى» ــ ياكى «ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە كىمىيملىرى ئۈچۈن چەك تاشلىدى». 15:24 زەب. 22‏:18؛ مات. 27‏:35؛ لۇقا 23‏:34؛ يـۇھ. 19‏:23. 15:25 «كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى» ــ ھازىرقى ۋاقىت بولسا، ئەتىگەن سائەت توققۇز ئىدى. 15:26 «ئۇنى ئەيىبلىگەن شىكايەتنامىدە «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ پۈتۈلگەنىدى» ــ بۇ شىكايەتنامە ئۇنىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە بېكىتىلگەنىدى («مات.» 37:27). 15:26 مات. 27‏:37؛ لۇقا 23‏:38؛ يـۇھ. 19‏:19. 15:28 «ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قاتارىدا سانالدى» ــ «يەش.» 12:53. 15:28 يەش. 53‏:12؛ لۇقا 22‏:37. 15:29 زەب. 22‏:7-8؛ 69‏:19-22؛ 109‏:25؛ مات. 27‏:39؛ لۇقا 23‏:35؛ يـۇھ. 2‏:19. 15:33 «كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتى كەلگەندە، پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى ۋە توققۇزىنچى سائىتىگىچە داۋام قىلدى» ــ ھازىرقى ۋاقىت سىستېمىسى بويىچە مۇشۇ ھالەت چۈش ۋاقتىدىن (سائەت ئون ئىككىددىن) باشلاپ سائەت ئۈچكىچە داۋام قىلدى. 15:33 مات. 27‏:45؛ لۇقا 23‏:44. 15:34 «توققۇزىنچى سائەتتە» ــ ھازىرقى ۋاقىت بولسا سائەت ئۈچلەردە. «ئېلوئى، ئېلوئى، لاما شاۋاقتانى؟»، مەنىسى: ــ «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» ــ «زەب.» «1:22»نى كۆرۈڭ. 15:34 زەب. 22‏:1-2؛ مات. 27‏:46. 15:36 زەب. 69‏:21؛ يـۇھ. 19‏:29. 15:37 «ئەيسا... روھىنى قويۇۋەتتى» ــ «روھىنى قويۇۋەتتى» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئەيسا... تىنىقىنى توختاتتى». 15:38 «... شۇ ئەسنادا ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى» ــ بۇ پەردە ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى مۇقەددەس جايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنىڭ ئەيسانىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى سىرتتىكى ھويلىدىن ئايرىيدىغان يەنە بىر «سىرتقى پەردە» بار ئىدى، لېكىن بۇنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئادەتتە باشقا ئاتالغۇ ئىشلىتىلىدۇ). 15:38 2تار. 3‏:14؛ مات. 27‏:51؛ لۇقا 23‏:45. 15:39 مات. 27‏:54؛ لۇقا 23‏:47. 15:40 «يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم» ــ «مات.» 56:27دە «يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم». 15:40 مات. 27‏:55؛ لۇقا 23‏:49. 15:41 لۇقا 8‏:2، 3. 15:42 «تەييارلاش كۈنى» ــ ئادەتتە شابات كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. شابات كۈنىدە ھەرقانداق ئىشلەش (مەسىلەن ئوتۇن تېرىش، ئوت يېقىش، خېمىر يۇغۇرۇش قاتارلىقلار) مەنئى قىلىنغاچقا، شابات كۈنىدىكى بارلىق تاماقلارنى ئاندىنقى كۈنى، يەنى جۈمە كۈنىدە تەييارلاش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قائىدە بويىچە، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسىتى شابات كۈنىدە كرېستتە قالسا بولمايتتى («قان.» 23:21نى كۆرۈڭ). 15:42 مات. 27‏:57؛ لۇقا 23‏:50؛ يـۇھ. 19‏:38. 15:46 مات. 12‏:40؛ 26‏:12؛ 27‏:60؛ لۇقا 23‏:53.