10
ئەيسانىڭ ئون ئىككى روسۇلىنى ئەۋەتىشى
مار. 3‏:13-19؛ 6‏:7-13؛ لۇقا 6‏:12-16؛ 9‏:1-6
ئۇ ئون ئىككى مۇخلىسىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا ناپاك روھلارنى قوغلاش ۋە ھەربىر كېسەللىكنى ھەم ھەربىر مېيىپ-ئاجىزنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى.   ئون ئىككى روسۇلنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئاۋۋال پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس، ئاندىن زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا، فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە لەببائۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاداي، مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون ۋە كېيىن ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوت.
ئەيسا بۇ ئون ئىككىسىنى خەلقنىڭ ئارىسىغا مۇنداق تاپىلاپ ئەۋەتتى: ــ
يات ئەللىكلەرنىڭ يوللىرىغا چىقماڭلار، ياكى سامارىيەلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ كىرمەڭلار، بەلكى تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئارىسىغا بېرىڭلار. بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» دەپ جاكارلاڭلار. ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار.   بەلۋېغىڭلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى باغلاپ ئېلىپ يۈرمەڭلار. 10 سەپەر ئۈچۈن بىرلا يەكتەكتىن باشقا نە خۇرجۇن، نە كەش، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى خىزمەتكار ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر.  
11 ھەرقايسى شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن شۇ يەردە كىمنىڭ ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر ئىكەنلىكىنى سوراڭلار؛ شۇنداق كىشىنى تاپقاندا، ئۇ يەردىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرۇڭلار.    12 بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا سالام بېرىڭلار. 13 ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر كىشىلەر بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇلارغا ئىجابەت بولسۇن؛ ئەگەر ئۇلار لايىق بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتسۇن. 14 سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىمىغان كىمدەكىم بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار.    15 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، قىيامەت كۈنىدە سودوم ۋە گوموررا زېمىنىدىكىلەرنىڭ ھالى شۇ شەھەردىكىلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ.  
 
كەلگۈسىدىكى زىيانكەشلىك
مار. 9‏:41؛ 13‏:9-13؛ لۇقا 12‏:2-9؛ 12‏:51-53؛ 14‏:27،26؛ 21‏:12-17
16 مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، پاختەكتەك ساپ دىللىق بولۇڭلار.    17 ئىنسانلاردىن پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلىرىدا قامچىلايدۇ.    18 ئۇلار ۋە شۇنداقلا يات ئەللىكلەر ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولۇشقا، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. 19 لېكىن ئۇلار سىلەرنى سوراققا تارتقان ۋاقتىدا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە جاۋاب بېرىشتىن ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. چۈنكى شۇ ۋاقتى-سائىتىدە ئېيتىش تېگىشلىك سۆزلەر سىلەرگە تەمىنلىنىدۇ. 20 چۈنكى سۆزلىگۈچى ئۆزۈڭلار ئەمەس، بەلكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ.
21 قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا قارشى چىقىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. 22 شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر بولسا قۇتقۇزۇلىدۇ. 23 ئۇلار سىلەرگە بۇ شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگۈچە سىلەر ئىسرائىلنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئارىلاش ۋەزىپىڭلار تۈگىمەيدۇ.
24 مۇخلىس ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.    25 مۇخلىس ئۇستازىغا ئوخشاش بولسا، قۇل خوجايىنىغا ئوخشاش بولسا رازى بولسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ ئىگىسىنى «بەئەلزىبۇل» دەپ تىللىغان يەردە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ھاقارەتلىمەمدۇ؟  
26 شۇڭا ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ھېچقانداق يېپىق قويۇلغان ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي قالمايدۇ.
27 مېنىڭ سىلەرگە قاراڭغۇدا ئېيتىدىغانلىرىمنى يورۇقتا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتىلغانلارنى ئۆگزىلەردە جاكارلاڭلار. 28 تەننى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار؛ ئەكسىچە، تەن ۋە جان-روھنى دوزاختا ھالاك قىلىشقا قادىر بولغۇچىدىن قورقۇڭلار.    29 ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟ لېكىن ئۇلاردىن بىرىمۇ ئاتاڭلارسىز يەرگە چۈشمەيدۇ. 30 ئەمما سىلەر بولساڭلار، ھەتتا ھەربىر تال چېچىڭلارمۇ سانالغاندۇر. 31 شۇڭا، قورقماڭلار. سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىكتۇرسىلەر!
32 شۇڭا، مېنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن؛ 33 بىراق ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا مەندىن تانغانلارنىڭ ھەربىرىدىن مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا تانىمەن.
 
مۇخلىس بولغىنى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن
34 مېنىڭ دۇنياغا كېلىشىمنى تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم.    35 چۈنكى مېنىڭ كېلىشىم «ئوغۇلنى ئاتىسىغا، قىزنى ئانىسىغا، كېلىننى قېينئانىسىغا قارشى چىقىرىش» ئۈچۈن بولىدۇ. 36 شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ».  
37 ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس. 38 ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس.    39 ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغان كىشى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. 40 سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. 41 بىر پەيغەمبەرنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلغان كىشى پەيغەمبەرگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. ھەققانىي ئادەمنى ئۇ ھەققانىي ئىكەن دەپ بىلىپ قوبۇل قىلغانلار ھەققانىي ئادەمگە خاس بولغان ئىنئامغا ئېرىشىدۇ.    42 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ بۇ شاكىچىكلىرىمدىن ئەڭ كىچىكى بىرىنى مېنىڭ مۇخلىسىم دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ھەتتا پەقەت بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن ئۆزىگە لايىق ئىنئامدىن مەھرۇم بولمايدۇ.
 
 
10:1 «ناپاك روھلار» ــ جىنلارنى كۆرسىتىدۇ. 10:1 مار. 3‏:13؛ لۇقا 6‏:13؛ 9‏:1. 10:3 «فىلىپ ۋە بارتولوماي،...» ــ «بارتولوماي»نىڭ باشقا بىر ئىسمى «ناتانىيەل» بولۇشى مۇمكىن («يۇھ.» 45:1). «لەببائۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاداي» ــ ئىنجىلدىكى بەزى كونا كۆچۈرىمىلەردە پەقەت «تاداي» دېيىلىدۇ. 10:4 «مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون» ــ ياكى، «قانائانلىق سىمون». «يەھۇدىي مىللەتپەرۋەرلەر» ۋەتىنىنى رىم ئىمپېرىيەسىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار ئىدى. 10:6 روس. 3‏:26؛ 13‏:26،46. 10:7 لۇقا 9‏:2. 10:8 «سىلەرگە شاپائەت خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس ئىلتىپات قىلىڭلار» ــ گرېك تىلىدا پەقەت: «سىلەرگە خالىس بېرىلگەندۇر، سىلەرمۇ خالىس بېرىڭلار» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 10:8 لۇقا 10‏:9؛ روس. 8‏:18،20. 10:9 مار. 6‏:8؛ لۇقا 9‏:3؛ 22‏:35. 10:10 «خۇرجۇن» ــ ياكى «تىلەمچىنىڭ خالتىسى». 10:10 لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14؛ 25‏:4؛ لۇقا 10‏:7؛ 1كور. 9‏:4،14؛ 1تىم. 5‏:18. 10:11 «ئۇ يەردىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرۇڭلار» ــ بۇ ئەمردە چوڭ دانالىق بار. بۇ ئىككى سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) كونا زامانلاردا كۆپ دىنىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۆيمۇئۆي يوقلاپ پۇل تىلەيتتى؛ لېكىن ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى ھېچ تىلەمچىلىك قىلماسلىقى كېرەك؛ (2) ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي كۆچۈپ يۈرسە، خەلقتە بىر-بىرىگە قاراپ ھەرتۈرلۈك ھەسەت-گۇمان پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن ــ «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدە قونمايدۇ؟» ياكى «نېمىشقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدىن كۆچۈپ كېتىدۇ؟» دېگەندەك. 10:11 مار. 6‏:10؛ لۇقا 9‏:4؛ 10‏:8. 10:12 «بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا سالام بېرىڭلار» ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، «سالام» (ئىبرانىي تىلىدا «شالوم») دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «(ساڭا) خاتىرجەملىك-ئامانلىق تىلەيمەن». 10:13 «ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر كىشىلەر بولسا» ــ ياكى «سالامغا لايىق بولغانلار بولسا». «ئەگەر ئۇلار لايىق بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتسۇن» ــ مۇشۇ كىشىلەرنىڭ لايىق ئىكەنلىكى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇخلىسلار تىلىگەن ئامانلىقنىڭ چۈشۈش-چۈشمەسلىكى ئۇلارنىڭ مۇخلىسلارنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقى بىلەن باغلىق ئىدى. 14-ئايەتنى كۆرۈڭ. 10:14 «ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار» ــ «ئاياغدىكى توپىنى قېقىۋېتىش» دېگەن ئىشارەت «بىزنىڭ سىلەر بىلەن مۇناسىۋېتىمىز يوق»، دېگەننى بىلدۈرۈپ، خۇدانىڭ سۆزىنى رەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. 10:14 مار. 6‏:11؛ لۇقا 9‏:5؛ روس. 13‏:51؛ 18‏:6. 10:15 «سودوم ۋە گوموررا» ــ ئىبراھىم پەيغەمبەر زامانىدىكى ئىككى شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئادەملىرى ئوخشاش ھەمجىنسلىق زىناخورلۇقىغا (بەچچىۋازلىققا) قاتتىق بېرىلىپ گۇناھقا پاتقانلىقتىن، خۇدا بۇ شەھەرلەرنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ ئوت چۈشۈرۈپ يوقاتقان. 10:15 مار. 6‏:11؛ لۇقا 10‏:12. 10:16 «يىلاندەك سەزگۈر... بولۇڭلار» ــ گرېك تىلىدا «يىلاندەك ئاقىلانە ... بولۇڭلار». 10:16 لۇقا 10‏:3. 10:17 «ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋېلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ» ــ «سوت مەھكىمىلىرى» يەھۇدىيلارنىڭ مەھكىمىلىرىنى ۋە بەلكىم باشقا خەرھىل سوراقخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. 10:17 مات. 24‏:9؛ لۇقا 21‏:12؛ يـۇھ. 15‏:20؛ 16‏:2؛ ۋەھ. 2‏:1. 10:18 روس. 24‏:1؛ 25‏:4. 10:19 مار. 13‏:11؛ لۇقا 12‏:11؛ 21‏:14. 10:21 مىك. 7‏:2، 5؛ لۇقا 21‏:16. 10:22 مات. 24‏:13؛ مار. 13‏:13؛ لۇقا 21‏:19؛ ۋەھ. 2‏:10؛ 3‏:10. 10:23 مات. 2‏:13؛ 4‏:12؛ 12‏:15؛ روس. 8‏:1؛ 9‏:25؛ 14‏:6. 10:24 «مۇخلىس ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ» ــ بۇ سىرلىق سۆز بەلكىم مۇخلىسلار مەسىھكە تولۇق ئەگەشسە، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرۈلەيدۇ، دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 10:24 لۇقا 6‏:40؛ يـۇھ. 13‏:16؛ 15‏:20. 10:25 «ئۇلار ئۆينىڭ ئىگىسىنى «بەئەلزىبۇل» دەپ تىللىغان يەردە...» ــ «ئۆينىڭ ئىگىسى» ئەيسا ئۆزى، ئەلۋەتتە. «بەئەلزىبۇل» ــ جىنلارنىڭ پادىشاھى شەيتاننىڭ يەنە بىر ئىسمى. ئەيسا ئۆزى خەلق ئارىسىدا «ئالقىشلىق» بولمىسا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ھاقارەتكە ئۇچراشقا رازى بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە؛ ھەتتا بۇ ئىشنى «خۇدا ئۆز نامى ئۈچۈن بىزگە ھاقارەتكە ئۇچراشقا ئىمتىياز بەردى» دەپ ھېسابلاش كېرەك («فىل.» 29:1نى كۆرۈڭ). 10:25 مات. 9‏:34؛ 12‏:24؛ مار. 3‏:22؛ لۇقا 11‏:15؛ يـۇھ. 8‏:48. 10:26 ئايۇپ 12‏:22؛ يەش. 8‏:12؛ يەر. 1‏:8؛ مار. 4‏:22؛ لۇقا 8‏:17؛ 12‏:2. 10:28 «لېكىن ئادەمنىڭ جان-روھىنى ئۆلتۈرەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار...» ــ مۇشۇ ئايەتتە «روھ-جان» ئىنسانلارنىڭ روھىي قىسمىنى، يەنى ئىچكى دۇنياسىنى كۆرسىتىدۇ. 10:28 يەر. 1‏:8؛ لۇقا 12‏:4. 10:29 «ئىككى قۇشقاچنى بىر تىيىنگە سېتىۋالغىلى بولىدۇغۇ؟» ــ «بىر تىيىن» گرېك تىلىدا «ئاسسارىيون». شۇ دەۋردىكى بىر ئىشچىنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولغان «دىنارىئۇس»نىڭ 1/16 قىسمى ئىدى. 10:30 1سام. 14‏:45. 10:32 مار. 8‏:38؛ لۇقا 9‏:26؛ 12‏:8؛ 2تىم. 2‏:12. 10:34 «... مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچنى يۈرگۈرۈشكە كەلدىم» ــ 38:5-48دە خاتىرىلەنگەندەك، ئەيسانىڭ ئېتىقادچىلارنى ئۇرۇشماسلىققا دەۋەت قىلىدىغان تەلىمىگە ئاساسەن، ئېتىقادچىلار قولىغا قىلىچ ئېلىشىغا بولمايدۇ شۇڭا مۇشۇ ئايەتتىكى «قىلىچ» (خۇدانىڭ سۆزلىرىگە رەنجىيدىغان ئادەمنىڭ قولىدا بولۇپ) ئېتىقادچىلارغا قارشى چىققان قىلىچنى، ياكى كۆچمە مەنىدە «جېدەل-ماجىرا»نى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. 10:34 لۇقا 12‏:51. 10:35 مىك. 7‏:6. 10:36 «شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بولىدۇ» ــ مۇشۇ سۆزلەر تەۋرات «مىك.» 6:7دىن ئېلىنغان. 10:36 زەب. 41‏:9؛ 55‏:12-14؛ يـۇھ. 13‏:18. 10:37 لۇقا 14‏:26. 10:38 «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس» ــ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر مىخلىنىدىغان كرېستنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ جازا مەيدانىغا باراتتى. كرېستلىنىش ئادەمنى قىينايدىغان، ئىنتايىن دەھشەتلىك ۋە ئاھانەتلىك ئۆلۈم جازا ئۇسۇلى بولۇپ، «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش» دېگەننىڭ كۆپ مەنىلىرى ئىچىدە تۆۋەندىكىلەرنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالسا كېرەك: (1) ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا، (2) تىل-ئاھانەت ئىشتىشكە، (3) خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا، «ئۆز-ئۆزىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندەك» ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىشقا تەييار بولۇش. 10:38 مات. 16‏:24؛ مار. 8‏:34؛ لۇقا 9‏:23؛ 14‏:27. 10:39 مات. 16‏:25؛ مار. 8‏:35؛ لۇقا 9‏:24؛ 17‏:33؛ يـۇھ. 12‏:25. 10:40 لۇقا 10‏:16؛ يـۇھ. 13‏:20. 10:41 «بىر پەيغەمبەرنى پەيغەمبەرلىك سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلغان كىشى» ــ دېمەك، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنى قوبۇل قىلغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. 10:41 1پاد. 17‏:10؛ 18‏:4؛ 2پاد. 4‏:8. 10:42 مات. 25‏:40؛ مار. 9‏:41؛ ئىبر. 6‏:10.