9
ئەيسانىڭ پالەچ كېسەلنى كەچۈرۈم قىلىشى ۋە ساقايتىشى
مار. 2:1-12؛ لۇقا 5:17-26
1 شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېمىگە چۈشۈپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەرگە قايتىپ كەلدى.
2 ۋە مانا، كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ ھېلىقى پالەچكە:
ــ ئوغلۇم، يۈرەكلىك بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى.
3 ئاندىن مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ!» دەپ ئويلىدى.
4 ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا:
ــ نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا رەزىل ئويلاردا بولىسىلەر؟
5 «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ــ دېدى ۋە يەنە ئۇلارغا: ــ
6 ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ
ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، ــ دېدى.
7 ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى.
8 بۇنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر قورقۇشۇپ، ئىنسانلارغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.
ئەيسانىڭ ماتتانى مۇخلىسلىققا چاقىرىشى
مار. 2:13-17؛ لۇقا 5:27-32
9 ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىغا كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان، ماتتا ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ ئۇنىڭغا:
ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.
ۋە ماتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
10 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا ماتتانىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارمۇ كىرىپ، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى.
11 بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا:
ــ ئۇستازىڭلار نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېدى.
12 بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەيسا:
ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر.
13 سىلەر بېرىپ مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، دېدى.
يېڭى كونىدىن ئۈستۈندۇر
مار. 2:18-22؛ لۇقا 5:33-39
14 شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مۇخلىسلىرى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
ــ نېمىشقا بىز ۋە پەرىسىيلەر پات-پات روزا تۇتىمىز، لېكىن سىزنىڭ مۇخلىسلىرىڭىز تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
15 ئەيسا جاۋابەن:
ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇغان چاغدا، توي مېھمانلىرى ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ.
16 ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق كىرىشىپ، كىيىمنى تارتىپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ.
17 شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، شارابنىڭ ئېچىشى بىلەن تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلايدۇ؛ شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ.
ئەيسا بىر قىز تىرىلدۈرىدۇ، بىر ئايال ساقايتىدۇ
مار. 5:21-43؛ لۇقا 8:40-56
18 ئۇ يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باش ئۇرۇپ:
ــ مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى؛ ئەمما سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، دېدى.
19 ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
20 ۋە مانا، يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىدى.
21 چۈنكى ئۇ ئىچىدە «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى.
22 ئەمما ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنى كۆرۈپ:
ــ قىزىم، يۈرەكلىك بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال شۇ سائەتتە ساقايدى.
23 ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ ۋايساۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ،
24 ئۇلارغا:
ــ چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، بەلكى ئۇخلاۋاتىدۇ، دېدى.
شۇنى ئاڭلاپ كۆپچىلىك ئۇنى مەسخىرە قىلدى.
25 كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، قىز ئورنىدىن تۇردى.
26 بۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يۇرتتا پۇر كەتتى.
كور ۋە گاچا كىشىلەرنىڭ ساقايتىلىشى
27 ئەيسا ئۇ يەردىن چىققاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ:
ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! ــ دەپ نىدا قىلىشتى.
28 ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن:
ــ سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
29 ئۇ قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:
ــ ئىشەنچىڭلار بويىچە بولسۇن! دېۋىدى،
30 ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ئەيسا ئۇلارغا:
بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار! دەپ قاتتىق تاپىلىدى.
31 لېكىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى پۈتكۈل يۇرتقا يېيىۋەتتى.
32 ئۇلار چىقىپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر جىن چاپلاشقان بىر گاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
33 ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىننىڭ ھەيدىلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇپ:
ــ بۇنداق ئىش ئىسرائىلدا زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ــ دېيىشتى.
34 لېكىن پەرىسىيلەر:
ــ ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ قوغلايدىكەن، دېيىشتى.
ئەيسانىڭ خەلققە ئىچىنى ئاغرىتىشلىرى
35 ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى.
36 لېكىن ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار خارلىنىپ پادىچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز ئىدى.
37 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇخلىسلىرىغا:
ــ ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ ئىكەن، بىراق ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن.
38 شۇڭا ھوسۇلنىڭ ئىگىسىدىن، ئۆز ھوسۇلىڭنى يىغىۋېلىشقا ئىشلەمچىلەرنى جىددىي ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار، ــ دېدى.