27
27-كۈي •••• خۇدانى كۈتكىن!
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتلىقىمدۇر؛
مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟
پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنىدۇر؛
مەن كىمنىڭ ئالدىدا تىترەي؟
2 يامانلىق قىلغۇچىلار «ئۇنىڭ ئەتلىرىنى يەيلى» دەپ ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا،
رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم ماڭا يېقىنلاشقاندا،
پۇتلىشىپ، يىقىلدى ئۇلار.
3 زور قوشۇن بارگاھ قۇرۇپ مېنى قورشاۋغا ئالسىمۇ،
قەلبىمدە ھېچ قورقۇنچ يوق؛
ماڭا ئۇرۇش قوزغىسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرىۋېرىمەن.
4 پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛
مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ــ
ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام،
پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم،
ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن.
5 بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا ئالىدۇ؛
مېنى چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئامان ساقلاپ يوشۇرۇۋالىدۇ.
ئۇ مېنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ.
6 شۇڭا ھازىر ئەتراپىمدىكى دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بېشىم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
ئۇنىڭ مۇقەددەس چېدىرىدا تەنتەنە قىلىپ قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛
ناخشا-كۈيلەر ئېيتىمەن، مۇناجاتلارنى ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا!
7 نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىجابەت قىلغايسەن.
8 ئۆز كۆڭلۈم: «ئۇنىڭ دىدارىنى ئىزدەڭلار!» دەيدۇ؛
دىدارىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈم ئىزدەيمەن.
9 مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن!
غەزەپلەنگەندە قۇلۇڭنى نېرى قوغلىمىغايسەن؛
سەن مېنىڭدىن ياردىمىڭنى ئايىماي كەلدىڭ؛
سەن مەندىن ئايرىلمىغايسەن، مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن، ئى نىجاتكارىم خۇدا!
10 ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ،
پەرۋەردىگار مېنى قۇچىقىغا ئالىدۇ.
11 ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
كۈشەندىلىرىم پايلاپ يۈرمەكتە،
مېنى تۈز يولغا باشلىغايسەن.
12 مېنى رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە تاپشۇرمىغايسەن،
چۈنكى ماڭا قارا چاپلاشماقچى بولغان يالغانچىلار خېلى كۆپتۇر،
ئۇلارنىڭ نەپەسلىرىمۇ زوراۋانلىقتۇر.
13 ئاھ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدە كۆرۈشكە كۆزۈم يەتمىگەن بولسا...!
14 پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن!
جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە بولسۇن!
شۇنداق قىل، پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن!