28
28-كۈي •••• پەرۋەردىگارغا تايىنىش
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
ئى پەرۋەردىگار، ساڭا نىدا قىلىمەن؛
ئى مېنىڭ قورام تېشىم، ماڭا سۈكۈت قىلمىغايسەن؛
چۈنكى سەن جىمجىت تۇرۇۋالىساڭ،
مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ئوخشاشلا بولىمەن.
2 ساڭا پەرياد كۆتۈرگىنىمدە،
سېنىڭ مۇقەددەس كالامخاناڭغا قولۇمنى كۆتۈرگىنىمدە،
مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن!
3 مېنى رەزىللەر ۋە قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن بىللە تاشلىۋەتمىگەيسەن؛
ئۇلار ئاغزىدا يېقىنلىرى بىلەن دوستانە سۆزلەشسىمۇ،
كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك باردۇر.
4 ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپ،
ئىشلىرىنىڭ يامانلىقىغا قاراپ ئىش تۇتقايسەن؛
قولىنىڭ قىلغانلىرى بويىچە ئۆزلىرىگە ياندۇرغايسەن؛
تېگىشلىك جازانى ئۆزلىرىگە قايتۇرغايسەن.
5 چۈنكى ئۇلار نە پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى،
نە قوللىرىنىڭ ئىشلىگەنلىرىنى ھېچ نەزىرىگە ئالمايدۇ،
پەرۋەردىگار ئۇلارنى غۇلىتىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرگۈزمەيدۇ.
6 پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن؛
چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئىلتىجالىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغان.
7 پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم، مېنىڭ قالقىنىمدۇر؛
مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا ئىشەندى،
شۇنىڭ بىلەن ياردەم تاپتىم؛
شۇڭا كۆڭلۈم زور شادلىنىدۇ،
ئۆز كۈيۈم بىلەن مەن ئۇنى مەدھىيىلەيمەن.
8 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ كۈچىدۇر،
شۇنداقلا مەسىھ قىلغىنىغا قۇتقۇزغۇچى قورغاندۇر.
9 ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزغايسەن،
مىراسىڭنى بەرىكەتلىك قىلغايسەن؛
ئۇلارنى پادىچىدەك بېقىپ ئوزۇقلاندۇرغايسەن،
مەڭگۈگە ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەيسەن.