29
29-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ ھەيۋىسى
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگارغا بەرگەيسىلەر، ئى قۇدرەتلىك بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى،
پەرۋەردىگارغا شانۇ-شەۋكەت، كۈچ بەرگەيسىلەر!
2 پەرۋەردىگارغا ئۆز نامىغا لايىق شانۇ-شەۋكەت بەرگەيسىلەر؛
پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار!
3 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛
شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان تەڭرى گۈلدۈرمامىلارنى ياڭرىتىدۇ؛
پەرۋەردىگار بۈيۈك دېڭىزلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ.
4 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كۈچلۈكتۇر؛
پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ھەيۋەتكە تولغاندۇر؛
5 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كېدىر دەرەخلىرىنى سۇندۇرىۋېتىدۇ؛
بەرھەق، پەرۋەردىگار لىۋاندىكى كېدىرلارنى سۇندۇرىۋېتىدۇ.
6 ئۇ ئۇلارنى موزاي ئويناقلاۋاتقاندەك ئويناقلىتىدۇ؛
ياۋا كالىنىڭ بالىسى ئويناقلاۋاتقاندەك، ئۇ لىۋان ۋە سىرىئون تېغىنى ئويناقلىتىدۇ.
7 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چاقماقلارنىڭ يالقۇنلىرىنى شاخلىتىۋېتىدۇ؛
8 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛
پەرۋەردىگار قەدەشتىكى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ؛
9 پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى دۇب دەرەخلىرىنى ھەريان تولغىتىدۇ،
ئورمانلىقلارنى يالىڭاچلايدۇ؛
ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا بولغان ھەممىسى «شانۇ-شەۋكەت!» دەپ تەنتەنە قىلىدۇ.
10 پەرۋەردىگار توپان ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئولتۇرىدۇ؛
بەرھەق، پەرۋەردىگار مەڭگۈگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ.
11 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە قۇدرەتنى بەخش ئېتىدۇ؛
ئۆز خەلقىنى ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن بەرىكەتلەيدۇ.