11
ئىككى گۇۋاھچى؛ «ئىككىنچى ۋاي»نىڭ داۋامى
ماڭا ئۆلچىگۈچ ھاسىدەك بىر قومۇش بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلدى:
«بارغىن، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى، قۇربانگاھى ۋە ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلچىگىن.    لېكىن ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يات تائىپىلەرگە بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھەر قىرىق ئىككى ئاي دەپسەندە قىلىنىدۇ. مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆز كىيىم كىيىپ، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش كۈن يەتكۈزىدۇ» (بۇلار يەر-زېمىننىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغداندۇر).  
بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈلۈپ چىقىپ، دۈشمەنلىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلار بېشارەت-ۋەھىينى يەتكۈزگەن كۈنلەردە يامغۇر ياغدۇرماسلىققا ئاسماننى ئېتىۋېتىش قۇدرىتىكە ئىگە؛ سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەرخىل بالا-ۋابا بىلەن يەر-زېمىننى خالىغان ۋاقىتتا ئۇرۇش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋەزىپىسى ئاياغلىشىشى بىلەن، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ.   جەسەتلىرى روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شۇ كاتتا شەھەرنىڭ غول كوچىسىدا ياتىدۇ؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ رەببىمۇ كرېستلەنگەنىدى.
  
ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلاردىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئادەملەر ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا يول قويمايدۇ. 10 يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇلارنىڭ بۇ ھالىدىن خۇشاللىنىپ، تەبرىكلىشىپ، بىر-بىرىگە ھەدىيەلەر ئەۋەتىشىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەر يەر يۈزىدىكىلەرنى قىينايتتى.
11 لېكىن ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى ئىككىيلەنگە كىردى، ئۇلار ئورنىدىن پۇت تىرەپ تۇردى؛ ئۇلارغا قاراۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر قورقۇنچ چۈشتى.    12 ئاندىن ئۇلار ئىككەيلەنگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 13 دەل شۇ سائەت ئىچىدە شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەردى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.
14 ئىككىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى؛ مانا، ئۈچىنچى «ۋاي» كېلىشكە ئاز قالدى.
 
يەتتىنچى پەرىشتىنىڭ كاناي چېلىشى؛ «ئۈچىنچى ۋاي»
15 ئاندىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ ئەرشتە يۇقىرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
«دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز
ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ پادىشاھلىقى بولدى،
ئۇ ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ».
16 خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال يەرگە يىقىلىپ باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ــ
17 «شۈكۈرلەر ئېيتىمىز ساڭا،
ئى بار بولغۇچى ۋە بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا،
چۈنكى ئۇلۇغ قۇدرىتىڭنى قولۇڭغا ئېلىپ،
ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ.
18 ئەللەر غەزەپلەنگەنىدى،
ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى!
ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىش،
قۇل-خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى،
مۇقەددەس بەندىلەرنى،
تۆۋەن ياكى كاتتا بولسۇن نامىڭدىن قورققانلارنى ئىنئامىغا ئىگە قىلىش،
يەر يۈزىنى ھالاك قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى».
 
19 ئاندىن خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىبادەتخانىدا كۆرۈندى؛ چاقماقلار، تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ، يەر تەۋرەش ۋە دەھشەتلىك مۆلدۈر بولدى.
 
 
11:1 «بارغىن، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى، قۇربانگاھى ۋە ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلچىگىن» ــ قىزىق يېرى شۇكى، يۇھاننا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋە ئۇنىڭدا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئۆلچىگىن دەپ بۇيرۇلغىنى بىلەن ئۇ بىزگە بۇلارنىڭ ئۆلچەملىرىنى ئېيتمايدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «ئەز.» 3:40 قاتارلىقلار، «زەك.» 1:2-4. 11:1 ئ‍ەز. 40‏:3-49؛ ئ‍ەز. 41؛ ئ‍ەز. 42؛ ئ‍ەز. 43. 11:2 ۋەھ. 13‏:5. 11:3 «ئىككى گۇۋاھچىم... بۆز كىيىم كىيىپ...» ــ كونا زامانلاردا «بۆز كىيىم كىيىش» توۋا قىلىش ياكى ماتەم تۇتۇشنى بىلدۈرەتتى. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ توۋا قىلىش ھەققىدىكى خەۋەرنى تەكىتلەش ئۈچۈن بولىدۇ. 11:4 «مۇنساۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «زەك.» 1:4-7. 11:4 زەك. 4‏:14،3. 11:6 مىس. 7؛ 8؛ 9؛ 10؛ 12؛ 1پاد. 17‏:1. 11:7 «تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ» ــ گرېك تىلىدا «تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىدۇ». 11:7 دان. 7‏:21؛ ۋەھ. 13‏:11،7. 11:8 «روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شەھەر» ــ سودوم ئېغىر بۇزۇقلۇققا چۆمگەنىدى، مىسىر بولسا خۇدانىڭ بەندىلىرىگە نىسبەتەن ئەسلىدە ئۇلارنى ئەسىر قىلىۋالغان «بۇ رەزىل دۇنيا»نىڭ سىمۋولىدۇر. شەھەرنىڭ «روھىي جەھەتتىن» شۇ ناملاردا بولۇشى «رىم» ياكى «بابىل (بابىلون)»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شەھەر ھەرھالدا ئاخىرقى زاماندا بۇ رەزىل دۇنيانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئەڭ چوڭ ناماياندە بولۇشى كېرەك. بەزى ئالىملار شەھەرنى يېرۇسالېم دەپ قارايدۇ. 11:8 ۋەھ. 7‏:2، 5؛ 18‏:10. 11:11 «خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى ئىككىيلەنگە كىردى...» ــ گرېك تىلىدا «نەپەس» ۋە «روھ» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 11:11 ئ‍ەز. 37‏:10،5 11:12 «ئۇلار ئىككەيلەنگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى» ــ بەزى قەدىمكى كۆچۈرمىلەردە: «مەن ئۇلار ئىككىلىسى ئۆزلىرىگە ئەرشتىن كەلگەن: ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم» دېيىلىدۇ. 11:13 «يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى» ــ گرېك تىلىدا «يەتتە مىڭ نام ھالاك بولدى». 11:14 ۋەھ. 8‏:13؛ 9‏:12؛ 15‏:1. 11:17 ۋەھ. 1‏:4، 8؛ 4‏:18؛ 16‏:5. 11:19 ۋەھ. 15‏:5.