12
ئايال، ئوغۇل بالا ۋە ئەجدىھا
ئۇ چاغدا، ئەرشتە ئاجايىپ بىر كارامەت پەيدا بولدى ــ ئۇ قۇياشنى يېپىنچاقلىغان، پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار بىر ئايال ئىدى. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى.
ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر ئالامەت كۆرۈندى ــ مانا، يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار بولغان چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا تۇراتتى. ئۇ قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى. ئەجىدىھا تۇغاي دەپ قالغان ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر ھاسىسى بىلەن پادىچىدەك باقىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا بولسا خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىغا غاچچىدە ئېلىپ چىقىلدى. ئايال چۆلگە قاچتى؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى.
ئاندىن ئەرشتە جەڭ بولدى. باش پەرىشتە مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلغىلى تۇردى؛ ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى. لېكىن ئۇ ئۈستۈنلۈك قازىنالمىدى، ئۇنىڭغا ۋە پەرىشتىلىرىگە ئەرشتە تۇرۇشقا ئورۇن قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن زور ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ۋە شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن جاھاننى ئازدۇرغۇچى ھېلىقى قەدىمىي يىلان يەر يۈزىگە تاشلاندى. ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تاشلاندى.
10 ئاندىن مەن ئەرشتە يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ
 
«كەلدى خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ھوقۇقى!
چۈنكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز شىكايەت قىلىپ تۇرغان شىكايەت قىلغۇچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى؛
11 قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن غالىب كەلدى؛
ئۇلار ھەتتا ئۆلۈمنى كۆزىگە ئىلماي ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرمىدى.
12 شۇنىڭ ئۈچۈن، شادلىنىڭلار، ئەي ئەرشلەر ۋە ئۇلاردا تۇرۇۋاتقالار!
لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار!
چۈنكى ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا چۈشتى؛
ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەچ،
غەزەپ-قەھرى بىلەن كەلدى!».
13 ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى. 14 ئايالنىڭ يىلاننىڭ يۈزىدىن دالدىلىنىشى، چۆلدە ئۆزى ئۈچۈن ھازىرلانغان ماكانىغا بېرىپبىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يېرىم مەزگىل بېقىلسۇن دەپ شۇ يەرگە ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى.   15 ئاندىن يىلان ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەل بىلەن ئېقىتىپ يوقاتماقچى بولدى. 16 لېكىن زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھا ئاغزىدىن پۈركۈپ چىقارغان دەريانى يۇتۇۋەتتى. 17 بۇنىڭ بىلەن ئەجدىھانىڭ ئايالغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ قالغان نەسلى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى؛ ئۇ دېڭىز ساھىلى ئۈستىدە تۇراتتى.
 
 
12:2 «ئۇ (ئايال) ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى...» ــ ئايال توغرۇلۇق ئۈچ پىكىر بار؛ ئۇ ياكى (1) جامائەتنى؛ ياكى (2) بۈۋى مەريەم؛ ياكى (3) ئىسرائىلنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭ ئىسرائىلنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا قىلچە گۇمانىمىز يوق. ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ تەۋرات، «يارىتىلىش» 37-بابتا خاتىرىلەنگەن چۈشىنى كۆرۈڭ. «ئايال» جامائەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى «ئايال» مەسىھنى تۇغىدۇ (5-ئايەت). 17:12نىمۇ كۆرۈڭ. 12:4 «ئۇ (ئەجدىھا) قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى...» ــ بۇ ۋەھىي بىزنىڭچە شەيتاننىڭ ئەسلىدەئەرشتە خۇداغا قارشى كۆتۈرگەن ئىسيانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق شەرھ توغرا بولسا، پەرىشتىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىسيانغا قوشۇلۇپ ھازىرقى جىنلار بولۇپ چىققان. 12:5 زەب. 2‏:9؛ ۋەھ. 2‏:27. 12:6 ۋەھ. 11‏:3. 12:7 «باش پەرىشتە مىكائىل» ــ باش پەرىشتە مىكائىلنىڭ ئىسرائىل خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار («دان.» 13:10، 21، 1:12 ۋە «يەھ.» 9نى كۆرۈڭ). 12:8 دان. 2‏:35. 12:9 لۇقا 10‏:18؛ ۋەھ. 20‏:2. 12:12 زەب. 96‏:11؛ يەش. 49‏:13؛ ۋەھ. 8‏:13. 12:14 «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل، ۋە يېرىم مەزگىل» ــ 1260 كۈن، تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىل. «دان.» 25:7، 7:12نى، ئىزاھاتلىرى ۋە «دانىيال»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ. 12:14 ۋەھ. 2‏:6. 12:17 «ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى» ــ ياكى ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدىغانلار، ياكى ئۇ ئۆزى بەرگەن گۇۋاھلىقنى چىڭ تۇتقانلارنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە ئاۋۋالقىسى توغرا.