19
ئەرشتىكى ھەمدۇسانالار
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەرشتە زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ــ
 
ــ ھەمدۇسانا!نىجات، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر!
چۈنكى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر؛
ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز بۇزۇقلۇقى بىلەن بۇزغان چوڭ پاھىشىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ،
ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئۇنىڭدىن ئالدى،
ــ دېيىشەتتى.  
 
ئۇلار ئىككىنچى قېتىم: ــ «ھەمدۇسانا!» دېيىشتى. ئۇنىڭدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر ئەبەدىلئەبەدگىچە پۇرقىرايدۇ!  
يىگىرمە تۆت ئاقساقال ۋە تۆت ھايات مەخلۇق يەرگە يىقىلىپ: ــ «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى.
 
قوزىنىڭ توي زىياپىتى
ئاندىن تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: ــ
«ئەي ئۇنىڭ بارلىق قۇل-خىزمەتكارلىرى،
ئۇنىڭدىن قورقىدىغان كاتتىلار بولسۇن، تۆۋەنلەر بولسۇن،
ھەممىڭلار خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەڭلار!»
 
ئاندىن زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا، نۇرغۇن سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىلارنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاش بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ
 
«ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدايمىز سەلتەنەت قىلدى!
شادلىنايلى، تەنتەنە قىلايلى ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى!
چۈنكى قوزىنىڭ توي-مەرىكە كۈنى يېتىپ كەلدى،
قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى!»
قىزغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز، پارقىراپ تۇرىدىغان نەپىس لىباس بېرىلدى (نەپىس لىباس بولسا مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىدۇر).
ئاندىن، پەرىشتە ماڭا:
ــ مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: ــ
«قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە چاقىرىلغانلار بەختلىكتۇر!» ــ دېدى.
ئۇ ماڭا يەنە: ــ بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر، ــ دېدى.  
10 مەن ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى ئايىغىغا يىقىلدىم. لېكىن ئۇ:
ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى قېرىنداشلىرىڭ بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى ۋەھىي-بېشارەتنىڭ روھ-ماھىيىتى بولسا ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر، ــ دېدى.  
 
ئاق ئاتقا مىنگۈچى
11 ئاندىن كۆردۈمكى، ئاسمان ئېچىلدى ۋە مانا، بىر ئاق ئات تۇراتتى؛ ئۈستىگە مىنگۈچىنىڭ بولسا نامى «سادىق» ۋە «ھەقىقىي» بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە جەڭ قىلىدۇ. 12 ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوت يالقۇنىغا ئوخشايتتى، بېشىدا نۇرغۇن تاجى بولۇپ، تېنىدە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر نام پۈتۈكلۈك ئىدى. 13 ئۇ ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن بىر تون كىيگەنىدى، ئۇنىڭ نامى «خۇدانىڭ كالامى» دەپ ئاتىلىدۇ. 14 ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئەرشتىكى قوشۇنلار بولسا، ئاق ئاتلارغا مىنگەن، ئاپئاق، پاك نەپىس كاناپ لىباس بىلەن كىيدۈرۈلگەنىدى. 15 ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى؛ ئۇ بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەرنى ئۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باقىدۇ؛ ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك غەزىپىنىڭ «شاراب كۆلچىكى»نىڭ چەيلىگۈچىسىدۇر.  
16 ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى.
17 ئاندىن مەن قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:
ــ كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار! 18 پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە پالۋانلارنىڭ، ئاتلارنىڭ ۋە ئۇلارغا مىنگەنلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ، قۇللارنىڭ ھەم ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ھەم تۆۋەنلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار! ــ دېدى.
 
19 شۇنىڭ بىلەن مەن دىۋە، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ھەم ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى كۆردۈم. 20 ئەمدى دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەرنىڭ ھەر ئىككىسى تۇتۇۋېلىندى. (ساختا پەيغەمبەر شۇ ئالامەتلەر بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى). ئۇلار ئىككىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى. 21 قالغىنى بولسا ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىلىچ بىلەن قىرىلدى. بارلىق پۈتۈن ئۇچار-قاناتلار بۇلارنىڭ گۆشى بىلەن يەپ تويۇندى.
 
 
19:1 «ھەمدۇسانا» ــ گرېك تىل ۋە ئىبرانىي تىلىدا «خاللېلۇياھ!» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەنىسى ««ياھ»قا مەدھىيە بولغاي!». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «ياھ» «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار)نىڭ قىسقارتىلغان شەكلىدۇر. 19:2 «ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئۇنىڭدىن ئالدى» ــ گرېك تىلىدا «ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئۇنىڭ قولىدىن ئالدى». «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «زەب.» 9:19، «قان.» 43:32. 19:2 قان. 32‏:43؛ ۋەھ. 15‏:3؛ 16‏:7؛ 18‏:20. 19:3 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 10:34. 19:3 يەش. 34‏:10؛ ۋەھ. 14‏:11؛ 18‏:18. 19:6 ۋەھ. 11‏:17. 19:7 مات. 22‏:2؛ لۇقا 14‏:16. 19:9 «ئاندىن پەرىشتە ماڭا ... دېدى» ــ گرېك تىلىدا «ئاندىن ئۇ ماڭا ... دېدى» دېيىلىدۇ. سۆزلىگۈچى چوقوم پەرىشتە بولىدۇ؛ 10-ئايۆتنى كۆرۈڭ. 19:9 ۋەھ. 21‏:5. 19:10 «ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى قېرىنداشلىرىڭ...» ــ گرېك تىلىدا «ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقانئە قېرىنداشلىرىڭ...». «ۋەھىي-بېشارەتنىڭ روھ-ماھىيىتى بولسا ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر» ــ بۇ، ئىنتايىن مۇھىم بىر پرىنسىپتۇر. دېمەك، پۈتكۈل تەۋرات-ئىنجىلدىكى ۋەھىي-بېشارەتلەر ۋە خۇدانىڭ گاھى ۋاقىتلاردا ئۇلاردىن باشقا جامائەتلەردە يۈرگۈزگەن ۋەھىي-بېشارەتلەرنىڭ مېغىزى ۋە جەۋھىرى بولسا «ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق (بېرىش)»تۇر. مەلۇم بىر «ۋەھىي-بېشارەت»تە شۇنداق ئامىل ياكى نەتىجە بولمىسا، ئۇنىڭ ھەقىقىي بىر«ۋەھىي-بېشارەت» ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ. 19:10 روس. 10‏:26؛ 14‏:14؛ ۋەھ. 22‏:9. 19:11 ۋەھ. 6‏:2. 19:12 ۋەھ. 1‏:14. 19:13 يەش. 63‏:1؛ يـۇھ. 1‏:1. 19:14 مات. 28‏:3؛ ۋەھ. 4‏:4؛ 7‏:9. 19:15 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 63-باب. 19:15 زەب. 2‏:9؛ يەش. 63‏:3؛ ۋەھ. 2‏:16،27؛ 14‏:20،19؛ 19‏:21. 19:16 1تىم. 6‏:15؛ ۋەھ. 17‏:14. 19:17 يەر. 12‏:9؛ ئ‍ەز. 39‏:17. 19:18 «پالۋانلارنىڭ..» ــ ياكى «قۇدرەتلىكلەرنىڭ...». 19:20 قان. 13‏:2؛ دان. 7‏:11؛ مات. 24‏:24؛ ۋەھ. 13‏:16،15،13،12؛ 16‏:14؛ 20‏:10.