18
بابىلنىڭ گۇمران بولۇشى
ئۇ ئىشلاردىن كېيىن مەن چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ جۇلالىلىقىدىن يورۇپ كەتتى.
پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: ــ
«غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى!
ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەربىر ناپاك روھلارنىڭ سولاقخانىسى،
ھەربىر مەكرۇھ ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ سولاق-چاڭگىسى بولدى!   
چۈنكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىدىن ئىچىشتى؛
يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزۈشتى،
يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەر ئۇنىڭ ئەيش-ئىشرىتىنىڭ ئەلۋەكچىلىكىدىن بېيىشتى».
 
ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: ــ
«ئى مېنىڭ خەلقىم، ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن،
ھەم ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىڭلار!   
چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھلىرى پەلەككە يەتكۈدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن،
خۇدا ئۇنىڭ ھەققانىيەتسىزلىكلىرىنى ئېسىگە ئالدى.   
ئۇ باشقىلارغا ياندۇرغىنىدەك ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار؛
ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق ئىككى ھەسسە قوشلاپ قايتۇرۇڭلار؛
ئۇ باشقىلارغا ئەبجەش قىلىپ بەرگەن قەدەھتە ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە قويۇق ئەبجەش قىلىڭلار.
ئۇ ئۆزىنى قانچىلىك ئۇلۇغلىغان بولسا،
قانچىلىك ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان بولسا،
ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قىينىلىش ۋە دەرد بېرىڭلار؛
ئۇ كۆڭلىدە: «مەن تۇل ئەمەس، بەلكى تەختە ئولتۇرغان خانىشمەن؛
مەن دەرد-ئەلەمنى ئەسلا كۆرمەيمەن» دېگىنى تۈپەيلىدىن،   
بۇ ۋەجىدىن بىر كۈن ئىچىدىلا ئۇنىڭغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەر،
يەنى ئۆلۈم، دەرد-ئەلەم ۋە ئاچارچىلىق كېلىدۇ،
ئۇ ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛
چۈنكى ئۇنى سوراق قىلغۇچى پەرۋەردىگار خۇدا قۇدرەتلىكتۇر!».
ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. 10 ئۇلار ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى:
ــ «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر!
ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر!
چۈنكى بىر سائەت ئىچىدىلا جازايىڭ بېشىڭغا چۈشتى!»
 
11 يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى ئەمدى ئۇلارنىڭ كېمىدىكى يۈك-ماللىرىنى، 12 يەنى ئالتۇن-كۈمۈش، قىممەتلىك ياقۇتلار، ئۈنچە-مەرۋايىت، نەپىس لىباس رەخت، سۆسۈن رەخت، يىپەك، توق قىزىل رەڭلىك گەزمال، ھەرخىل خۇشبۇي تۇرۇنج ياغاچلار، پىل چىشى بۇيۇملىرى، ئەڭ ئېسىل ياغاچ، تۇچ، تۆمۈر ۋە مەرمەرلەردىن ئىشلەنگەن خىلمۇخىل بۇيۇملار، 13 شۇنىڭدەك قوۋزاقدارچىن، تېتىتقۇلار، خۇشبۇي، مۇرمەككى، مەستىكى، شاراب، زەيتۇن مېيى، ئاق ئۇن، بۇغداي، كالا، قوي، ئات، ھارۋا ۋە ئىنسانلارنىڭ تەنلىرى ۋە جانلىرى دېگەن ماللىرىنى سېتىۋالىدىغان كىشى يوقتۇر.  
14 (ئى بابىل، جېنىڭ مەستانە بولغان ئېسىل مېۋىلەر سەندىن كەتتى،
بارلىق ھەشەمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك مال-دۇنيالىرىڭ سەندىن يوقالدى.
ئۇلار بۇلارنى ئەمدى ھەرگىز تاپالمايدۇ!)
 
15 بۇ ماللارنى سېتىپ بېيىغان سودىگەرلەر بولسا شەھەرنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىپ دېيىشىدۇكى: ــ
 
16 «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر!
نەپىس لىباس رەختلەرگە، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك گەزماللارغا ئورىلىپ،
ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇتلار ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنسەن!
17 بىر سائەت ئىچىدىلا شۇنچە كاتتا بايلىقلار ۋەيران بولدى!»
بارلىق كېمە خوجايىنلىرى، كېمىدىكى بارلىق يولۇچىلار، كېمىچىلەر ۋە دېڭىزغا تايىنىپ جان باقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يىراقتا تۇرۇپ، 18 ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ:
ــ بۇ كاتتا شەھەرگە قايسى شەھەر تەڭ كېلەلىسۇن؟ ــ دەپ پەرياد كۆتۈرۈشتى. 19 ئۇلار باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرياد كۆتۈرۈشۈپ، يىغا-زار قىلىشىپ:
ــ ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئۇ كاتتا شەھەر!
ئۇ ئارقىلىق، ئۇنىڭ دۆلىتىدىن، دېڭىزدا كېمىسى بارلار بېيىغانىدى!
بىر سائەت ئىچىدىلا ۋەيران بولدى بۇ شەھەر! ــ دېيىشىدۇ.
20 ــ «ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن شادلىنىڭلار،
ئەي ئەرش، ئەي مۇقەددەس بەندىلەر، روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر!
چۈنكى خۇدا سىلەرنىڭ دەۋايىڭلاردىكى ھۆكۈمنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان!».
 
21 ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: ــ
«مانا شۇنداق شىددەت بىلەن،
كاتتا شەھەر بابىل غۇلىتىلىدۇ،
ئۇ قايتىدىن كۆرۈنمەيدۇ!   
22 چىلتارچىلارنىڭ، سازچىلارنىڭ،
نەيچىلەر ۋە سۇنايچىلارنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ،
ھەرخىل ھۈنەرنى قىلىدىغان ھۈنەرۋەن سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز تېپىلمايدۇ،
تۈگمەننىڭمۇ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ،   
23 ھەتتا چىراغنىڭ يورۇقى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز يورۇمايدۇ،
توي بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ؛
چۈنكى سېنىڭ سودىگەرلىرىڭ يەر يۈزىدىكى ئەربابلار بولۇپ چىقتى،
بارلىق ئەللەر سېنىڭ سېھىر-ئەپسۇنلىرىڭغا ئالداندى؛
24 پەيغەمبەرلەرنىڭ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرى،
شۇنداقلا يەر يۈزىدە بارلىق قىرغىن بولغانلارنىڭ قانلىرىمۇ ئۇنىڭدا تېپىلدى».
 
 
18:2 «ھەربىر مەكرۇھ ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ سولاق-چاڭگىسى بولدى..» ــ بەزى قەدىمكى كۆچۈرمىلەردە بۇ سۆزلەردىن كېيىن: «ۋە ھەربىر ھارام ۋە يىرگىنچلىك ھايۋاننىڭ سولاق-ئۇۋىسى بولدى» ــ دېگەن سۆزلەر قوشۇلىدۇ. «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 19:13-22، 22:14-23، 21:9، «يەر.» 34:50-40، 36:51-37. 18:2 يەش. 13‏:21؛ 21‏:9؛ 34‏:14،11؛ يەر. 50‏:39؛ 51‏:8؛ ۋەھ. 14‏:8. 18:3 ۋەھ. 14‏:8؛ 17‏:2. 18:4 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 11:52، «يەر.» 8:50، 6:51-8، 45 قاتارلىقلار. 18:4 يار. 19‏:12؛ يەش. 48‏:20؛ 52‏:11؛ يەر. 51‏:45،6؛ 2كور. 6‏:17. 18:5 «مۇناسىۋەتلىك ئايەت» ــ «زەب.» 5:36. 18:5 ۋەھ. 16‏:19. 18:6 ۋەھ. 14‏:10. 18:7 «مۇناسىۋەتلىك ئايەت» ــ «يەش.» 8:47. 18:7 يەش. 47‏:8. 18:8 2تېـس. 2‏:8؛ ۋەھ. 17‏:16. 18:9 ۋەھ. 17‏:2؛ 18‏:18،3. 18:10 يەش. 21‏:9؛ يەر. 51‏:1؛ ۋەھ. 14‏:8. 18:12 «توق قىزىل رەڭلىك گەزمال» ــ ياكى «توق قىزىل بوياق». 18:13 «ئىنسانلارنىڭ تەنلىرى ۋە جانلىرى دېگەن ماللىرى» ــ «ئىنسانلارنىڭ تەنلىرى ۋە جانلىرى» دېگەن ئىبارە بەلكىم قۇللارنىڭ ھالىتىنى ياكى بۇ بايلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ كۆپ كىشىلەرنىڭ جانلىرىنىڭ بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. قۇللۇق ئادەملەرنىڭ تەنلىرىنى ھالاك قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ جان-ھاياتىنىڭ ھەرقانداق ئەھمىيىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. 18:13 ئ‍ەز. 27‏:13. 18:14 «جېنىڭ مەستانە بولغان ئېسىل مېۋىلەر سەندىن كەتتى» ــ «ئېسىل (پىشقان) مېۋىلەر» مۇشۇ يەردە بەلكىم كۆچمە مەنىدە بولۇپ، ھەرخىل ئېسىل نەرسىلەرنى بىلدۈرىدۇ. 18:16 ۋەھ. 17‏:4. 18:18 يەش. 34‏:10؛ ۋەھ. 13‏:4؛ 18‏:9. 18:20 ۋەھ. 19‏:2. 18:21 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «مىس.» 5:15، «يەر.» 63:51-64. 18:21 يەر. 51‏:64. 18:22 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «يەش.» 8:24-9، «يەر.» 34:7، 9:16-10، 10:25، «ئەز.» 13:26. 18:22 يەر. 25‏:10؛ ئ‍ەز. 26‏:13. 18:23 يەر. 7‏:34؛ 16‏:9؛ 25‏:10. 18:24 ۋەھ. 17‏:6.