4
ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ.   بۇنداق تەلىم بەرگۈچىلەر ساختىلىقتا يالغانچىلىق قىلىپ، خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان؛ ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار مەنئى قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى.   چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ.   چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ.
 
ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى
بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سالساڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، ئۆزۈڭنىڭ ئەستايىدىل ئەگەشكەن ئېتىقادتىكى ۋە ساغلام تەلىملەردىكى سۆزلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگەنلىكىڭ ئايان بولىدۇ. ئەمما ئىخلاسسىزلارنىڭ ۋە مومايلارنىڭ ئەپسانىلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن.   چۈنكى «بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازراق پايدىسى بار، لېكىن ئىخلاسمەنلىكتە ئىنتىلىشنىڭ ھەرتەرەپلىك پايدىسى بار؛ ئۇ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ» ــ بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. 10 ئەمەلىيەتتە بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە خار قىلىنىۋاتىمىز. چۈنكى ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ــ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق.
11 بۇ ئىشلارنى جامائەتكە توختىماي تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن. 12 ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما؛ بەلكى سۆزلىرىڭدە، ئەمەللىرىڭدە، مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا نەمۇنە بول.    13 مەن يېنىڭغا بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتكە مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن. 14  جامائىتىڭنىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما.
  
15 بۇ ئىشلارغا بېرىلىپ، ئۆزۈڭنى ئۇلارغا تولۇق ئاتىغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭ ھەممەيلەنگە ئايان بولىدۇ. 16 ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە ئىزچىل كۆڭۈل قويغىن. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئۆزۈڭنىمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنىمۇ قۇتقۇزىسەن.
 
 
4:1 «ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى،... » ــ «روھ» ــ مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ روھى. «ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ» ــ «ئالدامچى روھلار» ۋە «جىنلار» بىر گەپتۇر. 4:1 مات. 24‏:23؛ 2تېـس. 2‏:3؛ 2تىم. 3‏:1؛ 2پېت. 3‏:3؛ يەھ. 18. 4:2 «... خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان» ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى: «شەيتان ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىنى «مېنىڭكى» دەپ داغماللاپ قويغان» دېگەندەك چۈشىنىدۇ. 4:3 «ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار مەنئى قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى» ــ بۇ ئايەت توغرۇلۇق بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز. 4:3 يار. 1‏:29؛ 9‏:3؛ رىم. 14‏:6؛ 1كور. 10‏:30. 4:4 «چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ» ــ بۇ سۆز پەقەت بارلىق يېمەكلىكلەرنى ئەمەس، يەنە ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان نىكاھدا بولغان ئەر-ئاياللىق جىنىسىي مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4:4 يار. 1‏:31؛ روس. 10‏:15؛ رىم. 14‏:14. 4:5 «چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ» ــ گرېك تىلىدا «ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى» دېگەن ئالاھىدە سۆز بولۇپ «شۇ دۇئالار خۇدا بىلەن يېقىن ئالاقە-مۇناسىۋەتتە بولىدۇ» دېگەن مەنىنى پۇرىتىپ بېرىدۇ. 4:6 2تىم. 1‏:5؛ 3‏:14،15. 4:7 «... ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن» ــ «چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن» دېگىنى گرېك تىلىدا «گىمناستىكا» («تەن ھەرىكىتى») بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆز. 4:7 1تىم. 1‏:4؛ 6‏:20؛ 2تىم. 2‏:16؛ تىت. 1‏:14؛ 3‏:9. 4:8 كول. 2‏:23. 4:10 «ئەمەلىيەتتە بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە خار قىلىنىۋاتىمىز» ــ «خار قىلىنىۋاتىمىز» بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېيىلىدۇ. «چۈنكى ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ــ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق» ــ «پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دېگەن ئىبارىدە «ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دېگەنلىك بەلكىم «ھەر ئادەمنى ساقلىغۇچى» دېگەن ئومومىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. 4:12 «ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما» ــ تىموتىي بەلكىم ئوتتۇز نەچچە ياشقا كىرگەن. لېكىن گرېك مەدەنىيىتىدە قىرىق ياشقا كىرگەن ئوغۇل بالىلار تېخى «ياش» «يىگىت» دەپ ھېسابلىنىدۇ. 4:12 تىت. 2‏:7،15؛ 1پېت. 5‏:3. 4:13 «ئۆزۈڭنى جامائەتكە مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن» ــ «مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ بېرىش» توغرۇلۇق: ــ شۇ ۋاقىتلاردا ئاز سانلىق كىشىلەر ئوقۇيالايتتى ۋە تېخىمۇ ئاز كىشىلەر مۇقەددەس كىتابتىكى بىرەر قىسىملارغا ئىگە بولۇشقا مۇيەسسەر ئىدى. 4:14 «جامائىتىڭنىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما» ــ جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئېتىقادچىنى بىرەر ۋەزىپىگە تەيىنلىگەندە، قوللىرىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشى ئىنجىلدىكى باشقا يەرلەردىمۇ كۆرۈنىدۇ. «ئىلتىپات» مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مەلۇم بىر ئالاھىدە قابىلىيەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق قابىلىيەتلەرنىڭ بەزىلىرى توغرۇلۇق «1كور.» 12-، 14-بابنى كۆرۈڭ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە تىموتىيغا تاپشۇرۇلغان ئىلتىپات توغرۇلۇق سۆزلەيمىز. 4:14 روس. 6‏:6؛ 8‏:17؛ 13‏:3؛ 19‏:6؛ 1تىم. 5‏:22؛ 2تىم. 1‏:6.