5
جامائەتتىكى بەزى ئەمەلىي ئىشلار
ياشانغان ئەرلەرنى ئەيىبلىگەندە قاتتىق سۆزلىمىگىن، بەلكى ئۇلارغا ئاتاڭ سۈپىتىدە نەسىھەت بەرگىن. شۇنىڭدەك، يىگىتلەرگە قېرىنداشلىرىڭ سۈپىتىدە سۆزلىگىن. ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭ سۈپىتىدە، ياش ئاياللارغا ئاچا-سىڭىللىرىڭ سۈپىتىدە ھەر ئىشتا پاك قەلب بىلەن مۇئامىلە قىلغىن. ھەقىقىي تۇل ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال. لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئىخلاسمەنلىكنى ئۆگىنىپ، ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. ئەمدى ھەقىقىي تۇل ئۆتۈۋاتقان، يالغۇز قالغان ئاياللار بولسا، ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان بولۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەتتە بولىدۇ. لېكىن ھۇزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلگەن تۇل خوتۇن ھايات بولسىمۇ، ئۆلگەنگە باراۋەردۇر. ئەمدى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى جېكىلەپ تاپىلىغىن. لېكىن بىرسى ئۆز تۇغقانلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئالمىسا، ئۇ ئېتىقادتىن تانغان دەپ قارىلىپ، كاپىرلاردىن بەتتەر بولىدۇ.
 
تۇل ئايال تىزىمغا ئېلىنسا، يېشى ئاتمىشتىن تۆۋەن بولماسلىقى، بىرلا ئەرنىڭ ئايالى بولغان بولۇشى كېرەك،
10 يەنە گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن تەرىپلەنگەن بولۇشى، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مۇساپىرلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قولىنى ئۇزارتقان، ئۆزىنى ھەرخىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلار بولۇشى كېرەك.    11 لېكىن ياش تۇل ئاياللارنى تىزىملىككە كىرگۈزمە. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشق ھەۋەسلىرى قوزغىلىپ مەسىھدىن تېنىپ، قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ 12 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىك بولىدۇ. 13 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ؛ شۇنداقلا ھۇرۇن بولۇپلا قالماي، ئۇلار غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا چېپىلغاق بولۇپ نالايىق ئىشلارغا ۋالاقلايدىغانلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.    14 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى خالايمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىغا بىزنى ھەرقانداق ئەيىبلەپ-ھاقارەتلەش پۇرسىتى چىقمايدۇ.    15 چۈنكى شۇنداق بەزى تۇل ئاياللار ئاللىقاچان ئېتىقادتىن تېنىپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى. 16 ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ تۇل قالغان تۇغقانلىرى بولسا، ئۇ ئۆزى ئۇلارغا ياردەم بەرسۇن، يۈكى جامائەتكە چۈشمىسۇن. شۇنداق بولغاندا، جامائەت ھەقىقىي ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلالايدۇ.
 
ئاقساقاللار توغرىسىدا
17 جامائەتنى ياخشى يېتەكلەيدىغان ئاقساقاللار، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنسۇن.
  
18 چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» ۋە: «مەدىكار ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن.   
19 ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى ھازىر بولمىغۇچە، ئاقساقال ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما.    20 ئەگەر ئاقساقاللاردىن بىرسى گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇشى ئۈچۈن، جامائەت ئالدىدا تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىگىن.
21 خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا شۇنى ساڭا ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، سەن بۇ ئەمرلەرگە ھېچ ئايرىمىچىلىق قىلماي، ھېچقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسماي قەتئىي ئەمەل قىلغىن.
22 بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمە؛ باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولما. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن    23 (ئاشقازىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا سەن دائىم ئاغرىيدىغان بولغاچقا، سۇلا ئىچىۋەرمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن).    24 بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بۇرۇنلا ئېنىق، شۇنداقلا سوراق كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ؛ لېكىن بەزىلەرنىڭكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارىدۇ، كېيىن ئاشكارە بولىدۇ.    25 خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئەمەللىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؛ ھازىر ئاشكارا بولمىسا كېيىن ئاشكارىلانماي قالمايدۇ.
 
 
5:1 لاۋ. 19‏:32. 5:3 «ھەقىقىي تۇل ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال» ــ «ھەقىقىي تۇل ئاياللار» مۇشۇ يەردە ئېرىدىن جۇدا بولغان، قىيىنچلىقتا تۇرغان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ. «ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال» گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 5:4 يار. 45‏:10،11؛ مات. 15‏:4؛ مار. 7‏:10؛ ئ‍ەف. 6‏:1،2. 5:5 لۇقا 2‏:36؛ 1كور. 7‏:32. 5:8 گال. 6‏:10. 5:9 «تۇل ئايال تىزىمغا ئېلىنسا، يېشى ئاتمىشتىن تۆۋەن بولماسلىقى، بىرلا ئەرنىڭ ئايالى بولغان بولۇشى كېرەك...» ــ «تۇل ئايال تىزىمغا ئېلىنسا» دېگەندىكى «تىزىم» بەلكىم جامائەت ئىچىدىكى ئالاھىدە ياردەم ئالغۇچى تۇل ئاياللارنىڭ تىزىمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە بەلكىم ئالاھىدە دۇئا ۋە باشقا ھاجەتمەنلەرنى يوقلاش خىزمەتلىرى بار ئىدى؛ يەنە كېلىپ ئۇلار قايتىدىن توي قىلماسلىققا ۋەدە قىلىشى كېرەك بولۇشى مۇمكىن (12-ئايەتنى كۆرۈڭ). «بىرلا ئەرنىڭ ئايالى بولغان بولۇشى كېرەك» دېگەننىڭ «بىرلا ئەرلىك بولغان بولۇشى كېرەك» ياكى «ئۆز ئېرىگە سادىق بولغان بولۇشى كېرەك» دېگەن باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى بار. 5:10 «يەنە گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن تەرىپلەنگەن بولۇشى، ... مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويغان... ئۆزىنى ھەرخىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلار بولۇشى كېرەك» ــ «مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇغان»: ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، «پۇت يۇيۇش» ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆرپ-ئادەتلەردىن ئىدى، سەپەردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈشنى بىلدۈرەتتى. بۇ ئىشنىڭ ئۆزى بەلكىم باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە كەمتەرلىك بىلەن بولۇشنىڭ ياخشى بەلگىسى ئىدى («يۇھ.» 1:13-17نى كۆرۈڭ). 5:10 يار. 18‏:4؛ 19‏:2؛ لۇقا 7‏:38،44؛ 1پېت. 4‏:9. 5:12 «... ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىك بولىدۇ» ــ «دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسى» بەلكىم ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ «ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن جامائەتنىڭ خىزمىتىدە بولىمەن، قايتا توي قىلمايمەن» دېگەندەك بىر ۋەدىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 9-ئايەتنى يەنە كۆرۈڭ. 5:13 «ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ؛ شۇنداقلا ھۇرۇن بولۇپلا قالماي، ئۇلار غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا چېپىلغاق بولۇپ نالايىق ئىشلارغا ۋالاقلايدىغانلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» ــ دېمەك، ئەگەر ئۇنداق مايىللىقى بولغان تۇل ئاياللارغا جامائەت تەرىپىدىن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلگەن بولسا («تىزىملانسا»)، ئۇلار تېخىمۇ شۇنداق يولدا مېڭىپ كېتىشى مۇمكىن. 5:13 تىت. 2‏:3. 5:14 «بىزگە قارشى تۇرغۇچىغا بىزنى ھەرقانداق ئەيىبلەپ-ھاقارەتلەش پۇرسىتى چىقمايدۇ» ــ «بىزگە قارشى تۇرغۇچى» شەيتاننىڭ ئۆزىنى ياكى يەر يۈزىدە ئىنجىلغا قارشى چىققانلارنى كۆرسىتىدۇ. 5:14 1كور. 7‏:9. 5:16 «ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئەر ياكى ئايال كىشى...» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «ئېتىقادچى ئايال كىشى...» دېيىلىدۇ. 5:17 «جامائەتنى ياخشى يېتەكلەيدىغان ئاقساقاللار، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنسۇن» ــ ئىنجىلدا «ئاقساقاللار» دېگەننىڭ باشقا خىل ئىپادىسى «يېتەكچىلەر». «فىلىپپىلىقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»، شۇنداقا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. «ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنسۇن» ــ دېمەك، ھەم جامائەتنىڭ چوڭقۇر ئىززىتىگە ۋە لايىق بولغان ئىقتىسادىي ياردەمگە مۇيەسسەر بولسۇن (چۈنكى تەلىم بېرىشتە ۋە جامائەتتىن خەۋەر ئېلىشتا ئەستايىدىل بولۇش دائىم كۆپ ۋاقىتلىرى سەرپ قىلىنىدۇ). 5:17 رىم. 15‏:27؛ 1كور. 9‏:11؛ گال. 6‏:6؛ فىل. 2‏:29؛ 1تېس. 5‏:12؛ ئىبر. 13‏:17. 5:18 «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» ... «مەدىكار ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر»... ــ تەۋرات، «قان.» 4:25 ۋە ئىنجىل، «لۇقا» 7:10. 5:18 لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14؛ 25‏:4؛ مات. 10‏:10؛ لۇقا 10‏:7؛ 1كور. 9‏:9. 5:19 «ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى ھازىر بولمىغۇچە، جامائەتنىڭ بىر ئاقساقالى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما» ــ تەۋرات، «قان.» 6:17، 5:19نى كۆرۈڭ. 5:19 قان. 19‏:15. 5:20 «ئەگەر ئاقساقاللاردىن بىرسى گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇشى ئۈچۈن، جامائەت ئالدىدا تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىگىن» ــ «باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇشى ئۈچۈن...»: ــ دېمەك، قالغان ئاقساقاللار ئىبرەت ئالسۇن. 5:21 قان. 17‏:4؛ 19‏:18؛ رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ 2كور. 1‏:23؛ 11‏:31؛ گال. 1‏:20؛ فىل. 1‏:8؛ 1تېس. 2‏:5؛ 5‏:27؛ 1تىم. 6‏:13. 5:22 «بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمە» ــ «بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇش» دېگەن ھەرىكەت، بىرسىنى جامائەتكە يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش، كېسەل ئادەمنى ساقايتىش ياكى باشقا ئالاھىدە بىر دۇئا قىلىش ئۈچۈن «مەن خۇدا ئالدىدا بۇ ئادەم بىلەن بىر بولىمەن» دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. «باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولما» ــ بۇ سۆز ئالدىنقى: «بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمە» دېگەن سۆزگە باغلىق. چۈنكى ئۇنداق ھەرىكەت قول قويغۇچى كىشى دۇئا قىلىنغان كىشى ئۈچۈن: «ئى خۇدا، مەن بۇ كىشى بىلەن مەسئۇلىيەتتە بىر بولاي» دېگەن دۇئانى بىلدۈرىدۇ. ئەمما «باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولما» دېگەننىڭ باشقا تەرەپلىرى بار، ئەلۋەتتە. 5:22 روس. 6‏:6؛ 8‏:17؛ 13‏:3؛ 19‏:6؛ 1تىم. 4‏:14؛ 2تىم. 1‏:6. 5:23 «ئاشقازىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا سەن دائىم ئاغرىيدىغان بولغاچقا، سۇلا ئىچىۋەرمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن» ــ پاۋلۇس بۇ سۆزىنى بەلكىم يۇقىرىقى «ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن» دېگەنلىكىدە ھاجىتى بولمىغان پەرھىزلەر بولمىسۇن دەپ تىموتىينىڭ كېسىلىنى كۆزلەپ ئېيتىدۇ. 5:23 زەب. 104‏:15 5:24 «بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بۇرۇنلا ئېنىق، شۇنداقلا سوراق كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ؛ لېكىن بەزىلەرنىڭكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارىدۇ، كېيىن ئاشكارە بولىدۇ» ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم: «بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ چوقۇم سوراققا تارتىلىشى ئېنىق. لېكىن، بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بولسا پەقەت كېيىن، سوراقتىلا ئاشكارا بولىدۇ». شۇنىڭ ئۈچۈن تىموتىي باشقىلارغا «قول قويۇش»تا دائىم پەخەس بولۇپ، ئەتراپلىق ئويلىشى كېرەك. 5:24 گال. 5‏:19. 5:25 «بەزى كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئەمەللىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بەزى كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئەمەللىرى سوراقتىن ئاۋۋال كۆرۈنەرلىك بولىدۇ».