28
دانالىقنى ئىزدەش
ــ «شۈبھىسىزكى، كۈمۈش تېپىلىدىغان كانلار بار،
ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر؛



تۆمۈر بولسا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنىدۇ،
مىس بولسا تاشتىن ئېرىتىلىپ ئېلىنىدۇ.
ئىنسانلار يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ؛
ئۇ يەر قەرىگىچە چارلاپ يۈرۈپ،
قاراڭغۇلۇققا تەۋە، ئۆلۈمنىڭ سايىسىدە تۇرغان تاشلارنى ئىزدەيدۇ.
ئۇ يەر يۈزىدىكىلەردىن يىراق جايدا تىك بولغان قۇدۇقنى كولايدۇ؛
مانا شۇنداق ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، ئۇنتۇلغان يەرلەردە ئۇلار ئارغامچىنى تۇتۇپ بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ يۈرىدۇ،
كىشىلەردىن يىراقتا ئېسىلىپ تۇرىدۇ.
ئاشلىق چىقىدىغان يەر،
تەكتى كولانغاندا بولسايالقۇندەك كۆرۈنىدۇ؛
يەردىكى تاشلار ئارىسىدىن كۆك ياقۇتلار چىقىدۇ،
ئۇنىڭدا ئالتۇن رۇدىسىمۇ باردۇر.
ئۇ يولنى ھېچقانداق ئالغۇر قۇش بىلمەيدۇ،
ھەتتا سارنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەتمىگەن.
ھاكاۋۇر يىرتقۇچلارمۇ ئۇ يەرنى ھېچ دەسسەپ باقمىغان،
ئەشەددىي شىرمۇ ئۇ جايدىن ھېچقاچان ئۆتۈپ باقمىغان.
ئىنسان بالىسى قولىنى چاقماق تېشىنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزىدۇ،
ئۇ تاغلارنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىدۇ.
10  تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ؛
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆزى ھەرخىل قىممەتلىك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ؛
11  يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ؛
يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئۇ ئاشكارىلايدۇ.
12  بىراق دانالىق نەدىن تېپىلار؟
يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟
13  ئىنسان بالىلىرى ئۇنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېچ بىلمەس،
ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن تېپىلماس.
14  يەر تېگى: «مەندە ئەمەس» دەيدۇ،
دېڭىز بولسا: «مەن بىلەنمۇ بىللە ئەمەستۇر» دەيدۇ.
15  دانالىقنى ساپ ئالتۇن بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ،
كۈمۈشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر تارازىدا تارتقىلى بولماس.
16  ھەتتا ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن، ئاق ھېقىق ياكى كۆك ياقۇت بىلەنمۇ بىر تارازىدا تارتقىلى بولمايدۇ.
17  ئالتۇن ۋە خرۇستالنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،
ئېسىل ئالتۇن قاچا-قۇچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالماشتۇرۇلماس.
18  ئۇ ئۈنچە-مارجان، خرۇستالنى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىرىدۇ؛
دانالىقنى ئېلىش قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىشتىن ئەۋزەلدۇر.
19  ئېفىئوپىيەدىكى سېرىق ياقۇت ئۇنىڭغا يەتمەس،
سېرىق ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.
20  ئۇنداقتا، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟
يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟
21  چۈنكى ئۇ بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇلغان،
ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلاردىنمۇ يوشۇرۇن تۇرىدۇ.
22  ھالاكەت ۋە ئۆلۈم پەقەتلا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىدىن خەۋەر ئالدۇق» دەيدۇ.
23  ئۇنىڭ ماڭغان يولىنى چۈشىنىدىغان،
تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان پەقەتلا بىر خۇدادۇر.
24  چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى يەرنىڭ قەرىگىچە يېتىدۇ،
ئۇ ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ.
25  ئۇ شاماللارنىڭ كۈچىنى تارازىغا سالغاندا،
دۇنيانىڭ سۇلىرىنى ئۆلچىگەندە،
26  يامغۇرلارغا قانۇنىيەت چۈشۈرگىنىدە،
گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقىغا يولىنى بېكىتكىنىدە،
27  ئۇ چاغدا ئۇ دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان؛
ئۇنى نەمۇنە قىلىپ بەلگىلىگەن؛
شۇنداق، ئۇ ئۇنىڭ باش-ئايىغىغا قاراپ چىقىپ،
28  ئىنسانغا: «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛
يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ دېگەن».   
 
 
28:1 «ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر» ــ ياكى «ئالتۇننىڭ چايقىلىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر». دانالىق تەۋسىيە قىلىنغان 28-بابتىكى بۇ گۈزەل شېئىرنى بەزى ئالىملار ئايۇپنىڭ ئۆز سۆزى ئەمەس، بەلكى كىتابنىڭ يازغۇچىسى تېكىستكە قىستۇرۇپ قوشقان بىر شېئىر، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ مەقسىتى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ هەقىقىي دانالىقنى تەھلىل قىلىشىغا ياردەم بولسۇن دېگەن سۈپەتتە شېئىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىز بۇ پىكىرگە قايىل بولدۇق. بۇنىڭغا بىر ئىسپات، 29-باب: «ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ، قارىغاندا 23:27-ئايەت بىلەن باغلىق. باشقا ئالىملار بۇ بايانلار ئايۇپنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققان بايانلاردۇر، «1-ئايەتتىكى «شۈبھىسىزكى» ياكى «چۈنكى») دېگەن باغلىغۇچى بىلەن باشلىنىشى بۇنىڭغا ئىسپات بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. قايسى پىكىر توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ باپتىكى ھەقىقەتلەر شۈبھىسىزكى ئايۇپنىڭ ئېتىقادىنىڭ ھەم مۇيەسسەر بولغان ۋەھىلىرىنىڭ تېگى ھەم ئۇلى بولغانىدى. كېيىن بىز مەزكۇر كىتابنى چازغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىمىز. 28:3 «ئىنسانلار يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ» ــ دېمەك، ئىنسانلار ياقۇتلارنى ئىزدەشتە يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇقنى چىراغلار بىلەن يورۇتىدۇ؛ 4-5-ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ ئارغامچىلارغا ئېسىلىپ يەر ئاستىغا چۈشۈپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. 28:10 «تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ» ــ بۇ قاناللار بەلكىم يەر ئاستىدىكى سۇنى تونىللاردىن چىقىرىش ئۈچۈن كولانغان. 28:11 «يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئېقىنلارنىڭ مەنبىلىرىنى ئىزدەپ تاپىدۇ». 28:14 ئايۇپ 28‏:22 28:15 پەند. 3‏:14؛ 8‏:11، 19؛ 16‏:16 28:16 «ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن» ــ ئوفىر دېگەن يەردىكى ئالتۇن ناھايىتى ساپ ئىدى. 28:20 ئايۇپ 28‏:12 28:22 ئايۇپ 28‏:14 28:25 پەند. 8‏:29 28:27 «ئۇ چاغدا خۇدا دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان» ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم خۇدانىڭ دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ئارقىلىق دانالىقنى بايان قىلغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 28:28 «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ بۇ بابتىكى سۆزلەر ئىنسان بالىلىرىنىڭ يەر ئاستىدا ئېسىل تاشلارنى ئىزدىشىنى تەنقىد قىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئىشتا ئىشلەتكەن پاراسىتىگە ھەم جۈرئىتىگە قايىل بولغان. بىراق مەيلى ئادەمنىڭ قانچە پاراسىتى، قانچە جۈرئىتى بولسۇن، ئۆزىنىڭ بۇ خۇسۇسىيەتلىرىگىلا تايانسا دانالىققا ئېرىشمەيدۇ؛ پەقەتلا رەب پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشكە باشلىسىلا، دانالىققا ئېرىشىشكىمۇ باشلايدۇ؛ يامانلىقتىن توۋا قىلىپ يىراقلاشسىلا، يورۇتۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ شۈبھىسىزكى، ئايۇپنىڭ ئېتىقادىنىڭ ھەم ئۇ مۇيەسسەر بولغان ۋەھىيلىرىنىڭ تېگى ھەم ئۇلى بولغانىدى. 28:28 زەب. 111‏:10؛ پەند. 1‏:7؛ 9‏:10