29
ئىلگىرىكى بەختلىك كۈنلەرنى ئەسلەش
ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ
«ئاھ، ئەھۋالىم ئىلگىرىكى ئايلاردىكىدەك بولسىدى،
تەڭرى مەندىن خەۋەر ئالغان كۈنلەردىكىدەك بولسىدى!
ئۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمغا نۇر چاچقان،
ئۇنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتىم!
بۇ ئىشلار مەن قىران ۋاقتىمدا،
يەنى تەڭرى چېدىرىمدا ماڭا سىرداش دوست بولغان ۋاقىتتا بولغانىدى!
ھەممىگە قادىر مەن بىلەن بىللە بولغان،
مېنىڭ ياش بالىلىرىم ئەتراپىمدا بولغان؛
مېنىڭ باسقان قەدەملىرىم سېرىق مايغا چۆمۈلگەن؛
يېنىمدىكى تاش مەن ئۈچۈن زەيتۇن ماي دەرياسى بولۇپ ئاققان؛
شەھەر دەرۋازىسىغا چىققان ۋاقتىمدا،
كەڭ مەيداندا ئورنۇم تەييارلانغاندا،
ياشلار مېنى كۆرۈپلا ئەيمىنىپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالاتتى،
قېرىلار بولسا ئورنىدىن تۇراتتى،
شاھزادىلەرمۇ گەپتىن توختاپ،
قولى بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالاتتى.
10  ئاقسۆڭەكلەرمۇ تىنچلىنىپ،
تىلىنى تاڭلىيىغا چاپلىۋالاتتى.
11  قۇلاق سۆزۈمنى ئاڭلىسىلا، ماڭا بەخت تىلەيتتى،
كۆز مېنى كۆرسىلا ماڭا ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى.
12  چۈنكى مەن ماڭا ھىمايە بول دەپ يېلىنغان ئېزىلگۈچىلەرنى،
پاناھسىز قالغان يېتىم-يېسىرلارنىمۇ قۇتقۇزۇپ تۇراتتىم.
13  ھالاك بولاي دېگەن كىشى ماڭا بەخت تىلەيتتى؛
مەن تۇل خوتۇننىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرۇپ ناخشا ياڭراتقۇزاتتىم.
14  مەن ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ كىيىۋالدىم،
ئۇ مېنى ئۆز گەۋدىسى قىلدى.
ئادالەتلىكىم ماڭا يېپىنچا ھەم سەللە بولغان.
15  مەن كورغا كۆز بولاتتىم،
توكۇرغا پۇت بولاتتىم.
16  يوقسۇللارغا ئاتا بولاتتىم،
ماڭا ناتونۇش كىشىنىڭ دەۋاسىنىمۇ تەكشۈرۈپ چىقاتتىم.
17  مەن ئادالەتسىزنىڭ ھىڭگايغان چىشلىرىنى چېقىپ تاشلايتتىم،
ئولجىسىنى چىشلىرىدىن ئېلىپ كېتەتتىم.
18  ھەم: «مېنىڭ كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپ بولۇپ،
ئۆز ئۇۋامدا راھەت ئىچىدە ئۆلىمەن» دەيتتىم؛
19  ھەم: «يىلتىزىم سۇلارغىچە تارتىلىپ بارىدۇ،
شەبنەم پۈتۈن كېچىچە شېخىمغا چاپلىشىپ ياتىدۇ؛
20  شۆھرىتىم ھەردائىم مەندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،
قولۇمدىكى ئوقيايىم ھەردائىم يېڭى بولۇپ تۇرىدۇ» دەيتتىم.
21  ئادەملەر ماڭا قۇلاق سالاتتى، كۈتۈپ تۇراتتى؛
نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاي دەپ سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتى.
22  مەن گەپ قىلغاندىن كېيىن ئۇلار قايتا گەپ قىلمايتتى،
سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شەبنەم بولۇپ چۈشەتتى.
23  ئۇلار يامغۇرلارنى كۈتكەندەك مېنى كۈتەتتى،
كىشىلەر ۋاقتىدا ياغقان «كېيىنكى يامغۇر»نى قارشى ئالغاندەك سۆزلىرىمنى ئاغزىنى ئېچىپ ئىچەتتى!
24  ئۈمىدسىزلەنگىنىدە مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتىم،
يۈزۈمدىكى نۇرنى ئۇلار يەرگە چۈشۇرمەيتتى.
25  مەن ئۇلارغا يولىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرەتتىم،
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كاتتىۋاش بولۇپ ئولتۇراتتىم،
قوشۇنلىرى ئارىسىدا تۇرغان پادىشاھدەك ياشايتتىم،
بىراق بۇنىڭ بىلەن ماتەم تۇتىدىغانلارغا تەسەللى يەتكۈزگۈچىمۇ بولاتتىم».
 
 
29:2 «ئاھ، ئەھۋالىم ئىلگىرىكى ئايلاردىكىدەك بولسىدى!» ــ بۇ بايانغا قارىغاندا، ئايۇپنى بالايىئاپەت باسقانلىقىغا بىرنەچچە ئاي بولغانىدى. 29:4 «... قىران ۋاقتىمدا، يەنى تەڭرى چېدىرىمدا ماڭا سىرداش دوست بولغان ۋاقىتتا بولغانىدى!» ــ ئېنىق تۇرۇپتۇكى، ئايۇپ ئەسلى خۇدا بىلەن يېقىن دوستلۇقتا ئۆتكەنىدى. ھېچقانداق گۇمانىمىز يوقكى، بۇ دوستلۇقنىڭ سېزىمىدىن مەھرۇم بولۇش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ ئازابلىق ئىش بولدى. 29:6 «... يېنىمدىكى تاش مەن ئۈچۈن زەيتۇن ماي دەرياسى بولۇپ ئاققان» ــ بۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگىنى ئايۇپنىڭ ئىلگىرى ئىنتايىن باي ھالىنى تەسۋىرلەيدۇ. 29:7 «كەڭ مەيداندا ئورنۇم تەييارلانغاندا» ــ شەھەرنىڭ (چوڭ) دەرۋازىسى ياكى ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەيدان بولسا شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ھەم قازىلىرى يىغىلىدىغان، دەۋالارنى ئاڭلايدىغان جاي ئىدى. 29:12 زەب. 72‏:12-14؛ پەند. 21‏:13 29:14 يەش. 59‏:17؛ ئ‍ەف. 6‏:10-17؛ 1تېس. 5‏:8 29:16 «ماڭا ناتونۇش كىشىنىڭ دەۋاسىنىمۇ تەكشۈرۈپ چىقاتتىم» ــ ئايۇپنىڭ بۇ ئادىتى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان پەزىلەت بولۇپ، ئايۇپنىڭ ئىنتايىن ئالىيجاناب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىشلىرى تۈپەيلىدىنمۇ نۇرغۇن دۈشمەنلىرى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. 29:17 «مەن ئادالەتسىزنىڭ ھىڭگايغان چىشلىرىنى چېقىپ تاشلايتتىم، ئولجىسىنى چىشلىرىدىن ئېلىپ كېتەتتىم» ــ ئايۇپنىڭ پەزىلىتى ھەرگىز خىيالپەرەسلەرنىڭ چىرايلىق نەزەرىيىلىرى ئەمەس. 29:20 «قولۇمدىكى ئوقيايىم ھەردائىم يېڭى بولۇپ تۇرىدۇ» دەيتتىم» ــ «ئوقيا» مۇشۇ يەردە بەلكىم ئادىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئۆز باتۇرلىقىنىڭ، جۈرئىتىنىڭ سىمۋولى بولۇشى مۇمكىن. 29:23 «كېيىنكى يامغۇر» ــ پەلەستىندە 3-ئايدا ياغىدۇ. ئۇ ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ھەربىر دېھقان «كېيىنكى يامغۇر»غا تەشنادۇر، ئۇلار ئۇنى بەك قەدىرلەيدۇ. 29:24 «ئۈمىدسىزلەنگىنىدە مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتىم، يۈزۈمدىكى نۇرنى ئۇلار يەرگە چۈشۇرمەيتتى» ــ ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. بەلكىم ئۇنىڭ مەنىسى: «مېنىڭ ئۇلارغا ئۈمىد يەتكۈزىدىغان يۈزۈمنىڭ نۇرى مەغلۇپ بولغان ئەمەس» ــ دېمەك، مەن ئۇلارغا بەرگەن ئۈمىد يوققا چىققان ئەمەس، دېمەكچى. باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ يۈز نۇرۇم ئۇلارغا چېچىلىشى بىلەنلا ئۇلار قايتا ئۈمىدسىزلەنمىدى». ئىككى خىل تەرجىمىنىڭ مەنىسى بىر-بىرىگە يېقىن. باشقا خىل تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن. 29:25 «مەن ئۇلارغا يولىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرەتتىم...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن ئۇلارغا ھاكىم بولۇشقا تاللانغانىدىم؛ ...». «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ... قوشۇنلىرى ئارىسىدا تۇرغان پادىشاھدەك ياشايتتىم، بىراق بۇنىڭ بىلەن ماتەم تۇتىدىغانلارغا تەسەللى يەتكۈزگۈچىمۇ بولاتتىم» ــ گەرچە ئۇنىڭ مەرتىۋىسى بەك يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇ ھېچقاچان ھاكاۋۇرلۇق قىلمىغانىدى، ئەكسىچە پېشكەللىككە ئۇچرىغىچىلارغا تەسەللى ھەم ياردەملەرنى بېرىپ تۇراتتى.