30
ھازىرقى بەختسىز كۈنلەر
ــ «بىراق ھازىر بولسا، ياشلار مېنى مازاق قىلىدۇ،
ئۇلارنىڭ دادىلىرىنى ھەتتا پادامنى باقىدىغان ئىتلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە يول قويۇشنىمۇ يامان كۆرەتتىم.
ئۇلارنىڭ ماغدۇرى كەتكەندىن كېيىن،
قولىدىكى كۈچ ماڭا نېمە پايدا يەتكۈزەلىسۇن؟
يوقسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن يىگلەپ كەتكەن،
ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان چۆلدەرەپ كەتكەن دەشت-باياۋاندا قۇرۇق يەرنى غاجايدۇ.
ئۇلار ئەمەن-شىۋاقنى چاتقاللار ئارىسىدىن يۇلىدۇ،
شۇمبۇيىنىڭ يىلتىزلىرىنىمۇ تېرىپ ئۆزلىرىگە نان قىلىدۇ.
ئۇلار ئەل-يۇرتلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن بولىدۇ،
كىشىلەر ئۇلارنى كۆرۈپلا ئوغرىنى كۆرگەندەك ۋارقىراپ تىللايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈرلۈك جىلغىلاردا قونۇپ،
تاشلار ئارىسىدا، غارلار ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
چاتقاللىق ئارىسىدا ئۇلار ھاڭراپ كېتىدۇ،
تىكەنلەر ئاستىدا ئۇلار دۈگدىيىپ ئولتۇرىشىدۇ؛
نادانلارنىڭ، نام-ئابرۇيىسىزلارنىڭ بالىلىرى،
ئۇلار زېمىندىن سۈرتوقاي ھەيدىۋېتىلگەن.
مەن ھازىر بولسام بۇلارنىڭ ھەجۋىي ناخشىسى،
ھەتتا سۆز-چۆچىكىنىڭ دەستىكى بولۇپ قالدىم!
10  ئۇلار مەندىن نەپرەتلىنىپ،
مەندىن يىراق تۇرۇپ،
يۈزۈمگە تۈكۈرۈشتىنمۇ يانمايدۇ.
11  چۈنكى خۇدا مېنىڭ ھايات رىشتىمنى ئۈزۈپ، مېنى جاپاغا چۆمدۈرگەن،
شۇنىڭ بىلەن شۇ ئادەملەر ئالدىمدا تىزگىنلىرىنى ئېلىۋەتكەن.
12  ئوڭ يېنىمدا بىر توپ چۈپرەندە ياشلار ئورنىدىن تۇرۇپ،
ئۇلار پۇتۇمنى تۇرغان يېرىدىن ئىتتىرىۋەتمەكچى،
ئۇلار سېپىلىمغا ھۇجۇم پەلەمپەيلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛
13  ئۇلار يولۇمنى بۇزۇۋېتىدۇ،
ئۇلارنىڭ ھېچ يۆلەنچۈكى بولمىسىمۇ،
ھالاكىتىمنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
14  ئۇلار سېپىلنىڭ كەڭ بۆسۈك جايىدىن بۆسۈپ كىرگەندەك كىرىشىدۇ؛
ۋەيرانىلىكىمدىن پايدىلىنىپ چوڭ تاشلاردەك دومىلاپ كىرىشىدۇ.
15  ۋەھىمىلەر بۇرۇلۇپ مېنى ئۆز نىشانى قىلغان؛
شۇنىڭ بىلەن ھۆرمىتىم شامال ئۆتۈپ يوق بولغاندەك ھەيدىۋېتىلدى،
ئاۋاتچىلىقىممۇ بۇلۇت ئۆتۈپ كەتكەندەك ئۆتۈپ كەتتى.
16  ھازىر بولسا جېنىم قاچىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەندەك؛
ئازابلىق كۈنلەر مېنى تۇتۇۋالدى.
17  كېچىلەر بولسا، ماڭا سۆڭەكلىرىمگىچە سانجىماقتا؛
ئاغرىقلىرىم مېنى چىشلەپ دەم ئالمايدۇ.
18  ئاغرىقلار زور كۈچى بىلەن ماڭا كىيىم-كېچىكىمدەك بولدى؛
ئۇلار كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىدەك ماڭا چاپلىشىۋالدى.
19  خۇدا مېنى سازلىققا تاشلىۋەتكەن،
مەن توپا-چاڭغا ۋە كۈلگە ئوخشاش بولۇپ قالدىم.
20  مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمەن،
بىراق سەن ماڭا جاۋاب بەرمەيسەن؛
مەن ئورنۇمدىن تۇرسام، سەن پەقەتلا ماڭا قاراپلا قويىسەن.
21  سەن ئۆزگىرىپ ماڭا بىر زالىم بولدۇڭ؛
قولۇڭنىڭ كۈچى بىلەن ماڭا زەربە قىلىۋاتىسەن؛
22  سەن مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا مىندۈرگەنسەن؛
بوران-چاپقۇندا تەئەللۇقاتىمنى يوق قىلىۋەتكەنسەن.
23  چۈنكى سەن مېنى ئاخىرىدا ئۆلۈمگە،
يەنى بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ «يىغىلىش ئۆيى»گە كەلتۈرۈۋاتىسەن.
24  ئۇ ھالاك قىلغان ۋاقتىدا كىشىلەر نالە-پەرياد كۆتۈرسىمۇ،
ئۇ قولىنى ئۇزاتقاندا، دۇئانىڭ دەرۋەقە ھېچقانداق نەتىجىسى يوق؛
25  مەن كۈنلىرى تەس كىشى ئۈچۈن يىغلاپ دۇئا قىلغان ئەمەسمۇ؟
نامراتلار ئۈچۈن جېنىم ئازابلانمىدىمۇ؟  
26  مەن ئۆزۈم ياخشىلىق كۈتۈپ يۈرگىنىم بىلەن، يامانلىق كېلىپ قالدى؛
نۇر كۈتكىنىم بىلەن، قاراڭغۇلۇق كەلدى.
27  ئىچىم قازاندەك قايناپ، ئاراملىق تاپمايۋاتىدۇ؛
ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەندى.
28  مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەيمۇ قارىداپ يۈرمەكتىمەن؛
خالايىق ئارىسىدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن.
29  مەن چىلبۆرىلەرگە قېرىنداش بولۇپ قالدىم،
ھۇۋقۇشلارنىڭ ھەمراھى بولدۇم.  
30  تېرەم قارىيىپ مەندىن ئاجراپ كېتىۋاتىدۇ،
سۆڭەكلىرىم قىزىقتىن كۆيۈپ كېتىۋاتىدۇ.
31  چىلتارىمدىن ماتەم مەرسىيەسى چىقىدۇ،
نېيىمنىڭ ئاۋازى ھازا تۇتقۇچىلارنىڭ يىغىسىغا ئايلىنىپ قالدى».
 
 
30:9 ئايۇپ 17‏:6؛ زەب. 69‏:11-12؛ يىغ. 3‏:14، 63 30:10 ئايۇپ 19‏:19 30:12 «ئوڭ يېنىمدا بىر توپ چۈپرەندە ياشلار ئورنىدىن تۇرۇپ...» ــ بۇ ياشلار بەلكىم يۇقىرىدا دېيىلگەن مىسكىنلەردىن باشقا بىر توپ كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. 30:14 «ئۇلار ، يەنى ئاشۇ ياشلار سېپىلنىڭ كەڭ بۆسۈك جايىدىن بۆسۈپ كىرگەندەك كىرىشىدۇ... چوڭ تاشلاردەك دومىلاپ كىرىشىدۇ» ــ ئەگەر (بىز 2-بابتا ئىزاھات قىلغىنىمىزدەك) ئايۇپ شەھەر سىرتىدىكى چوڭ كۈل دۆۋىسىدە ئولتۇرغان بولسا، ئۇ مۇنداق ياشلارنىڭ مازاق قىلىشىدىن ھېچ قوغدىغۇچىسىز قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ياشلار بەلكىم ئۇنىڭ ھازىرقى ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇ ئەسلىدە بىر تەرەپ قىلغان ئىشلارنى ھازىر ئۆز مەنپەئىتىگە بۇرايدۇ. 30:18 «ئاغرىقلار زور كۈچى بىلەن ماڭا كىيىم-كېچىكىمدەك بولدى؛ ئۇلار كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىدەك ماڭا چاپلىشىۋالدى» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: ــ «زور كۈچ بىلەن كىيىم-كېچىكىم ماكچىيىپ كەتتى؛ ماڭا كۆڭلەكنىڭ ياقىسى چاپلىشىپ كەتتى»، ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. يەنە باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ (خۇدا) زور كۈچ بىلەن كىيىم-كېچىكىمنى تۇتۇۋالدى؛ ئۇ ماڭا كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسى چاپلاشقاندەك مېنى باغلاپ قويدى». 30:22 «سەن مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا مىندۈرگەنسەن؛ بوران-چاپقۇندا تەئەللۇقاتىمنى يوق قىلىۋەتكەنسەن» ــ ئويلايمىزكى، قارا قۇيۇن ئاستا-ئاستا ئۇلارغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ. 30:23 ئىبر. 9‏:27 30:24 «ئۇ ھالاك قىلغان ۋاقتىدا كىشىلەر نالە-پەرياد كۆتۈرسىمۇ، ئۇ قولىنى ئۇزاتقاندا، دۇئانىڭ دەرۋەقە ھېچقانداق نەتىجىسى يوق» ــ بۇ جۈملىنى ئۈچ خىل تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بىرىنچىسى، يۇقىرىقى تەرجىمە. ئىككىنچىسى بولسا، «شۈبھىسىزكى ئادەم دەرد-ئەلەمدىن نالە-پەرياد كۆتۈرگىنىدە، ۋەيران قىلىنغان كىشىگە كىم قول تەگكۈزۈپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ؟». ئۈچىنچى خىل تەرجىمىسى «ئادەم يىقىلىپ كېتىۋاتقىنىدا قولىنى مىدىرلىتىپ قويمامدۇ؟ ئۇ ھالاك بولاي دېگىنىدە نالە-پەرياد كۆتۈرۈشكە بولمامدۇ؟». ئەسلى ئىبرانىيچە تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. 30:25 «مەن كۈنلىرى تەس كىشى ئۈچۈن يىغلاپ دۇئا قىلغان ئەمەسمۇ؟ نامراتلار ئۈچۈن جېنىم ئازابلانمىدىمۇ؟» ــ ئەمدى كىم ئايۇپ ئۈچۈن يىغلايدۇ؟ نېمە تېرىساڭ شۇنى ئورىسەن، دېگەن گەپ توغرىمۇ؟ 30:25 زەب. 35‏:13،14؛ رىم. 12‏:15 30:27 «ئىچىم قازاندەك قايناپ، ئاراملىق تاپمايۋاتىدۇ؛ ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەندى» ــ ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ ئۈمىد قالمىغاندەك قىلاتتى. 30:28 «مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەيمۇ قارىداپ يۈرمەكتىمەن» ــ بۇنىڭ ئىككى مەنىسى بار: (1) ئايۇپنىڭ تېنى كېسەلدىن قارىداپ كەتتى؛ (2) ئۇ ئۆزى ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ قارا كىيىم كىيگەن. بۇ ئىككى ئەھۋال تەڭ بولۇشى مۇمكىن. 30:29 «ھۇۋقۇشلارنىڭ...» ــ ياكى «تۆگىقۇشلارنىڭ...». «مەن چىلبۆرىلەرگە قېرىنداش بولۇپ قالدىم، ھۇۋقۇشلارنىڭ ھەمراھى بولدۇم» ــ چىلبۆرىلەر ھەم ھۇۋقۇشلار چۆل-باياۋانلاردا ئايۇپتەك يىگانە ياشايدۇ؛ ئىككىلىسى ئايۇپتەك ناھايىتى مۇڭلۇق نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ. 30:29 ئايۇپ 17‏:14؛ زەب. 102‏:6؛ مىك. 1‏:8 30:30 زەب. 119‏:83؛ يىغ. 4‏:8؛ 5‏:10 30:31 «نېيىمنىڭ...» ــ يەنى، «مېنىڭ «نەي»ىمنىڭ...»