31
ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىش
1 «مەن كۆزۈم بىلەن ئەھدىلەشكەن؛
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداقمۇ قىزلارغا ھەۋەس قىلىپ كۆز تاشلاپ يۈرەي؟
2 ئۇنداق قىلسام ئۈستۈمدىكى تەڭرىدىن ئالىدىغان نېسىۋەم نېمە بولار؟
ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان مىراسىم نېمە بولار؟
3 بۇ گۇناھنىڭ نەتىجىسى ھەققانىيسىزلارغا بالا-قازا ئەمەسمۇ؟
قەبىھلىك قىلغانلارغا كۈلپەت ئەمەسمۇ؟
4 ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
ھەربىر قەدەملىرىمنى ساناپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
5 ئەگەر ساختىلىققا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بولسامئىدى!
ئەگەر پۇتۇم ئالدامچىلىق بىلەن بىللە بولۇشقا ئالدىرىغان بولسا،
6 (مەن ئادىللىق مىزانىغا قويۇلغان بولسامئىدى!
ئۇنداقتا تەڭرى ئەيىبسىزلىكىمدىن خەۋەر ئالالايتتى!)
7 ئەگەر قەدىمىم يولدىن چىققان بولسا، كۆڭلۈم كۆزۈمگە ئەگىشىپ ماڭغان بولسا،
ئەگەر قولۇمغا ھەرقانداق داغ چاپلاشقان بولسا،
8 ئۇنداقتا مەن تېرىغاننى باشقا بىرسى يېسۇن!
بىخلىرىم يۇلۇنۇپ تاشلىۋېتىلسۇن!
9 ئەگەر قەلبىم مەلۇم بىر ئايالدىن ئازدۇرۇلغان بولسا،
شۇ نىيەتتە قوشنامنىڭ ئىشىك ئالدىدا پايلاپ تۇرغان بولسام،
10 ئۆز ئايالىم باشقىلارنىڭ تۈگمىنىنى تارتىدىغان كۈنگە قالسۇن،
باشقىلار ئۇنى ئاياق ئاستى قىلسۇن.
11 چۈنكى بۇ ئەشەددىي نومۇسلۇق گۇناھتۇر؛
ئۇ سوراقچىلار تەرىپىدىن جازالىنىشى كېرەكتۇر.
12 بۇ گۇناھ بولسا ئادەمنى ھالاك قىلغۇچى ئوتتۇر؛
ئۇ مېنىڭ بارلىق تاپقانلىرىمنى يۇلۇپ ئالغان بولاتتى.
13 ئەگەر قۇلۇمنىڭ ياكى دېدىكىمنىڭ ماڭا قارىتا ئەرزى بولغان بولسا،
ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆزۈمگە ئىلمىغان بولسام،
14 ئۇنداقتا تەڭرى مېنى سوراققا تارتىشقا ئورنىدىن تۇرغاندا قانداق قىلىمەن؟
ئەگەر ئۇ مەندىن سوئال-سوراق ئالىمەن دەپ كەلسە،
مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟
15 مېنى بالىياتقۇدا ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارنىمۇ ئاپىرىدە قىلغان ئەمەسمۇ.
مەن بىلەن ئۇ ئىككىمىزنى ئانىلىرىمىزنىڭ بالىياتقۇسىدا تۆرەلدۈرگۈچى بىر ئەمەسمۇ؟
16 ئەگەر مىسكىنلەرنى ئۆز ئارزۇ-ئۈمىدلىرىدىن توسقان بولسام،
ئەگەر تۇل خوتۇننىڭ كۆز نۇرىنى قاراڭغۇلاشتۇرغان بولسام،
17 ياكى ئۆزۈمنىڭ بىر چىشلەم نېنىمنى يالغۇز يېگەن بولسام،
ئۇنى يېتىم-يېسىر بىلەن بىللە يېمىگەن بولسام
18 (ئەمەلىيەتتە ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ئوغلى ئاتا بىلەن بىللە بولغاندەك ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە تۇرغانىدى،
ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىن تارتىپلا تۇل خوتۇننىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ كەلدىم)،
19 ئەگەر كىيىم-كېچەك كەملىكىدىن ھالاك بولاي دېگەن بىرىگە،
ياكى چاپانسىز بىر يوقسۇلغا قاراپ ئولتۇرغان بولسام،
20 ئەگەر ئۇنىڭ بەللىرى كىيىمسىز قېلىپ ماڭا بەخت تىلىمىگەن بولسا،
ئەگەر ئۇ قوزىلىرىمنىڭ يۇڭىدا ئىسسىنمىغان بولسا،
21 ئەگەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا «ھۆكۈم چىقارغانلار ئارىسىدا مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم بار» دەپ،
يېتىم-يېسىرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قول كۆتۈرگەن بولسام،
22 ئۇنداقتا مۈرەم تاغىقىدىن ئاجرىلىپ چۈشسۇن!
بىلىكىم ئۈگىسىدىن سۇنۇپ كەتسۇن!
23 چۈنكى تەڭرى چۈشۈرگەن بالايىئاپەت مېنى قورقۇنچقا سالماقتا ئىدى،
ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن ئۇنداق ئىشلارنى قەتئىي قىلالمايتتىم.
24 ئەگەر ئالتۇنغا ئىشىنىپ ئۇنى ئۆز تايانچىم قىلغان بولسام،
ياكى ساپ ئالتۇنغا: «يۆلەنچۈكۈمسەن!» دېگەن بولسام،
25 ئەگەر بايلىقلىرىم زور بولغانلىقىدىن،
ياكى قولۇم ئالغان غەنىيمەتتىن شادلىنىپ كەتكەن بولسام،
26 ئەگەر مەن قۇياشنىڭ جۇلاسىنى چاچقانلىقىنى كۆرۈپ،
ياكى ئاينىڭ ئايدىڭدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ،
27 كۆڭلۈم ئاستىرتىن ئازدۇرۇلغان بولسا،
شۇنداقلا بۇلارغا چوقۇنۇپ ئاغزىم قولۇمنى سۆيگەن بولسا،
28 بۇمۇ سوراقچى ئالدىدا گۇناھ دەپ ھېسابلىناتتى،
چۈنكى شۇنداق قىلغان بولسام مەن يۇقىرىدا تۇرغۇچى تەڭرىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان بولاتتىم.
29 ئەگەر ماڭا نەپرەتلەنگەن كىشىنىڭ ھالاكىتىگە قارىغىنىمدا شادلىنىپ كەتكەن بولسام،
بېشىغا كۈلپەت چۈشكەنلىكىدىن خۇشال بولغان بولسام ــ
30 (ئەمەلىيەتتە ئۇ تۈگەشسۇن دەپ قارغاپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ ئاغزىمنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە يول قويمىغانمەن)
31 ئەگەر چېدىرىمدىكىلەر مەن توغرۇلۇق: «خوجايىنىمىزنىڭ داستىخىنىدىن يەپ تويۇنمىغان قېنى كىم بار؟» دېمىگەن بولسا،
32 (مۇساپىرلاردىن كوچىدا قالغىنى ئەزەلدىن يوقتۇر؛
چۈنكى ئىشىكىمنى ھەردائىم يولۇچىلارغا ئېچىپ كەلگەنمەن)
33 ئەگەر ئادەمئاتىمىزدەك ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ياپقان،
قەبىھلىكىمنى كۆڭلۈمگە يوشۇرغان بولسام،
34 ھەمدە شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل خالايىق ئالدىدا ئۇنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن قورقۇپ يۈرگەن بولسام،
جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشلىرى ماڭا ۋەھىمە قىلغان بولسا،
شۇنىڭ بىلەن مەن تالاغا چىقماي يۈرگەن بولسام،...
35 ــ ئاھ، ماڭا قۇلاق سالغۇچى بىرسى بولسىدى!
مانا، ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەي؛
ھەممىگە قادىر ماڭا جاۋاب بەرسۇن!
رەقىبىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز يازسۇن!
36 شۇ ئەرزنى زىممەمگە ئارتاتتىم ئەمەسمۇ؟
چوقۇم تاجلاردەك بېشىمغا كىيىۋالاتتىم.
37 مەن ئۇنىڭغا قەدەملىرىمنىڭ پۈتۈن سانىنى ھېسابلاپ بېرەتتىم؛
شاھزادىدەك مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باراتتىم.
38 ئەگەر ئۆز ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى گۇۋاھ بولۇپ چۇقان كۆتۈرسە،
ئۇنىڭ چۈنەكلىرى بىلەن بىرگە يىغلاشسا،
39 چۈنكى چىقارغان مېۋىسىنى ھەق تۆلىمەي يېگەن بولسام،
ھۆددىگەرلەرنى ھالسىزلاندۇرۇپ نەپىسىنى توختاتقان بولسام،
40 ئۇنداقتا بۇغداينىڭ ئورنىدا شۇمبۇيا ئۆسسۇن!
ئارپىنىڭ ئورنىدا مەستەك ئۆسسۇن.
مانا شۇنىڭ بىلەن مەن ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تامام ۋەسسالام!»