32
ياش يىگىت ئېلىخۇ سۆز قىلىدۇ •••• ئۇ خۇدانىڭ روھىدىن كەلگەن تەلىم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ •••• «ھەممىگە قادىرنىڭ روھى ئادەمگە تەلىم بېرىدۇ»
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ كىشى ئايۇپقا جاۋاب بېرىشتىن توختىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ قارىشىدا ئۆزىنى ھەققانىي دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدى.
ئاندىن بۇزىلىق رامنىڭ ئائىلىسىدىن بولغان باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئىسىملىك يىگىتنىڭ غەزىپى قوزغالدى؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپقا قارىتا قوزغالدى، چۈنكى ئۇ خۇدانى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى توغرا ھېسابلىغانىدى؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستلىرىغىمۇ قارىتىلدى، چۈنكى ئۇلار ئايۇپقا رەددىيە بەرگۈدەك سۆز تاپالماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەنىدى. بىراق ئېلىخۇ بولسا ئايۇپقا جاۋاب بېرىشنى كۈتكەنىدى، چۈنكى بۇ تۆتەيلەننىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئۆزىدىن كۆپ ئىدى. ئېلىخۇ بۇ ئۈچ دوستنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق جاۋابى يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ غەزىپى قوزغالدى.
شۇنىڭ بىلەن بۇزىلىق باراخەلنىڭ ئوغلى ئېلىخۇ ئېغىز ئېچىپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
«مەن بولسام ياش، سىلەر بولساڭلار ياشانغانسىلەر؛
شۇنداق بولغاچقا مەن تارتىنىپ، بىلگەنلىرىمنى سىلەرگە ئايان قىلىشتىن قورقۇپ كەلدىم.
مەن: «يېشى چوڭ بولغانلار ئاۋۋال سۆزلىشى كېرەك؛
يىللار كۆپەيسە، ئادەمگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ»، دەپ قارايتتىم؛
بىراق ھەربىر ئىنساندا روھ بار؛
ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ئۇنى ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يورۇتىدۇ.  
لېكىن چوڭلارنىڭ دانا بولۇشى ناتايىن؛
قېرىلارنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقارالىشىمۇ ناتايىن.
10  شۇڭا مەن: «ماڭا قۇلاق سېلىڭلار» دەيمەن،
مەنمۇ ئۆز بىلگىنىمنى بايان ئەيلەي.
11  مانا، سىلەر توغرا سۆزلەرنى ئىزدەپ يۈرگىنىڭلاردا،
مەن سۆزلىرىڭلارنى كۈتكەنمەن؛
سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلارغا قۇلاق سالاتتىم؛
12  شۇنداق، سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن قۇلاق سالدىم؛
بىراق سىلەردىن ھېچقايسىڭلار ئايۇپقا رەددىيە بەرمىدىڭلار،
ھېچقايسىڭلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بېرەلمىدىڭلاركى،
13  سىلەر: «ھەقىقەتەن دانالىق تاپتۇق!» دېيەلمەيسىلەر؛
ئىنسان ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۇنىڭغا رەددىيە قىلىدۇ.
14  ئۇنىڭ جەڭگە تىزىلغان ھۇجۇم سۆزلىرى ماڭا قارىتىلغان ئەمەس؛
ھەم مەن بولسام سىلەرنىڭ گەپلىرىڭلار بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيمەن
15  (بۇ ئۈچەيلەن ھەيرانۇھەس بولۇپ، قايتا جاۋاب بېرىشمىدى؛
ھەممە سۆز ئۇلاردىن ئۇچۇپ كەتتى.
16  مەن كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇلار گەپ قىلمىدى، بەلكى جىمجىت ئۆرە تۇرۇپ قايتا جاۋاب بەرمىدى)؛
17  ئەمدى ئۆزۈمنىڭ نۆۋىتىدە مەن جاۋاب بېرەي،
مەنمۇ بىلگىنىمنى كۆرسىتىپ بېرەي.
18  چۈنكى دەيدىغان سۆزلىرىم لىق تولدى؛
ئىچىمدىكى روھ ماڭا تۈرتكە بولدى؛
19  مانا، قورسىقىم ئېچىلمىغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشايدۇ؛
يېڭى شاراب تۇلۇملىرى پارتلاپ كېتىدىغاندەك پارتلايدىغان بولدى.
20  شۇڭا مەن سۆز قىلىپ ئىچىمنى بوشىتاي؛
مەن لەۋلىرىمنى ئېچىپ جاۋاب بېرەي.
21  مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايمەن؛
ۋە ياكى ھېچ ئادەمگە خۇشامەت قىلمايمەن.
22  مەن خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمەن؛ ئۇنداق بولىدىغان بولسا،
ياراتقۇچۇم چوقۇم تېزلا مېنى ئېلىپ كېتىدۇ».
 
 
32:2 «بۇزىلىق...ئېلىخۇ» ــ توغرۇلۇق: «بۇز» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جەمەتنىڭ ئېدوم مىللىتى بىلەن، يەنى «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر مىللەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئېلىخۇ بەلكىم بۇ جەمەتتىكىلەردىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئادەم دەسلەپتە بىزگە تونۇشتۇرۇلمىغان؛ بىراق ئۇ چوقۇم بۇ تۆتەيلەننىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئىدى. 32:6 ئايۇپ 32‏:4، 7؛ 15‏:10 32:7 «يېشى چوڭ بولغانلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلىرى كۆپ بولغانلار». «يىللار كۆپەيسە، ئادەمگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ» ــ ياكى «ياشانغان ئادەم كىشىلەرگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ». 32:8 «بىراق ھەربىر ئىنساندا روھ بار؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ئۇنى ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يورۇتىدۇ» ــ شۈبھىسىزكى، ئېلىخۇنىڭ بۇ سۆزى ئۇ چۈشىنىپ يەتكەن چوڭ ھەقىقەتلەرنىڭ بىرىدۇر. تۆتەيلەن جۈملىدىن ئايۇپنىڭ ئۆزىمۇ بۇنى تىلغا كۆپ ئالمىغان. ئېلىخۇ خۇدانىڭ روھى (مۇقەددەس روھ) ھەربىر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ روھى ھەم ۋىجدانى ئارقىلىق ۋەھىي بېرىپ، سۆز قىلىپ ساۋاق ئۆگىتىدۇ دېگەن تەلىمنى بېرىدۇ. ئىنساننىڭ خۇدانىڭ روھىنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا ئۇ كېيىن ئازراق سۆزلەيدۇ. 32:8 ئايۇپ 12‏:13؛ 38‏:36؛ پەند. 2‏:6؛ توپ. 2‏:26؛ دان. 1‏:17؛ 2‏:21 32:9 ئايۇپ 12‏:12 32:13 «سىلەر: «ھەقىقەتەن دانالىق تاپتۇق!» دېيەلمەيسىلەر، ئىنسان ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۇنىڭغا رەددىيە قىلىدۇ» ــ ئېلىخۇ: ئۈچ دوستنىڭ ئايۇپنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرگۈدەك جاۋابنى تاپالمىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۆز پىكرى-تەجرىبىسىگە تايانغانلىقى، خۇدانىڭ ئۆزىدىنلا بىۋاسىتە دانالىق ئىزدىمىگەنلىكىدىن بولدى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ كۆزقارىشى بۇ جەھەتتىن توغرا بولۇشى مۇمكىن. 32:16 «بۇ ئۈچەيلەن ھەيرانۇھەس بولۇپ، ... مەن كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇلار ... جىمجىت ئۆرە تۇرۇپ قايتا جاۋاب بەرمىدى» ــ بۇ سۆزلەر (15-16-ئايەت) بىزگە كىتابنىڭ يازغۇچىسىنىڭ، يەنى بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن يىپ ئۇچى تەمىنلەيدۇ. كىتابتىكي نەسرىي (شېئىرىيەت شەكلىدە بولمىغان) قىسىملاردا پەقەت بۇ يەردىلا «مەن» دېگەن ئالماشنى ئۇچرىتىمىز. شۇڭا بىز شۇنداق قارايمىزكى، مەزكۇر كىتابنى يازغۇچى ئېلىخۇ بولۇشى كېرەك. بىز ئۇنىڭ ئەرشتە بولغان كېڭەشلەردىن قانداق خەۋەردار بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ ئۆزى بايان قىلغاندەك «ھەربىر ئادەمگە تەلىم بەرگۈچى بولغان خۇدانىڭ روھى»نىڭ ۋەھىيسى ئارقىلىق شۇ ئىشلارنى بىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئىشلارنى خاتىرە قالدۇرغان بولسا كېرەك. 32:18 «ئىچىمدىكى روھ ماڭا تۈرتكە بولدى» ــ ئېلىخۇ ئىككىنچى قېتىم مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئايۇپقا بەرمەكچى بولغان تەلىمىنى دەل مۇشۇ روھتىن كەلگەن، دېمەكچى. 32:22 «مەن خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمەن؛ ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ياراتقۇچۇم چوقۇم تېزلا مېنى ئېلىپ كېتىدۇ» ــ شۈبھىسىزكى، ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلماسلىق توغرىدۇر؛ بۇ لىللا گەپ قىلىشتىكى ئالدىنقى بىر شەرت. بىراق ئېلىخۇ ئايۇپنىڭ «خۇداغا خۇشامەت قىلىش» گۇناھتۇر، دېگەن سۆزىنى (11:7-13نى كۆرۈڭ) چۈشەنمىگەندەك قىلاتتى؛ شۇڭا ئېلىخۇ پەقەتلا «ئادەمگە خۇشامەت قىلىش» توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.