33
ئېلىخۇنىڭ بىرىنچى بايانى ــ خۇدا ئادەملەرگە بەرگەن تەربىيىلەر
«ئەمدىلىكتە، ئى ئايۇپ، بايانلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن،
سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ چىققايسەن.
مانا ھازىر لەۋلىرىمنى ئاچتىم،
ئاغزىمدا تىلىم گەپ قىلىدۇ.
سۆزلىرىم كۆڭلۈمدەك دۇرۇس بولىدۇ،
لەۋلىرىم ساپ بولغان تەلىمنى بايان قىلىدۇ.
تەڭرىنىڭ روھى مېنى ياراتقان؛
ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى مېنى جانلاندۇرىدۇ.
جاۋابىڭ بولسا، ماڭا رەددىيە بەرگىن؛
سۆزلىرىڭنى ئالدىمغا سەپكە قويۇپ جەڭگە تەييار تۇرغىن!
مانا، تەڭرى ئالدىدا مەن ساڭا ئوخشاش بەندىمەن؛
مەنمۇ لايدىن شەكىللەندۈرۈلۈپ ياسالغانمەن.
بەرھەق، مەن ساڭا ھېچ ۋەھىمە سالماقچى ئەمەسمەن،
ۋە ياكى مەن سالغان يۈك ساڭا بېسىم بولمايدۇ.
سەن دەرۋەقە قۇلىقىمغا گەپ قىلدىڭكى،
ئۆز ئاۋازىڭ بىلەن: ــ
«مەن ھېچ ئىتائەتسىز بولماي پاك بولىمەن؛
مەن ساپ، مەندە ھېچ گۇناھ يوق...
10  مانا، خۇدا مەندىن سەۋەب تېپىپ ھۇجۇم قىلىدۇ،
ئۇ مېنى ئۆز دۈشمىنى دەپ قارايدۇ؛
11  ئۇ پۇتلىرىمنى كىشەنلەرگە سالىدۇ،
ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىدۇ» ــ دېگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم.


  
12  مانا، مەن ساڭا جاۋاب بېرەيكى،
بۇ ئىشتا گېپىڭ توغرا ئەمەس؛
چۈنكى تەڭرى ئىنساندىن ئۇلۇغدۇر.
13  سەن نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىپ: ــ
ئۇ ئۆزى قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچ چۈشەنچە بەرمەيدۇ» دەپ يۈرىسەن؟
14  چۈنكى تەڭرى ھەقىقەتەن گەپ قىلىدۇ؛
بىر قېتىم، ئىككى قېتىم،
لېكىن ئىنسان بۇنى سەزمەيدۇ؛
15 چۈش كۆرگەندە، كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتە،
ــ (قاتتىق ئۇيقۇ ئىنسانلارنى باسقاندا،
ياكى ئورۇن-كۆرپىلىرىدە ئۈگدەك باسقاندا) ــ
16 ــ شۇ چاغلاردا ئۇ ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ،
ئۇ ئۇلارغا بەرگەن نەسىھەتنى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە مۆھۈرلەيدۇ.
17  ئۇنىڭ مەقسىتى ئادەملەرنى يامان يولىدىن ياندۇرۇشتۇر،
ئىنساننى تەكەببۇرلۇقتىن ساقلاشتۇر؛
18  بۇنىڭ بىلەن خۇدا ئادەمنىڭ جېنىنى كۆز يەتمەس ھاڭدىن ياندۇرۇپ، ساقلايدۇ،
ئۇنىڭ ھاياتىنى قىلىچلىنىشتىن قوغدايدۇ.
19  ياكى بولمىسا، ئۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا ئاغرىق بىلەن،
سۆڭەكلىرىنى ئۆز-ئارا سوقۇشتۇرۇپ بىئارام قىلىش بىلەن،
تەربىيە قىلىنىدۇ.
20  شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تائامدىن نەپرەتلىنىدۇ،
ئۇنىڭ جېنى ھەرخىل نازۇ-نېمەتلەردىن قاچىدۇ.
21  ئۇنىڭ ئېتى كۆزدىن يوقىلىپ كېتىدۇ،
ئەسلىدە كۆرۈنمەيدىغان سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىقىدۇ.
22  بۇنىڭ بىلەن جېنى كۆز يەتمەس ھاڭغا يېقىن كېلىدۇ،
ھاياتى ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىلەرگە يېقىنلىشىدۇ؛
23  بىراق، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بىر پەرىشتە بولسا،
يەنى مىڭىنىڭ ئىچىدە بىرسى بولسا،
ــ ئىنسان بالىسىغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسا،
24  ئۇنداقتا خۇدا ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىپ: «ئۇنى ھاڭدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قويغىن،
چۈنكى مەن نىجات-قۇتۇلۇشقا كاپالەت ئالدىم» ــ دەيدۇ.
25  بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەتلىرى بالىلىق ۋاقتىدىكىدىن يۇمران بولىدۇ؛
ئۇ ياشلىقىغا قايتىدۇ.
26  ئۇ تەڭرىگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇ شەپقەت قىلىپ ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ،
ئۇ خۇشال-خۇرام تەنتەنە قىلىپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ،
ھەمدە خۇدا ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ.
27  ئۇ ئادەملەر ئالدىدا كۈي ئېيتىپ: ــ
«مەن گۇناھ قىلدىم،
توغرا يولنى بۇرمىلىغانمەن،
بىراق تېگىشلىك جازا ماڭا بېرىلمىدى!
28  ئۇ روھىمنى ھاڭغا چۈشۈشتىن قۇتقۇزدى،
جېنىم نۇرنى ھۇزۇرلىنىپ كۆرىدۇ» ــ دەيدۇ.
29  مانا، بۇ ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭرى ئادەمنى دەپ،
ئىككى ھەتتا ئۈچ مەرتەم ئايان قىلىدۇ،
30  مەقسىتى ئۇنىڭ جېنىنى ھاڭدىن ياندۇرۇپ قۇتقۇزۇشتۇر،
ئۇنى ھاياتلىق نۇرى بىلەن يورۇتۇش ئۈچۈندۇر.
31  ئى ئايۇپ، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛
ئۈنۈڭنى چىقارما، مەن يەنە سۆز قىلاي.
32  ئەگەر سۆزلىرىڭ بولسا، ماڭا جاۋاب قىلىۋەرگىن؛
سۆزلىگىن! چۈنكى ئىمكانىيەت بولسىلا مېنىڭ سېنى ئاقلىغۇم بار.
33  بولمىسا، مېنىڭكىنى ئاڭلاپ ئولتۇر؛
سۈكۈت قىلغىن، مەن ساڭا دانالىقنى ئۆگىتىپ قوياي».
 
 
33:3 «سۆزلىرىم كۆڭلۈمدەك دۇرۇس بولىدۇ، لەۋلىرىم ساپ بولغان تەلىمنى بايان قىلىدۇ» ــ بىز ئېلىخۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ناھايىتى دۇرۇس، شۇنداقلا خۇدانىڭ روھىنىڭ تەلىمى بىلەن كەلگەن، دەپ قارىساقمۇ، بەزى جايلاردا ئۇ يەنىلا ئۆز ناتىقلىقى بىلەن سۆز قىلىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ ئېلىخۇ مەزكۇر كىتابنىڭ يازغۇچىسى دېگەن پىكرىمىز توغرا بولىدىغان بولسا، ئۇ جەزمەن بۇ جەھەتتە ئۆز كەمچىلىكىنى سەزمەي قالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىز ئۈچۈن بۇ ئەمەلىي سۆھبەتنى تەسۋىرلەپ قالدۇرغان؛ ئۆزىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنىمۇ (سۆزمەن بولسىمۇ)بىز ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن خاتىرىلەيدۇ. بەزىدە بىز ھەتتا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنى بىر ھاكاۋۇر ئادەم ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلىپ قالىمىز. ھالبۇكى، بىزمۇ بىلىپ يېتىشىمىز كېرەككى، مەلۇم كىشىنىڭ سۆزمەن بولۇپ كەتكەنلىكى بىلەن گەپلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق بولۇشى ناتايىن. بىز ھەممە ئادەمنىڭ سۆزىنى سەۋر-تاقەت ھەم دىققەت بىلەن ئاڭلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئېلىخۇنىڭ شېئىر شەكىلدە بولغان بايانلىرى باشقا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ شېئىرىي سەۋىيىسىگە يەتمەيدۇ. بۇ يەنە ئۇنىڭ بىزگە بۇ ئەمەلىي ئىشلارنى، ئەمەلىي بايانلارنى ئەينى-ئەينى قەيت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. 33:4 «ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى مېنى جانلاندۇرىدۇ» ــ ياكى «ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ماڭا جان بەرگەن». 33:6 ئايۇپ 9‏:35؛ 23‏:10 33:7 «بەرھەق، مەن ساڭا ھېچ ۋەھىمە سالماقچى ئەمەسمەن» ــ ئېلىخۇ مۇشۇ يەردە ئايۇپقا باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئېغىر كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بەزى خىياللىرىدىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ئازراق سېزىپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. 33:8 ئايۇپ 10‏:7؛ 16‏:17؛ 23‏:10،11؛ 27‏:5 33:10 ئايۇپ 13‏:24؛ 16‏:9؛ 19‏:11 33:11 «ئايۇپنىڭ «مەن ھېچ ئىتائەتسىز بولماي پاك بولىمەن؛ مەن ساپ، مەندە ھېچ گۇناھ يوق... مانا، خۇدا مەندىن سەۋەب تېپىپ ... ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىدۇ» ــ دېگەنلىكىڭنى ئاڭلىدىم» ــ (9-11-ئايەتلەر) ئېلىخۇ ئايۇپقا: «قۇلىقىمغا مۇنداق گەپ قىلدىڭ» دەپ ئۇنىڭ قىلغان ئۈچ گېپىنى ئەيىبلەيدۇ. بىرىنچىسى سۆز: «مەن ھېچ ئىتائەتسىز بولماي پاك بولىمەن؛ مەن ساپ، مەندە ھېچ گۇناھ يوق...». ئەمەلىيەتتە، ئايۇپ بۇ سۆزلەرنى قىلمىغان؛ ئۇ پەقەت خۇداغا: «ھەربىر گۇناھىمنى ئېتىراپ قىلىپ كەچۈرۈم قىلىندىم، ھازىر ۋىجدانىمغا خىلاپ ھېچ گۇناھىمنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. بۇ سۆز ئۆزىنى پۈتۈنلەي ساپ، پۈتۈنلەي بىگۇناھ، دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئېلىخۇ مۇشۇ يەردە خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ئىككىنچىسى سۆز: «مانا، خۇدا سەۋەب تېپىپ ماڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇ مېنى ئۆز دۈشمىنى دەپ قارايدۇ» ــ بۇ سۆز راستلا 24:13دە ۋە يەنە 7:14دە تېپىلىدۇ. ئۈچىنچىسى سۆز: «ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كىشەنلەرگە سالىدۇ، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىدۇ» ــ بۇ سۆز 27:13دە تېپىلىدۇ 33:11 ئايۇپ 13‏:27؛ 14‏:16 33:13 «سەن نېمىشقا ... ــ «ئۇ ئۆزى قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچ چۈشەنچە بەرمەيدۇ» دەپ يۈرىسەن؟» ــ ئايۇپ ئەسلىدە «ئۇ ئۆزى قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچ چۈشەنچە بەرمەيدۇ» دېمىگەن؛ بەلكى ئۇ خۇدانىڭ بەزى قىلغان ئىشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەنلىرىنى چۈشەندۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئېلىخۇنىڭمۇ مۇشۇ يېرىدە خاتالىقى بار. باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «سەن نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىپ: ــ «ئۇ ئىنساننىڭ ھەممە سۆزلىرىگە ھېچ جاۋاب بەرمەيدۇ» دەپ يۈرىسەن؟». 33:14 «بىر قېتىم، ئىككى قېتىم» ــ بەلكىم «بىرنەچچە قېتىم» ۋە شۇنىڭدەك «ھەرخىل يول بىلەن» دېگەننى كۆرسىتىدىغان بىر ئىبارە بولۇشى مۇمكىن. 33:16 «... ئۇ ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىنى ئاچىدۇ، ئۇ ئۇلارغا بەرگەن نەسىھەتنى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە مۆھۈرلەيدۇ» ــ بىز ئېلىخۇنىڭ بۇ سۆزىنى ناھايىتى ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمىز. ئۇ خۇدا ئۆز روھى ئارقىلىق ئىنسانغا سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ نەسىھەت قىلىدۇ، دەيدۇ؛ ئەگەر ئىنسان بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالمىسا، خۇدا يەنىلا شەپقىتى بىلەن چۈشلەر ئارقىلىق ئىنسان قۇلىقىنى ئېچىپ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ھەم نەسىھىتىنى بېكىتىپ مۆھۈرلەيدۇ. ئىككىنچى قۇرنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئۇلارنى ئاگاھلار بىلەن قورقىتىدۇ». 33:17 «ئۇنىڭ مەقسىتى ئادەملەرنى يامان يولىدىن ياندۇرۇشتۇر، ئىنساننى تەكەببۇرلۇقتىن ساقلاشتۇر» ــ ئېلىخۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت. خۇدا ئۆز ئىلتىپاتى ئارقىلىق ئاۋۋال ئىنسانغا روھى ئارقىلىق نەسىھەت قىلىدۇ؛ ئاڭلىمىسا ئۇ چۈشلەر ئارقىلىق نەسىھەتنى بېكىتىدۇ؛ يەنە ئاڭلىمىسا كېسەللىك ياكى باشقا مۈشكۈللۈكلەر بىلەن ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى ھالاكەتتىن ياندۇرىدۇ (18-22-ئايەتلەر). بۇ جازالاش ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇھەببىتىدىن چىققان تەربىيىدۇر؛ ئۇ مانا مۇشۇلار ئارقىلىق ئىنساننى ئۆز تەكەببۇرلۇقىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قوغداپ قالىدۇ. ئېلىخۇنىڭ بۇ تەلىمى ئىنسان ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە؛ ئېلىخۇنىڭ تەلىمى ئايۇپنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمىگەن بىلەن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئايۇپقا ئازراق پايدىسى تەگكەن بولسا كېرەك؛ ئازاب-ئوقۇبەتلەر بولسا، دەرۋەقە قەلبىدىكى تەكەببۇرلۇقنى ئاشكارىلايدۇ. ئايۇپنىڭ ئاخىرىدا قىلغان توۋىلىرى ئاساسەن ئۆز تەكەببۇرلۇقىغا نىسبەتەن بولغان (42-باب). 33:20 زەب. 107‏:18 33:23 «ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بىر پەرىشتە بولسا...» ــ «پەرىشتە» دېگەن سۆز ئەمەلىيەتتە «خەۋەر يەتكۈزگۇچى» دېگەن مەنىدە. تەۋرات بىرىنچى قىسىم («يارىتىلىش») «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»نى بىزگە تونۇشتۇرىدۇ؛ بۇ پەرىشتە بىردىنبىر، ناھايىتى سىرلىق زات. ئۇنى كۆرگەنلەرمۇ: «بىز خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرگەن» دېيىشىدۇ. بۇ پەرىشتە «ئۇز يېرى»دە تۇرغان ئىسمائىل ھەم ئانىسى ھەجەرگە كۆرۈنۈپ ئۇلارنى ئۇسسۇزلۇقتىن قۇتقۇزغان. ھېچ بولمىغاندا، ئېلىخۇ مۇشۇ يەردە ئادەمنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى پەقەت ئىنسان ھەم خۇدا ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان، شۇنداقلا ئىنساندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇنداق بىر زات تەرىپىدىن بولىدۇ، دەيدۇ. بۇ «خۇدانىڭ پەرىشتىسى» ئېلىخۇ «مىڭدىن بىر» دېگەن بۇ پەرىشتە ئايۇپ ئىلگىرى بېشارەت قىلغان «كېلىشتۈرگۈچى» ھەم «قۇتقۇزغۇچۇم» دېگەن زاتتىن باشقا بىرسى ئەمەس. ئېلىخۇ بۇ يەردە بىزگە يەنىلا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تەلىم ھەم كارامەت بىر بېشارەتنى بېرىۋاتىدۇ. «ئىنسان بالىسىغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ...» ــ ياكى «ئىنسان بالىسىغا ئۇنىڭ (دېمەك، خۇدانىڭ) ھەققانىيلىقى كۆرسىتىپ بېرىدىغان...». 33:24 «... مەن نىجات-قۇتۇلۇشقا كاپالەت ئالدىم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... مەن نىجات-قۇتۇلۇشقا كاپالەت تاپتىم». 33:26 زەب. 50‏:15؛ يەش. 58‏:9 33:27 «ئۇ ئادەملەر ئالدىدا كۈي ئېيتىپ: ...» ــ ياكى «ئۇ ئادەملەرگە قاراپ:...» ياكى «ئۇ ئادەملەر ئالدىدا ئېتىراپ قىلىپ:...». 33:29 «ئىككى، ھەتتا ئۈچ مەرتەم ئايان قىلىدۇ» ــ «ئىككى، ئۈچ مەرتەم» دېگەن سۆز ئادەتتە «بىرنەچچە مەرتەم»نى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، ئۈچ قېتىم بىلەن توختىمايدۇ؛ بۇ بايان خۇدانىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇر مېھرى-شەپقىتىنى ئايان قىلىدۇ؛ بىراق ھېچكىم بۇ پاكىتتىن پايدىلىناي دەپ خۇدانىڭ سەۋر-تاقىتىنى سىنىمىسۇن، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش، ئەلۋەتتە! 33:30 زەب. 56‏:13